نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

Windows 8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

Windows 8.1 نى ئېچىش خىزمىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا Windows Blue دېگەن كود نامى بىلەن باشلانغان ئىدى. تەرجىمە خىزمىتىمۇ تەڭ باشلىنىپ، تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلەنگەن ئىدى. رەسمىي تەرجىمە خىزمىتى 4-ئايدىن 6-ئايغىچە تاماملاندى. 6-ئاينىڭ ئاخىرى مەن غۇلجىغا سەپەر قىلغىنىمدا ئاخىرقى باسقۇچتىكى خىزمەتلەر مايتاغ، شىخۇ، جىڭ، غۇلجا ۋە كۆنەس قاتارلىق جايلاردا تاماملىنىپ، بىر ھېسابتا ھەقىقىي يەرلىكلەشكەن بولدى.

Microsoft ئورگان تور بېكىتىدىن چۈشۈرۈڭ.
http://www.microsoft.com/ug-CN/download/default.aspx

باشلاش ئېكرانى

Windows 8.1 دىكى يېڭىلىقلار

ياردەم ئۇچۇرلىرى

بۇ قېتىملىق تەرجىمە خىزمىتى 2-قېتىملىق بولۇپ، پەقەت يېڭىدىن قوشۇلغان جايلارنى تەرجىمە قىلىدىغان ئىش بولغاچقا، تۇنجى قېتىمقىدەك تەرجىمە سالمىقى زىيادە كۆپ ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 1-قېتىمدا تەرجىمە قۇرۇلمىسى پۈتۈپ بولغاچقا ئانچە تەس بىلىنمىدى، ئەمما ۋاقىت جەھەتتىن، سۈپەت جەھەتتىن تەلەپ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى تەرجىمە خىزمىتىنى ۋاقتىدا تاماملاش ئۈچۈن ئابلەت ئابدۇرېشىت يېقىندىن ياردەمچە بولۇپ ئىشلىدى، ئارىدا يەنە بىرنەچچە ھەپتە ياردەملەشكەن غوجى ئىسىملىك بىر ئاسپرانت ئوقۇغۇچىمۇ بار. كېيىن بىز 7- ۋە 8-ئايلاردا بايقالغان خاتالىقلارنى تۈزەتتۇق. كېيىن سۈپەت تەكشۈرۈشكە يوللىنىپ، يەنە بىرلا قېتىمدا ئۆتتى. ئەمما رەسمىي تارقىتىش ھارپىسىدا ناھايىتى جىددىي ھالەتتە تۇردۇم، قۇربان ھېيت مەزگىللىرىدە ھەر كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇلار ئەۋەتكەن ۋەزىپە بويىچە بىرنەچچە كىچىك خاتالىقلارنى ئوڭشىغاپ يۈردۈم. 11-ئاينىڭ 9-كۈنى (شەنبە) ئەڭ ئاخىرقى خاتالىق تۈزىتىلگەن ئىدى، 11-ئاينىڭ 11-كۈنى (دۈشەنبە) رەسمىي تارقىتىشقا ئائىت ھۆججەتكە ئىمزا قويدۇم. ئەمما تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ ناھايىتى تېزلا ئېلان قىلىۋېتىپتۇ. (ئۆتكەن يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنى رەسمىي تارقىتىشقا ئىمزا قويغان ئىدىم، لېكىن 10 نەچچە كۈندىن كېيىن رەسمىي ئېلان قىلغان ئىدى). ھېچ بىلىپ بولالمىدىم، بۇ قېتىممۇ 12-چېسلا تارقىتىلدى. يەنە شۇ 12-چېسلاغا توغرىلايمىز دەمدۇ ئۇلار؟ مەيلى بۇ قۇرۇق گەپنى قويۇپ، بىرنەچچە ئېكران كۆرۈنۈشلىرىنى يوللاپ قويدۇم كۆرگەچ تۇرۇڭلار.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
152 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 7
  • مەنمۇ بايا مىكرو ئۇچۇردىن كۆرۈپلا يېڭىلىۋالدىم.. كۆپ جاپا چەكتىڭىز مۇئەللىم…..

