zoom, account,…قاتارلىق ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىڭ (يېڭىلاندى) | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

zoom, account,…قاتارلىق ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىڭ (يېڭىلاندى)

[ ئاتالغۇلار ]

ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىدە (بولۇپمۇ To شەكىلدىكى) پېئىللارنى لۇغەتتىكى قائىدە بويىچە «-ماق\-مەك» شەكلىدە ئېلىنغانلىقى، ئەمما، ئارايۈز تەرجىمىسىدىكى جۈملىلەردە (مەسىلەن: كۇنۇپكا، تىزىملىكلەردە) «-ش\-ىش\-ۇش\-ۈش» دەپ ئېلىنغانلىقىنى، باشقا جايلاردا پېئىللارنىڭ ھەر خىل تۈرلىنىشىنىڭ جانلىق ئىشلىتىلگەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەن ئىدىم. يەنە بىر قېتىم چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتىم.
==========================================
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، خەمىت زاكىر، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «-ماق\-مەك» ئىسىمداش جۈملىنىڭ سىرتىدا (لۇغەتلەردە) پېئىلغا ۋەكىللىك قىلىدۇ
==========================================
خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە، پېئىلنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى

بۇ لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان
==========================================
ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە، پېئىلنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى

بۇ لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان، ئىسىم شەكىلدىكىنى «-ش\-ىش\-ۇش\-ۈش» بويىچە تەرجىمە قىلىنغان


بۇ لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان
==========================================
ئۇنىڭدىن باشقا قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرگە قاراپ باقايلى، ئىنگلىزچە-ئۆزبېكچە لۇغەتلەردە، پېئىلنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى

لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان
==========================================
مەن يەنە مۆمىن ئابدۇللا تۈزگەن تۈركچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەرگە قاراپ باقساممۇ شۇنداق ئىكەن،
=========================================
دېمەك، تورداشلار پىكىر بەرگەندە قولىمىزدا بار بولغان ئۇيغۇرچە لۇغەتلەرگە قارىۋېتەيلى، ئۆيىمىزدە بولمىسا، كىتابخانا ياكى كۈتۈپخانىغا بارساقمۇ بولىدۇ، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكا كىتابلىرىغا بىر قاراپ بېقىپ پىكىر بېرەيلى، ئۇنداق قىلالمىساق، قالايمىقان پىكىر بەرمەيلى، رەھمەت!

*********************************************************
ھازىر بەزى ئاتالغۇلار توغرىسدا چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتىم.
(1) account picture
Windows ۋە Windows Live ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ھېساباتىغا باغلانغان بىر خىل رەسىملىك ئىپادىلىنىش
ھازىرقى تەرجىمىسى: ھېسابات رەسىمى (نامزات: باش سۈرەت)
بىر سۇڭلۇق يالاڭ باش چۈشكەن رەسىم دېمەپتۇ، بەزىلەر ئۆز ھېساباتىغا پۇتبول، چىملىق، ئوقيا،…دېگەندەك رەسىملەرنى بەلگىلىۋالىدۇ. بۇ نوقۇل باش سۈرەتنى كۆرسەتمەيدۇ. ئاككونت دېسىڭىز ئىنگلىزچە، ھېسابات دېسىڭىز ئەرەبچە، بۇ ئىككى ئاتالغۇنىڭ بىزنىڭ تىلىمىزغا نىسبەتەن ياتلىق (ياتلىشىش) دەرىجىسى ئوخشاش، بەرىبىر چەت تىلىدىن كىرگەن، لېكىن، ھېسابات دېگەن سۆز تىلىمىزغا بالدۇر كىرىپ، ئىزاھلىق لۇغەتلىرىمىزدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۇيغۇر تىلىغا تەۋە بولۇپ بولغان. شۇڭا، ئاككونت دېگەننى مەن ھەرگىز قوللىمايمەن.

(2) attachment
ئېلېكتىرونلۇق خەت ئۇچۇرى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشقى ھۆججەت.
ھازىرقى تەرجىمىسى: قىستۇرۇلما (نامزات: قوشۇمچە ھۆججەت)
بۇ يەردە ھالقىلىق سۆز ھۆججەت، يەنى E-mail غا قىستۇرۇپ ئەۋەتىدىغان ھۆججەتنى نېمە دېسەك بولار دېمەكچى؟ توختام تۈزگەندە يەنە 1-2 ۋاراقنى چاپلاپ، بۇ توختامنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى، ياكى قوشۇمچە توختام دەپ قويىدۇ.

