«شېرىن چۈش»تە ئالىم ئەھەتنىڭ قانداق ئارزۇسى باردۇ؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

«شېرىن چۈش»تە ئالىم ئەھەتنىڭ قانداق ئارزۇسى باردۇ؟

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

2015-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى قويۇلماقچى بولغان «شېرىن چۈش» پىروگراممىسىدا مەن چىقىدىكەنمەن، ئالدىنقى قېتىم مىسرانىم تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابابەكرى مۇختەر ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئېلىپ چىققان ئىدى. ئەمما ھازىر مىكروسوفت شىركىتى بارلىق مەھسۇلاتلىرىدا ئۇيغۇر تىلىنى داۋاملىق كېڭەيتكەن تۇرسا، Windows 10 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تاماملىنىپ، كومپيۇتېر، تېلېفون ۋە تاختا كومپيۇتېردا ئۇيغۇرچە بىر تەرەپ قىلىشتا ھېچقانداق توسالغۇ قالمىغان تۇرسا، ئالىم مۇئەللىمنىڭ يەنە قانداق ئارزۇسى باردۇ؟ ئۇنداق بولسا تۆۋەندىكى ۋاقىتقا دىققەت قىلىڭ.
sherin
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «شېرىن چۈش» پىروگراممىسى
تۇنجى قويۇلۇش ۋاقتى: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 30-كۈنى(پەيشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 8:40 دا.

http://sherin.karwan.cn/index.html

توردا كۆرۈش ئادرېسى:
http://uyntv.cntv.cn/lm/tvlm/sherinqush1/index.shtml

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
52 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • بىز ھەممىمىز ئالىم ئەھەدكە تۇگىمەس غەلىبە، نۇسرەتلەرنى تىلەپ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋەتتۇق. ئەمىلىيەتتە، نۇرغۇن ئىشلارغا سۈكۈت قىلىۋىلىشىمىز كېرەكتى. ئالىم ئەھەد تېخى ئۇيغۇرنى دۇنياغا تولۇق ئەمەس، ئازراقمۇ تونىتالمىدى. قىسقىسى، ما غۇلجىدىكى نۇرغۇن كومپيۇتېرچىلار ئالىم ئەھەدنى تونىمايدۇ. ئالىم ئەھەدكە قۇرۇق ماختاش، مەدھىيىلەر كېرەك ئەمەس، ئامما ئەلنىڭ پىكىر بېرىش ھوقۇقى بولسىمۇ، ئۇيغۇرنىڭ كومپيۇتېرچىلىقىنى دۇنياۋى سەۋىيىگە كۆتۈرۈش پەقەت يالغۇز كىشىنىڭلا مەسئۇلىيىتى بولۇپ قېلىپ، كىينكى دوقاللاردا ئالىم مالىمنى ئۆزىنى يالغۇز، تەنھا ھېس قىلىپ، ‹سۈنۋۇكۇڭ›نى ئالقان تېغىغا كۆمىۋەتكەندەك، كۆمىلىپ قېلىشىدىن خاۋاتىرلىنىمەن.
    ئالىم مالىم، غۇلجىلىقلارنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېرغا بەك ئۇستا ئوخشايدۇ، ئۇيغۇر سوفتنىڭ بىرەرمۇ ۋاكالەتچىلىسى يوق غۇلجىدىن ، دېگەن گېپىنى يۈرۈكۈمگە قان بىلەن يېزىۋالغانمەن.
    بىز بىر گۇرۇپپا، يەنى ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىرى گۇرۇپپىسى. بىز بىر چوڭ بىنا، ھەر بىرىمىز شۇ بىنانىڭ خىش ۋە باشقا ماتىرىياللىرى….
    شۇڭلاشقا ھەممىنى ئالىم ئەھەدكە تاشلاپ قويماي، ئالىم ئەھەدنىڭ يۈكىنى بوينىغا ئالىدىغان بىرسى چىقسا، ئالىم ئەھەد مايكرو سوپت ئۆزىدىن بىلىم ئېلىپ كەلسە نېمە دېگەن ئېسىل ئىش بولاتتى، ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، ئاپام ئۆزىنى ھەرەمگە ئاپىرىپ كەبىنى 70 قېتىم چۆگىلەتكىنىمدىنمۇ بەك خۇش بولاتتى، دادام رەھمىتىمۇ گۆرىدە تىك تۇرۇپ ئالىم مالىم ئۈچۈن قىيامەتكىچە دۇئا قىلغان بولاتتى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ پەقىر ئوغلىدىن كۈتكەن ئۈمىدى بەك چوڭ بولغاچقا، ئالىم مۇئەللىمنىڭ يېنىغا شاگىرتلىققا ئاپىرىپ بەرگەنلىكىگە تۈمەن قېتىم رازى بولاتتى. مەنمۇ، قۇرۇق پەخىرلىنىش بىلەنلا قالماي، ئالىم مۇئەللىمنىڭ يۈكىنى بوينۇمغا قورقماي ئالاتتىم. ئېسىت.. ھاياتىم.. ئۇيغۇرغا پوقچىلىكمۇ پايدام بولامايۋاتقىنىمنى ئويلىسام، ئوبۇرخانغا باشچىلاپ ئېتىپ 40 كۈن شۇ پوختا مىلىنىپ ياتقىم كېپ كېتىدۇ. ھەي….

