بۇلۇت سۇپىسى Office365 ئېلان قىلىندى
[ IT خەۋەرلىرى ]
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىكروسوفت شىركىتى ئالدىنقى ئاينىڭ 28-كۈنى پۈتۈن يەرشارىدىكى كارخانا ئابۇنىچىلىرىغا «بۇلۇت ھېسابلاش سۇپىسىدىكى Office365» مۇلازىمىتىنى رەسمىي باشلىدى.
مىكروسوفت شىركىتى ئالدىنقى يىلى Office365 نىڭ سىناق نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ يۈرۈشلۈك يۇمشاق دېتال Web (تور) يۈزىدىكى Word, Excel ۋە Office نىڭ باشقا قوللانما دېتاللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن باشقا يەنە Exchange ئېلېكتىرونلۇق خەت مۇلازىمىتى، SharePoint تېخنىكىسى شۇنداقلا تېز ئۇچۇر(Messenger)، تور تېلېفونى ۋە سىن يىغىنى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ھەقىقىي ۋاقىتتا يېڭىلاش ئېلىپ بارالايدىغان بۇلۇت مۇلازىمىتىنى شەكىللەندۈردى. ئابۇنىچىلار ئايلىق زاكاز قىلسىمۇ بولىدىكەن. ئىشلەتكەن مۇلازىمىتىگە قاراپ ھەر ئايلىقى 2 دوللاردىن 27 دوللارغىچە ھەق ئېلىنىدىكەن.
مىكروسوفتنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ مۇلازىمەت سۇپىسى ئابۇنىچىلارنىڭ 50 پىرسەنت چىقىمنى تېجەپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمدارلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدىكەن.
نۆۋەتتە، Office365 رەسمىي نۇسخىسى كارخانىلارغا سېتىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ھەر ئايلىقى 6 دوللاردىن بولۇۋېتىپتۇ. ئىشلىتىپ باقمىغانلارغا بىر ئايلىق سىناپ ئىشلىتىش مۇددىتى بېرىدىغان بولۇپ، http://www.office365.com غا كىرىپ ھېس قىلىپ باقسا بولىدىكەن. دۈشەنبە كۈنى مىكروسوفت شىركىتىنىڭ پاي باھاسى ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن بۇيان يەنە يۇقىرى ئۆرلىدى.
- يازما كۆرۈلۈشى: 4,063 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2011-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 15:40
- ئالدىنقى يازما :دۇنيا بۇيىچە تور سۈرئىتى ئەڭ تېز دۆلەت قايسى؟
- كېيىنكى يازما :يالغۇز ئاتنىڭمۇ بەزىدە چېڭى چىقىدۇ، چىققاندىمۇ راۋرۇس چىقىدۇ
مەن ئىشىلتىپ بېقىشنى ئويلاۋاتىمەن.
ئالىم مۇئەللىم،ئۇچۇر تورىدا ئۇيغۇرسوفىت 2007 لۇغىتىنىڭ يېشىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ قالدىم،دەرھال تەدبىر قوللۇنۇپ،ئەمگەك مىۋىڭىزنى قوغداڭ !!!!
ئۇچۇر تورىدىكى يازما:(http://www.uqur.cn/html/501751.shtml)ئۇيغۇر سوفت لۇغىتى2007 ھەقسىز تارقتلدى خەنزۇچە-ئۇيغۇرچىنى ئازراق پروگرامما خاتالىقى بولسىمۇ دەھشەت تەرجىمە قىلدىكەن مەزمۇن تولۇقتەك قىلدۇ2005نۇسخسغا قارغاندا مۇرەككەپلشپ كتپتۇ مائۇس تەرجىمە ئقتدارى يوقكەن. ختايچغا پوننى ئەمەسلەر خىلى تەس تزملتسلەر qqنۇمرى بىلەن باشقا بەتتە تۇرۇپ تىزمتۋلىپ چۈشۈرۈڭلار ئالدامچلق ئەمەس بىرئاي بوپتۇ جوڭگولۇقلار پايدلنۋاتقلى تىز جۇما ئويغۇرسوفت ئەرز قىلسا توردىن چىقرىپ تاشلايدۇ يەنە پۇلغا ئالسلەر ئاندىن ئوساللق بولسمۇ مۇت پايدا دە بۇ
http://u.xunzai.com/fileview_740474.html
رەھمەت سىزگە، بايا تېلېفون قىلىپ ئۆچۈرگۈزۈۋەتتىم
مەن ئالىم مۇئەللىم تەمىنلىگەن ئادرىستىن كىرىپ تىزىملىتىپ باقتىم. ئەمما ماۋۇ ئۈرۈمچىنىڭ تور سۈرئىتى سەۋەبىدىنمىكىن تاڭ، تىزىملىتىپ بولغان بولساممۇ بەت يۈزى تولۇق ئېچىلمايلا بىزىرىپ تۇرىۋاتىدۇ. قارىغاندا دۆلىتىمىزدە تور سۈرئىتى يۇقىرىلىغاندا ئاندىن ئىشلەتسەك بولىدىغان چىراي. ھازىر بەرىبىر بىزگە ئىشلىتىش تازا نىسىپ بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ.
دۆلەت تەۋەلىكىدە تېخى جۇڭگو يوق ئىكەن، مەنمۇ شياڭگاڭنى تاللاپ تىزىملاتتىم، ئىشلىتىپ باقتىم. مىكروسوفت توردىكى مۇلازىمەت كىملىكىم مانا
Microsoft Online Services ID
AlimAhat alimahat@uighursoft.onmicrosoft.com
ناۋادا، كەلگۈسىدە دېتاللارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق تور يۈزىدە مۇلازىمەت قىلسا، ساختا كۆچۈرمىكەش دېتاللار پۈتۈنلەي يوق بولغۇدەك.
ئاۋۇ تور تېلېفونى ۋە سىن يىغىنى دىگەنلەر ھەجەب قىززىقتۇردى… سىناق ئىلتىماس قىلىپ باقاي…
زامان تەدرىجىي بۇلۇت سۇپىسىغا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، گەرچە توردىن ئايرىلسا ئىشلىمىسىمۇ، ئۇندىن باشقا ئىقتىدارلىرىنى مەن بەك ياقتۇردۇم. مۇمكىن بولسا ئۆزىمىزنىڭ يېزىقىدىكى بۇلۇت سۇپىسى بولغان بولسا-،ھە!
سىزنىڭمۇ شۇنداق سۇپىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
ئالدىنقى قېتىملىق دوكلاتقا ئاساسلانغان جۇڭگونىڭ تور سۈرئىتى دۇنيانىڭ ئوتتۇرچە تور سۈرئىتىدىن تۆۋەن بولغاچقىمىكىن، بۇ Office365 نى ئىلتىماس قىلغاندا، دۆلەت تەۋەلىكىنى تولدۇرغاندا، جۇڭگونى تاللاشقا بولمايدىكەن، پەقەت شياڭگاڭ بار ئىكەن. سىناپ ئىشلىتىپ بېقىڭلار، ھەقسىز تۇرسا.