ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى يېڭىلاندى، نەشرى نومۇرى 0.0.0.15
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى يېڭىلاندى، تۆۋەندىكى ئادرېستىن چۈشۈرۈۋېلىڭ:
http://imla.uighursoft.com/ug-CN/CAT
ئاساسىي ئۆزگىرىشلەر مۇنداق:
(1) تەرجىمە ھالىتىنى ساقلاش ئىقتىدارى قوشۇلدى، بىرەر ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ يېرىمىغا كەلگەندە ئۇنى ساقلىۋالسىڭىز (كېڭەيتىلگەن ھۆججەت نامى trj شەكىلدە ساقلىنىدۇ)، كېيىن ئۇنى كەلگەن جايىدىغان باشلاپ تەرجىمە قىلالايسىز. سىستېمىغا كىرسىڭىز يوقاپ كېتىدىغان ئىش يوق.
(2) قىسمەن كومپيۇتېرلاردا لۇغەتتىن سۆز ئىزدىگەندە، ئىزدەش نەتىجىسىدە قالايمىقان كود چىقىۋالىدىغان ئىش ئوڭشالدى.
(3) پارچىلانغان خەنزۇچە جۈملىلەرنىڭ خەت سانى توغرا چىقىدىغان بولدى.
(4). ھۆججەت كۆزنىكىدىكى «يېڭى» تىزىملىك ئىشلەيدىغان بولدى.
لۇغەتتە قالايمىقان كود چىقىۋالدى دېگەن تورداشلار ئەمدى سىناپ بېقىڭلار، ئەمدى نورمال چىقتىمۇ؟
باشقا تورداشلارنىڭمۇ (1)-ۋە (2)-ئىقتىدار ھەققىدە پىكىرىنى ئاڭلاپ باقاي.
- يازما كۆرۈلۈشى: 10,663 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 04-ئاينىڭ 27-كۈنى am 8:53
- ئالدىنقى يازما :Clinical discretion
- كېيىنكى يازما :Pro’s and con’s of legalization of Weed
ۋىندوۋس 8.1 سىستېمىلىق خاتىرە كومپيۇتېرىمغا قاچىلاي دېسەم، تەرجىمە ياردەمچىسىنىمۇ، كوررېكتورنىمۇ Windows Defender توسۇۋالدى. قانداق قىلسام بولىدۇ؟
تەرجىمە ياردەمچىسى مۇشۇ پىتى توختاپ قالامدۇ ياكى تەرەققىي قىلىۋاتامدۇ . بىر يىل بولاي دېدى ، ھېچ يېڭىلىنىش ئەھۋالى يوق .
ياق، ناھايىتى ياخشى مېڭىۋاتىدۇ،
مىقدارى كۆپرەك ماتېرىيالنى تەرجىمە قىلسا، ۋورد ياكى تېكىست ھۆججىتى شەكىلدە ھاسىللىسا ھەممىسى بىر ئابزاس بولۇپ قالدى. بۇنى قانداق ھەل قىلىدىغاندۇ؟…
w7 دە نورمال قاچىلانغان ئىدى ، xpدە نورمال قاچىلىغىلى بولمىدى.
تەرجىمە قىلغان ماتىرىيالنى ساقلاپ، تەرجىمىسىنى كۆچۈرۈپ چاپلايدىغان ئىقتىدارىنى تاپالمىدىمغۇ ؟
بۇ يانفۇندا ئشلىگەن بولسا بىزدەك خەنچە بىلمەيدىغانلارنىڭ بىر خاپىلىقىنى ھەل قىلاركەنتۇق .غەيرەت قىلىڭ مۇئەللىم