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 21:16
  • بىز ھەممىمىز ئالىم ئەھەدكە تۇگىمەس غەلىبە، نۇسرەتلەرنى تىلەپ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋەتتۇق. ئەمىلىيەتتە، نۇرغۇن ئىشلارغا سۈكۈت قىلىۋىلىشىمىز كېرەكتى. ئالىم ئەھەد تېخى ئۇيغۇرنى دۇنياغا تولۇق ئەمەس، ئازراقمۇ تونىتالمىدى. قىسقىسى، ما غۇلجىدىكى نۇرغۇن كومپيۇتېرچىلار ئالىم ئەھەدنى تونىمايدۇ. ئالىم ئەھەدكە قۇرۇق ماختاش، مەدھىيىلەر كېرەك ئەمەس، ئامما ئەلنىڭ پىكىر بېرىش ھوقۇقى بولسىمۇ، ئۇيغۇرنىڭ كومپيۇتېرچىلىقىنى دۇنياۋى سەۋىيىگە كۆتۈرۈش پەقەت يالغۇز كىشىنىڭلا مەسئۇلىيىتى بولۇپ قېلىپ، كىينكى دوقاللاردا ئالىم مالىمنى ئۆزىنى يالغۇز، تەنھا ھېس قىلىپ، ‹سۈنۋۇكۇڭ›نى ئالقان تېغىغا كۆمىۋەتكەندەك، كۆمىلىپ قېلىشىدىن خاۋاتىرلىنىمەن.
    ئالىم مالىم، غۇلجىلىقلارنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېرغا بەك ئۇستا ئوخشايدۇ، ئۇيغۇر سوفتنىڭ بىرەرمۇ ۋاكالەتچىلىسى يوق غۇلجىدىن ، دېگەن گېپىنى يۈرۈكۈمگە قان بىلەن يېزىۋالغانمەن.
    بىز بىر گۇرۇپپا، يەنى ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىرى گۇرۇپپىسى. بىز بىر چوڭ بىنا، ھەر بىرىمىز شۇ بىنانىڭ خىش ۋە باشقا ماتىرىياللىرى….
    شۇڭلاشقا ھەممىنى ئالىم ئەھەدكە تاشلاپ قويماي، ئالىم ئەھەدنىڭ يۈكىنى بوينىغا ئالىدىغان بىرسى چىقسا، ئالىم ئەھەد مايكرو سوپت ئۆزىدىن بىلىم ئېلىپ كەلسە نېمە دېگەن ئېسىل ئىش بولاتتى، ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا، ئاپام ئۆزىنى ھەرەمگە ئاپىرىپ كەبىنى 70 قېتىم چۆگىلەتكىنىمدىنمۇ بەك خۇش بولاتتى، دادام رەھمىتىمۇ گۆرىدە تىك تۇرۇپ ئالىم مالىم ئۈچۈن قىيامەتكىچە دۇئا قىلغان بولاتتى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ پەقىر ئوغلىدىن كۈتكەن ئۈمىدى بەك چوڭ بولغاچقا، ئالىم مۇئەللىمنىڭ يېنىغا شاگىرتلىققا ئاپىرىپ بەرگەنلىكىگە تۈمەن قېتىم رازى بولاتتى. مەنمۇ، قۇرۇق پەخىرلىنىش بىلەنلا قالماي، ئالىم مۇئەللىمنىڭ يۈكىنى بوينۇمغا قورقماي ئالاتتىم. ئېسىت.. ھاياتىم.. ئۇيغۇرغا پوقچىلىكمۇ پايدام بولامايۋاتقىنىمنى ئويلىسام، ئوبۇرخانغا باشچىلاپ ئېتىپ 40 كۈن شۇ پوختا مىلىنىپ ياتقىم كېپ كېتىدۇ. ھەي….