(3) available
ئىشلەتكۈچى تاكى قوللىنىشچان دېتاللار تەرىپىدىن ئىشلىتىشكە تەييار بولغان ھەر قانداق نەرسە.
ھازىرقى تەرجىمىسى: يېتەرلىك (نامزات: تەييار، ئىشلەتكىلى بولىدىغان)
بۇ كومپيۇتېر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇنىڭ بىرسى بولۇپ، ھەر خىل مەنىدە قوللىنىدۇ، بۇنى بىر خىل قېلىپتا ئېلىش سەل تەس ئوخشايدۇ.
service is available
No photos available
All available people are now invited to the chat.

(4) badge
قۇلۇپ ئېكرانىدا ياكى تىزمىدا كۆرۈنىدىغان بەلگە بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يېقىنقى پائالىيەتلىرى ۋە يېڭىلانمىلىرىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: قانچە پارچە ئېلېكتىرونلۇق خەت تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى، كومپيۇتېرنىڭ قولۇپلانغانلىقى ياكى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈلگەن ئەپ دېگەندەك
ھازىرقى تەرجىمىسى: ئەسكەرتمە بەلگە (ھازىرقى نامزات: ئەسكەرتمە)
ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇ يەردە ھالقىلىق سۆز بەلگە دېيىلىپتۇ، ھەرگىزمۇ reminder, note, memo, tip دېگەندەك ئەسكەرتىش، ئەسكەرتمە، ئەسكەرتكۈچى،…دېگەندەك گەپ قىلماپتۇ، ئەسلىي سۆزنىڭ يەنە بىۋاسىتە ئىزناك (ئىزنەك ئەمەس) دەپ مەنىسى بار

(5) tab
چەككىلى بولىدىغان ئارايۈز ئېلېمېنتى بولۇپ، قارماققا ھۆججەت قىسقۇچىنىڭ بەلگىسىدەك لايىھەلەنگەن. بەتكۈش ئادەتتە گورزېنتال ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر مۇناسىۋەتلىك بەت ۋە تور بەتلەرگە ئالمىشىشقا رۇخسەت قىلىنغان.
ھازىرقى تەرجىمىسى: بەتكۈش
بۇ ئاتالغۇنى ساھران ئەپەندىم ياسىغان دەپ بىلىمەن، لېكىن بىرمۇ تورداش بۇ سۆزنىڭ ئىملاسىنى توغرا دېمەي، خاتا دەپتۇ. ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى 473-بەت، ئوڭ تەرەپ ئەڭ ئاستىدا، خەتكۈش، ئىسىم: ئوقۇۋاتقان بەتنى كېيىن ئاسان تېپىۋېلىش ئۈچۈن، بەت ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويغان نەرسە دەپتۇ. بۇ سۆزنى مەن «خەتكۈش(خەتكۈچ ئەمەس)»تىن ئۆرنەك ئېلىپ ياسالغان سۆز دەپ بىلىمەن، شۇڭا، «بەتكۈش(بەتكۈچ ئەمەس)» دەپ ئېلىنغان. شۇڭا، ئەستايىدىل بولايلى. قارغۇلارچە باشقىلارنى تىللاپ كەتمەيلى. پىكىر بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى ۋە ئىملا لۇغىتىنى ۋاراقلاپ قويۇڭ.

