ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى تىزىش قائىدىسى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى تىزىش قائىدىسى

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

2003-يىلى ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ 3.9» يۇمشاق دېتالىدا Microsoft Excel گە ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى بۇيىچە تىزىش ئىقتىدارىنى قوشقان ئىدىم، ھازىرغىچە بۇ ئىقتىدار ئەلكاتىپنىڭ يېڭى نۇسخىسىدىمۇ بار ئىدى(ALKATIP50.XLA). بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇيغۇرسوفت لۇغىتىدىمۇ بۇ ئىقتىدارنى ئىشلەتكەن ئىدىم. يېقىندا، يەنە ئېھتىياج تۈپەيلىدىن مۇستەققىل ئىشلەيدىغان ئايرىم پىروگرامما قىلىپ قويدۇم، بۇ دېتالنى تارقىتىشتىن ئىلگىرى، ئىشلىتىش قوللانمىسىدا بۇ قائىدىلەرنى بايان قىلماقچى ئىدىم. تۆۋەندە ئالدى بىلەن مىسال ئارقىلىق ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈپ باقتىم، بۇنى ئاخىرىدا يەنە خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە تەرجىمە قىلىپ، تور بېكىتىمىزگە چىقىرىپ قويماقچى. ئەلۋەتتە، بۇنى يەنە باشقا مىللەت پىروگراممىچىلىرى پايدىلانسىمۇ چۈشىنەلەيدىغان بولۇشى كېرەك. شۇڭا، مەقسەت ئېنىق، ئوي-پىكىر ئاددىي، راۋان ۋە توغرا ئىپادىلەنگەن بولۇشى لازىم. تۆۋەندىكى قائىدىگە تەكلىپ-پىكىر بولسا بەرگەيسىلەر.

ئۇيغۇرچە ئېلىپبە تەرتىپى بۇيىچە تىزىش قائىدىسى

1. ئۇيغۇر يېزىقىدا ھەرپلەرنىڭ لاتىن ھەرپلىرىدەك چوڭ-كىچىك يېزىلىش شەكلى بولمايدۇ.

2. رەقەملەر ئۆز تەرتىپى بۇيىچە بارلىق ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ.

3. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئېلىپبە تەرتىپى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ (ئوڭدىن-سولغا):
ا ە ب پ ت ج چ خ د ر ز ژ س ش غ ف ق ك گ ڭ ل م ن ھ و ۇ ۆ ۈ ۋ ې ى ي

4. سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى (ا، ە، و، ۇ، ۆ، ۈ، ې، ى) سۆز بېشىدا كەلگەندە ئالدىغا ھەمزە ئۇلىنىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: ئالىم، ئەمگەك، ئوسمان، ئۇستاز، ئۆدەك، ئۈرۈمچى، ئېزىز، ئىنسان،… سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى سۆز ئارىسىدا بوغۇم بېشى بولغاندىمۇ ئالدىغا ھەمزە ئۇلىنىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: تەلئەت، خەلقئارا، سۈرئەت،…

5. سۆز بېشى ھەمزىلىك ھەرپتىن باشلانغان بولسا، ھەمزە نەزەرگە ئېلىنمايدۇ، سۆز ئارىسىدا بوغۇم بېشى بولغان ھەمزىلىك سوزۇق تاۋۇش ھەمزىسىز سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئالدىدا بولىدۇ، باشقا ھەرپلەرنىڭ تەرتىپى 3-قائىدىگە بويسۇنىدۇ.
مەسىلەن (ئوڭدىن-سولغا): تەلئەت تەلەت سۈرئەت سۈرەت

شۇڭا، تۆۋەندىكى سۆزلەر يۇقىرىقى قائىدە بۇيىچە مۇنداق تىزىلىدۇ.