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 21:14
  • ئالىم مۇئەللىم سىزنىڭ ‹ئۇيغۇرسوفت كەسپىي تەربىيەلەش سىنىپى› ھازىر ئوچۇقمۇ ياكى تاقىۋېتىلدىمۇ؟ مېنىڭ شۇنداق تەربىيلەنگۇم بار ئىدى،كۇرس ئوچۇق بولسا سۆز قالدۇرۇپ قويسىڭىز،تاقىۋېتىلگەن بولسا ئىمكانىيىتىڭىز يار بەرسە شاگىرتلىققا كىرگۇممۇ باتتى…

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى am 00:18
  • ئالىم مۇئەللىم ئۇيغۇرسوفت كەسپىي تەربىيەلەش سىنىپى ھازىر تاقىۋېتىلدىمۇ،ياكى ئوچۇقمۇ؟ مېنىڭ شۇنداق كەسپى تەربىيلەنگۈم بار ئىدى،بولسا ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويسىڭىز…

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى am 00:09
  • تورداشلارشىرىن چۈش پىرگۇراممىسنىڭ قانچىنچى سانىدا چىقىدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 20:14
  • توغرا! چەتئەللىككە بەكمۇ ئوخشاپ كىتىپسىز مۇئەللىم!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 23:06
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئاكا سىزنىڭ سورغان سۇئالىمغا ۋاقىت چىقىرىپ ئەتراپلىق تەپسىلى چۈشنىشلىك قىلىپ جاۋاپ بەرگىنىڭىز مىنى بەك تەسىرلەندۈردى.راس گەپنى قىلسام سىزگە بولغان ھۆرمىتىم بىر بالدەق ئۆستى.سىزنى ۋاقىت چىقىرىپ ئىنكاس قايتۇردۇ دەپ ئويلاپ باقماپتىمەن.كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام مەن دوكتۇرلۇقتا ئوقۇپ ھېچىش قىلاممايدىغان بىلىملىكلەردىن ،بىر تال قوشۇق ياساپ بازادا ساتالىغان بىلىمسىزلەرنى چوڭ بىلىمەن. مەنمۇ ئۇ بالىنىڭ ئوقۇماي تۇرۇپمۇ ۋاقتىنى ئاشۇنداق ياخشى ئىشلارغا سەرىپ قىلىپ ئۇ بالىنىڭ تىرشچانلىق روھىدىن تەسىرلىنىپ ئۇبالا ئۈچۈن ئازراق سۆزلەپ قويدۇم سىزمۇ توغرا چۈشۈنۈڭ. ئۇ ياشتىكى باشقا نۇرغۇن باللار نىمىش قىلدۇ دىسىڭزى ياز كۈنلىرى مەتىكا ئىشلەپ پۇل تېپىپ قىش كۈنلىرى تاپقان پۇلىنى خەجلەپ بورۇتخاندا ،تورخانلاردا ھەرخىل يەرلەردە ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن ئاڭلىغان ئەمىليەت. قىسقىسى ياشاش ئۈچۈن تاماق يەيدىغانلار بەك ئاز لېكىن تاماق يېىيش ئۈچۈن ياشايدىغانلار بەك كۆپ .شۇڭا گەرچە ئۆزەم بىرە ئىش قىلاممامسىممۇ ئاشۇنداق تىرىشچان ئىشچان باللىغا بەك ھۆرمىتىم با. سىزگىمۇ شۇنداق ھۆرمىتىم بار. سىزنىڭ قاچان قەيەردە تۇغۇلغان قاچان شىركەت قۇرغان قانداق تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىدىدۇ ئىشقىلىپ ھەممىنى ئۇقىمەن. چۈنكى مەنمۇ بىر كومپىيوتېردا تولۇق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەن بىر سىتۇدىنىت.بىلگەيتىسكە ،مايۈن ھوشۇر ئىسلامغا ئوخشاش كىشلىرىمىزىڭ تەرجىمالى يادا ماڭ .شۇنداق كىشلىرىمىزدىنن شۇنداق پەخرىلىنىمەن. سىزنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىل يېزىق ئىشلرىغا قوشقان تۆھپىڭىز ھەقىقەن كۆپ سىزدىنمۇ شۇنداق پەخرىلىنىمەن. مەن سىز بىلەن ئاتلاندا بىر قېىتم كۆرگەن لېكىن كۆرەشمىگەن. ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىمىنى كۆردۈم ھەم قولىنى تۇتتۇم ھەم رەسىمگە چۈشۈشكىمۇ پۇرسەت بولدى.سىزنىڭ كىيىنكى ئىشلرىڭىزغا ئۇتۇق تىللەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 21:02
  • ئالىمكا بولسا ئۇلىنىشنى چەككەندە باشقا ئايرىم بەت ئېچىلدىغان قىپ قويسىڭىز تەس ئىش بولمىغاندىكىن

