نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows 8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

Windows 8.1 نى ئېچىش خىزمىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا Windows Blue دېگەن كود نامى بىلەن باشلانغان ئىدى. تەرجىمە خىزمىتىمۇ تەڭ باشلىنىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلەنگەن ئىدى. رەسمىي تەرجىمە خىزمىتى 4-ئايدىن 6-ئايغىچە تاماملاندى. 6-ئاينىڭ ئاخىرى مەن غۇلجىغا سەپەر قىلغىنىمدا ئاخىرقى باسقۇچتىكى خىزمەتلەر مايتاغ، شىخۇ، جىڭ، غۇلجا ۋە كۆنەس قاتارلىق جايلاردا تاماملىنىپ، بىر ھېسابتا ھەقىقىي يەرلىكلەشكەن بولدى.

Microsoft ئورگان تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈڭ.
http://www.microsoft.com/ug-CN/download/default.aspx

باشلاش ئېكرانى

Windows 8.1 دىكى يېڭىلىقلار

ياردەم ئۇچۇرلىرى

بۇ قېتىملىق تەرجىمە خىزمىتى 2-قېتىملىق بولۇپ، پەقەت يېڭىدىن قوشۇلغان جايلارنى تەرجىمە قىلىدىغان ئىش بولغاچقا، تۇنجى قېتىمقىدەك تەرجىمە سالمىقى زىيادە كۆپ ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 1-قېتىمدا تەرجىمە قۇرۇلمىسى پۈتۈپ بولغاچقا ئانچە تەس بىلىنمىدى، ئەمما ۋاقىت جەھەتتىن، سۈپەت جەھەتتىن تەلەپ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى تەرجىمە خىزمىتىنى ۋاقتىدا تاماملاش ئۈچۈن ئابلەت ئابدۇرېشىت يېقىندىن ياردەمچە بولۇپ ئىشلىدى، ئارىدا يەنە بىرنەچچە ھەپتە ياردەملەشكەن غوجى ئىسىملىك بىر ئاسپرانت ئوقۇغۇچىمۇ بار. كېيىن بىز 7- ۋە 8-ئايلاردا بايقالغان خاتالىقلارنى تۈزەتتۇق. كېيىن سۈپەت تەكشۈرۈشكە يوللىنىپ، يەنە بىرلا قېتىمدا ئۆتتى. ئەمما رەسمىي تارقىتىش ھارپىسىدا ناھايىتى جىددىي ھالەتتە تۇردۇم، قۇربان ھېيت مەزگىللىرىدە ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇلار ئەۋەتكەن ۋەزىپە بويىچە بىرنەچچە كىچىك خاتالىقلارنى ئوڭشىغاپ يۈردۈم. 11-ئاينىڭ 9-كۈنى (شەنبە) ئەڭ ئاخىرقى خاتالىق تۈزىتىلگەن ئىدى، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى (دۈشەنبە) رەسمىي تارقىتىشقا ئائىت ھۆججەتكە ئىمزا قويدۇم. ئەمما تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ ناھايىتى تېزلا ئېلان قىلىۋېتىپتۇ. (ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى رەسمىي تارقىتىشقا ئىمزا قويغان ئىدىم، لېكىن 10 نەچچە كۈندىن كېيىن رەسمىي ئېلان قىلغان ئىدى). ھېچ بىلىپ بولالمىدىم، بۇ قېتىممۇ 12-چېسلا تارقىتىلدى. يەنە شۇ 12-چېسلاغا توغرىلايمىز دەمدۇ ئۇلار؟ مەيلى بۇ قۇرۇق گەپنى قويۇپ، بىرنەچچە ئېكران كۆرۈنۈشلىرىنى يوللاپ قويدۇم كۆرگەچ تۇرۇڭلار.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
152 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،ئۇستازلار ماڭا ھەقلىق بولسىمۇ بىر ياردەم قىلساڭلا،مەن ۋىن8نى بىر ئاي بولدى نۇرمال ئاكتىپلاپ ئشلىتىپ كىلۋاتقان،تۆت كۇن بولدى پەقەتلا ئاكتىپلىيالمىدىم،ھەممە ئامالنى قىپ باقتىم بولمىدى،ئەمدى شۇ مىكروسوفىتقا تىلفۇن قىلپ ئاكتىپلاپ بېردىغانلار بولسا بۇ كىيۇ كىيۇ نۇمۇرۇمنى1085128800 قۇشۇپ ،ئاكتىپلاپ بەرسەڭلا،مەن خەنزۇچىنى پەقەتلا بىلمەيمەن،مىنى قوشقاندا،ئاكتىپلاش دەپ قۇشۇڭلار،ئۇستازلا

