زادى بۈگۈنمۇ ياكى ئەتىمۇ؟
[ تاغدىن-باغدىن ]ھازىرقىدەك نازۇك كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرى، ئىلغار ھېسابلاش قورالى بار بۇنداق دەۋردە ئاددىي ئاسترونومىيەلىك ھادىسىسى بولغان كۈن چىقىش، كۈن پېتىش، شۇنداقلا ئاي كۆرۈنۈش، ھەتتا قايسى جايدا، قانداق شەكىلدە كۆرۈنۈش دېگەندەك مەسىلىلەر ئىختىلاپ قىلغۇدەك مەسىلە بولماسلىقى كېرەك ئىدى.
كالېندار يوق زاماندا ئاسماندا كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇزلار بار ئىدى (ئەلۋەتتە باشقا نەرسىلەرمۇ بار). مىلادىيە كالېندارى كۈننى ئاساس قىلسا، ھىجرىيە كالېندارى ئاينى ئاساس قىلىدۇ. شۇڭا، بۇنداق ئىشلاردا كالېندارنى ئاساس قىلىش توغرا ئەمەس، پەقەت قوشۇمچە پايدىلانساق بولىدۇ، چوقۇم ئاينى كۆرۈپ ئاساس قىلىش كېرەك. كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇز، شۇنداقلا جاھاندىكى ھەممە شەيئىي مۇئەييەن قانۇنىيەتكە بويسۇنىدۇ. ئۆز مەنزىلىگە قاراپ سەيلە قىلىدۇ. ئەمما، ھازىرقى زاماندا بۇنداق قانۇنىيەتلىك نەرسىلەرنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇل بىلەن كومپيۇتېردا پىروگرامما يېزىپ ھېسابلاش بەكلا ئاددىي ئىش (مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى كەسپىم دەل مۇشۇ)، بۇنداق نەرسىلەرنى ھېسابلايدىغان باشقىلار ياساپ چىققان تەييار يۇمشاق دېتاللارمۇ بەك كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسماندا ئايلىنىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھلارغا ئورنىتىلغان كامېرا ئارقىلىق بۇنداق ھادىسىلەرنى ئىنتايىن كىچىك خاتالىق پەرقى بىلەن كۆزىتىشكە ۋە ھېسابلاشقا تامامەن مۇمكىن (ئەمما، بۇ توغرىسىدا يەنە ئىختىلاپ قىلىمەن دېسىڭىز بۇ تېمىنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇماڭ). بۇنداق ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا ياسالغان، ئالقىشقا ئېرىشكەن تەييار خەرىتە يۇمشاق دېتاللىرىمۇ بار. مەسىلەن: google earth, google skymap،…دېگەندەك. (ماڭا ئەڭ يارايدىغىنى Windows دۇكىنىدىكى 星图 دېتالى، بۇنىڭدا 9-چېسلا كەچتە ئاينىڭ قانداق شەكىلدە ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىز) ياكى بۇنداق مەلۇماتلار بەزى نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنىدۇ. ئەمما بۇلارنىمۇ قوشۇمچە ئاساس قىلىسىز.