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 14:03
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ! سىز ھېلىقى كەشپىياتچى بالىغا بەرگەن باھايىڭىزنى ئاڭلاپ سەل ئويلىنىپ قالدىم. مەنمۇ تولۇق ئوتتۇردا مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل ياساش مۇمكىن ئەمەس ئالىملار مەگگۈلۈك دىۋىگاتىل ياسايمەن دەپ 20 يىلدەك ۋاقىتنى بىۋۇسە ئىسراپ قىلۋەتككەن. شۇڭا مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل ياسايمەن دەپ ئاۋارە بولماسلىق كېرەك دەپ سۆزلىگەن. مەن ئويلاپ قالدىم ئالىملار ياساش مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارغان نەرسىنى راسلام ياسىغىلى بولمامدۇ ؟ ئالىملار ئوتتۇرغا قويغان قاراشلار ئوبۇكتىپ ئەمىليەتنىڭ ئۆزى شۇمۇ ؟ ئەينى ۋاقىتتا گالىلى ئوتتۇرغا قويغان بىر قانۇننىمۇ باشقا بىر ئالىم ئەمىلى پاكىت بىلەن ئاغدۇرۋەتكەن . مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم ئالىملار ئوتتۇرغا قويغان قاراشنى مۇتلەق دەپ قارساق بولمايدۇ . شۇڭا مىنىڭچە بولغاندا ھەممە ئىشنى قىلىشقا ئۇرنۇپ بېقىشمىز كېرەك بۇرۇنقى ئالىملار قىلالمىغان ئشىنى ھازىرقى ئالىملار قىلالشى مۇمكىن. بەلكىم يۈز يىل بۇرۇن بىر ئالىم قوقاپ نەچچە توننا ئېغرلىقتىكى تۆمۈرنى ئاسماندا ئۇچۇردىغان تېخىنىكا بارلىق كېلىدۇ دىسە بەلكىم بەزلەر مۇمكىن ئەمەس دەپ نىيوتوننىڭ ئالەمنىڭ تارتىش قانۇنىيتىگە باغلاپ چۈشەندۈرشى مۇمكىن. سىزنىڭ ئۇ بالدىن دەسلەپ ئۇنىڭ ئوقۇش تارىخىنى سورغىنىڭىز بەكلام ئۈمۈتسىزلەندۈردى. سزىنىڭچە ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە تىرشىپ دۇنيانىڭ ئۆگزىسىگە چىققان بىلگەيتىسىتىن ئوقۇشنى ئاخرغىچە داۋاملاشتۇرالغان دوكتۇر ئاشتىلار يامانمىدۇ ؟ ئاشۇ سەھنىدە ئولتۇرغان كارخانچىلارنىڭ تولسى يۇقۇر ئوقۇيالمىغان پەقەت ئۆزىنىڭ تىرشچانلىقى بويىچە يول تاپقانلار. شۇڭا سىزنىڭ دەسلەپكى گېپىڭىز مىنى بىئارام قىلىدى. مىنىڭچە پەقەت تىرىشسىلام چوقۇم قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق .شۇڭا مىنىڭچە كىم نىمىش قىلىمەن دىسە قەتئى سوغۇق سۇ سەپمەيلى ،بۇنداق چوڭ سەھنىدە باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشىغا سوغۇق سۇ سېپىش نۇرغۇنلىغان ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان ياشلارنىڭ يولىنى توسۇپ قويىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 14:01
    • تېلېفوندا يازدىم ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يازاي، قارىغاندا ئ‍ايرىم تېما ئ‍ېچىپ، ساختا كەشپىياتلارغا چۈشەنچە بەرمىسەم بولمىغۇدەك:

