zoom, account,…قاتارلىق ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىڭ (يېڭىلاندى) | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

zoom, account,…قاتارلىق ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىڭ (يېڭىلاندى)

[ ئاتالغۇلار ]

ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىدە (بولۇپمۇ To شەكىلدىكى) پېئىللارنى لۇغەتتىكى قائىدە بويىچە «-ماق\-مەك» شەكلىدە ئېلىنغانلىقى، ئەمما، ئارايۈز تەرجىمىسىدىكى جۈملىلەردە (مەسىلەن: كۇنۇپكا، تىزىملىكلەردە) «-ش\-ىش\-ۇش\-ۈش» دەپ ئېلىنغانلىقىنى، باشقا جايلاردا پېئىللارنىڭ ھەر خىل تۈرلىنىشىنىڭ جانلىق ئىشلىتىلگەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەن ئىدىم. يەنە بىر قېتىم چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتىم.
==========================================
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، خەمىت زاكىر، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «-ماق\-مەك» ئىسىمداش جۈملىنىڭ سىرتىدا (لۇغەتلەردە) پېئىلغا ۋەكىللىك قىلىدۇ
==========================================
خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە، پېئىلنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى

بۇ لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان
==========================================
ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە، پېئىلنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى

بۇ لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان، ئىسىم شەكىلدىكىنى «-ش\-ىش\-ۇش\-ۈش» بويىچە تەرجىمە قىلىنغان


بۇ لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان
==========================================
ئۇنىڭدىن باشقا قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرگە قاراپ باقايلى، ئىنگلىزچە-ئۆزبېكچە لۇغەتلەردە، پېئىلنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى

لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان
==========================================
مەن يەنە مۆمىن ئابدۇللا تۈزگەن تۈركچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەرگە قاراپ باقساممۇ شۇنداق ئىكەن،
=========================================
دېمەك، تورداشلار پىكىر بەرگەندە قولىمىزدا بار بولغان ئۇيغۇرچە لۇغەتلەرگە قارىۋېتەيلى، ئۆيىمىزدە بولمىسا، كىتابخانا ياكى كۈتۈپخانىغا بارساقمۇ بولىدۇ، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكا كىتابلىرىغا بىر قاراپ بېقىپ پىكىر بېرەيلى، ئۇنداق قىلالمىساق، قالايمىقان پىكىر بەرمەيلى، رەھمەت!

*********************************************************
ھازىر بەزى ئاتالغۇلار توغرىسدا چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتىم.
(1) account picture
Windows ۋە Windows Live ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ھېساباتىغا باغلانغان بىر خىل رەسىملىك ئىپادىلىنىش
ھازىرقى تەرجىمىسى: ھېسابات رەسىمى (نامزات: باش سۈرەت)
بىر سۇڭلۇق يالاڭ باش چۈشكەن رەسىم دېمەپتۇ، بەزىلەر ئۆز ھېساباتىغا پۇتبول، چىملىق، ئوقيا،…دېگەندەك رەسىملەرنى بەلگىلىۋالىدۇ. بۇ نوقۇل باش سۈرەتنى كۆرسەتمەيدۇ. ئاككونت دېسىڭىز ئىنگلىزچە، ھېسابات دېسىڭىز ئەرەبچە، بۇ ئىككى ئاتالغۇنىڭ بىزنىڭ تىلىمىزغا نىسبەتەن ياتلىق (ياتلىشىش) دەرىجىسى ئوخشاش، بەرىبىر چەت تىلىدىن كىرگەن، لېكىن، ھېسابات دېگەن سۆز تىلىمىزغا بالدۇر كىرىپ، ئىزاھلىق لۇغەتلىرىمىزدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۇيغۇر تىلىغا تەۋە بولۇپ بولغان. شۇڭا، ئاككونت دېگەننى مەن ھەرگىز قوللىمايمەن.

