Windows 8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]Windows 8.1 نى ئېچىش خىزمىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا Windows Blue دېگەن كود نامى بىلەن باشلانغان ئىدى. تەرجىمە خىزمىتىمۇ تەڭ باشلىنىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلەنگەن ئىدى. رەسمىي تەرجىمە خىزمىتى 4-ئايدىن 6-ئايغىچە تاماملاندى. 6-ئاينىڭ ئاخىرى مەن غۇلجىغا سەپەر قىلغىنىمدا ئاخىرقى باسقۇچتىكى خىزمەتلەر مايتاغ، شىخۇ، جىڭ، غۇلجا ۋە كۆنەس قاتارلىق جايلاردا تاماملىنىپ، بىر ھېسابتا ھەقىقىي يەرلىكلەشكەن بولدى.
Microsoft ئورگان تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈڭ.
http://www.microsoft.com/ug-CN/download/default.aspx
بۇ قېتىملىق تەرجىمە خىزمىتى 2-قېتىملىق بولۇپ، پەقەت يېڭىدىن قوشۇلغان جايلارنى تەرجىمە قىلىدىغان ئىش بولغاچقا، تۇنجى قېتىمقىدەك تەرجىمە سالمىقى زىيادە كۆپ ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 1-قېتىمدا تەرجىمە قۇرۇلمىسى پۈتۈپ بولغاچقا ئانچە تەس بىلىنمىدى، ئەمما ۋاقىت جەھەتتىن، سۈپەت جەھەتتىن تەلەپ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى تەرجىمە خىزمىتىنى ۋاقتىدا تاماملاش ئۈچۈن ئابلەت ئابدۇرېشىت يېقىندىن ياردەمچە بولۇپ ئىشلىدى، ئارىدا يەنە بىرنەچچە ھەپتە ياردەملەشكەن غوجى ئىسىملىك بىر ئاسپرانت ئوقۇغۇچىمۇ بار. كېيىن بىز 7- ۋە 8-ئايلاردا بايقالغان خاتالىقلارنى تۈزەتتۇق. كېيىن سۈپەت تەكشۈرۈشكە يوللىنىپ، يەنە بىرلا قېتىمدا ئۆتتى. ئەمما رەسمىي تارقىتىش ھارپىسىدا ناھايىتى جىددىي ھالەتتە تۇردۇم، قۇربان ھېيت مەزگىللىرىدە ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇلار ئەۋەتكەن ۋەزىپە بويىچە بىرنەچچە كىچىك خاتالىقلارنى ئوڭشىغاپ يۈردۈم. 11-ئاينىڭ 9-كۈنى (شەنبە) ئەڭ ئاخىرقى خاتالىق تۈزىتىلگەن ئىدى، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى (دۈشەنبە) رەسمىي تارقىتىشقا ئائىت ھۆججەتكە ئىمزا قويدۇم. ئەمما تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ ناھايىتى تېزلا ئېلان قىلىۋېتىپتۇ. (ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى رەسمىي تارقىتىشقا ئىمزا قويغان ئىدىم، لېكىن 10 نەچچە كۈندىن كېيىن رەسمىي ئېلان قىلغان ئىدى). ھېچ بىلىپ بولالمىدىم، بۇ قېتىممۇ 12-چېسلا تارقىتىلدى. يەنە شۇ 12-چېسلاغا توغرىلايمىز دەمدۇ ئۇلار؟ مەيلى بۇ قۇرۇق گەپنى قويۇپ، بىرنەچچە ئېكران كۆرۈنۈشلىرىنى يوللاپ قويدۇم كۆرگەچ تۇرۇڭلار.
- يازما كۆرۈلۈشى: 27,760 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 20:05
- ئالدىنقى يازما :«ئۇيغۇرسوفت شوپۇرلۇق مەكتەپ» باشقۇرۇش دېتالى ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :Office 2013 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى
مەزمۇنلار ھېچقايسى يوققۇ مالىم؟
ئالىم مۇئەللىم، مەندىكىسى ۋىن8 نەشرىكەن، بۇنىڭغا ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى يۈكلەشكە بولامدۇ؟ يەنە بىر سوئالىم: ئوفىسنىڭ 2013دە يەنە ئىزھات سىزىقى خاپىلىقىغا دۇچ كەلدىم. 2007دە سىز ھەل قىلىش چارىسىنى دەپ بەرگەنتىڭىز، ئوخشاش ئۇسۇل قوللاندىم (تىل قوراللىرىدا ئۇيغۇر تىلىنى ئاساسلىق تىل قىلىپ بەلگىلىدىم)، بىراق ۋوردتا بىر بەت ئاستى ئىزاھات بېرىپ سىناپ باققانتىم، ئىزاھات سىزىقى يوقۇلۇپ كەتتى. يەنى سىزىق چىقمايلا ئىزاھات نومۇرىلا بەت ئاستىدا پەيدا بولدى. سىزىق بولمىسا ئاساسىي تېكسىت بىلەن ئىزاھاتنى ئايرىش قانداق بولاركىن؟
مەن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلغان ئىدىم، بىراق خەتلەنىڭ شەكلى چىرايلىق ئەمەس، يىزىق يوقتەك سەت چىقىۋالدى. شۇڭا قىرىنداشلىرىم بىلگەن يىرىگىچە ياردەم قىلامتىكى دەپ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مالىم،كۆزنەك سەككىزدىكى خەرىتە سەھىپىسى ئويغۇرچە بولمايدىغان بۇلۇپ قاپتۇ، بۇرۇن يېڭىدىن قاچىلىغاندا ئويغۇرچە شەكىلدە كۆرىنتى نىمە سەۋەپتىن كۆرۈنمەيدىغاندۇ؟
ئىملا خاتالىقى بەك كۆپ، شۇڭا ئېتىپ قويغان ئوخشايدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،كۆزنەك 8 نى ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلەتسەم ئوڭدىن چىقىۋالدى ئەمىليەتتە ئۇيغۇر تىلى ئوڭدىن يىزىلدۇ،بىراق كۆنەلمىدىم ئامال بارمىدۇ؟
ئاستا-ئاستا ئىشلەتسىڭىز كۆنۈپ قالىسىز، ئەمەلىيەتتە ھەممە ئىشلارنى ئوڭدىن باشلىساق ياخشى. ماڭا نىسبەتەن ھازىر چاپىنىمدەك بولۇپ كەتتى.
مەنمۇ كۆنۈپ كەتتىم،لىكىن خەت نۇسخىسىنى باشقىغا تەڭشىدىم،شۇنداق بەلەن!
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم، ئالىم مۇئەللىم، سىزنى ئاۋارە قىلدىم، كومپىيۇتېرىمنىڭ سېستىمىسى windows 8.1 (ئۇيغۇرچە) ئىدى، تۇيۇقسىزلا كىتاب ئوقۇغۇچ، مۇزىكا، خەت… قاتارلىق ئەپلىرى ئىشىلىمەس بولۇپ قاپتۇ، ئاچساملا چىكىنىپ كېتىدۇ، مۇنداق خەت كۆرۈندى: «部件’COMDLG32.OCX’或其附件之一不能正确注册:一个文件丢失或无效“。 ئەپلەرنى قايتىدىن چۈشۈرەي دىسەم، دۇكانمۇ ئېچىلمايۋاتىدۇ. بۇ قانداق ئىشتۇ؟ ياردىمىڭىزگە مۇھتاجمەن.