1998
2011
ئالىم
ئەمگەك
ئەمگەكچى
باتۇر
تەلئەت
تەلئەتجان
تەلەت
تەلەتى
جاۋابكار
سۈرئەت
سۈرئەتلىك
سۈرەت
سۈرەتلىك
غاز
ھارۋا
ئوسمان
ئۇيغۇر
ئۇيغۇرچە
ئۆدەك
ئۈرۈمچى
ۋەتەن
ئېيىق
ئىنسان
ياسىن

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
36 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ئالىم مۇئەللىم!مەن ئادەتتىكى بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى، مەن نەچچە ۋاقىتتىن بىرى 1997يىللىرىدىكى ئىلىپە كىتابنى ئىزدەپ پەقەت تاپالمىدىمpdf نۇسخىسى بولسىمۇ بولاتتى ، يول كۆرسەتسىڭىز قەيەردىن تاپقىلى بولار، ئاخىردا بىلۇگىڭىزنىڭ ئىچىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. مىنى ھەممىدىن خۇشال قىلغىنى win8 غا ئۇيغۇرچە قوشۇلغانلىقى

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 13:45
    • مەن مىسرانىم تورىغا ئېلكىتاپ نۇسخىسىنى يوللاپ قويدۇم ..
      ‹ئېلىپبە ئېلكىتاپ › دەپ ..چۈشۈرۋېلىڭ دىگەن تۇردە بار ئىزدەڭ ..

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 18:23
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئالىم مۇئەللىم سىز ماتىماتىكا مۇئەللىمىدىن كومپىيوتىر مۇئەللىمىگە ئەمدە يەنە ئۇيغۇرتىلى مۇئەللىمىگە ئۆزگىرىپ قاپسىز … يەنە نەچچە يىل ئۆتسە ئەممە پەندىن دەرىس بىرىپ چىقىدىغان ئوخشايسىز. مۇشۇ ئېلىپبە تەرتىۋى قارىماققا ئاددىيدەك قىلغىنى بىلەن شۇنداق مۇرەككەپ باش ئاغرىقى ئىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى am 06:58
    • مەن مۇ كومپيوتېر بىلەن تولا ھەپىلىشىمەن. كومپيوتېردا نېمىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشنى قىلسا، شۇ تەرەپتىكى مەزمۇنلارنى بىلمىسە، شۇ ئىىشنى ياخشى قىلغىلى بولمايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 14:53
  • تور بېتىڭىزنىمۇ مۇقىم قىلىپ ئېچىۋەتسىڭىز بولاتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 23:42
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    ئالىم مۇئەللىم سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.
    « سودا – ئالاقە، سودا-سېتىق» دىگەن سۆزلەرنىڭ ئارسىغا سىزىقچە قويلامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى am 09:53
  • 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بويىچە ئىملا ۋە تەلەپپۇز سەۋىيەسىدىن سىناق ئېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا قارار» دېگەن ھۆججەتنىڭ روھىغا ئاساسەن، كورلا شەھىرىدە ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارغا بىر كۈنلۈك « ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىن ئىملا ۋە تەلەپپۇز بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ باردى. ئىككىنچى كۈنى يېزىقچە ھەم ئېغىزچە ئىمتىھان ئېلىندى. مەنمۇ مۇشۇ تەربىيەگە قاتناشقۇچى. تەربىيەلەش جەريانىدا، قولىمىزغا بىردىن «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بويىچە ئىملا ۋە تەلەپپۇز سەۋىيەسىدىن سىناق ئېلىش پروگراممىسى» دېگەن كىتابنى تارقىتىپ بەردى. كىتاپتا ئىلىپبە تەرتىپى توغرىسىدا مۇنداق توختالغان:«ئېلىپبە جەدۋېلدىكى ھەرپلەرنىڭ مەلۇم ئۆلچەم ئاساسىدا مۇئەييەن رەت تەرتىپى بويىچە تىزىلىشى ئېلىپبە تەرتىپى دەپ ئاتىلىدۇ. ئېلىپبە تەرتىپى مۇقىم، تۇراقلىق بولىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبە تەرتىپى ئەرەب يېزىقى ئېلىپبەسىنىڭ ئەنئەنىۋى تەرتىپىنى ئۆلچەم قىلىش، ئەرەپ يېزىقى ئېلىپبەسىدە يوق، ئۇيغۇر تىلىغا خاس ھەرپلەرنى شەكىلداش ياكى شەكىل جەھەتتىن يېقىن كېلىدىغان ھەرپلەرنىڭ ئاخىرىغا تىزىش ئارقىلىق بەلگىلەنگەن. ئېلىپبە تەرتىپىنى ئېنىق بەلگىلەش ھەم ئۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلىش پەن-تېخنىكىدا، لۇغەت تۈزۈش ۋە لۇغەتلەردىن پايدىلىنىشتا، مەتبەئەتچىلىك ئىشلىرىدا، ئىسىملىكلەرنى رەتكە تۇرغۇزۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئېگە.»

