zoom, account,…قاتارلىق ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىڭ (يېڭىلاندى) | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

zoom, account,…قاتارلىق ئاتالغۇلارغا پىكىر بېرىڭ (يېڭىلاندى)

[ ئاتالغۇلار ]

ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىدە (بولۇپمۇ To شەكىلدىكى) پېئىللارنى لۇغەتتىكى قائىدە بويىچە «-ماق\-مەك» شەكلىدە ئېلىنغانلىقى، ئەمما، ئارايۈز تەرجىمىسىدىكى جۈملىلەردە (مەسىلەن: كۇنۇپكا، تىزىملىكلەردە) «-ش\-ىش\-ۇش\-ۈش» دەپ ئېلىنغانلىقىنى، باشقا جايلاردا پېئىللارنىڭ ھەر خىل تۈرلىنىشىنىڭ جانلىق ئىشلىتىلگەنلىكى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرگەن ئىدىم. يەنە بىر قېتىم چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتىم.
==========================================
«ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»، خەمىت زاكىر، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا «-ماق\-مەك» ئىسىمداش جۈملىنىڭ سىرتىدا (لۇغەتلەردە) پېئىلغا ۋەكىللىك قىلىدۇ
==========================================
خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە، پېئىلنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى

بۇ لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان
==========================================
ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەردە، پېئىلنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى

بۇ لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان، ئىسىم شەكىلدىكىنى «-ش\-ىش\-ۇش\-ۈش» بويىچە تەرجىمە قىلىنغان


بۇ لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان
==========================================
ئۇنىڭدىن باشقا قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرگە قاراپ باقايلى، ئىنگلىزچە-ئۆزبېكچە لۇغەتلەردە، پېئىلنىڭ تەرجىمە قىلىنىشى

لۇغەتلەردە پېئىلنىڭ «-ماق\-مەك» ئىسىمداش شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان
==========================================
مەن يەنە مۆمىن ئابدۇللا تۈزگەن تۈركچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەرگە قاراپ باقساممۇ شۇنداق ئىكەن،
=========================================
دېمەك، تورداشلار پىكىر بەرگەندە قولىمىزدا بار بولغان ئۇيغۇرچە لۇغەتلەرگە قارىۋېتەيلى، ئۆيىمىزدە بولمىسا، كىتابخانا ياكى كۈتۈپخانىغا بارساقمۇ بولىدۇ، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكا كىتابلىرىغا بىر قاراپ بېقىپ پىكىر بېرەيلى، ئۇنداق قىلالمىساق، قالايمىقان پىكىر بەرمەيلى، رەھمەت!

*********************************************************
ھازىر بەزى ئاتالغۇلار توغرىسدا چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتىم.
(1) account picture
Windows ۋە Windows Live ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ھېساباتىغا باغلانغان بىر خىل رەسىملىك ئىپادىلىنىش
ھازىرقى تەرجىمىسى: ھېسابات رەسىمى (نامزات: باش سۈرەت)
بىر سۇڭلۇق يالاڭ باش چۈشكەن رەسىم دېمەپتۇ، بەزىلەر ئۆز ھېساباتىغا پۇتبول، چىملىق، ئوقيا،…دېگەندەك رەسىملەرنى بەلگىلىۋالىدۇ. بۇ نوقۇل باش سۈرەتنى كۆرسەتمەيدۇ. ئاككونت دېسىڭىز ئىنگلىزچە، ھېسابات دېسىڭىز ئەرەبچە، بۇ ئىككى ئاتالغۇنىڭ بىزنىڭ تىلىمىزغا نىسبەتەن ياتلىق (ياتلىشىش) دەرىجىسى ئوخشاش، بەرىبىر چەت تىلىدىن كىرگەن، لېكىن، ھېسابات دېگەن سۆز تىلىمىزغا بالدۇر كىرىپ، ئىزاھلىق لۇغەتلىرىمىزدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۇيغۇر تىلىغا تەۋە بولۇپ بولغان. شۇڭا، ئاككونت دېگەننى مەن ھەرگىز قوللىمايمەن.

