خەلقئارا ئانا تىل بايرىمىڭىزغا مۇبارەك
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]بىر ئادەمنىڭ چۈشىنىدىغان تىلى بىلەن سۆزلەشسەڭ، ئۇنىڭ مېڭىسىگە تەسىر كۆرسىتىسەن، بىر ئادەمنىڭ ئانا تىلى بىلەن سۆزلەشسەڭ، ئۇنىڭ قەلبىگە تەسىر كۆرسىتىسەن،
— نېلسۇن ماندېلا
=======
دۇنيادا 7000 دىن ئارتۇق تىل-يېزىق بولۇپ، بۇنىڭ يېرىمى نەچچە ئەۋلادتىن كېيىن يوقىلىش گىردابىغا بېرىشى مۇمكىن، بۇ تىللار ئىچىدە %96 تىلنى ئىشلىتىدىغانلار ئاران %4.
=======
21-فېۋرال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ئورگىنى(UNESCO) بېكىتكەن خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى بولۇپ، تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىشىشى ۋە كۆپ تىللىقلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ يىللىق خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى كۈنىنىڭ باشتېمىسى «يەرشارى پۇقرالىرىنىڭ يەرلىك تىلى: ئىلىم-پەنگە جەم بولۇش» بولۇپ، مىكروسوفت شىركىتى «بۇ بايرامغا ھۆرمەت بىلدۈرىمىز، شۇنداقلا تىل ۋە تېخنىكا ئارىسىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناۋاتىمىز»-دېدى.
مىكروسوفت شىركىتى بۇ يىللىق بايرامدا نۇرغۇن بايلىقلارنى تەمىنلەپ، كىشىلەرنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىكى يۇمشاق دېتال، ئۈسكۈنە ۋە مۇلازىمەتلەرنى ئىشلىتىشىگە ياردەم قىلدى. كىشىلەرنىڭ بۇ ئۇچۇرلارغا تېخىمۇ ئاسان ئېرىشىش ئۈچۈن مىكروسوفت تىل تور بېكىتى (Microsoft Language Portal) تىل قوراللىرى بىلەن تەمىنلىدى. بۇلار تۆۋەندىكىدەك:
مىكروسوفت تىل تور بېكىتى
http://www.microsoft.com/Language/en-US/Default.aspx
مىكروسوفت تەرجىمانى
www.microsofttranslator.com
مىكروسوفت كۇنۇپكا تاختىسى لايىھەسىنى قۇرغۇچ
http://www.microsoft.com/en-us/download/details.aspx?id=21476
مىكروسوفت يەرلىكلەشتۈرۈش ئۇسلۇبى يېتەكچىسى
http://www.microsoft.com/Language/en-US/StyleGuides.aspx
مىكروسوفتنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئېلان قىلغان مەھسۇلاتلىرى
تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلارنى مىكروسوفت مىكروسوفت تىل تور بېكىتىدىن زىيارەت قىلىڭ.
- يازما كۆرۈلۈشى: 3,799 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 02-ئاينىڭ 21-كۈنى am 11:24
- ئالدىنقى يازما :قېلىپلىشىش ئالدىدىكى بىرنەچچە يېڭى ئاتالغۇلار(2)
- كېيىنكى يازما :يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش خادىمى قوبۇل قىلىمىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىزلەر،ئىملاغا مۇناسىۋەتلىك بىر مەسىلىگە دۇچ كەلدىم
.بىئو دەپ ئالساق توغرا بولامدۇ بىيو مۇ؟
رادىئو-رادىيو قايسىسى توغرا؟
توغرىسى:
بىيو
رادىيو
ئالىم ئەھەت :
مۇشۇ مەھسۇلاتنىڭ خەنزۇچە چۈشەندۈرۈشىدە بارمىكىن، مېنىڭ ئېسىمدە قالماپتۇ.
مەلىم، مەن سىلىنىڭ لۇغەتلىرىدىنمۇ ئىزدەپ تاپالمىدىم، ئۇ خىلدىكى مەھسۇلاتلاردا ئاھاڭ ياكى باشقىچە ئالغان بولۇشى مۇمكىن. قارىغاندا، سوقماق خوتەندىن چىققاچقا شۇڭا يوق ئوخشايدۇ. لۇغەت ئىشلىگەندە ھەر قايسى يۇرتلارنىڭ يەرلىك نەرسىلىرىمۇ لۇغەتتىن چىقسا بولىدۇ-دە!!! گازىر دەپ ئىزدىسە چىقىدۇ، سوقماق شۇنداق بەلەن نەرسە تۇرۇپ چىقمايدۇ…
بىلوگنىڭ ئۇسلۇبى ئۆزگەردىمۇ نېمە؟… يەنىلا ئالدىنقى ئۇسلۇب ياخشى ئىكەن….