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 22:12
  • مەن 92-يىلى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ بىرىنجى يىللىقىغا كىرگەن. شۇ زامانلاردا ئۈچىنجى يىللىققا چىققۇچە خەنزۇتىلى دەرسى ئۆتۈلمەيىتتى. ئىككىنجى يىللىققا چىققاندا ئېلىپبە دەرسى توختىتىلىپ «ئەدەبىيات» ۋە «ئۇيغۇرتىلى» دىن ئىبارەت ئىككى ئاساسى پەنگە ئايرىلاتتى. يەنى ئۈچ يىل ئەتراپىدا بىز مەخسۇس ئانا تىل ئېلىپبە ۋە ئەدەبىياتىمىز ھەققىدە توختىلاتتۇق ۋە شۇ ھەقتە ھەرخىل مۇلاھىزە ، زىھىن سىناش ۋە يادقا ئېلىش ، سۆزلەش ، يېزىقچىلىق …….. قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ھەرخىل مۇسابىقىلەر ئېلىپ بېرىلاتتى . (ئىنكاس يېزىۋاتقاچ شۇ ۋاقىتلارنى تولىمۇ سېغىندىم ، شۇ چاغلاردا ئانا تىلىمىزنىڭ ئوقۇتۇشلىرى خېلى يامان ئەمەس دەرىجىدە ياخشى ۋاقىتلار ئىكەن ، ھەي ………) . ئىسىمدا قىلىشىچە مەن ئۇ ۋاقىتتا ئۆگەنگەن ئۇيغۇرتىلى ئېلىپبە تەرتىپى مۇنداق ئىدى :
    ئاۋال سوزۇق تاۋۇشلار : ئا ئە ئې ئى ئو ئۆ ئۇ ئۈ
    ئاندىن كىيىن ئۈزۈك تاۋۇشلار : ن ت د س ش ك پ غ ل م ف …………… ھ ۋ ژ .
    (كەچۈرۈڭلار بۇنىڭدىن 18 يىل ئىلگىركى ئىشلار بولغاچقا تازا يادىمدا قالماپتۇ . )
    لىكىن ئالىم مۇئەللىم يازغان يېڭى ئۆلچەملەر قاچاندىن بېرى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ ئومۇملاشقانلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن . ھەمدە نىمىگە ئاساسەن شۇ تەرتىپ بويىچە تىزىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن. مىنىڭچە سەۋەبى يوق ئىش بولمىسا كىرەك . بىلىدىغانلار ئىنكاس ئارقىلىق يېزىپ قويساڭلار بەك ياخشى ئىش بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 13:52
    • مەنمۇ ئېنىق بىلمىدىم، لېكىن، ئەرەبچە ئېلپبەدىكى سۆزلەرنىڭ تىزىلىشىغا يېقىن كېلىدۇ.
      مېنىڭ ئەڭ ھەيران قالغىنىم مۇشۇ ئىشنى دەپ مەن دۇنيادىكى 120 خىل تىلنىڭ ئېلىپبە تەرتىپىنى توردىن ئىزدەپ كۆرۈپ باقتىم. ھەممە مىللەتنىڭ ئېلىپبەسى «ئا» دىن باشلىنىدىكەن. ناۋادا، ھازىر بولغان بولسا توردا دېيىشىۋالغان دېسەك، لېكىن، نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن ئۇچۇر-ئالاقە تەرەققىي قىلمىغان، ھەتتا بەزى مىللەتلەر تېخى ئوۋ ئوۋلاپ، تۈزۈك كىيىم-كېچەك كىيىپ يۈرمىگەن دەۋرلەردە، ئۇلار تۈزۈۋالغان يېزىقلارنىڭ ئېلىپبەسى ئاساسەن «ئا» دىن باشلىنىپتۇ. مەن بۇنىڭ سەۋەبىگە تېخىمۇ ھەيران قېلىپ، ئىشەنچىلىك ماتېرىيال تاپالمىدىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 20:09