(2) attachment
ئېلېكتىرونلۇق خەت ئۇچۇرى ئۆز ئىچىگە ئالغان تاشقى ھۆججەت.
ھازىرقى تەرجىمىسى: قىستۇرۇلما (نامزات: قوشۇمچە ھۆججەت)
بۇ يەردە ھالقىلىق سۆز ھۆججەت، يەنى E-mail غا قىستۇرۇپ ئەۋەتىدىغان ھۆججەتنى نېمە دېسەك بولار دېمەكچى؟ توختام تۈزگەندە يەنە 1-2 ۋاراقنى چاپلاپ، بۇ توختامنىڭ قوشۇمچە نۇسخىسى، ياكى قوشۇمچە توختام دەپ قويىدۇ.

(3) available
ئىشلەتكۈچى تاكى قوللىنىشچان دېتاللار تەرىپىدىن ئىشلىتىشكە تەييار بولغان ھەر قانداق نەرسە.
ھازىرقى تەرجىمىسى: يېتەرلىك (نامزات: تەييار، ئىشلەتكىلى بولىدىغان)
بۇ كومپيۇتېر ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان ئاتالغۇنىڭ بىرسى بولۇپ، ھەر خىل مەنىدە قوللىنىدۇ، بۇنى بىر خىل قېلىپتا ئېلىش سەل تەس ئوخشايدۇ.
service is available
No photos available
All available people are now invited to the chat.

(4) badge
قۇلۇپ ئېكرانىدا ياكى تىزمىدا كۆرۈنىدىغان بەلگە بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يېقىنقى پائالىيەتلىرى ۋە يېڭىلانمىلىرىنى بىلدۈرۈپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: قانچە پارچە ئېلېكتىرونلۇق خەت تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى، كومپيۇتېرنىڭ قولۇپلانغانلىقى ياكى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈلگەن ئەپ دېگەندەك
ھازىرقى تەرجىمىسى: ئەسكەرتمە بەلگە (ھازىرقى نامزات: ئەسكەرتمە)
ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇ يەردە ھالقىلىق سۆز بەلگە دېيىلىپتۇ، ھەرگىزمۇ reminder, note, memo, tip دېگەندەك ئەسكەرتىش، ئەسكەرتمە، ئەسكەرتكۈچى،…دېگەندەك گەپ قىلماپتۇ، ئەسلىي سۆزنىڭ يەنە بىۋاسىتە ئىزناك (ئىزنەك ئەمەس) دەپ مەنىسى بار

(5) tab
چەككىلى بولىدىغان ئارايۈز ئېلېمېنتى بولۇپ، قارماققا ھۆججەت قىسقۇچىنىڭ بەلگىسىدەك لايىھەلەنگەن. بەتكۈش ئادەتتە گورزېنتال ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر مۇناسىۋەتلىك بەت ۋە تور بەتلەرگە ئالمىشىشقا رۇخسەت قىلىنغان.
ھازىرقى تەرجىمىسى: بەتكۈش
بۇ ئاتالغۇنى ساھران ئەپەندىم ياسىغان دەپ بىلىمەن، لېكىن بىرمۇ تورداش بۇ سۆزنىڭ ئىملاسىنى توغرا دېمەي، خاتا دەپتۇ. ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتى 473-بەت، ئوڭ تەرەپ ئەڭ ئاستىدا، خەتكۈش، ئىسىم: ئوقۇۋاتقان بەتنى كېيىن ئاسان تېپىۋېلىش ئۈچۈن، بەت ئارىسىغا قىستۇرۇپ قويغان نەرسە دەپتۇ. بۇ سۆزنى مەن «خەتكۈش(خەتكۈچ ئەمەس)»تىن ئۆرنەك ئېلىپ ياسالغان سۆز دەپ بىلىمەن، شۇڭا، «بەتكۈش(بەتكۈچ ئەمەس)» دەپ ئېلىنغان. شۇڭا، ئەستايىدىل بولايلى. قارغۇلارچە باشقىلارنى تىللاپ كەتمەيلى. پىكىر بېرىشتىن ئىلگىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى ۋە ئىملا لۇغىتىنى ۋاراقلاپ قويۇڭ.

(6) zoom
ئىككى بارماقنى قارمۇ-قارشى يۆنىلىشتە يۆتكەيدىغان بىر خىل قوش ئىشارىسى (-> <- ياكى <- ->)
ھازىرقى تەرجىمىسى: يىراقلىقى


يۇقىرىقى رەسىمدىن zoom نىڭ «نىسبەت»، zoom in نىڭ «چوڭايتىش»، zoom out نىڭ «كىچىكلىتىش»، custom نىڭ «ئىختىيارى» دېگەن مەنىگە بىر قەدەر يېقىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.

