zoom, account,…قاتارلىق ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىڭ (يېڭىلاندى) | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

zoom, account,…قاتارلىق ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىڭ (يېڭىلاندى)

[ ئاتالغۇلار ]

ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىدە (بولۇپمۇ To شەكىلدىكى) پېئىللارنى لۇغەتتىكى قائىدە بويىچە «-ماق\-مەك» شەكلىدە ئېلىنغانلىقى، ئەمما، ئارايۈز تەرجىمىسىدىكى جۈملىلەردە (مەسىلەن: كۇنۇپكا، تىزىملىكلەردە) «-ش\-ىش\-ۇش\-ۈش» دەپ ئېلىنغانلىقىنى، باشقا جايلاردا پېئىللارنىڭ ھەر خىل تۈرلىنىشىنىڭ جانلىق ئىشلىتىلگەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەن ئىدىم. يەنە بىر قېتىم چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتىم.
==========================================
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، خەمىت زاكىر، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «-ماق\-مەك» ئىسىمداش جۈملىنىڭ سىرتىدا (لۇغەتلەردە) پېئىلغا ۋەكىللىك قىلىدۇ
==========================================
خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە، پېئىلنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى

بۇ لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان
==========================================
ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە، پېئىلنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى

بۇ لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان، ئىسىم شەكىلدىكىنى «-ش\-ىش\-ۇش\-ۈش» بويىچە تەرجىمە قىلىنغان


بۇ لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان
==========================================
ئۇنىڭدىن باشقا قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرگە قاراپ باقايلى، ئىنگلىزچە-ئۆزبېكچە لۇغەتلەردە، پېئىلنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى

لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان
==========================================
مەن يەنە مۆمىن ئابدۇللا تۈزگەن تۈركچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەرگە قاراپ باقساممۇ شۇنداق ئىكەن،
=========================================
دېمەك، تورداشلار پىكىر بەرگەندە قولىمىزدا بار بولغان ئۇيغۇرچە لۇغەتلەرگە قارىۋېتەيلى، ئۆيىمىزدە بولمىسا، كىتابخانا ياكى كۈتۈپخانىغا بارساقمۇ بولىدۇ، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكا كىتابلىرىغا بىر قاراپ بېقىپ پىكىر بېرەيلى، ئۇنداق قىلالمىساق، قالايمىقان پىكىر بەرمەيلى، رەھمەت!

*********************************************************
ھازىر بەزى ئاتالغۇلار توغرىسدا چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتىم.
(1) account picture
Windows ۋە Windows Live ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ھېساباتىغا باغلانغان بىر خىل رەسىملىك ئىپادىلىنىش
ھازىرقى تەرجىمىسى: ھېسابات رەسىمى (نامزات: باش سۈرەت)
بىر سۇڭلۇق يالاڭ باش چۈشكەن رەسىم دېمەپتۇ، بەزىلەر ئۆز ھېساباتىغا پۇتبول، چىملىق، ئوقيا،…دېگەندەك رەسىملەرنى بەلگىلىۋالىدۇ. بۇ نوقۇل باش سۈرەتنى كۆرسەتمەيدۇ. ئاككونت دېسىڭىز ئىنگلىزچە، ھېسابات دېسىڭىز ئەرەبچە، بۇ ئىككى ئاتالغۇنىڭ بىزنىڭ تىلىمىزغا نىسبەتەن ياتلىق (ياتلىشىش) دەرىجىسى ئوخشاش، بەرىبىر چەت تىلىدىن كىرگەن، لېكىن، ھېسابات دېگەن سۆز تىلىمىزغا بالدۇر كىرىپ، ئىزاھلىق لۇغەتلىرىمىزدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۇيغۇر تىلىغا تەۋە بولۇپ بولغان. شۇڭا، ئاككونت دېگەننى مەن ھەرگىز قوللىمايمەن.