    • سىز دېگەن ئىلىپبە تەرتىپى ئەينى ۋاقىتتا 1- يىللىق 1- ماۋسۇمدا ئۆگەنگەن تەرتىپ بىلەن ئوخشاشكەن، لىكىن ھازىرقى 1- يىللىقنىڭ ئىلىپبەسى ئۆزگەرتىلىپتۇ، يەنە تىخى كىچىك ۋاقتىمىزدا دەپتەرنىڭ كەينى تىشىدا ئىلىپبە تەرتىۋى ياكى كەرە جەدىۋىلى بار ئىدى، لىكىن ھازىر دەپتەرنىڭ كەينى بىتىدە ئاساسەن قونچاق (كارتون) رەسىملەر بىلەن توشۇپ كىتىپتۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 17:58
  • ئۇيغۇر يېزىقى ئېلىپبە جەدۋېلىدە ئىلىپبە تەرتىپىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار ھەمزىلىك شەكلى بىلەن ئېلىنغان. يەنى« ئا، ئە، ئو، ئۇ، ئۆ،ئۈ، ئې، ئى». كومپيۇتېردا (نېمە زۆرۈرىيەتتىن بىلمىدىم) سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزىسى ئايرىم بىر بۆلەك سۈپىتىدە ئېلىنىپ، بىر تەرەپ قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ئېلىپبە جەدۋېلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلار يۇنىكود ئاساسىي رايونغا يالغۇز شەكلى بويىچە ساقلانغان. ئادەتتە ئۇيغۇرچە يونىكۇدلۇق تېكىستلەر ئاساسىي رايون يۇيىچە ساقلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىلىپبە تەرتىپىنى ئاساسىي رايۇندىكى ھەرپلەر بويىچە ئېلىنغان.
    بولسا، مۇشۇنداق ئىككى خىل ئېلىنىش سەۋەبى ۋە ھەمزە«ئ» چۈشەندۈرۈلسە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى am 11:01
    • ئۆز ۋاقتىدا كۇنۇپكا تاختىسىغا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بارلىق ھەرپ شەكىللىرى (جەمئىي 100 نەچچە ھەرپ شەكلى ۋە تىنىش بەلگىلەر) ئورۇنلاشتۇرۇلغاندا پاتماي قالغاچقا، سوزۇق تاۋۇشنىڭ بېشىدىكى ھەمزەنى ئايرىم بەلگە سۈپىتىدە كودىلاش ۋە ھەرپلەرنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىر شەكىللىرىنى ئالماي (ئىككى باش ھەرپنى يېقىن يازغاندا ئوتتۇرا ھەرپكە ئوخشايدىغان بولغاچقا) كودىلىغاندا، 50 نەچچە ھەرپكە قىسقارغان. بۇ 50 نەچچە ھەرپنى كۇنۇپكا تاختىسىغا تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇغان. ئۇ ۋاقىتلاردا پىروگراممىلاردا ئاپتۇماتىك شەكىل تاللاش تېخنىكىسى بولمىغاچقا، باش ا ۋە ئۇلىنىدىغان ا نى ئىككى كۇنۇپكىدىن كىرگۈزەتتۇق. كېيىن 90-يىلى دىلشات ھېۋزۇللا C تىلىدىن پايدىلىنىپ ئاپتۇماتىك شەكىل تاللاش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئەمەلگە ئاشۇردى. خەت نۇسخىسى ياسىغاندىمۇ ھەرپلەرنىڭ بارلىق شەكىللىرى ئېلىندى، ئەمما، شۇ مېخانىك