نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows 8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

Windows 8.1 نى ئېچىش خىزمىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا Windows Blue دېگەن كود نامى بىلەن باشلانغان ئىدى. تەرجىمە خىزمىتىمۇ تەڭ باشلىنىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلەنگەن ئىدى. رەسمىي تەرجىمە خىزمىتى 4-ئايدىن 6-ئايغىچە تاماملاندى. 6-ئاينىڭ ئاخىرى مەن غۇلجىغا سەپەر قىلغىنىمدا ئاخىرقى باسقۇچتىكى خىزمەتلەر مايتاغ، شىخۇ، جىڭ، غۇلجا ۋە كۆنەس قاتارلىق جايلاردا تاماملىنىپ، بىر ھېسابتا ھەقىقىي يەرلىكلەشكەن بولدى.

Microsoft ئورگان تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈڭ.
http://www.microsoft.com/ug-CN/download/default.aspx

باشلاش ئېكرانى

Windows 8.1 دىكى يېڭىلىقلار

ياردەم ئۇچۇرلىرى

بۇ قېتىملىق تەرجىمە خىزمىتى 2-قېتىملىق بولۇپ، پەقەت يېڭىدىن قوشۇلغان جايلارنى تەرجىمە قىلىدىغان ئىش بولغاچقا، تۇنجى قېتىمقىدەك تەرجىمە سالمىقى زىيادە كۆپ ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 1-قېتىمدا تەرجىمە قۇرۇلمىسى پۈتۈپ بولغاچقا ئانچە تەس بىلىنمىدى، ئەمما ۋاقىت جەھەتتىن، سۈپەت جەھەتتىن تەلەپ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى تەرجىمە خىزمىتىنى ۋاقتىدا تاماملاش ئۈچۈن ئابلەت ئابدۇرېشىت يېقىندىن ياردەمچە بولۇپ ئىشلىدى، ئارىدا يەنە بىرنەچچە ھەپتە ياردەملەشكەن غوجى ئىسىملىك بىر ئاسپرانت ئوقۇغۇچىمۇ بار. كېيىن بىز 7- ۋە 8-ئايلاردا بايقالغان خاتالىقلارنى تۈزەتتۇق. كېيىن سۈپەت تەكشۈرۈشكە يوللىنىپ، يەنە بىرلا قېتىمدا ئۆتتى. ئەمما رەسمىي تارقىتىش ھارپىسىدا ناھايىتى جىددىي ھالەتتە تۇردۇم، قۇربان ھېيت مەزگىللىرىدە ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇلار ئەۋەتكەن ۋەزىپە بويىچە بىرنەچچە كىچىك خاتالىقلارنى ئوڭشىغاپ يۈردۈم. 11-ئاينىڭ 9-كۈنى (شەنبە) ئەڭ ئاخىرقى خاتالىق تۈزىتىلگەن ئىدى، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى (دۈشەنبە) رەسمىي تارقىتىشقا ئائىت ھۆججەتكە ئىمزا قويدۇم. ئەمما تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ ناھايىتى تېزلا ئېلان قىلىۋېتىپتۇ. (ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى رەسمىي تارقىتىشقا ئىمزا قويغان ئىدىم، لېكىن 10 نەچچە كۈندىن كېيىن رەسمىي ئېلان قىلغان ئىدى). ھېچ بىلىپ بولالمىدىم، بۇ قېتىممۇ 12-چېسلا تارقىتىلدى. يەنە شۇ 12-چېسلاغا توغرىلايمىز دەمدۇ ئۇلار؟ مەيلى بۇ قۇرۇق گەپنى قويۇپ، بىرنەچچە ئېكران كۆرۈنۈشلىرىنى يوللاپ قويدۇم كۆرگەچ تۇرۇڭلار.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
152 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، win8.1نىڭ ئەپلەر ماگىزىنىدىكى دىتاللارنى قاچىلاش ئورنىنى باشقا دىسكىغا يوتكىگىلى بولامدۇ؟ ئەگەر يوتكىگىلى بولمىسا مۇشۇ ئىشنى مىكروسوفت شىركىتىگە پىكىر بەرسىڭىز بۇلارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 12:35
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،ئالىم مۇئەللىم،ۋە ھەر قايسى ئۇستازلار،ماڭا بىر ياردەم قىلساڭلا،مەن نۇرمال ئاكتىپلاپ ئشلىتىپ كىلۋاتقان، خاتالىق كودى: 0xC004C003 ئاكتىپلىيالمىدىم،ھەممە ئامالنى قىپ باقتىم بولمىدى 2366324849چچ
    نومورىم. ياردەم قىلساڭ لا

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:03
  • مىنڭمۇ شۇنداق بولدى،مەن كونۇپكا تاختىسىدىن 3نى ئالماشتۇرۇپ باقتىم يەنىلا ئوخشاش، سىلەرچە سىستىمىدىن ۋاز كەچسەم بوللامدۇ ياكى ھەل قىلىش ئۇسۇلى بارمىدۇ؟ ياردەم قىلساڭلارچۇ؟ مىنىڭ چچ:2441529794