(6) zoom
ئىككى بارماقنى قارمۇ-قارشى يۆنىلىشتە يۆتكەيدىغان بىر خىل قوش ئىشارىسى (-> <- ياكى <- ->)
ھازىرقى تەرجىمىسى: يىراقلىقى


يۇقىرىقى رەسىمدىن zoom نىڭ «نىسبەت»، zoom in نىڭ «چوڭايتىش»، zoom out نىڭ «كىچىكلىتىش»، custom نىڭ «ئىختىيارى» دېگەن مەنىگە بىر قەدەر يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

ئېسىڭىزدە بولسۇن، zoom نى (-> <- ياكى <- ->) دەپتۇ، ھەرگىزمۇ (-> <- ۋە <- ->) دېمەپتۇ.
بەزىلەر چوڭ-كىچىكلىكى، چوڭ-كىچىك،…دېگەندەك پىكىرلەرنى بېرىپتۇ. بىز خەنزۇچە 大小 نى چوڭ-كىچىك دېمەي «چوڭلۇقى» دەپ تەرجىمە قىلغان. مەسىلەن: 文件大小 نى ھەرگىزمۇ ھۆججەت چوڭ-كىچىكلىكى ئەمەس، بەلكى ھۆججەت چوڭلۇقى دەپ ئالغان. Zoom ھەرگىزمۇ بىر جىسىمنىڭ ئۆزىنى چوڭايتمايدۇ ياكى كىچىكلەتمەيدۇ، بەلكى كۆرۈش ئارىلىقىنى (دائىرىسىنى) يىراق-يېقىن قىلىدۇ، شۇڭا، چوڭايتىش-كىچىكلىتىش دېسەك ئانچە مۇۋاپىق بولمايدۇ. قارىغاندا چوڭ-كىچىك (چوڭلۇقى)، يىراق-يېقىن (يىراقلىقى)، ئېگىز-پاكار (ئېگىزلىكى)، ياخشى-يامان(ياخشىلىقى)…مۇشۇ پىرىنسىپقا سالغان ئوخشايدۇ.

(7) E-mail
بۇنى چۈشەندۈرۈپ يۈرمەي، ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە «ئېلېكتىرونلۇق خەت» دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى بولۇپ، ئۇيغۇرچە «ئې-خەت» دەپ يېزىشنى بىر قەدەر مۇۋاپىق كۆرگەن، لېكىن، بۇنداق قائىدە يوق دېگۈچىلەرمۇ بولغان. نەچچە قېتىملىق ئاتالغۇ يىغىنىدا، «ئېلخەت» دەپ يېزىلىشى رەت قىلىنغان، بۇنىڭمۇ سەۋەبى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق قائىدە يوق. شۇڭا، ھازىرچە يەنىلا «ئېلېكتىرونلۇق خەت» بولۇپ تۇردى، چۈنكى مەيلى «ئې-خەت» ياكى «ئېلخەت» دەپ يېزىلىشى بېكىتىلسۇن، ئەسلىي سۆز يەنىلا مۇشۇ شۇ.
========
يۇقىرىدىكى ئاتالغۇلار ۋە Microsoft دىكى باشقا ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى ئىنگلىزچە لۇغەتلەردە، كومپيۇتېرغا ئائىت كىتابلاردا، تور بېكەتلەردە ۋە باشقا يۇمشاق دېتاللاردا شۇنداق ئېلىنىپتىكەن، بۇ يەردىمۇ شۇنداق ئېلىنىپتۇ. بۇ يەردە بۇ ئىشنى كىم قىلىۋاتقاندۇ؟(ئېنىقلا مۇشۇ يەردىكى بىرسى)، نەگە كەلگەندۇ؟ (بۇرۇنقىدىن ئاز قالدى)، نېمە ئۈچۈن ئىنگلىزچە مۇنازىرە قىلىدۇ؟ (بۇنى ئېگە تەرەپ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، مىكروسوفتنىڭ خىزمەتتىكى ئالاقە تىلى ئىنگلىزچە)، نېمە ئۈچۈن بالدۇرلا قۇلۇپلايدۇ؟(ھازىرچە ھەر قانچە بولسىمۇ يېرىم ئاتالغۇ توغرا بولار) – دەپ ئارتۇق ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلىپ زېھنىڭلارنى سەرپ قىلماستىن، بەلكى، قانداق قىلغاندا بۇ ئىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ، مىكروسوفتنىڭ تەلىپى بويىچە ئالدى بىلەن ئۆز ۋاقتىدا، ئاندىن سۈپەتلىك تاماملىغىلى بولىدۇ دېگەننى ئويلىغان ئاساستا، ئىلمىي پىكىر بېرەرسىلەر. يەنە 8 كۈندىن كېيىن، بۇ ئاتالغۇلارغا قايتا قاراپ چىقىش تاماملىنىدۇ. ئۆزگىرىش بولسا، تاماملانغان ئارايۈز تەرجىمىسى ئۆزگەرتىلىدۇ، ئەدەبىي تەھرىرلىكىمۇ تەڭ باشلىنىدۇ. قارىغاندا ئۇ يەردە پىكىر بېرىشمۇ توختىغاندەك قىلىدۇ.