      مەڭگۈلۈك دىۋىگاتېل دېگىنىمىز سىرتتىن ھېچقانداق ئېنېرگىيە قوبۇل قىلماي مەڭگۈ ھەرىكەت قىلىدىغان ۋە بەلگىلىك ئىشنى تاماملايدىغان قۇرۇلما ياكى ماشىنىنى كۆرسىتىدۇ. ئېنېرگىيە خوراتماي مەڭگۈ ھەرىكەتلىنىدىغان بۇنداق قۇرۇلما ئىدىيەسى «ئېنېرگىيەنىڭ ئايلىنىش ۋە ساقلىنىش قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، «بىرىنچى تۈردىكى مەڭگۈلۈك دىۋىگاتېل» دەپ ئاتىلىدۇ.

      تېمپېراتۇرا ناچار بولمىغان شارائىتتا دېڭىز-ئوكيان ياكى ھاۋادىن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، توختىماستىن مەڭگۈ ھەرىكەتلىنىدىغان بۇنداق قۇرۇلما ئىدىيەسى ئىسسىقلىق ئىلىمى (تېرمودىنامىكا) 2-قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، «ئىككىنچى تۈردىكى مەڭگۈلۈك دىۋىگاتېل» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنداق ھەر ئىككى تۈردىكى مەڭگۈلۈك دىۋىگاتېل ئىلىم-پەن قانۇنىيەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىنغان بولۇپ، ياساپ چىققىلى بولمايدۇ.