(2) attachment
ئېلېكتىرونلۇق خەت ئۇچۇرى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشقى ھۆججەت.
ھازىرقى تەرجىمىسى: قىستۇرۇلما (نامزات: قوشۇمچە ھۆججەت)
بۇ يەردە ھالقىلىق سۆز ھۆججەت، يەنى E-mail غا قىستۇرۇپ ئەۋەتىدىغان ھۆججەتنى نېمە دېسەك بولار دېمەكچى؟ توختام تۈزگەندە يەنە 1-2 ۋاراقنى چاپلاپ، بۇ توختامنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى، ياكى قوشۇمچە توختام دەپ قويىدۇ.

(3) available
ئىشلەتكۈچى تاكى قوللىنىشچان دېتاللار تەرىپىدىن ئىشلىتىشكە تەييار بولغان ھەر قانداق نەرسە.
ھازىرقى تەرجىمىسى: يېتەرلىك (نامزات: تەييار، ئىشلەتكىلى بولىدىغان)
بۇ كومپيۇتېر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇنىڭ بىرسى بولۇپ، ھەر خىل مەنىدە قوللىنىدۇ، بۇنى بىر خىل قېلىپتا ئېلىش سەل تەس ئوخشايدۇ.
service is available
No photos available
All available people are now invited to the chat.

(4) badge
قۇلۇپ ئېكرانىدا ياكى تىزمىدا كۆرۈنىدىغان بەلگە بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يېقىنقى پائالىيەتلىرى ۋە يېڭىلانمىلىرىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: قانچە پارچە ئېلېكتىرونلۇق خەت تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى، كومپيۇتېرنىڭ قولۇپلانغانلىقى ياكى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈلگەن ئەپ دېگەندەك
ھازىرقى تەرجىمىسى: ئەسكەرتمە بەلگە (ھازىرقى نامزات: ئەسكەرتمە)
ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇ يەردە ھالقىلىق سۆز بەلگە دېيىلىپتۇ، ھەرگىزمۇ reminder, note, memo, tip دېگەندەك ئەسكەرتىش، ئەسكەرتمە، ئەسكەرتكۈچى،…دېگەندەك گەپ قىلماپتۇ، ئەسلىي سۆزنىڭ يەنە بىۋاسىتە ئىزناك (ئىزنەك ئەمەس) دەپ مەنىسى بار

(5) tab
چەككىلى بولىدىغان ئارايۈز ئېلېمېنتى بولۇپ، قارماققا ھۆججەت قىسقۇچىنىڭ بەلگىسىدەك لايىھەلەنگەن. بەتكۈش ئادەتتە گورزېنتال ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر مۇناسىۋەتلىك بەت ۋە تور بەتلەرگە ئالمىشىشقا رۇخسەت قىلىنغان.
ھازىرقى تەرجىمىسى: بەتكۈش
بۇ ئاتالغۇنى ساھران ئەپەندىم ياسىغان دەپ بىلىمەن، لېكىن بىرمۇ تورداش بۇ سۆزنىڭ ئىملاسىنى توغرا دېمەي، خاتا دەپتۇ. ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى 473-بەت، ئوڭ تەرەپ ئەڭ ئاستىدا، خەتكۈش، ئىسىم: ئوقۇۋاتقان بەتنى كېيىن ئاسان تېپىۋېلىش ئۈچۈن، بەت ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويغان نەرسە دەپتۇ. بۇ سۆزنى مەن «خەتكۈش(خەتكۈچ ئەمەس)»تىن ئۆرنەك ئېلىپ ياسالغان سۆز دەپ بىلىمەن، شۇڭا، «بەتكۈش(بەتكۈچ ئەمەس)» دەپ ئېلىنغان. شۇڭا، ئەستايىدىل بولايلى. قارغۇلارچە باشقىلارنى تىللاپ كەتمەيلى. پىكىر بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى ۋە ئىملا لۇغىتىنى ۋاراقلاپ قويۇڭ.