خەت بېسىش ماشىنىسىنىڭ كۇنۇپكا تاختىسىدىن قېلىپ قالغان بۇ ھەمزەنى پارچىلاپ كىرگۈزۈش ئىدىيەسى كېيىن كومپيۇتېر زامانىسىدىمۇ ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالدى. لېكىن، ھەمزەنى چىقىرىپ تاشلىغاندا، ئادەتتىكى ئۇسۇل بىلەن تەلەت بىلەن تەلئەتنى كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ. بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن غايەت زور سۆزلۈك ئامبىرى بولۇش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ئازىراق ئۈنۈمنى دەپ زور بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ، خۇددىي چاشقانغا زەمبىرەك ئاتقانغا ئوخشايدۇ. شۇڭا، بۇ ھەمزەنى ئايرىم كۇنۇپكىغا ئورۇنلاشتۇرۇش شۇ دەۋىردىن قېلىپ قالغان. شۇڭا، ئېلىپبە تەرتىپى بىلەن كومپيۇتېردىكى ھەرپلەرنىڭ كود تەرتىپى پەرقلىنىدۇ. بۇ ھالەت ئىنگلىزچىدىمۇ بار. چۈنكى، ئىنگلىزچە ھەرپلەردىمۇ كىچىك يېزىلىشى چوڭ يېزىلىشنىڭ كەينىگە تىزىلغان، ئەمما، كود تەرتىپى بۇيىچە تىزغاندا خاتالىق چىقىدۇ، قائىدە بۇيىچە چوڭ A بىلەن a بىر يەرگە كېلىش لازىم. ئەمما، ئىنگلىزچە كود تەرتىپىگە ئاساسلىنىپ بۇنداق تىزغىلى بولمايدۇ، شۇڭا، نۇرغۇن يېزىقلارنىڭ كومپيۇتېردا تىزىش ئۆلچىمى بار. ھازىر بىزدە تېخى بۇنداق ئۆلچەم يوق، چۈنكى، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشىر قىلغان ئۇيغۇرچە لۇغەت بىلەن تىلكوم تۈزۈپ چىققان لۇغەتتە سۆزلەرنىڭ تىزىلىش تەرتىپى ئوخشاش ئەمەس. ئوخشاش بىر تىلكوم تۈزگەن لۇغەتتىمۇ 97-يىلى ۋە 2009-يىلىدىكى لۇغەتتىمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلەرنىڭ تىزىش تەرتىپى ئوخشاش ئەمەس. مەسىلەن: سۈرئەت، سۈرەت، تەلئەت، تەلەت نىڭ تىزىش تەرتىپىگە قاراپ باقساق بولىدۇ. شۇڭا، بىز بۇنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقتۇق، لېكىن، بۇ ئۆلچەم ئەمەس، چۈنكى، بىرەر ئۆلچەم ئىدارىسى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆلچەم بولىدۇ.
      كېيىنكى ئاساسىي رايون ۋە كېڭەيتىلگەن رايون توغرىسىدىمۇ نۇرغۇن نەرسىلەرنى يازغۇم بار، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرچە مۇشۇنچىلىك بولسۇن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 19:57
  • مېنىڭچە ئەمدى تولۇق راۋان بولدى، رەتلەپ چىقساق مۇنداق بولىدىكەن، باشقا پىكىر بولمىسا، قائىدىمىز مۇشۇنداق بولسۇن،
    ==============================================
    ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى تىزىش تەرتىپى