      1775-يىلى فىرانسىيە دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى قارار ماقۇللاپ، مەڭگۈلۈك دىۋىگاتېلنى مەڭگۈ قوبۇل قىلمايدىغان بولدى. ئامېرىكا پاتېنت ۋە ماركا ئىدارسىمۇ مەڭگۈلۈك دىۋىگاتېل ئىلتىماسىغا پاتېنت كىنىشكىسى بەرمەيدىغان بولدى. بەزى دۆلەتلەردە مەڭگۈلۈك دىۋىگاتېلنى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيبلەپ، ياسىدىم دېگەنلەرنى تۈرمىگە تاشلايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى am 11:33
    • سوئال: مەن ئويلاپ قالدىم ئالىملار ياساش مۇمكىن بولمايدۇ دەپ قارغان نەرسىنى راسلام ياسىغىلى بولمامدۇ ؟
      جاۋاب: گەپ ئويناتماڭ، مەن ئەزەلدىن بۇنداق دەپ باقمىدىم، بۇ يەردىكى مەسىلە پەقەت مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىلنى ياساشقا بولامدۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلە بولۇپ، باشقىلارغا ئوخشاش بۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىلنى مەڭگۈ ياساپ چىققىلى بولمايدۇ دېدىم. مەڭگۈلۈك دىۋىگاتېلنى ياسىدىم دېگەنلەر باشقىلارنى ئالداشنى، ئۆزىنى كەشپىياتچى دەپ ساختا شۆھرەت قازىنىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار خالاس. چۈنكى ئۇ بىز ياشىۋاتقان بۇ دۇنيانىڭ قانۇنىيەتلىرىگە تۈپتىن خىلاپ بولۇپ، ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئۇنى شېرىن چۈش ئەمەس، خام خىيال دەيمىز.
      ==========
      سوئال: ئالىملار ئوتتۇرغا قويغان قاراشلار ئوبۇكتىپ ئەمىليەتنىڭ ئۆزى شۇمۇ ؟ ئەينى ۋاقىتتا گالىلى ئوتتۇرغا قويغان بىر قانۇننىمۇ باشقا بىر ئالىم ئەمىلى پاكىت بىلەن ئاغدۇرۋەتكەن . مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم ئالىملار ئوتتۇرغا قويغان قاراشنى مۇتلەق دەپ قارساق بولمايدۇ .
      جاۋاب: شۇنداق، تارىختا مۇشۇنداق ئىش بولغان، مەن ھەممە نەرسىنى مۇتلەق شۇنداق دېمىدىم. مەن پەقەت مەڭگۈلۈك دىۋىگاتېل ياساش خام خىيال دېدىم، ئەمەلگە ئاشمايدۇ دېدىم. 500 يىلنىڭ ئالدىدا داڭلىق رەسسام چېغىدا بۇنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ چىققان، كېيىن نەچچە يۈز يىلنىڭ ئالدىدا ئىنىرگىيەنىڭ ئايلىنىش ۋە ساقلىنىش قانۇنى بايقىلىپ، بۇ ئىشقا خاتىمە بېرىلگەن. ياۋرۇپا، ئامېرىكا،…قاتارلىق جايلاردىكى تەتقىقاتچىلار گۈلدەك ئالتۇن ۋاقتىنى ئاللىبۇرۇن باشقا تەتقىقاتلارغا سەرپ قىلىپ، نۇرۇغۇن ئالەمشۇمۇل نەرسىلەرنى ياساپ چىقتى، ئەمما بىز بۇ يەردە يەنىلا مەڭگۈلۈكنىڭ دەردىدە، ئەمما بۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك نەرسە يوق.
      ===========
      سوئال: مىنىڭچە بولغاندا ھەممە ئىشنى قىلىشقا ئۇرنۇپ بېقىشمىز كېرەك بۇرۇنقى ئالىملار قىلالمىغان ئشىنى ھازىرقى ئالىملار قىلالشى مۇمكىن. بەلكىم يۈز يىل بۇرۇن بىر ئالىم قوقاپ نەچچە توننا ئېغرلىقتىكى تۆمۈرنى ئاسماندا ئۇچۇردىغان تېخىنىكا بارلىق كېلىدۇ دىسە بەلكىم بەزلەر مۇمكىن ئەمەس دەپ نىيوتوننىڭ ئالەمنىڭ تارتىش قانۇنىيتىگە باغلاپ چۈشەندۈرشى مۇمكىن.
      جاۋاب: مەن ئەزەلدىن ئۇنداق قىلمايلى دېمىدىم، ئۇ فىلىمنى قايتۇرۇپ يەنە كۆرۈپ بېقىڭ، مەن ئۇ بالىنىڭ توغرا تەتقىقات يۆنىلىشىنى تېپىپ، داۋاملىق بىلىم ئېلىشىنى دەۋەت قىلدىم، تىرىشچانلىقىغا قايتا-قايتا ئاپىرىن ئېيتتىم. بېلەت تاشلىدىم، لېكىن تاماشابىنلارمۇ مەندىن ئەقىللىق ئىكەن، بۇ بالىنىڭ بىر ۋاراق قەغەزدىكى چېرتىيوژىغا بېلەت تاشلىماي تۇرۇۋالدى.