(2) attachment
ئېلېكتىرونلۇق خەت ئۇچۇرى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشقى ھۆججەت.
ھازىرقى تەرجىمىسى: قىستۇرۇلما (نامزات: قوشۇمچە ھۆججەت)
بۇ يەردە ھالقىلىق سۆز ھۆججەت، يەنى E-mail غا قىستۇرۇپ ئەۋەتىدىغان ھۆججەتنى نېمە دېسەك بولار دېمەكچى؟ توختام تۈزگەندە يەنە 1-2 ۋاراقنى چاپلاپ، بۇ توختامنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى، ياكى قوشۇمچە توختام دەپ قويىدۇ.

(3) available
ئىشلەتكۈچى تاكى قوللىنىشچان دېتاللار تەرىپىدىن ئىشلىتىشكە تەييار بولغان ھەر قانداق نەرسە.
ھازىرقى تەرجىمىسى: يېتەرلىك (نامزات: تەييار، ئىشلەتكىلى بولىدىغان)
بۇ كومپيۇتېر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇنىڭ بىرسى بولۇپ، ھەر خىل مەنىدە قوللىنىدۇ، بۇنى بىر خىل قېلىپتا ئېلىش سەل تەس ئوخشايدۇ.
service is available
No photos available
All available people are now invited to the chat.

(4) badge
قۇلۇپ ئېكرانىدا ياكى تىزمىدا كۆرۈنىدىغان بەلگە بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يېقىنقى پائالىيەتلىرى ۋە يېڭىلانمىلىرىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: قانچە پارچە ئېلېكتىرونلۇق خەت تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى، كومپيۇتېرنىڭ قولۇپلانغانلىقى ياكى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈلگەن ئەپ دېگەندەك
ھازىرقى تەرجىمىسى: ئەسكەرتمە بەلگە (ھازىرقى نامزات: ئەسكەرتمە)
ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇ يەردە ھالقىلىق سۆز بەلگە دېيىلىپتۇ، ھەرگىزمۇ reminder, note, memo, tip دېگەندەك ئەسكەرتىش، ئەسكەرتمە، ئەسكەرتكۈچى،…دېگەندەك گەپ قىلماپتۇ، ئەسلىي سۆزنىڭ يەنە بىۋاسىتە ئىزناك (ئىزنەك ئەمەس) دەپ مەنىسى بار

(5) tab
چەككىلى بولىدىغان ئارايۈز ئېلېمېنتى بولۇپ، قارماققا ھۆججەت قىسقۇچىنىڭ بەلگىسىدەك لايىھەلەنگەن. بەتكۈش ئادەتتە گورزېنتال ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر مۇناسىۋەتلىك بەت ۋە تور بەتلەرگە ئالمىشىشقا رۇخسەت قىلىنغان.
ھازىرقى تەرجىمىسى: بەتكۈش
بۇ ئاتالغۇنى ساھران ئەپەندىم ياسىغان دەپ بىلىمەن، لېكىن بىرمۇ تورداش بۇ سۆزنىڭ ئىملاسىنى توغرا دېمەي، خاتا دەپتۇ. ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى 473-بەت، ئوڭ تەرەپ ئەڭ ئاستىدا، خەتكۈش، ئىسىم: ئوقۇۋاتقان بەتنى كېيىن ئاسان تېپىۋېلىش ئۈچۈن، بەت ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويغان نەرسە دەپتۇ. بۇ سۆزنى مەن «خەتكۈش(خەتكۈچ ئەمەس)»تىن ئۆرنەك ئېلىپ ياسالغان سۆز دەپ بىلىمەن، شۇڭا، «بەتكۈش(بەتكۈچ ئەمەس)» دەپ ئېلىنغان. شۇڭا، ئەستايىدىل بولايلى. قارغۇلارچە باشقىلارنى تىللاپ كەتمەيلى. پىكىر بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى ۋە ئىملا لۇغىتىنى ۋاراقلاپ قويۇڭ.