(6) zoom
ئىككى بارماقنى قارمۇ-قارشى يۆنىلىشتە يۆتكەيدىغان بىر خىل قوش ئىشارىسى (-> <- ياكى <- ->)
ھازىرقى تەرجىمىسى: يىراقلىقى


يۇقىرىقى رەسىمدىن zoom نىڭ «نىسبەت»، zoom in نىڭ «چوڭايتىش»، zoom out نىڭ «كىچىكلىتىش»، custom نىڭ «ئىختىيارى» دېگەن مەنىگە بىر قەدەر يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

ئېسىڭىزدە بولسۇن، zoom نى (-> <- ياكى <- ->) دەپتۇ، ھەرگىزمۇ (-> <- ۋە <- ->) دېمەپتۇ.
بەزىلەر چوڭ-كىچىكلىكى، چوڭ-كىچىك،…دېگەندەك پىكىرلەرنى بېرىپتۇ. بىز خەنزۇچە 大小 نى چوڭ-كىچىك دېمەي «چوڭلۇقى» دەپ تەرجىمە قىلغان. مەسىلەن: 文件大小 نى ھەرگىزمۇ ھۆججەت چوڭ-كىچىكلىكى ئەمەس، بەلكى ھۆججەت چوڭلۇقى دەپ ئالغان. Zoom ھەرگىزمۇ بىر جىسىمنىڭ ئۆزىنى چوڭايتمايدۇ ياكى كىچىكلەتمەيدۇ، بەلكى كۆرۈش ئارىلىقىنى (دائىرىسىنى) يىراق-يېقىن قىلىدۇ، شۇڭا، چوڭايتىش-كىچىكلىتىش دېسەك ئانچە مۇۋاپىق بولمايدۇ. قارىغاندا چوڭ-كىچىك (چوڭلۇقى)، يىراق-يېقىن (يىراقلىقى)، ئېگىز-پاكار (ئېگىزلىكى)، ياخشى-يامان(ياخشىلىقى)…مۇشۇ پىرىنسىپقا سالغان ئوخشايدۇ.

(7) E-mail
بۇنى چۈشەندۈرۈپ يۈرمەي، ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە «ئېلېكتىرونلۇق خەت» دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى بولۇپ، ئۇيغۇرچە «ئې-خەت» دەپ يېزىشنى بىر قەدەر مۇۋاپىق كۆرگەن، لېكىن، بۇنداق قائىدە يوق دېگۈچىلەرمۇ بولغان. نەچچە قېتىملىق ئاتالغۇ يىغىنىدا، «ئېلخەت» دەپ يېزىلىشى رەت قىلىنغان، بۇنىڭمۇ سەۋەبى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق قائىدە يوق. شۇڭا، ھازىرچە يەنىلا «ئېلېكتىرونلۇق خەت» بولۇپ تۇردى، چۈنكى مەيلى «ئې-خەت» ياكى «ئېلخەت» دەپ يېزىلىشى بېكىتىلسۇن، ئەسلىي سۆز يەنىلا مۇشۇ شۇ.
========
يۇقىرىدىكى ئاتالغۇلار ۋە Microsoft دىكى باشقا ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى ئىنگلىزچە لۇغەتلەردە، كومپيۇتېرغا ئائىت كىتابلاردا، تور بېكەتلەردە ۋە باشقا يۇمشاق دېتاللاردا شۇنداق ئېلىنىپتىكەن، بۇ يەردىمۇ شۇنداق ئېلىنىپتۇ. بۇ يەردە بۇ ئىشنى كىم قىلىۋاتقاندۇ؟(ئېنىقلا مۇشۇ يەردىكى بىرسى)، نەگە كەلگەندۇ؟ (بۇرۇنقىدىن ئاز قالدى)، نېمە ئۈچۈن ئىنگلىزچە مۇنازىرە قىلىدۇ؟ (بۇنى ئېگە تەرەپ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، مىكروسوفتنىڭ خىزمەتتىكى ئالاقە تىلى ئىنگلىزچە)، نېمە ئۈچۈن بالدۇرلا قۇلۇپلايدۇ؟(ھازىرچە ھەر قانچە بولسىمۇ يېرىم ئاتالغۇ توغرا بولار) – دەپ ئارتۇق ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلىپ زېھنىڭلارنى سەرپ قىلماستىن، بەلكى، قانداق قىلغاندا بۇ ئىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ، مىكروسوفتنىڭ تەلىپى بويىچە ئالدى بىلەن ئۆز ۋاقتىدا، ئاندىن سۈپەتلىك تاماملىغىلى بولىدۇ دېگەننى ئويلىغان ئاساستا، ئىلمىي پىكىر بېرەرسىلەر. يەنە 8 كۈندىن كېيىن، بۇ ئاتالغۇلارغا قايتا قاراپ چىقىش تاماملىنىدۇ. ئۆزگىرىش بولسا، تاماملانغان ئارايۈز تەرجىمىسى ئۆزگەرتىلىدۇ، ئەدەبىي تەھرىرلىكىمۇ تەڭ باشلىنىدۇ. قارىغاندا ئۇ يەردە پىكىر بېرىشمۇ توختىغاندەك قىلىدۇ.