    1. ئۇيغۇر يېزىقىدا ھەرپلەرنىڭ لاتىن ھەرپلىرىدەك چوڭ-كىچىك يېزىلىش شەكلى بولمايدۇ.

    2. رەقەملەر ئۆز تەرتىپى بۇيىچە بارلىق ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ ئالدىدا، باشقا ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ كەينىدە كېلىدۇ. باشقا ھەرپلەرنىڭ تەرتىپى ئۆز تەرتىپى بۇيىچە بولىدۇ.
    مەسىلەن (ئوڭدىن-سولغا):
    < بوشلۇق> ! “ # … (باشقا ھەرپ-بەلگىلەر)
    0 1 2 3 4 5 6 7 8 9 (رەقەملەر)
    ا ە ب پ ت… (ئۇيغۇرچە ھەرپلەر)

    3. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنىڭ ئېلىپبە تەرتىپى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ.
    مەسىلەن (ئوڭدىن-سولغا): ا ە ب پ ت ج چ خ د ر ز ژ س ش غ ف ق ك گ ڭ ل م ن ھ و ۇ ۆ ۈ ۋ ې ى ي

    4. سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى (ا، ە، و، ۇ، ۆ، ۈ، ې، ى) سۆز بېشىدا كەلگەندە ئالدىغا ھەمزە ئۇلىنىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن: ئالىم، ئەمگەك، ئوسمان، ئۇستاز، ئۆدەك، ئۈرۈمچى، ئېزىز، ئىنسان،… سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرى سۆز ئارىسىدا بوغۇم بېشى بولغاندىمۇ ئالدىغا ھەمزە ئۇلىنىپ يېزىلىدۇ.
    مەسىلەن (ئوڭدىن-سولغا): تەلئەت خەلقئارا سۈرئەت،…

    5. ھەمزە ئورنىغا قاراپ تىزىلىدۇ، سۆز بىشىدا كەلسە نەزەرگە ئىلىنمايدۇ، سۆز ئارىسىدا ئوخشاش بولمىغان سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئالدىدا كەلگەندە نەزەرگە ئىلىنمايدۇ، ئوخشاش سوزۇق تاۋۇشقا نىسبەتەن ھەمزىلىك سوزۇق تاۋۇشنىڭ تەرتىپى ئالدىدا بولىدۇ.
    مەسىلەن (ئوڭدىن-سولغا): تەلئەت تەلەت سۈرئەت سۈرەت
    ==============================================

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى am 08:26
  • مىنىڭچە مۇنداق ئۆزگەرتسەك قانداق بولا:
    3-تۈرگە قوشۇپ قويىدىغىنى: بىر ھەرپنىڭ ھەر خىل شەكلىنىڭ ئىلگىرى كىيىنلىك تەرتىۋى بولمايدۇ، ئەمما سوزۇق تاۋۇشلار بۇنىڭ سىرتىدا. ئوخشاش بىر سوزۇق تاۋۇشتا ھەمزىلىك سوزۇق تاۋۇشنىڭ تەرتىۋى ھەمزىسىز سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئالدىدا بولىدۇ.