(6) zoom
ئىككى بارماقنى قارمۇ-قارشى يۆنىلىشتە يۆتكەيدىغان بىر خىل قوش ئىشارىسى (-> <- ياكى <- ->)
ھازىرقى تەرجىمىسى: يىراقلىقى


يۇقىرىقى رەسىمدىن zoom نىڭ «نىسبەت»، zoom in نىڭ «چوڭايتىش»، zoom out نىڭ «كىچىكلىتىش»، custom نىڭ «ئىختىيارى» دېگەن مەنىگە بىر قەدەر يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

ئېسىڭىزدە بولسۇن، zoom نى (-> <- ياكى <- ->) دەپتۇ، ھەرگىزمۇ (-> <- ۋە <- ->) دېمەپتۇ.
بەزىلەر چوڭ-كىچىكلىكى، چوڭ-كىچىك،…دېگەندەك پىكىرلەرنى بېرىپتۇ. بىز خەنزۇچە 大小 نى چوڭ-كىچىك دېمەي «چوڭلۇقى» دەپ تەرجىمە قىلغان. مەسىلەن: 文件大小 نى ھەرگىزمۇ ھۆججەت چوڭ-كىچىكلىكى ئەمەس، بەلكى ھۆججەت چوڭلۇقى دەپ ئالغان. Zoom ھەرگىزمۇ بىر جىسىمنىڭ ئۆزىنى چوڭايتمايدۇ ياكى كىچىكلەتمەيدۇ، بەلكى كۆرۈش ئارىلىقىنى (دائىرىسىنى) يىراق-يېقىن قىلىدۇ، شۇڭا، چوڭايتىش-كىچىكلىتىش دېسەك ئانچە مۇۋاپىق بولمايدۇ. قارىغاندا چوڭ-كىچىك (چوڭلۇقى)، يىراق-يېقىن (يىراقلىقى)، ئېگىز-پاكار (ئېگىزلىكى)، ياخشى-يامان(ياخشىلىقى)…مۇشۇ پىرىنسىپقا سالغان ئوخشايدۇ.

(7) E-mail
بۇنى چۈشەندۈرۈپ يۈرمەي، ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە «ئېلېكتىرونلۇق خەت» دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى بولۇپ، ئۇيغۇرچە «ئې-خەت» دەپ يېزىشنى بىر قەدەر مۇۋاپىق كۆرگەن، لېكىن، بۇنداق قائىدە يوق دېگۈچىلەرمۇ بولغان. نەچچە قېتىملىق ئاتالغۇ يىغىنىدا، «ئېلخەت» دەپ يېزىلىشى رەت قىلىنغان، بۇنىڭمۇ سەۋەبى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق قائىدە يوق. شۇڭا، ھازىرچە يەنىلا «ئېلېكتىرونلۇق خەت» بولۇپ تۇردى، چۈنكى مەيلى «ئې-خەت» ياكى «ئېلخەت» دەپ يېزىلىشى بېكىتىلسۇن، ئەسلىي سۆز يەنىلا مۇشۇ شۇ.
========
يۇقىرىدىكى ئاتالغۇلار ۋە Microsoft دىكى باشقا ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى ئىنگلىزچە لۇغەتلەردە، كومپيۇتېرغا ئائىت كىتابلاردا، تور بېكەتلەردە ۋە باشقا يۇمشاق دېتاللاردا شۇنداق ئېلىنىپتىكەن، بۇ يەردىمۇ شۇنداق ئېلىنىپتۇ. بۇ يەردە بۇ ئىشنى كىم قىلىۋاتقاندۇ؟(ئېنىقلا مۇشۇ يەردىكى بىرسى)، نەگە كەلگەندۇ؟ (بۇرۇنقىدىن ئاز قالدى)، نېمە ئۈچۈن ئىنگلىزچە مۇنازىرە قىلىدۇ؟ (بۇنى ئېگە تەرەپ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، مىكروسوفتنىڭ خىزمەتتىكى ئالاقە تىلى ئىنگلىزچە)، نېمە ئۈچۈن بالدۇرلا قۇلۇپلايدۇ؟(ھازىرچە ھەر قانچە بولسىمۇ يېرىم ئاتالغۇ توغرا بولار) – دەپ ئارتۇق ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلىپ زېھنىڭلارنى سەرپ قىلماستىن، بەلكى، قانداق قىلغاندا بۇ ئىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ، مىكروسوفتنىڭ تەلىپى بويىچە ئالدى بىلەن ئۆز ۋاقتىدا، ئاندىن سۈپەتلىك تاماملىغىلى بولىدۇ دېگەننى ئويلىغان ئاساستا، ئىلمىي پىكىر بېرەرسىلەر. يەنە 8 كۈندىن كېيىن، بۇ ئاتالغۇلارغا قايتا قاراپ چىقىش تاماملىنىدۇ. ئۆزگىرىش بولسا، تاماملانغان ئارايۈز تەرجىمىسى ئۆزگەرتىلىدۇ، ئەدەبىي تەھرىرلىكىمۇ تەڭ باشلىنىدۇ. قارىغاندا ئۇ يەردە پىكىر بېرىشمۇ توختىغاندەك قىلىدۇ.