ئېسىڭىزگە سېلىپ قوياي، «ئۇيغۇر تىلى گىرامماتكىسى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»(خەمىت زاكىت)، «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) دېگەن كىتابنى يېنىڭىزدىن ئايرىماڭ. ئاتالغۇ مۇنبىرىدە بېلەتىڭ ئاز-كۆپلۈكى ھەرگىزمۇ ئاخىرقى قارارغا تەڭ بولالمايدىكەن(بۇنى مەن بېكىتمىدىم)، پەقەت ئىنكاسنىڭ ئىلمىيلىكى، پاكىتلىق بولۇشى ئاخىرقى قارارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇڭا، بېلەت تاشلاشقا قارىغاندا ئەڭ ياخشىسى پاكىتلىق بىر-ئىككى جۈملە يېزىپ قويۇڭ. رەھمەت!

يۇقىرىدىكى ئاتالغۇلارغا يەنە قانداق پىكىرىڭلار بار؟ قۇلۇپلانغان ئاتالغۇ ئىچىدە ئېغىر مەسىلىنى بايقىغان بولسىڭىز، دەرھال مەلۇم قىلىڭ يەنە پۇرسەت بار.

(ئاتالغۇلاردىكى پىكىرلەرنى بىر يەرگە توپلاش ئۈچۈن، بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرگە قالايمىقان چاپلىماڭ، رەھمەت!)
========================
پىكىر جەھەتتىن بىرلىككە كېلىنگەن ئاتالغۇلار (25-مارت سەھەر)

(1) account picture ھېسابات رەسىمى
(2) attachment قوشۇمچە ھۆججەت
(3) available ئىشلەتكىلى بولىدىغان (تەييار دېگەن نامزاتمۇ بار)
(4) badge ئەسكەرتمە بەلگە
(5) tab بەتكۈش
(6) zoom نىسبەت
(7) E-mail ئېلېكتىرونلۇق خەت (ئەمما ئېخەت نامزاتى ئۇنىڭ كەينىدە، چۈنكى دۆلەت ئۆلچەم يىغىنىدا، تىلشۇناسلار قىسقارتىش توغرا كەلسە مۇشۇنداق بېكىتىش دېگەن ئىدى، بۇ ئۆلچەم رەسمىي ئېلان قىلىنغانغا قەدەر مۇشۇ پېتى تۇرىدۇ)

