نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 1.1.0.5 (ھەقسىز) تارقىتىلدى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 1.1.0.5 (ھەقسىز نەشرى) تارقىتىلدى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار،
ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى تارقىتىلغاندىن بۇيان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياخشى باھاسى ئېرىشىپ كەلدى. بۈگۈن يەنە يېڭى نەشرى تاماملىنىپ ئۇيغۇرسوفت ئورگان تورىدا رەسمىي ئېلان قىلىندى.

imla

(ئىزاھات: بۇ قېتىمقى نەشرى 1.1.0.5 بولۇپ، ھازىر 360 ۋىرۇسخورى ئورگان تەرەپنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، بىخەتەر يۇمشاق دېتال ئېتراپنامىسىگە ئېرىشتى، باشقا ۋىرۇسخورنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچنى ئىشەنچ رايونىغا تاشلاپ قويۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، بىز ھازىرچە دۇنيادىكى بارلىق ۋىرۇسخورلارنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىگە يوللاپ بولالمايمىز.)

ئاساسىي ئۆزگىرىشلەر:
(1) كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە يېڭىدىن قېلىپلاشتۇرۇلغان سۆزلەر قوشۇلۇپ، ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرى يەنە يېڭىلاندى.
(2) ئىملاسى دائىم خاتا يېزىلىدىغان نۇرغۇن سۆزلەرنى ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى داۋاملىق ياخشىلاندى.
(3) يېزىۋاتقاندا ئىملاسىنى مەجبۇرىي توغرىلاش ئىقتىدارى داۋاملىق ياخشىلاندى.

مەسىلەن: سەنشىڭ، گۇگىل، ئاندروئىد،..دەپ كىرگۈزۈپ بېقىڭ، قانداق ئىنكاس قايتۇرار؟

 

چۈشۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئۇيغۇرسوفت ئىملا تورىنى زىيارەت قىلىڭ.
http://imla.uighursoft.com

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
41 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم.
    ئىشلىرىڭىزغا ئاللاھ بەرىكەت بەرسۇن.
    مەن كورىكتورنىڭ كەسپىي نۇسخىسىنى سېتىۋالغان ئىدىم. ئەمما يىقىندا سىستىما يىڭىلاش مۇناسىۋىتى بىلەن كومپىيۇتىرىمغا Windows 7 نىڭ 64بىتلىق نۇسخىسىنى قاچىلىغانتىم شۇنىڭ بىلەن كورىكتور ئىشلىمەي قويدى.
    قارىسام بۇ سىستىما 64 بىتلىق سىستىمىدا ئىشلىمەيدىكەن. بۈگۈن جىددىي كىرەك بولۇپ يەنە شۇ 64 بىتلىق سىستىما بولغاچقا ئىشلىمەي بەك جىلە بوپ كەتتىم.
    ھەقسىز كورىكتوردا ئوڭغاي دىسەم، ئۇ رەسىم ۋە جەدىۋەللەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماتىرىيال ئىدى. ۋوردنىڭ ئۆزىدە قىلاي دىسەم ھەقلىق نۇسخىسى 64 بىتلىق سىستىمىدا ئىشلىمەيدىكەن.
    ئالدىراشلىقلىرىنى چۈشىنىمىز لىكىن مۇشۇنىڭ ئۈچۈن بىر ۋاقىت چىقىرىپ قويغان بولسىلىرى بەك ياخشى بولاتتى مۇئەللىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 15:32
  • مەن بۇ دېتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغان ئىدىم كىرىشتىن بۇرۇن تىزىملىتىش تەلەپ قىلىندىكەن شۇنىڭ بىلەن ئۈزۈمنىڭ ئېلخەت ئادرېسىم ئارقىلىق تىزىملىتاي دىسەم بۇ ئېلخەت تىزىملىتىپ بۇلۇنغان دەپ چىقتى شۇنىڭ بىلەن بىۋاستە كىرىش ئارقلىق ئۈزۈم ئادەتتە ئىشلىتىدىغان نام بىلەن تىزىملىتپ كىرسەم مەخپى نومۇر خاتا دەپ چىقتى، پارولنى تاپاي دىسەم پارولنى ئۇنتۇپ قالدىم دىگەن كۆزنەك بېسىلمايۋاتىدۇ، شۇڭا مەن قانداق قىلسام بۇ دېتالنى نورمال ئىشلىتەلەيمەن؟ بۇ دېتالنى ئىشلىتىش ئۈچۈن چوقۇم تىزىملىتىش شەرتمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 17:45
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ تور بەتكە ئەزا بولغىلى بولمامدا

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى am 03:57
باھا بېتى: 1 2 3