ئېسىڭىزگە سېلىپ قوياي، «ئۇيغۇر تىلى گىرامماتكىسى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»(خەمىت زاكىت)، «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) دېگەن كىتابنى يېنىڭىزدىن ئايرىماڭ. ئاتالغۇ مۇنبىرىدە بېلەتىڭ ئاز-كۆپلۈكى ھەرگىزمۇ ئاخىرقى قارارغا تەڭ بولالمايدىكەن(بۇنى مەن بېكىتمىدىم)، پەقەت ئىنكاسنىڭ ئىلمىيلىكى، پاكىتلىق بولۇشى ئاخىرقى قارارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇڭا، بېلەت تاشلاشقا قارىغاندا ئەڭ ياخشىسى پاكىتلىق بىر-ئىككى جۈملە يېزىپ قويۇڭ. رەھمەت!

يۇقىرىدىكى ئاتالغۇلارغا يەنە قانداق پىكىرىڭلار بار؟ قۇلۇپلانغان ئاتالغۇ ئىچىدە ئېغىر مەسىلىنى بايقىغان بولسىڭىز، دەرھال مەلۇم قىلىڭ يەنە پۇرسەت بار.

(ئاتالغۇلاردىكى پىكىرلەرنى بىر يەرگە توپلاش ئۈچۈن، بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرگە قالايمىقان چاپلىماڭ، رەھمەت!)
========================
پىكىر جەھەتتىن بىرلىككە كېلىنگەن ئاتالغۇلار (25-مارت سەھەر)

(1) account picture ھېسابات رەسىمى
(2) attachment قوشۇمچە ھۆججەت
(3) available ئىشلەتكىلى بولىدىغان (تەييار دېگەن نامزاتمۇ بار)
(4) badge ئەسكەرتمە بەلگە
(5) tab بەتكۈش
(6) zoom نىسبەت
(7) E-mail ئېلېكتىرونلۇق خەت (ئەمما ئېخەت نامزاتى ئۇنىڭ كەينىدە، چۈنكى دۆلەت ئۆلچەم يىغىنىدا، تىلشۇناسلار قىسقارتىش توغرا كەلسە مۇشۇنداق بېكىتىش دېگەن ئىدى، بۇ ئۆلچەم رەسمىي ئېلان قىلىنغانغا قەدەر مۇشۇ پېتى تۇرىدۇ)

يەنە 2 كۈن مۇنازىرە قىلىنىدۇ، ئېغىر مەسىلە بايقىغان بولسىڭىز، ۋاقتىدا پىكىر بېرىڭ. رەھمەت!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
163 پارچە باھا يېزىلدى
  • curfew چۈشەندۈرىشىگە قارىسام ھەر كۈنى 24سائەت ئىچىدە كومپىيوتىرنى ئىشلىتىدىغان ۋاقتىنى يەنى سائەت قانچىدە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن .شۇڭا مىنىڭچە «چەكلەنگەن ۋاقىت »دەپ ئاتاش سەل خاتا ئوخشايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 18:13
  • بۈگۈن يەنە بىر مۇنچە سۆزلەرنى قۇيىۋىتىپتىغۇ ؟ يەنە ئىلغامدۇق؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 18:00
  • «ھېساباتچى ئوبرازى »؟ بۇلۇپ قۇيامدۇ نىمە ؟
    zoomغا بېرىلگەن ئاتالغۇنى بىر يىغىپ رەتلىسەك بوپتىكەن….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 16:52
  • account picture
    بۇنى مەنچە ھېساباتچى ئوبرازى دىسەك بولغىدەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 14:32
    • مەن قارشى، باشقىلارنىڭ «باش سۈرىتى»گە قاراپ شۇكىشىنىڭ ئوبراىنى بىلەلەمسىز؟
      (بىرلىككە كەلمىگەچكە «باش سۈرەت» دەپ ئېلىندى)