ئالىم، مەلىم، مەن بىر نەرسىنى سوراي، سوقماق (يەيدىغان نەرسە، ياڭاق ۋە ئۈزۈمدىن ياسىلىدۇ) بۇنى خەنسۇچە نېمە دەيمىز؟
مۇشۇ مەھسۇلاتنىڭ خەنزۇچە چۈشەندۈرۈشىدە بارمىكىن، مېنىڭ ئېسىمدە قالماپتۇ.
man mu keylenep yurup naqqa ketem taxlaptekan man apsus .leken umutsezlan medem leken koglum yerem bolde
ئانا تىل بايرىمىغا مۇ بارەك بولسۇن.ئاناتىل ئانىمىزنىڭ تىلى،شۇڭا ئانىمىزنى سۆيگەندەك سۆيۈشىمىز كىرەك.مەن بىر ئېلېكتىر ئىشچىسى ،بىز 60 نەپەردەك ئىشچىلار ئۆزىمىزگە خاس ئۇسلۇپتا ئانا تىلدا ماقالە يېزش پائالىيىتى قىلىپ بۇ بايرامنى ناھايتى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق،بۇنىڭلىق بىلەن تۇلىمۇ شادلاندۇق.
نېمىشقا قوشمايدۇ؟
شۇنى دەيمە..ئەجەپ ئۆمۈتسىزلەندىم.يەنە بىر تەرەپتىن ۋجدانىمىز بىلەن ئويلاشساق دوستىمىز ئالىم 516 نىڭ گىپىمو ئورۇنلۇق.مەنمو كۈندە توختماي بىلەت تاشلاتتىم،ئەپسۇس يالغانچىلىقنى سەل ئاشۇرۋىتىپتىمىز.
كەچۈرۈڭلا !!!!!! تېمىغا مۇناسىۋەتسىز گەپ
ئالىم مۇئەللىم قاچانلىققا تور خاتىرىڭىزنىڭ يانفون نۇسخىسىنى ۋە يانفون تېرمىنالىنى چىقىرارسىز ؟؟؟
چىقارسام، كۆنەلمىدۇق دېدىڭلار، شۇنىڭ بىلەن كونىسا قايتىپ كەلدىم، ئالدى سۇپىسى كونا ھازىر.
كونىسا ئەمەس كونىسىغا دىسەك توغرا بۇلا ئالىم مۇئەللىم؟؟؟
ھازىر كۆچمە ئۈسكۈنىلەرگە تەدرىجىي يۈزلىنىۋاتىمىز، مۇنكىن بولسا يانفۇن نۇسخىسىنى چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز.
ئالىم مۇئەللىم، مىكروسوفىتنىڭ ۋىندوۋس فونغا ئائىت ئۇيغۇرچە قوشۇش توغرىسىدىكى بىلەتلىك تېمىنى ئۈچۈرىشىگە قارىتا كۆز قارىشىڭىزنى سۆزلەپ باقمامسىز؟
يانتېلېفون نۇسخىسى ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك قىستۇرمىلار كارغا كېلىدىغاندەك قىلىدۇ.
http://wordpress.org/plugins/wp-mobile-detector/
ئالىم مۇئەللىم، تېمىغا مۇناسىۋەتسىز سۇئال سورايدىغان بولدۇم.سىزنىڭ ئالدىنقى ئىككى يازمىڭىزدىكى ، يەنى قېلىپلىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتقان ئاتالغۇلار دىكى خەنزۇچە سۆزلۈكلەر خەنزۇتىلىدا ئەزەلدىن بار بولغان سۆزلۈكلەرمۇ ياكى ئۇيغۇرتىلىدىكى بىر قېسىم سۆزلۈكلەرگە ئوخشاش نەدىن كىرگىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان ، ئاتا-ئانىسىنىڭ تايىنى يوق سۆزلۈكلەرمۇ؟