ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 1.1.0.5 (ھەقسىز) تارقىتىلدى
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 1.1.0.5 (ھەقسىز نەشرى) تارقىتىلدى
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار،
ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى تارقىتىلغاندىن بۇيان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياخشى باھاسى ئېرىشىپ كەلدى. بۈگۈن يەنە يېڭى نەشرى تاماملىنىپ ئۇيغۇرسوفت ئورگان تورىدا رەسمىي ئېلان قىلىندى.
(ئىزاھات: بۇ قېتىمقى نەشرى 1.1.0.5 بولۇپ، ھازىر 360 ۋىرۇسخورى ئورگان تەرەپنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، بىخەتەر يۇمشاق دېتال ئېتراپنامىسىگە ئېرىشتى، باشقا ۋىرۇسخورنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچنى ئىشەنچ رايونىغا تاشلاپ قويۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، بىز ھازىرچە دۇنيادىكى بارلىق ۋىرۇسخورلارنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىگە يوللاپ بولالمايمىز.)
ئاساسىي ئۆزگىرىشلەر:
(1) كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە يېڭىدىن قېلىپلاشتۇرۇلغان سۆزلەر قوشۇلۇپ، ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرى يەنە يېڭىلاندى.
(2) ئىملاسى دائىم خاتا يېزىلىدىغان نۇرغۇن سۆزلەرنى ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى داۋاملىق ياخشىلاندى.
(3) يېزىۋاتقاندا ئىملاسىنى مەجبۇرىي توغرىلاش ئىقتىدارى داۋاملىق ياخشىلاندى.
مەسىلەن: سەنشىڭ، گۇگىل، ئاندروئىد،..دەپ كىرگۈزۈپ بېقىڭ، قانداق ئىنكاس قايتۇرار؟
چۈشۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئۇيغۇرسوفت ئىملا تورىنى زىيارەت قىلىڭ.
http://imla.uighursoft.com
- يازما كۆرۈلۈشى: 6,240 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 02-ئاينىڭ 28-كۈنى am 0:00
- ئالدىنقى يازما :مىكروسوفتنىڭ «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى»دىكى خەۋىرى
- كېيىنكى يازما :Theory AND 100 % legal Mother nature herself OF Foreign SANCTIONS
كومپىيوتېر سەپلىمىسىگە بولغان تەلەپ بەك چوڭ. CUP دىن بىرنى مەخسۇس سەپلىسەك بولغىدەك بوپقاپتۇ بۇ، كېيىنكى نەشىرلىرىدە تېخىمۇ ئلغارلىشىشىغا ئىشىنىمەن.
كورىكتورغا كىرگىلى بولمىدى، چۈشۈرۈش بېتى ئېچىلمايۋاتىدۇ
مەن بىر قانچە تەكلىپنى بەرسەم:
1: سىستىمىغا كىرىش جەريانىدا (تور بەك ئاستا بولسا، كىرىش ئۇچۇرلىرىم تەستىقلىنىپ بولغىچە قاتىدىكەن) قېتىۋالىدىكەن. بۇنىڭغا 多线程 قىلىپ لايىھەلەنگەن بولسا.
2: قاچىلاش پىروگىراممىسى ئۇيغۇرچە قىلىنغان بولسا. بۇ ھازىرچە پەقەت بىز ئۈچۈنلا خىزمەەت قىلغان بولغاندىكىن. خەنزۇچە ۋە ئىنگىلىزچىنى بىلمەيدىغانلاارمۇ بىمال ئىختىيارى قاچىلىيالىسا.
3: ئارا يۈزىگە كۈچىگەن بولساڭلار.
4: سىنبەلگىسىمۇ windows93 دەۋرىنى ئەسلىتىپ قۇيىۋاتىدۇ. سىلىقلاشتۇرۇلغان بولسا دىمەكچى.
لۇغەتكە خاتا سۆز قوشۇپ قالساق، ياندۇرۇۋالىدىغان بىر ئىقتىدار قوشۇلغان بولسا!