ئېسىڭىزدە بولسۇن، zoom نى (-> <- ياكى <- ->) دەپتۇ، ھەرگىزمۇ (-> <- ۋە <- ->) دېمەپتۇ.
بەزىلەر چوڭ-كىچىكلىكى، چوڭ-كىچىك،…دېگەندەك پىكىرلەرنى بېرىپتۇ. بىز خەنزۇچە 大小 نى چوڭ-كىچىك دېمەي «چوڭلۇقى» دەپ تەرجىمە قىلغان. مەسىلەن: 文件大小 نى ھەرگىزمۇ ھۆججەت چوڭ-كىچىكلىكى ئەمەس، بەلكى ھۆججەت چوڭلۇقى دەپ ئالغان. Zoom ھەرگىزمۇ بىر جىسىمنىڭ ئۆزىنى چوڭايتمايدۇ ياكى كىچىكلەتمەيدۇ، بەلكى كۆرۈش ئارىلىقىنى (دائىرىسىنى) يىراق-يېقىن قىلىدۇ، شۇڭا، چوڭايتىش-كىچىكلىتىش دېسەك ئانچە مۇۋاپىق بولمايدۇ. قارىغاندا چوڭ-كىچىك (چوڭلۇقى)، يىراق-يېقىن (يىراقلىقى)، ئېگىز-پاكار (ئېگىزلىكى)، ياخشى-يامان(ياخشىلىقى)…مۇشۇ پىرىنسىپقا سالغان ئوخشايدۇ.

(7) E-mail
بۇنى چۈشەندۈرۈپ يۈرمەي، ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە «ئېلېكتىرونلۇق خەت» دېگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلىپ يېزىلىشى بولۇپ، ئۇيغۇرچە «ئې-خەت» دەپ يېزىشنى بىر قەدەر مۇۋاپىق كۆرگەن، لېكىن، بۇنداق قائىدە يوق دېگۈچىلەرمۇ بولغان. نەچچە قېتىملىق ئاتالغۇ يىغىنىدا، «ئېلخەت» دەپ يېزىلىشى رەت قىلىنغان، بۇنىڭمۇ سەۋەبى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدا بۇنداق قائىدە يوق. شۇڭا، ھازىرچە يەنىلا «ئېلېكتىرونلۇق خەت» بولۇپ تۇردى، چۈنكى مەيلى «ئې-خەت» ياكى «ئېلخەت» دەپ يېزىلىشى بېكىتىلسۇن، ئەسلىي سۆز يەنىلا مۇشۇ شۇ.
========
يۇقىرىدىكى ئاتالغۇلار ۋە Microsoft دىكى باشقا ئاتالغۇلارنىڭ تەرجىمىسىنى ئىنگلىزچە لۇغەتلەردە، كومپيۇتېرغا ئائىت كىتابلاردا، تور بېكەتلەردە ۋە باشقا يۇمشاق دېتاللاردا شۇنداق ئېلىنىپتىكەن، بۇ يەردىمۇ شۇنداق ئېلىنىپتۇ. بۇ يەردە بۇ ئىشنى كىم قىلىۋاتقاندۇ؟(ئېنىقلا مۇشۇ يەردىكى بىرسى)، نەگە كەلگەندۇ؟ (بۇرۇنقىدىن ئاز قالدى)، نېمە ئۈچۈن ئىنگلىزچە مۇنازىرە قىلىدۇ؟ (بۇنى ئېگە تەرەپ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، مىكروسوفتنىڭ خىزمەتتىكى ئالاقە تىلى ئىنگلىزچە)، نېمە ئۈچۈن بالدۇرلا قۇلۇپلايدۇ؟(ھازىرچە ھەر قانچە بولسىمۇ يېرىم ئاتالغۇ توغرا بولار) – دەپ ئارتۇق ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلىپ زېھنىڭلارنى سەرپ قىلماستىن، بەلكى، قانداق قىلغاندا بۇ ئىشنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ، مىكروسوفتنىڭ تەلىپى بويىچە ئالدى بىلەن ئۆز ۋاقتىدا، ئاندىن سۈپەتلىك تاماملىغىلى بولىدۇ دېگەننى ئويلىغان ئاساستا، ئىلمىي پىكىر بېرەرسىلەر. يەنە 8 كۈندىن كېيىن، بۇ ئاتالغۇلارغا قايتا قاراپ چىقىش تاماملىنىدۇ. ئۆزگىرىش بولسا، تاماملانغان ئارايۈز تەرجىمىسى ئۆزگەرتىلىدۇ، ئەدەبىي تەھرىرلىكىمۇ تەڭ باشلىنىدۇ. قارىغاندا ئۇ يەردە پىكىر بېرىشمۇ توختىغاندەك قىلىدۇ.