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى am 01:08
  • مەن ئەسلىدىكى 8.0 نى ھەقلىق سېتىۋېلىپ ئىشلەتكەن ئىدىم. 8.1 چىققاندىن كېيىن، يېڭىلانمىلارنى قاچىلىغاندىن كېيىنلا كۆك ئىكران بولىۋېلىپ ئىشلەتكىلى بولماي كېتىپ بارىدۇ. سېستىمىنى يېڭىلىمىسام نۇرمال، يېڭىلىغاندىن كېيىنلا سېستىما كۆك ئىكران بۇلۇپ، تەكرار تەكرار قوزغىلىپ، ئاخىرىدا كۆزىنى يۇمۇپلا يۈردى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 15:01
  • مىكروسوفىتقا تىلفۇن قىلىپ تىلفۇن ئارقىلىق ئاكتىپلايسىز
    تىلفۇن نومىرى 8008301832

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى am 11:04
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،ئالىم مۇئەللىم،ۋە ھەر قايسى ئۇستازلار،ماڭا بىر ياردەم قىلساڭلا،مەن ئاقسۇلۇق ئېليار دىگەن بالدىن ۋىن8 نىڭ ئاچقۇچ نۇمۇرنى250يۈەنگە ئالغان ئۇ پەقەت ئاچقۇچ نۇمۇرنىلا دەپ بەردى،بىر ئايدەك ئشلىتىش جەريانىدا ئاكىتىپلاندى،راس مەن قاتتىق دىسكىنى ئالماشتۇرغان،ئالماشتۇرغان قاتتىق دىسكىدىمۇ ئاكتىپلانغان،ھازىر ئاكتىپلانمىدى،يەنە تېخى بۇ مەھسۇلات ئاچقۇچى ئاللىبۇرۇن باشقا كومپىيوتىر تەرپىدىن ئشلىتىلگەن دەپ ئۇچۇر چىقىۋالدۇ،ياردەم قىلساڭلار ئېغىر كۆرمەي،كىيۇ كىيۇ1085128800 ئاكتىپلىيالايدىغانلار،ھەقلىق قىپ بەرسەڭلارمۇ مەيلىتى،

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى am 01:06
  • ماڭا ياردەم قىلساڭلا ئۇستازلار

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى am 00:51
  • ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مۇ ئەللىم.مەن ۋىندوس 8 نى يىل بىشىدا ئىلىپ قاچىلىغان . باشقا مەشغۇلاتلار ياخشى . بىراق موشۇ تور كۆرگۈچتە مەسىلە بار. يەنى بىلوگلاردىكى http://goo.gl/nXVFRD موشۇنداق ئۇلىنىشلارنى ھىچقايسى تور كۆرگۈچ، ھەتتا ئۆزىنىڭ تور كۆرگۈچىمۇ ئاچالمايدۇ. سىستىمىنى قايتا قاچىلىسام بىشىدا ئىچىلىدۇ،قايتا قوزغاتسام يەنىلا ئىچىلمايدۇ .ۋىندوس 8.1 نى قاچىلىساممۇ يەنىلا مەسىلە ئوخشاش. بۇ مەسىلىلەرنى قانداق ئوڭشىغىلى بولىدۇ؟ يەنە بىرسى يەرلىك ئىشلەتكۈچى نامى بىلەن كالىندار قاتارلىق بەزى ئەپلەرنى زىيارەت قىلغىلى بولمايدىكەن. بۇ نېمە ئىشتۇ؟مەسلىھەت بەرگەن بولسىڭىز. رەھمەت. ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 19:00
  • چۇشۇرۋىلىگلار win8.1