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 12:58
    • سىز ئالدى بىلەن ئوڭ تەرەپ سانلار ئۈستىدىكى numlock كۇنۇپكىسىنى بېسىۋەتكەندىن كېيىن سىناپ بېقىڭ. ئۇيغۇرچە نەشىرىدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كىچىشكە بولمايدۇ. ئاران تەستە پۈتكەن تۇرسا نېمە دەپ ۋاز كەچكىدەكمىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى am 09:01
  • ئالدى بىلەن ھەممىڭلارنىڭ تىنىڭلار سالامەت بولسۇن ،قىيىنچىلىقنى مۇشۇ يەردىن باشقا دەيدىغان ئورۇن تاپالمىدىم.ئەپۇ قىلىڭلار. مەن ۋىن8.1 نى قاچىلىغاندىن بىرى كونۇپكا تاختىسىنىڭ ئۈستىدىكى رەقەملەر .ئىشلەپ ئوڭ تەرەپتىكى رەقەملەر پەقەت ئىشلىمىدى ،10نەچچە قىتىم سېستىمىنى قايتا قاچىلىدىم بىراق باشتا ئىشلەيدۇ يىڭىلىغاندىن كىيىنلا ئىشلىمەيدۇ، ئاخىرى ۋىن ش پ نى قاچىلاپ ئىشلىتىۋاتىمەن ،ئۇستازلار ھەقلىق بولسىمۇ مەيلى ياردەم قىلساڭلاركەن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 17:08
  • ئالىم مۇئەللىم، ياخشىمۇ سىز؟ئالدى بىلەن تېنىڭىزگە سالامەتلىك تىلەيمەن. يۇقۇرىدا مەن ئىنكاس قىلغان مەسىلىگە بىر جاۋاپ قايتۇرغان بولسىڭىز. سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 23:33
  • كۆزنەك 8دە نۇرمال ئىدى. يەنى ھېلىقى خەت نۇسخىسىنى چىرايلىق قىلىدىغان 12خەت نۇسخىسىنى فونتنىڭ ئىچىگە كۆچۈرۈپ چىرايلىق قىلىپ ئىشلەتكەن ئىدىم. نىمە ئۈچۈن 8.1دە چاپلىغىلى بولمايدىغاندۇ. باشقا تورداشلارمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقتۇڭلارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 23:30
  • مەن كۆزنەك 8نىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى سېتىۋىلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئېدىم. ھازىر ئوڭۇشلۇق ھالدا 8.1گە كۆتۈردۇم. لىكىن چىرايلىق فونت ئىچىدىكى خەت نۇسخىلىرىنى خەت نۇسخىسىنىڭ ئىچىگە پەقەت كۆچۈرگىىلى بولمىدى. يە چاپلاش بۇيرۇقى ئىشلىمىدى. سۆرەپ ئەكىرسەممۈ ئىنكاس يوق. ياردەم قىلساڭلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 23:28
  • ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ئۇزۇن بوپتىكەن خەرىتىگە كىرمىگىلى خەرىتە ئۇيغۇرچە كۇرنەتتى كىرسەم خەنچە كۇرنىدىغان بۇلۇپ قاپتۇ پەقەت تەڭشەپ ئۇيغۇرچە قىلالمىدىم بىرەر يىڭلانمۇ بارمۇ ياردەم قىلسىلا رەخمەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 18:24
    • bing خەرىتىىنى تەڭشەۋاتقانمىدۇ قانداق؟ مېنىڭكىدىمۇ ئۇيغۇرچە ئەمەس، خەنچىسىنىڭمۇ پەقەت شەھەرلەر نامى بار، دۆلەتلەر نامى يوق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 21:18
  • نىمىشقا خەرتە خەنزۇچە بولۇپ قالدى ئۇستازلار!؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 16:18
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    ئۇستازلار ماڭا جىددىي ياردەم قىلساڭلار، كومپيۇتېرىمنى باشقىلار ئىشلىتىپ ۋەزىپە سىتونىدىكى سىنبەلگىلەرنى يوق قىلىۋېتىپتىكەن شۇنچە قىلىپمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدىم، (ئىشلىتىۋاتقان سېستىما win8.1 ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى قاچىلانغان، ۋەزىپە سىتونىدىكى سول تەرەپتىكى سائەت، كىرگۈزگۈچ تاللايدىغان يىرى، كاناي بەلگىسى ۋە باشقا سىنبەلگىلەر بار، پەقەت ئوڭ تەرەپتىكى باشلاش تىزىملىكىنىڭ يېنىدىكى بىز ئاچقان كۆزنەكلەرنىڭ سىنبەلگىسى يوق، مەيلى قانچىلىك كۆپ كۆزنەك ئاچاي بىرسىمۇ كۆرۈنمەيدۇ ALT+TABنى باسسام كۆرىنىدۇ)

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 14:29
  • سالام ئالىم مۇئەللىم، مەن يېقىندا بىر ماركىلىق كومپىيۇتېر سېتىۋالغان ئىدىم، ۋىندوۋىس 8 سېستىمىسى قاچىلاقلىق ئىكەن، لېكىن تور سۈرئىتى بەك ئاستا، تېزلەشتۈرۈشنىڭ ئامالى بارمىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 13:14
  • surface pro2 گە بۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى قاچىلغىلى بولارمۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى am 07:52
  • تىلبولىقىنى قاچىلغىلى بومىدىغۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 22:04
  • ھاۋارايىنى قانداق قىلىپ ئۇيغۇرچە چىقىدىغان قىلىمىز؟ ھازىر قوش تىللىق بولۇپ قالدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 6-كۈنى am 09:01
  • تىلبولىقىنى قاچىلاممىدىمغۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 18:12