ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 1.1.0.5 (ھەقسىز) تارقىتىلدى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 1.1.0.5 (ھەقسىز) تارقىتىلدى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 1.1.0.5 (ھەقسىز نەشرى) تارقىتىلدى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار،
ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى تارقىتىلغاندىن بۇيان ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ياخشى باھاسى ئېرىشىپ كەلدى. بۈگۈن يەنە يېڭى نەشرى تاماملىنىپ ئۇيغۇرسوفت ئورگان تورىدا رەسمىي ئېلان قىلىندى.

imla

(ئىزاھات: بۇ قېتىمقى نەشرى 1.1.0.5 بولۇپ، ھازىر 360 ۋىرۇسخورى ئورگان تەرەپنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، بىخەتەر يۇمشاق دېتال ئېتراپنامىسىگە ئېرىشتى، باشقا ۋىرۇسخورنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچنى ئىشەنچ رايونىغا تاشلاپ قويۇپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، بىز ھازىرچە دۇنيادىكى بارلىق ۋىرۇسخورلارنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىگە يوللاپ بولالمايمىز.)

ئاساسىي ئۆزگىرىشلەر:
(1) كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە يېڭىدىن قېلىپلاشتۇرۇلغان سۆزلەر قوشۇلۇپ، ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرى يەنە يېڭىلاندى.
(2) ئىملاسى دائىم خاتا يېزىلىدىغان نۇرغۇن سۆزلەرنى ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىش ئىقتىدارى داۋاملىق ياخشىلاندى.
(3) يېزىۋاتقاندا ئىملاسىنى مەجبۇرىي توغرىلاش ئىقتىدارى داۋاملىق ياخشىلاندى.

مەسىلەن: سەنشىڭ، گۇگىل، ئاندروئىد،..دەپ كىرگۈزۈپ بېقىڭ، قانداق ئىنكاس قايتۇرار؟

 

چۈشۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، ئۇيغۇرسوفت ئىملا تورىنى زىيارەت قىلىڭ.
http://imla.uighursoft.com

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
41 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • سالام ئالىم ئەھەت مۇئەللىم،
    قىلغان ئەجرىڭىز ئۈچۈن سىزگە كۆپ رەھمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:11
  • رەھمەت سىزگە .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 17:29
  • كوررېكتورغا ئۇيغۇرچە ئىسىم بىلەن تىزىملىتىپ ئىسىم پارولنى ئەستە ساقلاش قىلىپ قۇيۇپ قايتا كىرسە ئۇيغۇرچە ئىسىم ؟؟؟؟ سۇئال بەلگىسىدە چىقىدىكەن يەنە قايتا يىزىشقا توغرا كىلدىكەن ئىسىمنى،مۇشۇ خاتالىققنى تۈزۈتۈپ قويسىلا بولغىدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 15:46
  • كەسپى ئاتالغۇچلارنىڭ ھەممسى خېمىيلىك ناملار ، ماتېماتىكا ، فىزىكا لاردىكى ئۆزگەرمەس سۆزلەرنى مەجبۇرى توغرىلاپ چىقىرىپ بىرىدىكەن.
    ‹ئاندىرويىد ›نى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسى ‹ئاندىروئىد› ئالغىلى تۇرۇپتۇ..ھېلقى ژىپەك يۇلى ساداسىنىڭ ئاستىدا چقىدىغان ئاقما خەتتە. شۇنى توغرىلاپ قويسا بولىتى دەپ قالدىم ئۆزەمچە…

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 15:06
  • ياخشى بوپتۇ، مەن ئىنتاين ياقتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتىمەن.
    سىلەرگە كۆپ رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 13:52
  • ئېتراپنامىسىگە

