ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى تىزىش قائىدىسى
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]2003-يىلى ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 3.9» يۇمشاق دېتالىدا Microsoft Excel گە ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى بۇيىچە تىزىش ئىقتىدارىنى قوشقان ئىدىم، ھازىرغىچە بۇ ئىقتىدار ئەلكاتىپنىڭ يېڭى نۇسخىسىدىمۇ بار ئىدى(ALKATIP50.XLA). بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىدىمۇ بۇ ئىقتىدارنى ئىشلەتكەن ئىدىم. يېقىندا، يەنە ئېھتىياج تۈپەيلىدىن مۇستەققىل ئىشلەيدىغان ئايرىم پىروگرامما قىلىپ قويدۇم، بۇ دېتالنى تارقىتىشتىن ئىلگىرى، ئىشلىتىش قوللانمىسىدا بۇ قائىدىلەرنى بايان قىلماقچى ئىدىم. تۆۋەندە ئالدى بىلەن مىسال ئارقىلىق ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈپ باقتىم، بۇنى ئاخىرىدا يەنە خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە تەرجىمە قىلىپ، تور بېكىتىمىزگە چىقىرىپ قويماقچى. ئەلۋەتتە، بۇنى يەنە باشقا مىللەت پىروگراممىچىلىرى پايدىلانسىمۇ چۈشىنەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. شۇڭا، مەقسەت ئېنىق، ئوي-پىكىر ئاددىي، راۋان ۋە توغرا ئىپادىلەنگەن بولۇشى لازىم. تۆۋەندىكى قائىدىگە تەكلىپ-پىكىر بولسا بەرگەيسىلەر.
ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى بۇيىچە تىزىش قائىدىسى
1. ئۇيغۇر يېزىقىدا ھەرپلەرنىڭ لاتىن ھەرپلىرىدەك چوڭ-كىچىك يېزىلىش شەكلى بولمايدۇ.
2. رەقەملەر ئۆز تەرتىپى بۇيىچە بارلىق ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ.
3. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئېلىپبە تەرتىپى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ (ئوڭدىن-سولغا):
ا ە ب پ ت ج چ خ د ر ز ژ س ش غ ف ق ك گ ڭ ل م ن ھ و ۇ ۆ ۈ ۋ ې ى ي
4. سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى (ا، ە، و، ۇ، ۆ، ۈ، ې، ى) سۆز بېشىدا كەلگەندە ئالدىغا ھەمزە ئۇلىنىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: ئالىم، ئەمگەك، ئوسمان، ئۇستاز، ئۆدەك، ئۈرۈمچى، ئېزىز، ئىنسان،… سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى سۆز ئارىسىدا بوغۇم بېشى بولغاندىمۇ ئالدىغا ھەمزە ئۇلىنىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: تەلئەت، خەلقئارا، سۈرئەت،…
5. سۆز بېشى ھەمزىلىك ھەرپتىن باشلانغان بولسا، ھەمزە نەزەرگە ئېلىنمايدۇ، سۆز ئارىسىدا بوغۇم بېشى بولغان ھەمزىلىك سوزۇق تاۋۇش ھەمزىسىز سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئالدىدا بولىدۇ، باشقا ھەرپلەرنىڭ تەرتىپى 3-قائىدىگە بويسۇنىدۇ.
مەسىلەن (ئوڭدىن-سولغا): تەلئەت تەلەت سۈرئەت سۈرەت
شۇڭا، تۆۋەندىكى سۆزلەر يۇقىرىقى قائىدە بۇيىچە مۇنداق تىزىلىدۇ.
1998
2011
ئالىم
ئەمگەك
ئەمگەكچى
باتۇر
تەلئەت
تەلئەتجان
تەلەت
تەلەتى
جاۋابكار
سۈرئەت
سۈرئەتلىك
سۈرەت
سۈرەتلىك
غاز
ھارۋا
ئوسمان
ئۇيغۇر
ئۇيغۇرچە
ئۆدەك
ئۈرۈمچى
ۋەتەن
ئېيىق
ئىنسان
ياسىن
- يازما كۆرۈلۈشى: 13,051 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2011-يىلى 06-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 15:06
- ئالدىنقى يازما :ئەلكاتىپ ۋە ئۇيغۇرسوفت
- كېيىنكى يازما :مۇلازىمەتمۇ بەزىدە چۈشىنىشكە مۇھتاج
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەد ئەپەندىم ، كەنت نۆۋەت ئالمىشىش سايلىمىغا بىلەت باسقاندا ئىسىملارنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە بېسىشقا توغرا كەلگەن . مۇمكىن بولسا ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تېزىش قۇرالىنى يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز . رەھمەت
2003-يىلى ئېلان قىلىنغان ئەلكاتىپنىڭ ھەرقانداق نەشرىدە ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە تىزىش ئىقتىدارى بار،
EXCEL دا ئىشلىتىسىز، فۇنكىسيە نامى: Unicode2Sort
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم! ئالىم مۇئەللىم، ئېلىپبە تەرتىپى بۇيىچە تىزىش زۈرۈر ئۇيغۇرچەماتېرىيال بار ئىدى. ئەمما سىز دىگەن Microsoft Excel دىن تاپالمىدى. ئەلكاتىپتىمۇ يوق، بىر يوليۇرۇق بەرسىڭىز، رەھمەت! nurbilig@live.com
ئەلكاتىپنىڭ ھەقسىز نۇسخىسىنى قاچىلىسىڭىزلا ئىچىدە بار، ئۇنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەكچى بولسىڭىز، مۇشۇ بىلوگىمدىن ئىزدەپ تاپالايسىز.