يەنە 2 كۈن مۇنازىرە قىلىنىدۇ، ئېغىر مەسىلە بايقىغان بولسىڭىز، ۋاقتىدا پىكىر بېرىڭ. رەھمەت!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
163 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 4 5 6
  • كەچۈرۈڭلار! كېچىككەن بولساممۇ قالدۇرۇپ قوياي، available نى ئىشلىتىشلىك دەپ ئالساقمۇ بولامدۇ قانداق؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:49
  • تاپشۇرۇق تىزمىسى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:22
  • ئاۋۇ يەردىكى swipe قا «سۈركەش» دەپ باھا يېزىپ قويدۇم، باشقا تەرجىمىللرى «سۈرۈش» بىلەن «سۈرمەك» ئىكەن. ئادەتتە بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى يولداشلار 刷卡 دەپ ئاتايدۇ، مېنىڭچە «سۈركەش» دەپ ئالساق ياخشى بولغۇدەك تۇرىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 08:44
  • ئاۋۇ يەردىكى tablet PC نى «تاختا مىڭە»دىسەك بەك ماس كەلگۈدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 08:24
    • ئادەتتە كومپيۇتېرنى بىۋاستە مىڭە دېگىلى بولمايدۇ، كومپيۇتېر ئاللىقاچان ئومۇملىشىپ كەتتى، tablet PC گە كەلگەن چاغدا «تاختا مىڭە» دەپ ئاتىساق بەك ماس كېلىدۇ. ماۋۇ يولداشلارنىڭ 平板电脑 دېگىنىدىن كۆپ قولايلىق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 08:31
  • account picture غا قارىتا ئالدىنقى كۈنى كۆز قارشىمنى يازسام چىقمىغان ئوخشايدۇ….
    تۇغ رەسىمى دىسەك قانداق بولار.
    چۈنكى:1- تۇغ تا ھازىرغىچە ئىستىمالدىن چۈشمىگەن قەدىمكى سۆز.
    2-بىز XPنى قوزغاتقىنىمىزدا، مەخپى نۇمۇر كىركۈزۈش كۆرنېكى ئاستىدا:« After you log on, you can add or change accounts.Just go to Control Panel click user Accounts » دىگەن بىرجۈملە كۆرۈنىدۇ. بۇنى:« تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن سىز تۇغلارنى قوشۇپ ئۆزگەرتەلەيسىز. پەقەتلا باشقۇرۇش ‹سۇپىسى(تۆر)› غا كىرىپ ‹ئىشلەتكۈچى تۇغى› نى چەكسىڭىزلا بولىدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىش مۇمكىن.
    3- ئاشۇ جۈملە بويىنچە «تۆر»گە كىرگىنىمىزدە Change my picture (رەسمىمنى ئۆزگەرتىمەن) كۆرۈنىدۇ. چىكىلگەندىن كىيىن Pik a new picture for your account (تۇغىڭىز ئۈچۈن يېڭى رەسىمنى چىكىڭ) دىگەن كۆرسەتمە كۆرۈنىدۇ.
    ئەگەر XP نىڭ تىلىدىكى سۆزلەرنىڭ Win8 دىكى مەنا دائىرىسى ئۆزگەرمىگەنلا بولسا Account نى ھىسابات دىگەندىن كۆرە تۇغ دىگەن ياخشى دەپ قارايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 19:54
  • account picture مۇئامىلدار رەسىمى
    دىسەك بولغۇدەك
    مۇئامىلە-ئى[ ئە ] 1. كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا باغلىنىش ، بىرەر ئىش ، خىزمەتكە دائىر ئالاقە ، مۇناسىۋەت : سىلىق مۇئامىلە . قوپال مۇئامىلە . مۇئامىلە قىلماق . 2.پۇل ، سودا – سېتىق ۋە تىجارەت كەسپىدىكى مۇناسىۋەت ؛ ئالاقە : پۇل مۇئامىلىسى . ئىقتىسادىي مۇئامىلە .
    ①待遇, 态度(对人的), 关系②〔经〕融通

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 16:07
    • مۇئامىلدار ھەرگىزمۇ سودا سېتىققىلا قارتىلمايدۇ .ھەرخىل ئالاقىگىمۇ قارتىلىدۇ …

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 16:10
  • E-mail-«ئېلېكتىرونلۇق خەت بۇ سۆزنىڭ ھېچقانداق چۈشەنگىلى بولمايدىغان يىرى يوق …بىرلا ئۇقۇسا نىمە مەنە بىلدۇردىغانلىقى شۇنداق ئېنىق …مۇشۇ تەرجىمىسىنى قوللايمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 15:53
  • attachment نىڭ قىستۇرۇلما دېگەن مەنىسى ياخشى چىقىپتۇ،مېنڭچە تېخىمۇ قىسقارتىپ «قىستۇرما» دېسىمۇ بولغۇدەك. ياكى ئومۇمى مەنىسىنى كۆزدە تۇتۇپ «قوشۇمچە» دېسىمۇ بولىدىغاندەك تۇرىدۇ. ۋە ياكى يېڭى سۆز ياساپ «قوشۇمجەت» دېسىمۇ بولىدىكەن.
    zoom نى ئىشىلتىلىش مەنىسىگە ئاساسەن «تەڭشەك» دېسەك بولغۇدەك تۇرىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى am 11:39
    • 5بەتتە شۇنداق ئىنكاس بەرگەن ،مەن بىلەن ئوخشاش قاراشتا ئىكەنسىز zoom..تەڭشەك مەيلى يىراق يىقىننى تەڭشىسۇن ياكى چوڭ كىچىكلىكىنى تەشىسۇن ،ھەجىم بولسۇن ،دائىرە بولسۇن كورۈنمە يۈزىنى تەڭشىەش بولسۇن….ماس كىلىۋىرىدۇ، خەت مەنىسىى ، ئەمەلى ئەھۋالىىغا قاراپ ئسىم قويسا بۇلا .