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى am 10:43
  • zoom
    بۇنى مەنچە دائىرىسى دىسەك مۇۋاپىق بولغىدەك…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 14:25
  • zoom غا ئىككى ئىغىز سۆزلىسەم . بۇ سۆزنى كۆرۈشچانلىقى،دىسەك بولماسمۇ مەسىلەن،zoomدىگەن بۇ سۆز بىز ئىشلەتمەكچى بولغان رەسىم،سۈرئەتلەر،تور-كۆرگۈچ(جاھاننامە)لەرگە ئىشلەتكەندە ،بىزنىڭ مەقسىتىمىز شۇ كۆرمەكچى بولغان نەرسىنى چوڭايتىپ كۆرۈش ۋە كىچىكلىتىپ كۆرۈش بولغانكىن،‹‹كۆرۈشچانلىقى››دىسەك. كۆرۈشچانلىقىنى چوڭايتىش ۋە كىچىكلىتىش.
    بۆرە تېگىن : ئەپەندىمنىڭ دىگىنىدەك
    zoom in يېقىنلىتىش(چوڭايتىش)
    zoom out يىراقلىتىش (كىچىكلىتىش) ،لىكىن
    zoom كۆرۈشچانلىق

    دىگەندەك ئىشلەتسەك. ئەگەر باشقا نەرسىلەرگە ئىشلەتكەندە باشقىچە ئاتىساق، ھاراق-تاماكىلارغا ئىشلەتكەندە نىسبەت دىگەندەك لەرنى ئىشلەتسەك.
    كونكىرىت مەسىلىنى كونكىرىت ھەل قىلساق.
    بولماسا بەك ھىرىپ كىتەرمىز.
    مەنچە‹‹ يېقىنلىتىش،، ۋە ‹‹ يىراقلىتىش››ئادەم بىلەن جىسىم ئارلىقىنى ‹ئۆزگەرتىش› نى كۆرسىتىدۇ›
    ‹‹چوڭايتىش›› ،‹‹كىچىكلىتىش›› بىز كۆرمەكچى بولغان جىسىمنىڭ فىزىكىلىق چوڭ-كىچىكلىكىنى‹ئۆزگەرتىش›نى كۆرسىتىدۇ. جىسىم بىلەن ئادەم ئارلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
    تەرجىمە قىلغاندا مۇشۇنداق فۇنكىسىيىلىك خۇسۇسىيەتلىرىنى ئالدىن ئويلاشساق. بۇ خەلقىمىزنىڭ شۇ ئاتالغۇنى چىن قەلبىدىن ئىسىدە تۇتالاش-تۇتالماسلىقى بىلەن چىڭ مۇناسىۋەتلىك! ۋە بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئىلغارلىقىنى يوشۇرۇن ئىپادىلەيدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 14:08
    • پىكىرىڭىز ئورۇنلۇق بوپتۇ، لېكىن بىر نەرسە ئېنىق بولىشى كېرەك. zoom in بىلەن zoom out كۆز بىلەن جىسىم ئارلىقىنى ‹ئۆزگەرتىش› نى كۆرسىتىدۇ، ھەرگىزمۇ جىسىمنى ‹‹چوڭايتىش›› ،‹‹كىچىكلىتىش›› ئەمەس. كۆز بىلەن جىسىمنىڭ ئارلىقى يېقىنلاشسا چوڭىيىپ كۆرۈنىدۈ، يىراقلاشسا كىچىكلەپ كۆرۈنىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 22:36
  • مۇناسىۋەتسىز سۇئالدىن بىرنى سوراپ باقسام، Windows8 نىڭ خلمۇ-خىل نەشىرى باركەن. ھەممىسى ئۇيغۇرچە چىقامدۇ ياكى نەشىرىگە قاراپ بۇلامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى am 09:41
  • E-mail پوشتىڭىز