ئېسىڭىزگە سېلىپ قوياي، «ئۇيغۇر تىلى گىرامماتكىسى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»(خەمىت زاكىت)، «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) دېگەن كىتابنى يېنىڭىزدىن ئايرىماڭ. ئاتالغۇ مۇنبىرىدە بېلەتىڭ ئاز-كۆپلۈكى ھەرگىزمۇ ئاخىرقى قارارغا تەڭ بولالمايدىكەن(بۇنى مەن بېكىتمىدىم)، پەقەت ئىنكاسنىڭ ئىلمىيلىكى، پاكىتلىق بولۇشى ئاخىرقى قارارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇڭا، بېلەت تاشلاشقا قارىغاندا ئەڭ ياخشىسى پاكىتلىق بىر-ئىككى جۈملە يېزىپ قويۇڭ. رەھمەت!

يۇقىرىدىكى ئاتالغۇلارغا يەنە قانداق پىكىرىڭلار بار؟ قۇلۇپلانغان ئاتالغۇ ئىچىدە ئېغىر مەسىلىنى بايقىغان بولسىڭىز، دەرھال مەلۇم قىلىڭ يەنە پۇرسەت بار.

(ئاتالغۇلاردىكى پىكىرلەرنى بىر يەرگە توپلاش ئۈچۈن، بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرگە قالايمىقان چاپلىماڭ، رەھمەت!)
========================
پىكىر جەھەتتىن بىرلىككە كېلىنگەن ئاتالغۇلار (25-مارت سەھەر)

(1) account picture ھېسابات رەسىمى
(2) attachment قوشۇمچە ھۆججەت
(3) available ئىشلەتكىلى بولىدىغان (تەييار دېگەن نامزاتمۇ بار)
(4) badge ئەسكەرتمە بەلگە
(5) tab بەتكۈش
(6) zoom نىسبەت
(7) E-mail ئېلېكتىرونلۇق خەت (ئەمما ئېخەت نامزاتى ئۇنىڭ كەينىدە، چۈنكى دۆلەت ئۆلچەم يىغىنىدا، تىلشۇناسلار قىسقارتىش توغرا كەلسە مۇشۇنداق بېكىتىش دېگەن ئىدى، بۇ ئۆلچەم رەسمىي ئېلان قىلىنغانغا قەدەر مۇشۇ پېتى تۇرىدۇ)