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 21:59
  • مەنمۇ بايا مىكرو ئۇچۇردىن كۆرۈپ؛لا يېڭىلىۋالدىم.. كۆپ جاپا چەكتىڭىز مۇئەللىم…..

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 21:58
  • بۈگۈن يەنە بىر خوش بولغان يىرىم خاتىرە كومپيۇتېرىم asus k56cm تىپلىق ئىدى، ئوڭ تەرەپ ئاستى ئىكراندا bios دىكى بىر تەڭشەك توغرا تەڭشەلمىدى دەپ خەت چىقۋالغانتى توردىن ئاختۇرسام ئۇسۇلى باركەن لىكىن مېنىڭ كومپيۇتېرىمدىكى bios نەشىرىدە ئۇنداق تاللاش يوق، پەقەت يۆتكىلىشچان دىسكا چاتقاندىلا پەيدا بولىدۇ، لىكىن يەنىلا دەرسلىكتە دىيلگەندەك غول مۇندەرىجە يوق ئىدى، bios نىڭ نەشىرىنى يوقىرى كۆتۈرۈپمۇ باقتىم ئامال بولماي ئىشلىتىۋەرگەن، بۈگۈن ئۇيغۇرچە قىلسام بەلگىلەرنىڭ ئاستىدا كۆرنىۋېلىپ ئىكراننى تېخىمۇ سەت كۆرسىتىۋەتتى، شۇنىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم يېڭىلاشلارنى تەكشۈرۈپ ھازىر تېخى يېڭى ئۈچ يېڭىلاشنى قاچىلىدىم، مانا ھازىر ئۇ خەتلەرنىڭ ھېچقايسىسى يوق!!! قارىغاندا بۇلار خاتالىقلارنى بىر بىرلەپ تۈزىتىۋەتكۈدەك….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 21:33
  • بەك ياخشى ئىش بوپتۇ مەنمۇ ھازىر چۈشۈرۈپ قاچىلاۋاتىمەن.ئالىم مۇئەللىم رەھمەت سىلگە، ئاللاھ قىلغان ئەجىرلىرىگە ھىدايەت ئاتا قىلسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 21:21
  • مەن بىر نەچچە سائەت بۇرۇن بىر توردا مۇشۇ توغۇرلۇق ئۇچۇر كۆرۈپلا ئۇيغۇرچە قىلۋالدىم، بۇرۇن ھۆججەتلەرنى كۆچۈرسە ۋاقىت ھىسابلايدىغان يەردە مانچە مىنۇت ھەققىدە… دەپ چىقاتتى، ھازىر تەخمىنەت مانچىلىق قالدى… دەپ توغرا چىقىدىكەن، مېنىڭ ھىس قىلغىنىم مۇشۇنچىلىك، لىكىن بەك خوش بولدۇم، ئاللاھ تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن مۇئەللىم، ئەمدىكى يەنە بىر مەسىلە مۇشۇ خەت نۇسخىسى ھەل بولۇپ كەتكەن بولسا ئىدى. ئەلۋەتتە سىز بولغاندىكىن ئەلۋەتتە ھەل بۇلىدۇ بۇ مەسىلىمۇ، ھەراس مۇئەللىم offie نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى جىمىپلا كەتتىغۇ؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 21:08
  • ئۇلۇغ ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن ئالىم مۇئەللىم…..