    ئېلىكتىرىي پوشتا
    تېخىمۇ قىسقا ۋە ئۇقۇۇشلۇق بولۇش ئۈچۈ ن ‹‹ توك پوشتا›› دىسەك تېخى ياخشى، ‹‹توك سىكىلىت …›› دىگەندەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى am 00:16
    • نېمە گەپ ماۋۇ پوشتا؟ مەن پەقەت ئاڭلاپ باقمىغان گەپ ئىكەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى am 09:57
    • بۇ تورداش «پوچتا» دېمەكچى ئوخشايدۇ.
      يەنە شۇ قىسقا قىلىشنىڭ گېپى، ئۇزۇن بولسا نېمە بوپتۇ.
      مېنىڭ بايقىشىمچە «ئېلخەت» ئاتالغۇسى خېلى ئومۇملاشتى. قايسى بىر چاغدا «‹جىڭلى›، ‹باۋئەن› قاتارلىق ئاتالغۇلار لۇغەتكە كىرگىلىۋاتىدۇ» دېگەن ئەمەسمىدىڭىز. ئېلخەتنىمنۇ كىرگۈزۈشكە بولامدۇ؟ نۆۋەتتىكى سېستىمىدا «ئېلخەت» دەپ ئالساق بولامدۇ؟(مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن تېخىمۇ كەڭ ئومۇملىشىپ كەتسە) ئويلىنىپ كۆرۈشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى am 11:14
      • مەن ھەر قېتىم تىلغا ئالىمەن بۇ سۆزنى. تىلشۇناسلار قائىدىگە چۈشمەيدۇ دەپلا تۇرىۋالىدىكەن،
        ئومۇمىي ئەھۋالدا چوقۇم قائىدە تۈزۈش كېرەك، لېكىن، قائىدىنى تۈزۈپ بولۇپلا ھەممىنى مۇشۇ قائىدىگە سالىمەن دېسە، ئەخمەقنىڭ ئىشى بولىدۇ، بەزى ئەھۋاللاردا، ھەممە نەرسىنى بىر قائىدىگە سالغىلى بولمايدۇ، قائىدىگە چۈشمەيدىكەن دەپ ئۇنىماي تۇرىۋېلىش توغرا ئەمەس ئىدى، ئىنگلىز تىلىدا كۆپلۈك قوشۇمچىسى كۆپ ئەھۋاللاردا تۇراقلىق، لېكىن، بىر نەچچە سۆزگە قائىدىگە چۈشمەيدىغان ئەھۋاللار بار.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 15:02
  • tab نى ئىزدەڭ
    zoom يىغىڭ
    E-mail پوشتىڭىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى am 00:05
  • account picture
    باش سۈرىتىنى ئۆزى نىمنى تاللىسا شۇ ھىساپ بولىدۇ ئەلۋەتتە،
    بۇ شۇ كىشى ئۆزىگە تاللىغان سىمۋۇل، دىمەك يەنىلا باش سۈرەت دىگەن ياخشى.
    attachment
    بۇنى‹‹ قىستۇرما›› دىيىشنى توغرا كۆردۈم
    مەسلىھەت: بەزىلىرىنى بۇيرۇق شەكلى بىلەن ئالساق بولارمۇ، مەسىلەنattachmentنى ‹‹قىستۇرۇڭ››

    availableنى‹‹ ئىشلىتىڭ››… دىگەندەك
    مىسال قىلسام؛ تۈركچىنىڭ تور بەتلىرىدە : ‹‹ ئېچىش››نى ئاچ،
    ‹‹ ئېتىش››نى ياپ … دىگەنلەر ئۇچرايدىكەن . بىزمۇ ئېتىڭ، ئېچىڭ … دىگەن بويىچە ئالساق قانداق بولار؟ ( ماق-مەك، پىش-تىش …لارنى ئارتۇق ئىشلەتكۈچە دەيمەن)

    badge
    بۇنى ‹‹ ھالەت›› دىسەك بولغۇدەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 23:35
  • zoom نىسبەت
    zoom in يېقىنلىتىش
    zoom out يىراقلىتىش
    Favorite يىغقۇچ
    Attachment قۇشۇمچە ھۆججەت
    Tabبەتكۆش
    Inbox folder كەلگەن خەتلەر قىسقۇچى
    (تاپشۇرۋالغۇچ ‘ى’ )