يەنە 2 كۈن مۇنازىرە قىلىنىدۇ، ئېغىر مەسىلە بايقىغان بولسىڭىز، ۋاقتىدا پىكىر بېرىڭ. رەھمەت!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
163 پارچە باھا يېزىلدى
  • save as قايتا ساقلاش، باشقىچە ئۇسۇلدا ساقلاش، يەنە بىر ساقلاش…. دىسەكچۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 15:20
  • plug-in قىستۇرۇلما دەپ ئالساقچۇ…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 15:16
  • save asپەرىقلىق ساقلاش، بۇنداق دىسەك قاملاشمايدۇ، بۇنىڭغا يەنە ئىزدەنسەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 15:03
  • plug-in قېتىلما،ئەكەلمە دىسەك ، يەنى سوفت ئۆزى تەمىنلىمىگەن ،3-تەرەپتىن ئەكەلگەن،قېتىلغان دىگەن مەنىدە.
    save asپەرىقلىق ساقلاش، دەپ ئالساق بولامدىكىن.
    نەچچە قېتىم يازسا،ئاران بىر قېتىم ئەۋەتكىلى بولىدىغان بولۇپ قاپتۇ،تۈزۈتۈپ قويسىڭىز.نۇرغۇن نەرسىلىرىم مۇشۇنىڭ بىلەن يوقاپ كەتتىدە ئىسىت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 14:17
  • save as دىگەننى پەرىقلىق ساقلاش دەپ ئالساق.
    plug-in نى قېتىلما دەپ ئالساق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 13:50
  • plug-in دىگەننى قېتىلما دىسەك بولارمىكىن. چۈنكى بۇ سوفتلارنىڭ ئۆزىدە بولمىغان ئىقتىدارلارنى ئۈچۈنجى تەرەپ تەمىنلىگەن ئىقتىدارلارنى قېتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇدۇ. شۇڭا بۇنى قېتىلما،ئەكەلمە دىگەندەك ئالساق مۇۋاپىق بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن.

    ئالىم مالىم باھا ئەۋاتسە ،ئەۋەتىلمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ، 10-20 قېتىم سىنىسا ئاران ماڭىدىكەن. بولسا تۈزۈتۈپ قويسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 13:13
  • plug-in دىگەننى قېتىلما دىسەك بولارمىكىن. چۈنكى بۇ سوفتلارنىڭ ئۆزىدە بولمىغان ئىقتىدارلارنى ئۈچۈنجى تەرەپ تەمىنلىگەن ئىقتىدارلارنى قېتىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇدۇ. شۇڭا بۇنى قېتىلما،ئەكەلمە دىگەندەك ئالساق مۇۋاپىق بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 13:04
  • zoom كۆرۈنۈش نىسبىتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 22:26
  • available ئىشلەتكىلى بولىدىغان

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 22:23
  • available مېنىڭچىمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىغان دىسە ئەڭ جايىغا چۈشكۈدەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 22:23
  • 1)favorite ساقلىۋالغان/ساقلىۋالغانلىرىم
    2)contact ئالاقە دەپتىرى/ئالاقە خاتىرسى
    3)map (verb كۆرسىتىش/كۆرسەتمەك چۈشەندۈرلىشىگە قارىساق بۇ خەرىتە يەنى ئىسىم ھالىتىدە ئەمەس ، بەلكى پېئىل ، خەرىتىدىكى مەلۇم ئاددىرس ياكى ئورۇننى كۆرسىتىش ئۈچۈن،
    4)instant message (verb جىددى يوللاش /تىز يوللاش بۇمۇ پېئىل مەنىسىدە،مەسىلەن ئى-خەت يوللىغان ۋاقتىمىزدا يوللاش؛جىددى يوللاش دىگەن تاللاش تۈرى شۇ،
    5)time allowance يول قويۇلغان ۋاقىت/ئېچىۋىتىلگەن ۋاقىت ؛ بۇ خەتنىڭ يېنىدىكى رەسىلىك چۈشەندۈرشىنى ئېچىپ قارىساق allowed (يول قويۇلغان/ئېچىۋىتىلگەن) ،blocked (توسۇلغان/قامال قىلىنغان) دەيدىغان سۆزلەربار،شۇڭا مۇشۇنىڭغا يېقىنراق سۆزنى ئىشلەتسەك،