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 21:02
  • رەھمەت ئالىم ئەھەت مۇئەللىم، ناھايتى ئۇلۇغ ئىش قىپسىز. قوللىرىڭىزدىن گۈل ئۈنگەي… سىزنىڭ تۆھپىڭىزدە كۆزنەك 8 دىن باشلاپ كومپىيوتىرنى ئۇيغۇرچە ئىشلىتىشكە باشلىغان ئىدۇق، مانا تىزلا كۆزنەك 8.1 نىمۇ ئۇيغۇرچە ئىشلىتەلەيدىغان بوپتىمىز.
    «كۆزنەك 8» نى «كۆزنەك 8.1» قانداق يۇقىرا كۆتۈرىمىز بولسا ماڭا ئوخشاش يېڭى ئۆگەنچىلەرگە بىلگەنلىرىڭىزنى ئايرىمىغايسىز، بىلىدىغانلار بىر ياردەم قىلىڭلار…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 20:54
  • مەن ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى مۇشۇ ئايلارنىڭ مۇشۇ كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئېلان قىلىنىدۇ دەپ يېرىم يىل بۇرۇنلا پەرەز قىلىپ بولغانتىم. پەرىزىمدىكىدىكى ئىككى كۈننىڭ بىرىدە دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدىن مىكروسوفتدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ناھايىتى ئاكتىپ ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلىپ يەتتىم…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 20:53
    • بۇ بىرەر تارىخى ياكى قانداقتۇر بىز بىلمەيدىغان(مەن بىلمەيدىكەنمەن ) ئۇلۇغ كۇنمۇ قانداق ؟ بىلۋالسام …. رەھمەت

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 16:21
  • ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرىدىكى ۋە تىل يېزىقىمىزدىكى يەنە بىر خۇشاللىق بوپتۇدە بۇ، ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە رەھمەت،

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 20:48
  • ئالىم مۇئەللىم، مەن تېخى بايىلا يېڭىلىۋالغان ئىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 20:43
  • مەن ئۇيغۇرچە بولىقىنى چۇشۇرۇپ مۇۋاپىقىيەتلىك قاچىلغان ئىدىم .باشقا تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشاي دەپ رەسىمنى يوللاي دىسەم پەقەتلام يوللىيالمىدىم .قانداق قىلسام كومپىيوتىرىمدىكى رەسىمنى يوللىيالايمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 20:31
  • رەخمەت بايا تېخى گۈدۈكتىن كۈرۈپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇۋالغان ئىدىم ..

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 20:24
  • بەك ئېسىل ئىش بولۇپتۇ، ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ ئەجرى ئۈچۈن قانچىلىك رەھمەت دېسەك ئەرزىيدۇ. ئالىم مۇئەللىم سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 20:22
  • مەن كۆزنەك 8.1 گە پەقەتلا يېڭىلىيالمىدىم . سىز يوللاپ قويغان ئادرىسنى ئاچسام ئەپ بازىرىغا ئۇلاپ قويىدۇ لىكىن ئەپ بازىرىدا 8.1 توغرىلىق ھېچقانداق ئۇچۇر يوق . بىلىدىغانلار ئۇسۇلىنى يوللاپ قويساڭلار . كۆزنەك 8 نىڭ ھەقىقىي نەشرى ئىدى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 20:20
    • ئالىم مۇئەللىمنىڭ تور خاتېرىسىدە دىۋاندا ئولتۇرۇش نىمە دىگەن ھوزۇر …………………. ھا ھا ھا

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 20:21
    • 8 نىڭ ياماقلىرىنى ئەڭ يېڭى ياماقلىرىغا تۇللۇق ياماپ بولۇپ ئەپ بازىرىغا كىرسىڭىز ئاندىن يېڭىلاش كۆزنىكى كۆرۈنىدىكەن بولمىسا كۆرۈنمەيدىكەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 22:15
    • ئاۋال، سىستېمىڭىزنى يېڭىلاڭ، ئاندىن ئەپ بازىرىغا كىرىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى am 00:21
  • سىز 8.1 نى ئېلان قىلغان كۇنىلام چۇشۇرۇپ يېڭىلىۋالغان ئىدىم ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچان تارقىتىلار دەپ كوزۇم توت

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 20:11
باھا بېتى: 1 2 3 7