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 15:50
    • مىكروسوفت ئاتالغۇ مۇنبىرىدە ھېچكىم «تەڭشەك» دەپ پىكىر بەرمەپتۇ، بايا مەن يېزىپ قويدۇم، قارسام «نىسبەت» دېگەن مۇقىملىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ، ھازىر ئەڭ يۇقرى بىلەت شۇ ئىكەن، ئاندىن قالسا «چوڭ-كىچىكلىتىش» نىڭ بىلەت سانى يۇقرى ئىكەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 17:52
  • curfewچەكلەش ۋاقتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى am 09:01
  • مىكروسوفت ئاتالغۇ مۇنبىرىدىكى قۇلۇپلانغان ئاتالغۇلارغا پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلدى، ئىككى كۈنلۈك پۇرسەت بار، پىكىر بېرىڭ ياكى بېلەت تاشلاڭ. ئۇنداقتا مۇشۇ پىكرىڭىزنى شۇ يەرگە چوقۇم يېزىپ قويۇڭ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى am 07:09
  • E-mail نى ئى-خەت دېيىشنى قوللايمەن. ئەگەر ئوتتۇرىدىكى سىزىقنى يوقىتىپ ئىخەت دېگىلى بولسا تېخى ياخشى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى am 00:16
  • ئەمما، بىر مەسىلە شۇكى، «كۆرۈش نىسبىتى» بىلەن «يىرىقلاشتۈرۈش\يېقىنلاشتۇرۇش» لەر لوگىكىلىق جەھەتتىن بېرىكەلمەيدىكەن. يەنى «كۆرۈش نىسبىتىنى يىراقلاشتۇرۈش» دېگىلى بولمايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 19:32
  • zoom in بىلەن zoom out نى يېقىنلىتىش ۋە يىراقلىتىش دەپ تەرجىمە قىلىشنى قوللايمەن. ئەمما zoom نىڭ ئۆزىنى تەرجىمە قىلغاندا كىشىلەر كۆرۈپلا(ئايرىم كەلگەن ئەھۋالدىمۇ) يۇقارقىدەك ئىككى مەشغۇلاتنىڭ ئورتاق نامى ئىكەنلىكىنى بىلەلىسە ياخشى بولاتتى. فىزىكىدا يىراقلىتىپ ۋە يېقىنلىتىپ كۆرۈش ئۈچۈن لوپا ئەينەك ئىشلتىىدۇ. بۇ يەردىكى «لوپا» سۆزنىڭ مەنىسى ۋە خاراكتېرى قانداق؟ بۇنى مەن بىلمەيدىكەنمەن. مۇشۇ سۆزنى zoom تەرجىمىسىدە پايدىلىنىشقا بولامدۇ؟ كۆپچىلىكنىڭ ئىزدىنىشپ كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 19:20
    • يۇقارقى بىر ئىنكاسىتى «كۆرۈش نىسبىتى» دېگەن تەرجىمىنى شەخسەن بىرقەدەر مۇۋاپىق كۆردۈم.

      كۆرۈش نىسبىتى
      |_ يېقىنلىتىش
      |_يىراقلىتىش
      |________
      |_%xx
      |_%xx
      |________
      |_ئىختىيارى (ئۆزى بەلگىلەش)

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 19:27
    • لوپا ئەينەكنىڭ چۆرىسىگە قارىسىڭىز، 5X يەنى 5 ھەسسە چوڭايتىش دېگەندەك خەتلەر بولىدۇ. بۇ يەنىلا نىسبەت. لوپا دېگەننى لېنزا دەپ تۈگىتىدۇ ئىنگلىز تىلىدا. lens

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 22:15
  • save as نى ‹ئىسمىنى يېزىپ ساقلاش› ياكى ‹باشقا ئىسىم قويۇپ ساقلاش› دىسەكلا بولىدىكەنغۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 18:26
باھا بېتى: 1 4 5 6