ئېسىڭىزگە سېلىپ قوياي، «ئۇيغۇر تىلى گىرامماتكىسى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى»(خەمىت زاكىت)، «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»(شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى) دېگەن كىتابنى يېنىڭىزدىن ئايرىماڭ. ئاتالغۇ مۇنبىرىدە بېلەتىڭ ئاز-كۆپلۈكى ھەرگىزمۇ ئاخىرقى قارارغا تەڭ بولالمايدىكەن(بۇنى مەن بېكىتمىدىم)، پەقەت ئىنكاسنىڭ ئىلمىيلىكى، پاكىتلىق بولۇشى ئاخىرقى قارارغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىكەن. شۇڭا، بېلەت تاشلاشقا قارىغاندا ئەڭ ياخشىسى پاكىتلىق بىر-ئىككى جۈملە يېزىپ قويۇڭ. رەھمەت!

يۇقىرىدىكى ئاتالغۇلارغا يەنە قانداق پىكىرىڭلار بار؟ قۇلۇپلانغان ئاتالغۇ ئىچىدە ئېغىر مەسىلىنى بايقىغان بولسىڭىز، دەرھال مەلۇم قىلىڭ يەنە پۇرسەت بار.

(ئاتالغۇلاردىكى پىكىرلەرنى بىر يەرگە توپلاش ئۈچۈن، بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرگە قالايمىقان چاپلىماڭ، رەھمەت!)
========================
پىكىر جەھەتتىن بىرلىككە كېلىنگەن ئاتالغۇلار (25-مارت سەھەر)

(1) account picture ھېسابات رەسىمى
(2) attachment قوشۇمچە ھۆججەت
(3) available ئىشلەتكىلى بولىدىغان (تەييار دېگەن نامزاتمۇ بار)
(4) badge ئەسكەرتمە بەلگە
(5) tab بەتكۈش
(6) zoom نىسبەت
(7) E-mail ئېلېكتىرونلۇق خەت (ئەمما ئېخەت نامزاتى ئۇنىڭ كەينىدە، چۈنكى دۆلەت ئۆلچەم يىغىنىدا، تىلشۇناسلار قىسقارتىش توغرا كەلسە مۇشۇنداق بېكىتىش دېگەن ئىدى، بۇ ئۆلچەم رەسمىي ئېلان قىلىنغانغا قەدەر مۇشۇ پېتى تۇرىدۇ)

يەنە 2 كۈن مۇنازىرە قىلىنىدۇ، ئېغىر مەسىلە بايقىغان بولسىڭىز، ۋاقتىدا پىكىر بېرىڭ. رەھمەت!