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 23:41
  • مىنڭمۇ شۇنداق بولۇپ قالدى.رەقەم رايۇنىدىكى كونۇپكىلار ئىشلىمىدى.بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 17:27
  • ۋىن 8 كۆپىنچە ۋاقىتلاردا كۇنۇپكا تاختىسى ئىشلىمەي قايتا ۋىن بانى قاچىلاشقا مۇھتاج بولۇپ قالدىم ، ياخشىراق ئامال بارمىدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى am 11:41
  • مېنىڭ كومپيۇتېرىمنىڭ يېرىمى ئۇيغۇرچە يېرىمى خەنزۇچە بولۇپ قالدىغۇ ؟؟ ھەممە ياماقلارنى چۈشۈرگەن لېكىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن Metro يۈزىدىكى «كامىرا » بىلەن « سۈرەتلەر » دىن باشقا ھەممىسى خەنزۇچە بولۇپ قاپتۇ . قانداق قىلىش كېرەك ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى am 10:54
    • مەن بۇنى ھەل قىلىپ بولدۇم، ئاشۇ ئىسمى خەنچە بوپ قالغان ئەپلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆچۈرۈپ قايتا قاچلىسام ئۇيغۇرچە بولدى. لېكىن مۇشۇ ھاۋارايى يەنىلام قوش تىللىق تۇرىدۇ، ئەپنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرچە، لېكىن ئىچىدىكى ئۇچۇرلار قوش تىللىق، مۇشۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىدۇ؟ بىلىدىغانلار ياردەم قىلساڭلار

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى am 11:43
      • قانداق يۇيۇپ قانداق قاچىلدىڭىز.ۋىن ئۆزى تەمىنلىگەن نەرسىنى يۇيۇپ قايتا قاچىلغىلى بولامدىكەن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى am 09:10
      • چىقىرىۋەتمەكچى بولغان ئەپنى تاللاپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز ئېكراننىڭ ئاستىدا چىقىرىۋېتىش دەپ ئەخلەت ساندۇقىنىڭ بەلگىسى چىقىدۇ، شۇنى باسسىڭىز يۇيۇلىدىكەن

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 17:48
      • ئاندىن كىيىن قانداق قاچىلايمىز.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 25-كۈنى am 09:35
      • دۇكانغا كىرىپ شۇيەردىن قايتا چۈشۈرۈپ قاچلىسىڭىز بولدى

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 16:47
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،مەن ئەسلىدىكى ۋىندوۋس 8سېستىمامنى 8.1گە كۆتۈرۈپ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچىلىغاندىن كېيىن،شۇنداق چىرايلىق ئۇيغۇرچە بولدى، بىراق،تېخى ئۇيغۇرچە بولمىغان ئۇچۇرلار بىراقلا ئېنگىلىسچە كۆرۈنىۋالدى، ۋىنسوۋس 8ۋاقتىدا ئۇ يەرلەر خەن تىلىدا كۆرۈنەتتى، بولمىسا تىلغا مۇناسىۋەتلىك ھېچ يەرنى تەڭشىمىگەن ئىدىم، ئېنگىلىسچىگە قارىغاندا خەنزۇچىنى بەكرەك بىلىمەن، شۇڭا بۇنى ئۆزگەرتكىلى بولامدۇ،ياكى ئېنگىلىسچىنى چۈشىنىشكە تىرىشسا بولامدۇ ،ياردەم قىلساڭلار