مېنىڭ بۇ يەردە نەق دېمەكچى بولغىنىم، مۇشۇ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە بەزى تورداشلارنىڭ بۇنداق مەلۇماتلارنى نوپۇزلۇق تور بېكەتلەردىن ئىزدەپ باقماي، پەرەزگە ئاساسەن ھۆكۈم چىقىرىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. ئەڭ مۇھىمى شەخسلەر بىلەن ھۆكۈمەت قۇرغان تور بېكەتلەرنى ئايرىپ بولالماسلىقى مېنىڭ بۇ تېمىنى يېزىشىمغا سەۋەبچى بولدى. بەزىلەر تور ئادرېسىنىڭ ئاخىرى org ياكى net بولغان تور بېكەتلەرنى ھۆكۈمەت تور بېكىتى دەپ قارايدىكەن. سەئۇدىي ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تور بېكىتىنى كۆرمەكچى بولساڭلار، تور ئادرېسىنىڭ ئاخىرىغا gov.sa كېلىدۇ (يەنى ھۆكۈمەت چېكىت سەئۇدىي ئەرەبىستان). مەن پەقەت بۇ يەردە بىر-ئىككى ھۆكۈمەت تور بېكىتىنى كۆرسىتىپ ئۆتىمەن، ئەمما باشقا ئىشلارنى مەن بىلمەيمەن، تورداشلارنىڭ ئۆزى پىكىر قىلىپ ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سەئۇدىي ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورگان تور بېكىتى
سەئۇدىي ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورگان تور بېكىتى (ئەرەبچە)
سەئۇدىي ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورگان تور بېكىتى
سەئۇدىي ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورگان تور بېكىتى (ئەرەبچە)
مەن بۇ يەردە پەقەت شەخسلەر قۇرغان تور بېكەت بىلەن ھۆكۈمەت قۇرغان تور بېكەتلەرنى قانداق پەرقلەندۈرۈش ھەققىدە سۆزلىدىم، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق نەرسىنى خۇلاسە قىلمىدىم ھەم قىلالمايمەن، ئارتۇق پىكىر يېزىپ يۈرمەڭلار، پىكىر قىلىش تورداشلار ئۆزۈڭلارغا قالدى.
===========
مانا بۈگۈن يەنى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى (پەيشەنبە) سەئۇدىي ئەرەبىستاندىمۇ شەۋۋال ئېيى كىردى، يەنى 7-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا دەل 30 كۈنلۈك روزا توشۇپ، 31-كۈنى يەنى شەۋۋال ئېيىنىڭ 1-كۈنى روزا ھېيت بولدى. سەئۇدىي ئەرەبىستاندىمۇ بۈگۈن (8-ئاينىڭ 8-كۈنى) روزا ھېيت بولدى.
- يازما كۆرۈلۈشى: 5,962 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 07-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 21:53
- ئالدىنقى يازما :غۇلجىغا سەپەر
- كېيىنكى يازما :Windows دۇكىنىدا تۇنجى ئۇيغۇرچە ئەپ ئېلان قىلىندى
لېكىن مىنىڭ 29 كۈن بوپ قالدى . 8 – 8 – كۈنى ھېيت قىلدىم !
زادى ھەر يىلى بار بۇ ئىش ….
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!
ئەرەبىستاندىمۇ راستىنلا بۈگۈن 8-ئاينىڭ8-كۈنى ھېيت نامىزى ئوقۇلغانمىدۇ؟!
بۇ دېتالدىن پايدىلانسام ،7-ئاينىڭ 9- كۈنى ئاي قۇياشتىن تەخمىنەن 4مىنۇت بۇرۇن پاتىدىكەن ، 10-چىسلا ئاي قۇياشتىن تەخمىنەن 4مىنۇت كىيىن پاتىدىكەن ،دىمەك 10-چىسلا ئاينى كۆرگىلى بولىدۇ .
مەن ئاستورنومىيە ھەۋەسكارى بۇدېتالنى ئىشلەتكەن بىرنەچچە يىلدىن بىرى بىرەر قىتىممۇ خاتالىق بايقاپ باقمىدىم .
مەن سىلەرگە بىر دېتالنى تەۋىسىيە قىلاي ،بەك قولايكەن
Stellarium
بەيدۇ دىن ئىزدىسىڭىز خەنچە نۇسخىسى بار ، ئىشلىتىش بەك ئاسان .
2013/7/9=1
2013/7/10=2
2013/7/11=3
2013/7/12=4
2013/7/13=5
2013/7/14=6
2013/7/15=7
2013/7/16=8
2013/7/17=9
2013/7/18=10
2013/7/19=11
2013/7/20=12
2013/7/21=13
2013/7/22=14
2013/7/23=15
2013/7/24=16
2013/7/25=17
2013/7/26=18
2013/7/27=19
2013/7/28=20
2013/7/29=21
2013/7/30=22
2013/7/31=23
2013/8/1=24
2013/8/2=25
2013/8/3=26 (قەدرى كېچىسى)
2013/8/4=27
2013/8/5=28
2013/8/6=29
2013/8/7=30
بولدى،بىلدىم.9-چىسلادىن باشلاپتۇ.