بولىدۇ، مەن ئويلىشاي. ئەمما ئەستايىدىل بولۇڭلار
مىنىڭ دىگىنىم چاق چاق ئەمەس ، ھەقىقەتەن ئاشۇنداق ئىسىمدىن چاتاق چىقتى. ئەلۋەتتە بىز ئۆزىمىز مۇشۇنداق بولسۇن دەپ بىكىتىلگەن سۆزلۈكلەر بار ، گەرچە ئاساسىي لۇغەت ئامبىرىدا يوق بولغان بىلەن، بىزنىڭ شۇ يازما ياكى شۇ كىتابتا پۈتۈنلەي شۇنداق ئېلىنىشى كىرەك ، ئۇنداق سۆزلۈك 100 دىن ئاشىدۇ ، لىكىن سىزگە ئەۋەتىپ ئۇنى ئاساسىي ئامبارغا قوشۇپ بەرسۇن دىيىشنىڭ پەقەتلا ئورنى يوق. شۇڭا توپ سۆز كىرگۈزۈش ئۇسۇلى بولسا ياخشى بولار ئىدى.
ئىنتايىن ياخشى بوپتۇ ، ئۇيغۇرسوفىت تورلۇغىتىنىڭ ۋىندوۋس پون نۇسخىسى بولغان بولسا. بىزنىڭ مەلىدە بالىلار شۇنى دىيىشىپ تۇراتتۇق
…فوتوشۇپمۇنىڭ سىن بەلگىسىمۇ ئۆزىنى ئىپادىلەپ بىردىكەن،توربانكىسنىڭ سىن بەلگىسمۇ ئۆزىگە خاس شۇنداق ياخشى..
ئامما مۇشۇ ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ سن بەلگىسى زە……
قايتا بىر ياساشقا پىدايى تەكلىپ قىلىپ باقساق دىگەن بىر تەكلىۋىم بارئىدى…..بۇ پىكرىم ئارتۇقچە بولسا ئۆزىرە….
ۋىندوۋس يانفۇنىغا قايتىدىن بىلەت تاشلاۋېتىپتۇ : http://alip.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=38262&extra=&page=1
ئالىم مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز؟
يازمىغا مۇناسىۋەتسىز سۇئالدىن بىرنى سوراپ قالدىغان بولدۇم، vb.net ئارقىلىق كومپىيۇتېر دىتالى تۈزگەندە، توپ تاللانغان ھۆججەتلەرنىڭ md5 قىممىتىنى ساندانغا ساقلايدىغان دىتال ياسىغىلى بولامدۇ؟
ئالدىنقى قېتىم سىزنىڭ كۇرسىڭىزغا قاتنىشىپ خېلى نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغان ئىدىم، بۇ قېتىم قول سېلىپ ئازراق بىر نەرسە ياساپ باقاي دىگەن ئىدىم.
ئالىم مۇئەللىم بولسا ئىملا تەكشۈرۈش دېتالىغا ‹تەڭشەك›دىگەن كۆزنەكتىن بىرنى قوشۇپ بەزى ئىقتىدارلارنى ئىشلىسۇن ياكى ئىشلىمىسۇن دەپ تاللاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلسىڭىز بوپتىكەن. مەسىلەن رەڭلەرنىڭ بويىلىشىنىڭ قانداق رەڭدە بويىلىدىغانلىقى ۋە سۇس قېنىقلىق دەرىجىسى ، ئاپتۇماتىڭ ئۆزگەرتىدىغان سۆزلەرنى ئۆزىمىز قولدا يېزىپ قوشقىلى بولىدىغان قىلىپ تاللىيالىساق ياخشى بولاتتى. ‹جاڭ سەنشىڭ› دىگەن ئەپەندىنىڭ ئىسمىنى مەجبۇرىي ‹جاڭ سامسۇڭ› دەپ ئۆزگەرتىپ ‹ ئۇنى بولدى ئۆزگەرىتمىگىن خوش بوپ كىتەي › دىگەن بۇيرۇقنى بىرەلمەي قىينىلىپ كەتتۇق.
دېگەنلىرىڭىز بەك توغرا، مۇشۇنداق ئىشلىتىپ بېرىدىغانلار چىقىپ تۇرسا، ئىقتىدار جەھەتتە مۇشۇنداق ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىپ تۇرسا، بىز ئەلۋەتتە تېخىمۇ ياخشىلايمىز. ئاۋۇ يازغان مىسال چاقچاقمۇ ياكى راستمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مەن doc ھۆججىتىنى rtf فورماتىدا ساقلاپ، ئىملا توغرىلاپ بولغاندىن كېيىن، ھۆججەتنى يەنە rtf فورماتىدا ساقلىسام، ھۆججەت مەزمۇنى پۈتۈنلەي قالايمىقان كودقا ئۆزگىرىپ قاپتۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،بەك ياخشى بوپتۇ ،ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن .
سوراپ باقسام ،ھازىرقى سۆزلۈك ئامباردا قانچىلىك تەنتەربىيەگە ئائىت ئاتالغۇلار بار ؟رونالدو ،بارسېلونا دېگەندەك سۆزلۈكلەر بار ئىكەن ،لېكىن باشقا نۇرغۇن كۇلۇب ۋە تەنھەرىكەتچى ئىسىملىرى يوقكەن ،يېقىندا بىز پۇتبول مۇنبىرى مۇنازىرە قىلىپ پۇتبولغا ئائىت كۆپ ئۇچرايدىغان ئاتالغۇلارنى بېكىتىپ سۆزلۈك ئامبىرى ياساشنى ئويلاشقان ئىدۇق،ئەگەر شۇنداق سۆزلۈك ئامبار ئىشلىنىپ قالسا ،ئۇيغۇر سوفت لۇغىتىگە ۋە مۇشۇ ئىملا تەكشۈرۈش دېتالىغا كىرگۈزگىلى بولامدۇ ؟
ئەلۋەتتە بولىدۇ، مەن بەك خۇشال بولىمەن بۇنداق ئىشلاردىن
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،مىنىڭ كومپيۇتېرىم win7 64بىتلىق ئىدى ،ئۇيغۇر سوفىت ئىملاچىسىنى قاچىلاپ ئىشلەتكەنتىم ،ناھايىتى قولايلىق ئىكەن ،رەھمەت ،ئاللاھ قولۇڭلارغا دەرت بەرمىسۇن.
ئەسسالامۇئەيكۇم ئالىم مۇئەللىم:
ئالدى بىلەن ئۇلۇغ رەببىمدىن ئىشلىرىڭىزغا ۋە ئۆمۇرىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!
ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يېڭى نەشىرىنى قاچىلىغاندىن كىيىن نۇرمال ئېچىلدى،تىزىملىتىپ بولغاندىن كىيىن ئىشلەتكۈچى بىلەن پارولنى كىرگۈزۈپ كىرىشنى چەكسەم Uighursoft IMLA已停止工作
windows可以联机检查该问题的解决方案
联机检查解决方案并关闭该程序
关闭程序
مۇنداق چىقىۋىلىپ پەقەت قوزغالمىدى،سىستېما win7 64لىك ئىدى،بۇ كومپىيۇتېرنىڭ سىستېمىسىدىكى چاتاقمۇ ياكى ئىملا تەكشۇرگۈچتىكىمۇ پەقەتلا بىلەلمىدىم!
Windows نىڭ ئەڭ يېڭى ياماقلىرىنى قاچىلاڭ، مېنىڭمۇ Windows 7 نىڭ 64 بىت نەشرى،
رەخمەت سىزگە، بىر نەچچە ئىشنى بايقىدىم، سان ئارلىشىپ كەلگەن ۋاقىتتا تەكشۈرسە ساننىڭ ئالدىدىكى سۆز بىلەن كەينىدىكى سۆزنى قوشۇپ كۆرسىتىدىكەن مەسلەن (بەدىيان6گىرام )نى (بەدىيانگىرام)قىلىپ كۆرسەتتى. (بۇنداق چىقىپ قېلشى ساننىڭ ئالدى، كەينىدە بوشلۇق بولمىسا كۆرۈلدىغان ئوخشايدۇ)يەنە بىر مەسىلە تېكىسىت مەزمۇنى سەل ئۇزۇن بولسا تەكشۈرۈپ ئاز قالغاندا پۈتۈن سۆزلەرنى ئايرىپ ئالدىدىكى سۆزنىڭ يېرمىنى كەينىدىكى سۆزنىڭ يېرمىنى بىرلەشتۈرۈپ ئىملا خاتالىقى دەپ چىقىدىكەن، بۇۋاقىتتا تەكشۈرۈشنى توختىتىپ قايتا تەكشۈرسەك نورمال تەكشۈرەيدىكەن، يەنە بىر ئىش، كۆچۈرۈپ ۋورۇد چاپلاپ ئىشلەتكەندە رەڭلىك ھالەتتە كۆچۈرۈلدىكەن، بەزى ۋاقىتلاردا تېكىست ئىچىدە رەڭلىك خەت بولسا تۈزەتمەك تەس كىلدىكەن.