    مىنىڭچە مۇشۇنداق ئۆزگەرتكەندە 5-تۈرنى قوشۇش ھاجەتسىزمۇ قانداق؟ سىنىڭچە قانداق؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 16:04
    • ئۇيغۇرچە ھەرپلەر ئاساسىي شەكىل ( يەنى 6-رايوندىكى كودى) بىلەن ساقلانغاچقا، ھەرپلەرنىڭ ھەر خىل شەكىللىرى دېگەن سۆزنى تىلغا ئالماي تۇرايلى. بۇ پىكىرمۇ ئىخچام بولغۇدەك،

      ئەرەبچە تىزىش تەرتىپى مۇنداق بولىدىكەن
      ====================================
      1. ئەرەب يېزىقىدا لاتىنچىدەك چوڭ-كىچىك يېزىلىش يوق.
      2. سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ تەرتىپى مۇنداق: ئېغىر، ئوزۇن، ئاھاڭ ئۆزگەرتىش ياكى چېكىت.
      3. ھەمزەنى ئورنىغا ئاساسەن تىزىمىز.
      4. ئېلىپبە تەرتىپى تىزىش تەرتىپىنى كۆرسەتمەيدۇ.
      5. گەرچە ئېلىپبە تەرتىپى ھەرپلەرنىڭ تەرتىپىنى ئىشلەتسەكمۇ، لېكىن، بۇلارنىڭ پەرقى بار.
      6. رەقەملەر ئېلىپبەلىك بولمىغان ھەرپلەرنىڭ كەينىدە، ھەرپلەرنىڭ ئالدىدا كېلىدۇ..
      7. ئېلىپبە تەرتىپى مۇنداق:
      ======================================
      1. There are no capital rules in Arabic
      2. The order of vowels is: unaccented, long, umlaut, or dot.
      3. hamza does not sort. It sorts according to its ”seat“ .
      4. Alphabetical order is not necessarily indicative of sorting order . 5. The alphabetical order is different than the alphabet, although both can be used .
      6. Digits sort after the non-alphabetical characters and before the letters of the alphabet.
      7. The alphabetical order is:

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 16:52
      • توغرا ‘ خەت شەكلىنى نەزەرگە ئالماسلىق كىرەككەن. ئۇنداقتا مۇنداق دىسەك بولغۇدەك: ھەمزە ئورنىغا قاراپ تىزىلىدۇ، سۆز بىشىدا كەلسە نەزەرگە ئىلىنمايدۇ، سۆز ئارىسىدا ئو خشاش بولمىغان سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئالدىدا كەلگەندە نەزەرگە ئىلىنمايدۇ، ئوخشاش سوزۇق تاۋۇشقا نىسبەتەن ھەمزىلىك سوزۇق تاۋۇشنىڭ تەرتىۋى ئالدىدا بولىدۇ

        يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 23:42
  • كەسپىي مەزمۇنلارنى يېزىڭ دەيدۇ، يېزىپ باقسام، تۈزۈك تەكلىپ-پىكىر ئىنكاسلار يوق، قارىغاندا يەنە شۇ ئۇ يەرگە باردىم، بۇ يەردىن كەلدىم دېگەن مەزمۇنلارغا قىزىقىدىغانلار جىق ئوخشايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 14:31
  • مېنىڭچە ئەمدى تولۇق بولغاندەك…