10-چىسلادىن باشلىغانلىقىنى دەپتىغۇ بىر تورداش
بۇ چىسلا ھەركۈنى ئۆزگۈرەپ تۇرىدىكەنغۇ؟زادى قانچىنچى چىسلادىن باشلىدى؟
چۈشەندۇق مۇئەللىم !
بىر گەپنى سورىۋالغۇم كېلىۋاتىدۇ، ماتېماتېكا ئۆگىنىشتە نېمىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ماتېماتېكا پېنىنىڭ تۈرلىرى بەك كۆپكەن ھەم ھەممە پەندە رولى باركەن. مەن ماتېماتېكىغا بەك قىزىقىمەن. لىكىن ئاساسىم پەقەت ياخشى ئەمەس. قانداق ئۆگەنسەم ياخشى بۇلار ؟
قايسى جايدىكى ئاساسىڭىز چولتا بولسا، شۇ يەردىن باشلاپ ئۆگىنىڭ
نېمىشقا ئۇيغۇرلارنىڭ *.uig بولميدۇ. ئۇيغۇر تور بەتلىرىمۇ نىسبەت جەھەتتىن يولداشلارنىڭكىدىن جىق تۇرسا
ئوغاۋالىدەك گەپ…..
تورداشلار يەنە باشقا دۆلەتلارنىڭ تۇرىغا چىقماقچى بولسا ،مەسىلەن ياپۇنىيە http://www.alimahat.jp،بۇ يەردىكى jp دەل ياپۇنىيەنىڭ ئېنگىلىزچە نامىنىڭ قىسقارتىلغان نامى. باشقا دۆلەتلارنىڭمۇ شۇ دۆلەتلارنىڭ ئېنگىلىزچە نامنىڭ قىسقارتىلغان ھەرىپنى توربەت ئادرىس ئارقىسىغا قوشسىڭىز شۇ دۆلەتنىڭ تۇرىغا كىرەلىشڭىز مۆمكىن .(پەرەز)
مەنمۇ 7-چېسلا سەئۇدى تەرەپ خەۋەردە سىز ئۈستىدە دەپ ئۆتكەن مەسلە تۈپەيلى رامزان ئېنىق 9-چېسلا بولدىغانلىقىنى بېكىتكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم، بىراق 9-چېسلا ئۇلار يەنە ئايغا قاراپ بېكىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى، 9-چېسلا سەھەردە شۇ يەردە ئوقۇۋاتقان دوستۇم رامزاننى 10 قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى يەتكۈزدى. تۆنۈگۈن كەچ ھەرەم مەسچىتىدە تەراۋىھ ئوقۇغانلىقى ئېيتتى ۋە بۈگۈن سەھەردە تۇنجى زوھۇرلىقنى يېگەنلىكىنى ئېيتتى، بىر قانچە تونۇشلار بار ئىدى، ئۇلار بىردەك شۇنداق دېيىشتى..
بۇ يەردىكى تور بەتلەردە نېمە دەپ ئىككى دەپ يېزىلغانلىقىنى مەنمۇ بىلمەي قالدىم.
شۇ يەردە ئوقۇۋاتقان دوستۇم رامزاننى 10 قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى يەتكۈزدى
******************************
مۇشۇنداق گەپتىن قاچانمۇ قۇتۇلارمىز؟ سىز ھازىر سەئۇدىي ئەربىستانىغا بارماي تۇرۇپمۇ، تور ئارقىلىق مەككە مۇكەرەم ھەرەم مەسچىتىدىكى پائالىيەتلەرنى نەق مەيداندىن كۆرەلەيسىز. ئۇ دوستىڭىز بەلكىم تېخى ئىمامنىڭ چىرايىنى كۆرەلمەسلىكى مۇمكىن. مانا بۈگۈن سەئۇدىي ئەرەبىستانىدا روزا ھېيت بولدى، دەل 30 كۈن رامىزان ئېيىدىن چىقىپ، 31-كۈنى يەنى شەۋۋال ئېيىنىڭ 1-كۈنى بولدى.
چۈشەندۇق مۇئەللىم !