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 20:39
    • ناھايىتى توغرا بولۇپتۇ، پىكىرىمىز بىر يەرگە كېلىپتۇ، ئۇنداقتا ئاۋۇ يەرگە كىرىپ شۇنداق تەۋسىيە قىلىپ قويۇڭ، باشقىلارمۇ شۇنداق قىلىپ قويۇڭلار، بېلەت تاشلاپ قويۇڭ، رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 20:53
    • بۇ ئاتالغۇلار مۇۋاپىق بوپتۇ.

      attachment كە يەنە باشقىچە ياخشىراق ئاتالغۇ بولغان بولسا ياخشىدى.
      بۇ سۆزنىڭ پىئېل شەكىلى attach ‹چاپلاش، باغلاش، مىقلاش، ئۇلاش› بۇلۇپ attachmentنى كومپىيوتېر ساھەسىدە ئىشلەتكەندە ‹چاپلانما ياكى باغلانما تولۇقلىغۇچى ھۆججەت ياكى ماتېريال› دىگەن مەننى بىلدۈرۈدىكەن.
      شۇڭا بۇ سۆزنى ‹چاپلانما ھۆججەت› ياكى ‹ باغلانما ھۆججەت› دىسەك بۇلارمۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى am 08:26
      • ئۇنداقتا مۇشۇ جۈملىلەرنى سىز باشقىلارغا نېمە دەيسىز؟
        مەن ساڭا خەت ئەۋەتتىم، ھېلىقى جەدۋەلنى قوشۇمچە ھۆججەت قىلىپ قىستۇرۇپ ئەۋەتتىم دەمدۇق؟
        ياكى ھېلىقى جەدۋەلنى قىستۇرما قىلىپ قىستۇرۇپ ئەۋەتتىم دەمدۇق؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى am 10:03
    • ماڭا قويۇپ بەرسە ‹مەن ساڭا خەت ئەۋەتتىم، ھېلىقى جەدۋەلنى چاپلانما ھۆججىتى قىلىپ ئەۋەتتىم› ياكى ‹مەن ساڭا خەت ئەۋەتتىم، ھېلىقى جەدۋەلنى خەتكەچاپلاپ ئەۋەتتىم› دەيتىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 22:20
  • time allowance نى ‹مۆھلەت›دەپ تەرجمە قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 18:42
  • enhanced غا كەلسەك ئۇنى تېخمۇ يۇقىرى سەۋىيە ،تېخمۇ ئىلغار،تېخىمۇ سىپا لىق (مۇشۇ گەپ سەل خاتامۇ قانداق)خۇسۇسىيەنكە ئىگە دەپتۇ.
    بىلمىدىم بۇ مۇشۇنداق خۇسۇسىيەتنىڭ دەرىجىسىنى بىلدۇرەمدۇ،شۇنداق بولسا «مۇكەممەللىك»دەپ ئالساق بۇلامىكىن ؟
    ئەگەر ئۇنداق بولمىسا «مۇكەممەل»دىسمۇ بولغىدەك ..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 18:16
  • 插件 دىگەن بىر گەپ بار ،شۇنى «قستۇرما» دىسەك بۇلارمىكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 18:00
    • ناھايتى ياخشى ئويلاپسىز،،،
      مەن مۇزىكا ئىشلىگەچ توردىن نۇرغۇنلىغان vsti خىلىدىكى قىستۇرمىلارنى چۈشۇرەتتىم. قىستۇرما دىساك بەك باب كىلىدۇ..

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 13:43
  • attachment
    附件دىگەن شۇغۇ؟«يانداش ھۆججەت»ياكى «يانداشما ھۈججەت »دىسەك بولماسما؟مەسىلەن ،بەزى ھۆججەتلەر دە ئاساسىي مەزمۇننى سۆزلەۋىتىپ ،«attachment» كە قاراڭ دەپ يىزىپ قۇيىدىغان يەرلىرى بار ….يەنە بەزى خىزمەتكە ئىلىش ھۆججەتلىرىدە خىزمەت تۈرلىرى «attachment 1» دە دەپ يىزىپ قۇيىدىغۇ؟
    available -ھازىر(«ھازىرلىنىش» دىكى« ھازىر» شۇنداقمۇ ؟)باشتا قاراپ نىمە دەپ «ھازىر»دەيدىغاندۇ دەپتىمەن ؟مۇشۇ تەرجىمە ئەڭ باڭجار مىكىن دەيمەن ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 17:40