      =============
      سوئال: سىزنىڭ ئۇ بالدىن دەسلەپ ئۇنىڭ ئوقۇش تارىخىنى سورغىنىڭىز بەكلام ئۈمۈتسىزلەندۈردى. سزىنىڭچە ئوقۇشتىن ۋاز كېچىپ ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە تىرشىپ دۇنيانىڭ ئۆگزىسىگە چىققان بىلگەيتىسىتىن ئوقۇشنى ئاخرغىچە داۋاملاشتۇرالغان دوكتۇر ئاشتىلار يامانمىدۇ ؟
      جاۋاب: مەنمۇ شۇنداق قارايمەن، ئەمما نەق مەيداندىكى كەيپىياتتا مەن ئۆزۈمنى قاتتىق كونترول قىلىپ، بۇنىڭدىن ياخشى تۇنجى سوئالنى تاپالمىدىم، ئەمما بەزىلەر ھېلىمۇ سەن بەك ئېغىرلىق قىلدىڭ، ئاغزىڭنى تاتلاپ باقتى، سەھنىگە چىقىپ كاچىتىغا سالساڭ بولمامدۇ-دېدى. مەن بىربىرلەپ سوراش ئارقىلىق ئۇ بالىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ قارغۇلارچە ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئۆزى قىلىۋاتقان ئىشنىڭ نەزەرىيەسىنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئاۋۇ نەرسىنىڭ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى دېدىم. توك تېجەش ئۈسكۈنىسىنىڭمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردىم. بىل.گېيتىسنىمۇ مەن بەك ئوبدان بىلىمەن، ئۇ بىر كارخانچى، سودىگەر، ئۇنى ھېچكىم كەشپىياتچى ياكى ئالىم دېمەيدۇ. بىل.گېيتىسمۇ بالىلارغا نەسىھەت قىلىپ، مېنى دورىماڭلار، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇڭلار، تېخىمۇ ئۆرلەپ ئوقۇڭلار، ئىشىڭلار ئەمدى ماڭا ئوخشاش تەلەيدە ئوڭ كېلىۋەرمەيدۇ. پۇختا بىلىم ئىگەللەڭلار، مەكتەپتىن قاچماڭلار دەپ نەسىھەت قىلىدۇ.ئېدىسوننىمۇ كەشپىياتچى دەيمىز، لېكىن ئالىم دېمەيمىز.
      =============
      سوئال: ئاشۇ سەھنىدە ئولتۇرغان كارخانچىلارنىڭ تولسى يۇقۇر ئوقۇيالمىغان پەقەت ئۆزىنىڭ تىرشچانلىقى بويىچە يول تاپقانلار. شۇڭا سىزنىڭ دەسلەپكى گېپىڭىز مىنى بىئارام قىلىدى.
      جاۋاب: شۇنداق، لېكىن ئۇلار ھازىر ئوقۇۋاتىدۇ. بۇرۇن ئوقۇيالمىغانلىقىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلىۋاتىدۇ، چۈنكى شىركەت باشقۇرۇش ئۈچۈنمۇ بىلىم كېرەك، ئەمما كارخانچى بىلەن كەشپىياتچى ياكى ئالىمنىڭ پەرقى بار.
      =============
      سوئال: مىنىڭچە پەقەت تىرىشسىلام چوقۇم قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق .شۇڭا مىنىڭچە كىم نىمىش قىلىمەن دىسە قەتئى سوغۇق سۇ سەپمەيلى ،بۇنداق چوڭ سەھنىدە باشقىلارنىڭ قىلغان ئىشىغا سوغۇق سۇ سېپىش نۇرغۇنلىغان ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان ياشلارنىڭ يولىنى توسۇپ قويىدۇ.
      جاۋاب: شۇنداق، لېكىن بۇنىڭ بىر ئالدىنقى شەرتى بار، تەتقىقات يۆنىلىشىڭىز توغرا بولسا، ئۇسۇلىڭىز توغرا بولسا، ھازىرقى ئىلىم-پەن قانۇنىيەتلىرىگە ئۇيغۇن بولسا، تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز، بۇ ئىش مۇمكىن بولىدۇ. ئەمما يۆنىلىش توغرا بولمىسا ياكى ھازىرقى ئىلىم-پەن قانۇنىيەتلىرىگە خىلاپلىق قىلىپ تۇرۇپ، ھازىرقى ئىلىم-پەندىكى ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ، شۇنى ياساشقا تىرىشىمەن دېسىڭىز، بۇ پۈتۈنلەي خام-خىيال بولىدۇ.