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى am 07:50
  • مېنىڭ كومپيۇتىر سېستىمام ۋىندوس 8.1 ،ئەسلى تىلى ياپۇنچە.
    خەنزۇچە ۋە ئېنگلىسچە تىل بۇلىقىنى قاچىلاپ بولۇپ ئۇيغۇرچىنى قاچىلىسام بۇ كومپيوتىرغا بۇ LIP_ug-CN-32bit ھۈججىتىنى قاچىلىغىلى بولمايدۇ دەپ چىقىۋالدى. نەچچە قايتا قوزغاتساممۇ ئوخشاش. بۇ جەھەتتە تورداشلانىڭ مەسلىھەت بەرسە.
    office 2013 مۇ ياپۇنچە ھەقىقىي نۇسخا بولسىمۇ قېيىشىپ ئۇيغۇرچە قىلالماي قالدىم. قانداق قىلسام بولار ؟ تورداشلارنىڭ مەسلىھەتىگە تەقەززامەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 16:02
    • پەقەت ئىنگلىزچە ياكى خەنزۇچە بولسا ئاندىن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلىيالايسىز. توردىكى چۈشەندۈرشنى كۆرۈپ بېقىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 16:10
      • رەھمەت ئالىم مۇئەللىم . بالدۇرراق بىلگەن بولسام خەنزۇچە ياكى ئېنگلىسچىنى قاچىلاكەنمەن. بەك ئەپسۇس ئىش بولدى . لېكىن ۋىندوس 8 نى قاچىلىغان چاغدىمۇ ياپۇنچە ئىدى. ئۇ چاغدا تەڭشەكلەر ھەممىسى ئۇيغۇرچە چىققانىدى. 8.1 گە كۆتۈرۈپلا بولماي قالدى. بۇ ئشنى سەل چۈشەنمەي قالدىم.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 16:28
        • مېنىڭ بىلىدىغىنىم پەقەت ئىنگلىزچە ياكى خەنزۇچە نەشرىگە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيسىز. بىزنىڭمۇ ياپونىيەدىن قايتىپ كەلگەن مالىممۇ ياپۇنچە Windows 8 نى چىقىرىۋېتىپ، ئىنگلىزچىنى قاچىلاپ، ئاندىن ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ.

          يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 22:31
  • مىنىڭ تاختا كومپىيۇتېر ئىدى يېڭلانمىلارنىمۇ قايتا قايتا يېڭلاپ چۈشۈردۇم شۇنداقتىمۇ يەنە ئۇيغۇرچە تېل بۇلىقى يوق دەپ چىقۋالدى نەشىرنى 8.1 گە كوتۇرگەن ئىدىم .يەنە تىخى ئەپ دۇكىندىن باشقا ئوۇزم چۈشۈرگەن يۇمشاق دېتاللار قاچىىلانمايۋاتىدۇ بۇ نىمە ئىش ياردەم قىلغان بولساڭلار
    surface rt 32G مۇشۇ خىلدىكىسى ئىدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى am 10:10
    • ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئوۋچى قىرىندىشىم مەنمۇ مۇشۇخىل كومپىيۇتىر ئىشلىتىۋاتىمەن .surfaceRTدا ئويغۇرچە تىل بولىقى قوللىمايدىكەن ،ھەمدە تور دۇكىنىدىكى دىتالدىن باشقىلارنى قوللىمايدۇ .بۇ سىستىمىنىڭ خۇسىسيىتى بولسا كىرەك .شۇڭا ھازىرچە ھىچكىم ياردەم قىلىشقا ئامالسىز. شۇ سەۋەپتىنمىكىن مىكروسوڧات بۇ خىل كومپىيۇتىر نىڭ بازىرى ئانچىە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى am 10:44
  • ئەسسىلام قىرىنداشلار surfaceRTدا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ۋەoffice2013نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن.مەن بۇ توغۇرلۇق مىكروسوڧىتنىڭ جوڭگۇدىكى باش مۇلازىمەت مەركىزى بىلەن ئالاقىلاشتىم ،ئۇلار بىر مۇنچە قۇرۇق گەپ قىلىپ ئاخىرى: «ھازىرچە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوللىمايدۇ،بىر مەزگىل تەخىر قىلىڭ ،بەلكىم كىيىنچە يىڭىلانما ئىلان قىلىش ئارقىلىق ھەل بولۇشى مۇمكىن »دىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 21:39
  • windows8. دە كۆرۈلگەن مەسلىلەرنى مۇشۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويساق بولىدىغاندۇ ھە مۇئەللىم :

    windows8.1 نىڭ ئۇيغۇرچىسىىنى ئىشلىتىۋاتقاندا بەزىدە تۇرۇپ تۇرۇپ ئەپلەرنىڭ نامى ئېنگخلىزچە ياكى خەنزۇچە بولۇپ قالىدىكەن . ( رايوننى ئامېرىكا /جۇڭگو قىلسا ئەپلەرنىڭ نامى ئىنگىلىزچە / خەنزۇچە بولۇپ قالىدىكەن . قارىغاندا بۇ خېلى كۆپ كىشىلەردە كۆرۈلىدىغان ئەھۋال ئوخشايدۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 19:56