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 22:49
  • 5. سۆز بېشى ھەمزىلىك ھەرپتىن باشلانغان بولسا، ھەمزە نەزەرگە ئېلىنمايدۇ، سۆز ئارىسىدا بوغۇم بېشى بولغان ھەمزىلىك سوزۇق تاۋۇش ھەمزىسىز سوزۇق تاۋۇشنىڭ ئالدىدا بولىدۇ، باشقا ھەرپلەرنىڭ تەرتىپى 3-قائىدىگە بويسۇنىدۇ.
    مەسىلەن (ئوڭدىن-سولغا): تەلئەت، تەلەت، سۈرئەت، سۈرەت.
    ============================================
    5-قائىدە يەنە مۇجىمەل تۇرىدۇ گەرچە ئۇ «تەلئەت»، «تەلەت»نى تىزىشنى چۈشەندۈرۈپ بەرسىمۇ، لېكىن، «تەلات»، «تەلئەت»نى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيمەيدۇ.
    مۇنداق دېسەكچۇ: سۆز ئارىسىدا ھەمزە كەلسە، ھەمزەنى ئېلىۋەتكەندە بۇ ھەر ئىككىسى ئوخشاش سوزۇق تاۋۇش بولسا، ھەمزەلىك شەكىل ھەمزەسى بولمىغان شەكىلنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ، ناۋادا، ھەمزەنى ئېلىۋەتكەندە، بۇ ئىككى سوزۇق تاۋۇش ئوخشاش بولمىسا، سوزۇق تاۋۇشنىڭ تەرتىپىگە بويسۇنىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:34
    • ئەسسلامۇ -ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەد ئەپەندى!
      مىنىڭچە باشتېكىدەك بولسا ،(مەسلەن:سۈرەت بىلەن سۈرئەت) پەرىكلەندۈرۈلۈپ يىزىلىشى كىرەك دەپ قارايمەن.
      مەسلەن؛
      1.بۇ ماشىنىنىڭ سۇرئتى تىز.
      2.مەن سۈرەتكە چۈشتۇم .
      بۇنى ئويلىنىپ كۆرۈشىڭزنى سورايمەن .بۇ قىسمان ئەھۋال بولمىسا كىرەك.
      ئەگەر قىسمەن ئەھۋال بولسا يۇقىرىقى پىكىرنى قوللايمان.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 4-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 12:31
  • كۈدە بىر قىتىم دەپ باسمىسام بىر قىسىملا بۇلۇپ قالىدىغان بۇلۇپ قالدىم دىسە . . . .
    راست ئەمدى بىلدىم . . . بىلوگ چىرايلىقلىقىغا قاراپ بىلوگ ئەمەس بەلكى مەزمون موللىقىغا قاراپ بىلوگ بولىدىكەن . . .
    «قىنى قايسى كۈنى بىر تورداش ئالىم ئەھەت ئاكىمىز ئۈچۈن بىر ئۇسلۇپ تەييارلاپ بەرمەكچى بولغان ئىدى . ئۇتتۇپ قالدىمۇ يا ، ئالىمجان ئاكام رەت قىلغاندىمۇ ۋە ياكى ئۇسلۇپ تەييارلىنىۋاتقاندىمۇ . . . »

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 23:29
  • ئالدىنقى قېتىم بىلىكتە مۇشۇ ئىش خېلىش تالاش تارتىش بولغان ئىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 18:07
    • شۇنداق، بۇ ئىشلاردىن خەۋىرىم بار.
      گەرچە، ھەمزەنىڭ تەرتىپى توغرىسىدا ئېنىق بىرلىككە كەلگەن بولساقمۇ، لېكىن، يۇقىرىقىدەك ئېنىق بىر قائىدە (ياكى ھەل قىلىش چارىسى) ئوتتۇرغا قويۇلمىدى. شۇڭا، باشقىلار پايدىلىنىپ باقايلى دېسە، مانا بۇ يەردە دەپ كۆرسىتىپ قويۇش ئۈچۈن يېزىپ باقتىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 19:15
  • 5-قائىدىنى «سۆز بېشى ھەمزىلىك ھەرپتىن باشلانغاندا، ھەمزە نەزەرگە ئېلىنماي …» دەپ ئالساق تېخىمۇ ئېنىق بولغىدەك. ئەگەر مەن خاتا چۈشىنىۋالمىغان بولسام .

    يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 15:31
    • توغرا! بۇنداق دېسەك تېخىمۇ راۋان بولغۇدەك، رەھمەت !
      بۇنىڭدىكى ئەڭ ھالقىلىق جاي ئاشۇ 5-قائىدە، چۈنكى، پىروگرامما يېزىپ ئۇيغۇرچە تىزىغاندا كۆپىنچە مۇشۇ يەردىن چاتاق چىقىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2011-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 15:42
باھا بېتى: 1 2