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 13:18
  • ياخشى بوپتۇ،رەھمەت سىلەرگە!تېمىنىڭ مەزمۇنىنى بۇ كوررېكتوردىن ئۆتكۈزمەپسىز جۇمۇ،ئىزاھات مەزمۇنىنى تەكشۈرسەم دېگەن سۆزدىكى خاتالىقنى تاپتى،بولىدىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 13:18
  • بۇ نەشرى ياخشى چىقىپتۇ، بۇرۇنقى نەشرىدە بەزىدە خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋېلىپ چېكىنىپ كېتەتتى.
    مۇشۇ دېتالغا ئەجىر سىڭدۈرگەن بارلىق قېرىنداشلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 12:05
  • چۈشۈرۈپ، يېڭىلىۋالدىم. ھارمىغايسىلەر!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى am 11:24
  • win10دا ئۇيغۇرچە قېتىلغانلىق توغرىسدا خەۋەر يوقما ئالىم مۇئەللىم؟مەن بەك تەقەززا بوپ كەتتىم…

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى am 11:10
  • ھارمىغايسىز، بۇ دېتالنى ئىشلەتكەندىن بۇيان نۇرغۇن سۆزلەرنى بىلىپ بىلمەي خاتا يېزىپ قويىدىغانلىقىمنى ھىس قىلدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى am 11:06
  • مەن بۇنىڭدا ئېملانى تەكشۈرۈپ بۇلۇپ كۈچۈرۈپ ۋورتقا چاپلىسام
    侅游爝灬燹 鸯砬溽燹 ې蠍ە? ۇ? ۇ妻ۇ? ? ې沅? 惽ڭ愳鸯熟? ۇ揄ۇ? . ۈ嶄哽 哽造ە嵫潇ڭ ە湟煅煜ە 奇冗ې熟? ە溲屿ە嵫

    مۇشۇنداق چىقىۋالدى . ئەلكاتىپمۇ قاچىلانغان ، ئەلكاتىپ خەت نۇسخىغا تەڭشىگەن . ۋوردنىڭ 2007يىللىقنىڭ نەشرى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:56
    • مۇشۇ دېتالدا تۇرۇپ ھەممىنى كۆچۈرۈپ، ئاندىن Word نىڭ ھەرقانداق نەشرىگە چاپلىسىڭىز نورمال چىقىدۇ، ئۇنداق قىلماي مۇشۇ دېتالدا RTF ھۆججەتكە ساقلىۋېلىپ، ئاندىن Word تا ئاچسىڭىز، سىز دېگەن ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 18:25
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم، سىزدىن مۇشۇ ئىملادىكى سۆزلەر توغرۇلۇق سورىماقچى ئىدىم. مۇشۇ گۇگىل، ئاندروئىد دېگەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى بېكىتىشتە قايسى قائىدىنى ئاساس قىلدىڭىز؟
    گوگۇل، ئاندرويىد دەپ يازسا توغرا بولامدۇ قانداق؟ بولسا مۇشۇ ھەقتىكى قائىدىنى دەپ بەرسىڭىز، ياكى بولمىسا مۇشۇنداق ئىملاسى يېڭى بېكىتىلگەن، ئىملا لۇغىتىدە يوق سۆزلەرنىڭ تىزىملىكىنى ئاشكارىلىسىڭىز بوپتىكەن. رەھمەت. سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:19
    • بۇ يەردە تەپسىلىي پاراڭلاشقان ئىدۇق، قاراپ باقسىڭىز.
      ?p=4295

      ئىملا لۇغىتىدە يوق، ئىملاسى بېكىتىلگەن سۆزلەرنىڭ سانى ئىملا لۇغىتىدە ھازىر بار بولغان سۆزلەردىنمۇ كۆپ. ئۇنىڭ ھەممىنى بۇ يەردە ئاشكارىلاشنىڭ قانداق زۆرۈرىيىتى بارلىقىنى ھېس قىلالمىدىم، ھازىرچە مۇشۇ ئىملا تەكشۈرگۈچنى ئىشلىتىپ تۇرۇڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 18:28
  • ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە تەشەككۈر! مەكتىپىمدىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار نامىدىن سىزگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى am 09:33
  • ھارمىغايسىز…..!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى am 00:36
باھا بېتى: 1 2 3