      مەن قەتئىي سوغاق سۇ سەپمىدىم، تىرىشچانلىقىنى قايتا-قايتا تىلغا ئالدىم، ئاپرىن ئېيتتىم، نېمە ئىش قىلسا مېنىڭ كارىم يوق، لېكىن ئاۋۇ مەڭگۈلۈك دىۋىگاتېلغا سوغۇق سۇ سەپمەي بولمايدۇ. چۈنكى بۇنداق سەھنىدە مەڭگۈلۈك دىۋىگاتېلغا سوغۇق سۇ سەپمەي، ئىسسىق سۇ سېپىپ، ۋوي قالتىس ئىدىيە، قالتىس كەشپىيات دەپ ماختاپ قويسام، ئاۋۇ كارخانچىلار بىلىپ-بىلمەي مەبلەغ سېلىۋەتسە، كارخانچىلارنىڭ تاپقان پۇلى ئەھمىيەتسىز نەرسە بىلەن يوقاپ كەتسە، گەرچە بۇ پۇل مېنىڭ بولمىسىمۇ، لېكىن كارخانچىلار بۇ پۇلنى ئاسان تاپمىدى، ئەھمىيەتلىك ۋە ئېھتىياجلىقلارغا بەرسە تېخىمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟

      ئاخىرىدا مەن سىزگە ئوخشاش مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ھەرخىل كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغانلارنى قوللايمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 16:57
  • ئالىمكا ، سىزنى بىرە ئارزۇسىنى ئىلىپ چىققان ئوخشايدۇ دىسەم ، باشقىلارنىڭ شىرىن چۈشىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن چىقىپسىز ئەمەسمۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 18:44
  • ئالىم مۇئەللىم ئەمدى ئالىم خوجايىن ياكى ئالىم دىرىكتور بولىدىغاندەك قىلىدۇ …
    ئەمما ھىلىقى بالىغا ياخشى گەپ قىلدى …
    مۇمكىن بولمايدىغان ئىشقا نېمە قىلار ئۆزىنى ئۇرۇپ …

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى am 09:15
  • ۋاي ئالا ئالا تەقەزا بىلەن كۇتكەن شىرىن چۇشنىمۇ كۇرۇپ چىقتىم ئالىم مۇئەللىم ئادەمنى شۇنداق مۇ كولدۇرلاتقان بارمۇ (چاقچاق ) سىزنى كارخانچىلارنىڭ ئارسىدا ئولتۇدۇ دەپ ئويلىماپتىمەن بىراق تۇرقىڭىزدىن بەئەينى ئەجنەبى سودىگەرگىلا ئوخشاپ قاپسىز، مىكىرۇ سوفىت بىلەن ھەمكارلاشقاندىن بۇيان چىرايىڭىزمۇ ئەمىرىكىلىققا ئوخشاپ قاپتۇ ، ئورۇق بۇلغان بىلەن قامىتىڭزىنى 50 كالا تارتالمايدىغاندەك تۇردۇ ئۇيغۇرچە خەت ئۇرۇشنى ئۇگەنگىنىمگە بىر سائەت بولدى خاپا بولماي تۇزتۇپ ئوقۇرسىز .مۇشۇ نەتچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر يىزقى ئۇچۇن قوشقان تۇھپىڭىزگە مىڭ مەرتە رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 15:03
  • ئاۋۇ كەشپىياتچى بالا دەھشەتكەن،
    http://my.tv.sohu.com/us/63273372/61168224.shtmlماۋۇ راسمىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 19:08
باھا بېتى: 1 2 3