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
163 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 6
  • main app ،«ئاساسىي »بىلەن «ئاساسلىق» نىڭ پەرىقى بارمۇ ؟«باش ئەپ »دىسەك بۇلامۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى am 11:14
  • كەچۈرۈڭلار ،توغرىدەك قىلىدۇ ..ھى…ھى…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى am 10:57
  • main app بىلەن snapped app نىڭ ئەسلى ئىنىقلىمىسى ئالمىشىپ قالغاندەك قىلامدۇ قانداق ؟سىلەر قاراپ باققان بولساڭلار…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى am 10:54
  • badge
    «خەۋەرلەندۇرۇش بەلگە»،«خەۋەرلىنىش بەلگە»
    سۆز دىگەننى تۈزۈپ قۇياي…..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى am 10:30
  • «قول ئىشارەت»ياكى «بارماق ئىشارەت»…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى am 10:18
  • zoom دىگەنگە كۆرۈش نىسبىتى دىگەننى تەۋسىيە قىلىمەن، يەنى كۆرۈش نىسبىتىنى چوڭايتىش،كىچىكلىتىش، يەنى بۇ ئارقىلىق كۆرۈۋاتقان نەرسىنىڭ نىسبەت بويىنچە چوڭايتىپ،كىچىكلىتىپ بېرىدۇ.
    availableمەۋجۇت،تەمىنلەنگەن دىگەنلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن، بۇنىڭ قارشىسى، disableيەنى تەمىنلەنمىگەن، ئۆچۈرۈلگەن (ۋاقىتلىق ياكى مەڭگۈ) بولۇدۇ.
    clipboardنى قىيىشتاختىسى دەپ ئالساق قانداقكىن، بۇ ھېلىقى قەغەز،گېزىت لەرنى قىيىش، چاپلاشقا ئىشلىتىدىغان نەرسىكەنغۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى am 10:06
  • zoom
    بۇنىڭغا كەلسەك ئىسىم بولغاشقا «قول ئىشارەت » ياكى «ئىشارەت »دەپ ئالساق بولماسما؟يەنى بۇئىشارەت ئىككى خىل بۇلىدۇ (-> <- ياكى ) … ئىككى بارماقنى يىراقلاشتۇردىغان ياكى يىقىنلاشتۇرىدىغان ئىشارەت…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى am 10:04
    • مەنچە ئۇنداق ئالساق ئەسلى مەنىسىنى ئىپادىيەلمەي قالىدۇ. zoom يېڭى پەيدا بولغان سۆز بولغان بىلەن ناھايتى كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆز. بەزى تىللاردا تەرجىمە قىلماي ئاھاڭى بويىچىلا قوللىنىپتۇ، مەسلەن ياپۇنچىدە زۇ…م ‹ズーム › دىگەندەك. zoom نى كومپىيوتېر ساھەسىدە قولانغاندا مەنىسى ( zoom in (on بىلەن ئوخشاش بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدىكى ‹يېقىنلىتىش، يېقىنلاشتۇرۇش، يېقىنلىتىپ كۆرسىتىش،چوڭايتىپ كۆرسىتىش › لەر بىلەن ئوخشىشۇپ كېتىدىكەن. تەتۈرسى zoom out بولۇپ ‹يېقىنلىتىشتىن چېكىنىش، يىراقلىتىش، يىراقلىتىپ كۆرسىتىش، كىچىك ھالىتىدە كۆرسىتىش› دىگەندەك مەنالارنى بېرىدىكەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 13:53
  • available
    «ئاكتىپلىنىش»،«ئاتلىنىش»،«تەرەتتۇتلىنىش»؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى am 09:51
  • attachment
    «يانداش ھۆججەت»؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى am 09:40
  • ئىككىنچى ئاتالغۇنى «قىستۇرۇلما»دېگەندىن «قىستۇرما»دېسەكمۇ ئوخشاش چىقىدىغۇ.ھەم ئىخچام بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى am 00:39
  • سۈرەت ئۇقۇمى بىلەن رەسىم ئۇقۇمىنى چوقۇم كەسكىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك دەپ قارايمەن،ئاپاراتتا تارتقان نەرسە
    ھەرگىز «رەسىم»ئەمەس،بەلكى «سۈرەت»، سىزىپ چىقىلغان
    نەرسە «رەسىم»بولىدۇ.
    بىرىنچى ئاتالغۇنى ئەگەر خاس سۈرەت دېسەكچۇ؟
    دېمەكچى بولغىنىم،باش سۈرەت ئىشلەتكۈچىنىڭ ھېسابىغا
    باغلاندى دېگەنلىك پەقەت شۇنىڭغىلا خاس دېگەنلىك.شۇڭا
    خاس سۈرەت دېيىش مەنتىقىغە ياتىدۇ،ئەسلى مەنىدىن يىراقلاپ
    كەتتى دېسەك يىراقلاپ كېتىدۇ،يىراقلاپ كەتمىدى دەپ يېقىنلاشتۇرۇپ ئويلىساق يىراقلاپ كەتمەيدۇ.«خاس سۈرەت»
    دېسەك ھەم ئىخچام چىقىدۇ،«باش سۈرەت»دېگەنگە قارىغاندا
    مەنىسى تولۇقراق چىقىدۇ.سۈرەتنىڭ مەزمۇنى نېمىلا بولۇشىدىن
    قەتئىينەزەر ئۆزىگە «خاس»بولغاندىكىن مەنا ھامان توغرا ئىپادىلىنىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى am 00:36
  • كومپىيوتېر ئاتالغۇ لوغىتنىڭ ئېنىقلىمىسىدىن قارىغاندىمۇ ‹يىراقلىقى› بىلەن تازا ماس كەلمىگەندەك ھىس قىلدىم. ‹يىراقلىقى› دىگەن تەرجىمىنىڭ zoom نىڭ ئەسلى مەنىسى بىلەن پەرىق بولۇپ كىشىلەرگە خاتا ئۇقۇم بېرىپ قويارمىكىن دەپ ئەنسىرەپ، يېنىمدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزھاتلىق لوغىتى يوق ئەھۋلدا ئالدىراپ ئىنكاس يېزىپ سالدىم، خاتا سۆزلەپ سالغان بولسام كەچۈرگەيسىلەر.
    Computing Dictionary