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 21:21
  • 1)zoomئارقىلىق مەلۇم دائىرنىڭ يىراق-يېقىنلىقىنى تەڭشەيمىز،شۇڭا چۈشۈنىشلىك قىلىپ «دائىرسى» دەپ ئالساق،
    2)available ئىشلەتكۈچى ياكى قوللىنىشچان دېتاللار تەرىپىدىن ئىشلىتىشكە تەييار بولغان ھەر قانداق نەرسە،مەسىلەن مەلۇم بىر خاسلىقى دەيلى،بىز بۇ خاسلىقنىڭ ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىغا قارىساق «ئىشلەتكىلى بولىدىغان »دەپ بولسا قانداق بولىدۇ؟
    شۇڭا«ئىشلەتكىلى بولىدۇ»دىسەك مۇۋاپىقراق بولغۇدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 20:11
    • (2) available مەسىلەن: مەلۇم بىر خاسلىقى دەيلى،بىز بۇ خاسلىقنىڭ ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىغا قارىساق «ئىشلەتكىلى بولىدىغان »دەپ بولسا قانداق بولىدۇ؟
      =============================
      ئۆزىڭىز دەپسىزغۇ؟ يەنى بۇ خاسلىقنىڭ ئىشلەتكىلى بۇلىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىغا قارىساق دەپسىز، ئۇنداقتا بۇنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ ياكى بولمايدۇ دېسەك ئوبدان بولىدۇ. بۇ بىر سۈپەت سۆزى.

      سىزنىڭ تېلېفونىڭىزدا ھازىر سىگنال بار، تېلېفون ھەققى نېسى ئەمەس، ئىچىدە لىق پۇل بار. لېكىن سىز مەلۇم قۇملۇققا بارسىڭىز، تېلېفون ئېكرانىدا Service not available دەپ چىقىدۇ، گەرچە تېلېفوندا لىققىدە توك، ئىچىدە لىققىدە پۇل بولسىمۇ، سىز تېلېفوندا سۆزلىشەلمەيسىز، مۇشۇ ئەھۋالدا تېلېفونۇم توختاپ قاپتۇ دېمەيسىز ئەلۋەتتە، ئۇنداقتا قانداق ئىپادىلەيسىز؟ تېلېفونۇمنىڭ سىگنالى يوق دېسىڭىز خاتا بولىدۇ. تېلېفون مۇلازىمىتى توختاپ كەتكەن دېسىڭىز تېخىمۇ خاتا بولىدۇ. چۈنكى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى شەھەرلەردىكى باشقا خېرىدارلارغا نورمال مۇلازىمەت قىلىۋاتقان تۇرسا، پەقەت ئۇلارنىڭ تارقىتىش مۇنارىدىكى سىگنالى بۇ يەرگە يېتىپ كېلەلمىگەچكە، ئۇلارنىڭ مۇلازىمىتىنى بۇ قۇملۇقتا ياكى يەر ئاستىدا ئىشلەتكىلى بولمىغاچقا، تېلېفون ئېكرانىدا Service not available دەپ چىقىدۇ، «مۇلازىمەت تەييار ئەمەس» دېسىڭىزمۇ مۇۋاپىق ئەمەس. «مۇلازىمەت ئەلا ئەمەس» ياكى «مۇلازىمەت يېتەرلىك ئەمەس» قىسقا بولغان بىلەن يەنىلا، ئەسلىدىكى مەناسىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، ئۇنى تۇرمۇشتا دېسىڭىز بولىدۇ، «مۇلازىمىتىڭلار يېتەرلىك ئەمەس، ئەلا ئەمەس ياكى ناچار» دېگەندەك. «يېتەرلىك» دەپ قىسقا بولسا، مەنا ئىپادىلەنمەپتۇ دەپ، «ئىشلەتكىلى بولىدىغان» دەپ ئۇزۇن قىلىپ ئەسلىي مەنا ئىپادىلەنسە، قىسقا بولماپتۇ دېسەڭلار. ياكى ئۆزۈڭلار مانا مۇنداق دەپ نامزات سۆز كۆرسىتىپ، پاكىتنى ئوتتۇرغا قويمىساڭلار، مىكروسوفت دېگەندەك بۇنداق پىكىرلەر ئەمدى بۇ يەردە قوبۇل قىلىنمايدۇ.