مەن ئۆگەنگەن ئۇيغۇرتىلى ئېلىپبە تەرتىپى مۇنداق ئىدى :
ئاۋال سوزۇق تاۋۇشلار : ئا ئە ئې ئى ئو ئۆ ئۇ ئۈ
ئاندىن كىيىن ئۈزۈك تاۋۇشلار : ن ت د س ش ك پ غ ل م ف …………… ھ ۋ
مەنمۇ يۇقىردىكى تورداشلارنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن. كىيىن قانداقلارچە ھازىرقى ئېلىپبە تەرتىۋى بارلىققا كېلىپ قالدىكىن بۇنى بىلمىدىم.
ئەگەر ئېلىپبە تەرتىى شۇنداق تىزىلسا، ئېلىپبەمۇ شۇنداق بولىدۇ. ئاندىن ئۇيغۇرتىلى گىرامماتىكىسى ئۈگەنگەندە قايتىدىن سوزۇق تاۋۇش، ئۈزۈك تاۋۇشلارنى ئايرىپ ئۈگۈنىدىغان گەپ.
مەن كىيىنكى كۈنلەردە قارىسام ئېلىپەمۇ ئۆزگىرىپ كىتىپتۇ. قارىسام ئۇيغۇر تىلىنىڭ سوزۇق تاۋۇش ئۈزۈك تاۋۇشقا ئايرىلىشنى ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇرتىلى دەرىسلىكدە قايتىدىن ئۈگۈنۈپ ئاندىن گىرامماتىغا چۈشىدىكەن.
ئېلىپبەدە بولسا ئېنگىلىزچىگە ئوخشىتىپ تىزىۋالغان ئېلىپبە تەرتىپى ئىشلىتىدىكەن.
بۇرۇنقى تىزىلىش تەرتىپى قانداقلارچە ھازىرقى ھالەتكە كېلىپ قالغاندۇ؟ بۇنىڭ بىرەر كىشىنى قايىل قىلارلىق ئىلمى ئاساسى بارمىدۇ؟
مەن بۇ يىل 1-يىللىق ئوقۇتتۇم،شۇنداق بولغاچقا 9-ئايدىن باشلاپ ئىزچىل ئېلىپبە ئۆتۈۋاتىمەن.توردىشىمىز ئېيىتقان ئاۋۋال سوزۇق تاۋۇش ئاندىن ئۈزۈك تاۋۇش بويىچە تىزىش مىنىڭچە ئېلىببە تەرتىپى ئەمەس بەلكى ئوقۇتۇش تەرتىپى.ئەلۋەتتە مەنمۇ 90-يىللاردا ئوقۇغاندا ئاۋۋال سوزۇق تاۋۇشنى ئاندىن كىيىن ئۈزۈك تاۋۇشنى ئۈگەنگەن.بۇنىڭمۇ ئىنتايىن مۇھىم تەرىپى بار دەپ ئويلايمەن.چۈنكى سوزۇق تاۋۇشسىز بوغۇم ،سۆز ھاسىل بولمايدۇ.شۇڭا ئاۋۋال سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى ئۈگىنىپ ئاندىن تۇنجى (ئوقۇتۇش تەرتىپىدىكى) ن ھەرىپىنى ئۈگەنگەندە ھەرپ بىلەن بىرگە بوغۇم ۋە يېڭى سۆزلەرنى يىزىش ئوقۇشنى ئۈگەنگىلى بولىدۇ.مەسىلەن : نان ،ئون ،ئۇن ئانا …دىگەندەك.ھازىر قوللىنىۋاتقان ئېلىپبە بۇرۇنقىسىغا ئوخشىمايدۇ.ھەرپلەر تامامەن ئارىلاش .مەسىلەن: ئا،ن،ت،ئە… ئەڭ ئاخىردا ڭ بىلەن ئاياغلىشىدۇ. سۆزلەرمۇ ئوخشىمايدۇ. بۇ خىل تەرتىپتە تىزىش ئۇيغۇرتىلى ئېلىپبەسىنىڭ تەرتىپى شۇنداق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ. بۇ تەرتىپ ئوقۇتۇش ئىھتىياجىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن ئوقۇتۇش تەرتىپى. ئېلىپبە تەرتىپىگە كەلسەك دەرسلىك كىتابنىڭ بېشىدا «ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى ئېلىپبەسى»دەپ قىستۇرما بەت بىرىلگەن بولۇپ،ھەرپلەرنىڭ تەرتىپى ،خەلقئارالىق ترانسىكرىپسىيىسى ۋەخەنزۇتىلى پىنيىن سىلىشتۇرمىسى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. تەرتىپى ئالىمجان مۇئەللىمنىڭ ئېيىتقىنى بىلەن بىردەك.
مېنىڭچە بۇ تەرتىپ بۇرۇنمۇ شۇنداق.مەندە 1990-يىلى نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرتىلى ئىزاھلىق لۇغىتىدىمۇ تەرتىپ شۇنداق يىزىلغان. لېكىن 1930-يىللاردىكى ئېلىپبە ئۇنداق ئەمەسكەن (ھى،ھى.ھى ….) .شۇچاغدىكى ئېلىپبەمۇ ئالىمجان مۇئەللىم ئېيىتقاندەك ئا دىن باشلانغانكەن.
مەنمۇ مۇشۇ قاراشقا قوشۇلىمەن. ئاۋۋال سوزۇق تاۋۇش، ئاندىن ئۈزۈك تاۋۇش ئۈگەنسە! مانابۇ ئۇيغۇرتىلى ئۈگۈنۈشنىڭ ھەقىقى قائىدىسى ئەمەسمۇ؟ قانداقلارچە ھازىرقى ئېلىپبە قائىدىسى نىمىگە ئاساسەن تىزىلدىكىن تاڭ!! جاۋب بېرىدىغانلار جاۋاپ بەرسەڭلار.