    zoom definition
    graphics
    To show a smaller area of an image at a higher magnification (”zoom in“) or a larger area at a lower magnification (”zoom out“), as though using a zoom lense on a camera.
    Unlike in an optical system, zooming in on a computer image does not necessarily increase the amount of detail displayed since this is limited by what is actually stored in the image. Similarly, you cannot zoom out beyond the full size of the image.
    (1997-10-24)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 20:20
  • 6) zoom
    ئىككى بارماقنى قارمۇ-قارشى يۆنىلىشتە يۆتكەيدىغان بىر خىل قوش ئىشارىسى (-> <- ياكى )
    ھازىرقى تەرجىمىسى: يىراقلىقى

    بۇ تەرجىمىسىنى (يىراقلىقى) سەل غەلىتە بولۇپ قالغاندەك ھىس قىلدىم. مەنچە بۇ ئاتالغۇنى ‹يېقىنلاشتۇرۇش› دەپ ئالغان مۇۋپىقمىكىن دەپ ئويلىدۇم. ئېنگىلىز تىلى لوغەت ئېنىقلمىسىدىن قارىغاندا، مەيلى ئىسىم بولسۇن ياكى پىئېل بولسۇن ‹يىراقلىقى› بىلەن تازا ماس كەلمەيدىكەن.
    http://dictionary.reference.com/browse/zoom
    ?s=t

    zoom
    verb پىئېل ھالىتى
    Movies, Television . to bring a subject, scene, etc., into closeup or cause it to recede into a long shot using a zoom lens and while maintaining focus.

    Informal . to increase or rise suddenly and sharply: Rents would zoom without rent control laws.

    noun ئىسىم ھالىتى
    the act or process of zooming.

    Verb phrase
    zoom in (on
    a.
    to bring (a subject, scene, etc.) into closeup by using a zoom lens: to zoom in for a look at the injured man; to zoom in on a candidate at a political convention.

    b.
    to examine more closely or in greater detail; focus on: The panel zoomed in on the subject of abortion.

    كەسىپى ئاتالغۇ جەھەتتىن باشقىچە ئىزھاتى بارمىكىن بىلمىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 19:40
    • ئۇنداقتا سىزچە نېمە دەپ ئاتىساق بولار؟ ھازىر كېرەك بولغىنى نېمە دەپ ئاتاش

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 20:43
    • مەنچە بۇ ئاتالغۇنى ‹يېقىنلاشتۇرۇش› دەپ ئالغان مۇۋپىقمىكىن دەپ ئويلىدۇم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 20:50
    • zoom ئەسلى چاقماقتەك تېز سۈرئەتنى بىلدۇردىغان ئىملىق سۆزنىڭ تەلەپپۇزىغا ئاساسەن پەيدا بولغان سۆز ئىكەن (1886-يىلى). خۇددى ئۇيغۇرچىدىكى ‹شاپ-شۇپ. ۋاش-ۋۇش› لاردەك. بۇنۇڭغا ماس كېلىدىغان يېڭى سۆز ياسىيالايدىغانلار بولسا تېخىمۇ ياخشى ئىدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 21:09
    • zoom ئاتالغۇسىنى يىراقلىقى، چوڭلۇقى، دەپ ئاتىغاندىن كۆرە. كۆرۈنمە، كۆرۈنمىسى، كۆرسىتىلىشى مۇۋاپىقمىكىن. بەرىبىر چوڭ-كىچىك، يىراق-يېقىن قىلىپ ئەڭ ئاخىرىدا تەلەپ بويىچە مۇۋاپىق كۆرسىتىدىغان نەرسە بولغاندىكىن. كۆرۈنمە دەپ ئېلىنسا قانداق؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 18:04
  • بەك ياخش بوپتۇ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 17:34
  • مەنمۇ « بەتكۈش» دېگەننى توغرا دەپ قارايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 16:54
باھا بېتى: 1 2 3 6