      (1) دائىرىسى %200 بىلەن دائىرىسى %100 نى چۈشەندۈرۈپ بېقىڭ، بۇ يەردىكى zoom دائىم % ياكى 1X, 2X, 10X,… دېگەندەك ھەسسىلىك سان بىلەن كېلىدۇ، ئەلۋەتتە ئۇزۇنلۇق بىرلىكى بىلەن كېلىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار، لېكىن، دائىرە (يۈز، مەيدان) شەكلىدە كەلمەيدۇ. مەسىلەن: m*m, km*km

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 21:00
  • zoom تەڭشەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 17:23
  • E-mail نى «ئېلخەت» دەپ يازسا ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى كۆپ كىشلەرنىڭ مۇشۇنداق دېىگەنلىكىنى ئاڭلاپ كەلدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى am 10:17
    • مەن بۇ گەپنى چۈشەندۈرۈپ بولالماي بەك ھېرىپ كېتىۋاتىمەن.
      سىزمۇ شۇنداق ئويلايسىز، باشقىلارمۇ شۇنداق ئويلايدۇ، خۇددىي ھەممە ئادەم لۇغەتتە قېلىپلاشقان «خەتكۈش»نى «خەتكۈچ» دەپ خاتا ئويلىۋالغاندەك، مىكروسوفتنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى قېلىپلاشقان ئاتالغۇ،
      E-mail ئاتالغۇسى رەسمىي بېكىتىلمىغۇچە ئېلېكتىرونلۇق خەت بويىچە بولىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدىن ھېچقانداق خاتالىق چىقمايدۇ، ئەمما قىسقارتىش توغرا كەلسە، ئېخەت نامزاتى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، چۈنكى كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرى دۆلەت ئۆلچىمى يىغىنىدا، تىلشۇناسلار قىسقارتىش توغرا كەلسە مۇشۇنداق بېكىتىش دېگەن ئىدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى am 10:46
    • مەن بۇ گەپنى چۈشەندۈرۈپ بولالماي بەك ھېرىپ كېتىۋاتىمەن.
      سىزمۇ شۇنداق ئويلايسىز، باشقىلارمۇ شۇنداق ئويلايدۇ، خۇددىي ھەممە ئادەم لۇغەتتە قېلىپلاشقان «خەتكۈش»نى «خەتكۈچ» دەپ خاتا ئويلىۋالغاندەك، ئەمما مىكروسوفتنىڭ تەلەپ قىلىدىغىنى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە ئويلىغان ئاتالغۇسىنى ئەمەس، بەلكى كىتاب (لۇغەت) بولۇپ، ماددىي ئىسپات سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىققان قېلىپلاشقان ئاتالغۇدۇر، E-mail ئاتالغۇسى رەسمىي بېكىتىلمىغۇچە ئېلېكتىرونلۇق خەت بويىچە بولىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدىن ھېچقانداق خاتالىق چىقمايدۇ، ئەمما قىسقارتىش توغرا كەلسە، ئېخەت نامزاتى ئەڭ ئالدىدا تۇرىدۇ، چۈنكى كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرى دۆلەت ئۆلچىمى يىغىنىدا، تىلشۇناسلار قىسقارتىش توغرا كەلسە مۇشۇنداق بېكىتىش دېگەن ئىدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 12:15
    • مېنىڭچە كۆپ كىشىلەرنىڭ دېيىشى توغرا ئۆلچەم بولىشى ناتايىن. چۈنكى بەزىدە كۆپ كىشىلەر توغرا يولدىن چىقىپ كىتىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 19:06
  • available-ئىناۋەتلىك دەپ ئالسا قانداق بولار….مەسىلەن :رەسىم ئىناۋەتلىك ياكى ئىناۋەتسىز… دېگەندەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 22:04