ئۇيغۇرسوفت بىرنەچچە ئاي نېمە ئىش قىلدى؟
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى 4-قەۋەت (توپ تارقىتىش بازىرى) 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىغىچە بىر تۇتاش زىننەتلەنگەنلىكتىن بارلىق دۇكانلاردا ئىش توختىغان ئىدى. ھازىر ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى 9-ئايدىن باشلاپ قايتا تىجارەت باشلىدى. دۇكان ئەسلىدىكى ئورۇندىن يۆتكەلمىدى، ئەمما دۇكان نومۇرى قايتىدىن بېكىتىلگەن بولغاچقا ئەسلىدىكى 4319-دۇكاندىن 4-قەۋەت 35-نومۇرغا ئۆزگەردى. بۇ جەرياندا خېرىدارلىرىمىزغا قۇلايسىزلىقلارنى كەلتۈرگەن بولساق كەچۈرۈم سورايمىز. خېرىدارلارنىڭ بۇ ئىشلاردىن ۋاقىپ بولۇشىنى، شۇنداقلا قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.
ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال بۆلۈمىدە 3-قارارلىق ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان خادىملار يېڭى يۇمشاق دېتاللار (ۋە يېڭى ئەپلەر) نى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. پات يېقىندا يېڭى يۇمشاق دېتاللار ۋە ئەپلەر ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش تەرجىمە گۇرۇپپىسى Windows 8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ۋە بىرنەچچە يېڭى ئەپلەرنىڭ تەرجىمىسىنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تاماملاپ، سۈپەت تەكشۈرۈشكە يوللىدى. Office 2013 نىڭمۇ تەرجىمىسى تاماملىنىپتۇ، يېقىندا بىرلىكتە سۈپەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقچى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىدۇ.
بۇ يىل ئاخىرىدا ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ساھەسىدە مەيلى ئۇيغۇرسوفتنىڭ بولسۇن ياكى باشقا شىركەتلەرنىڭ بولسۇن بىر قىسىم يېڭىلىقلار بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 14,639 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 09-ئاينىڭ 11-كۈنى am 10:28
- ئالدىنقى يازما :Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرسوفت تاماقخانا باشقۇرۇش دېتالى
مۇبارەك بولسۇن!!! سىلەردەك پەخرلىك تېخنىك ئۇستازلىرمىزدىن ئەلۋەتتە پەخرلىنمىز
مەسىلەن: مەن بىر توي فىلىم ئىشلىگۈچى. مېنىڭ كومپيۇتېرىمنىڭ سېستىمىسى ۋىندوۋىس 7 نىڭ 64 بىتلىق سېستىمىسى بولۇپ، مەن كومپيۇتېرىمغا EDIUS 6.02 نەشىرىنى قاچىلسام ۋە EDIUS 6 نىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش يامىقىنى قاچىلسام نۇرمال. بىراق ۋىندوۋىس 8 نىڭ 64 بىتلىقىدا ھەر قانچە قىپمۇ EDIUS 6 نى نۇرمال قاچىليالمىدىم. مەن بىرەر يەرنى قىلالماي قالدىمىكىن دىسەم، فىلىم ئىشلەيدىغان ھەممە بالىلار ۋىندوۋىس 8 نىڭ 64 بىتلىقىغا EDIUS 6 نى بىزمۇ قاچىليالمىدۇق دەيدۇ. بۇ EDIUS 6 يۇمشاق دىتالىدىكى مەسىلىمىدۇ؟
قېنى مەنمۇ يۇقاردا سىلى دىگەندەك خاسلىقىغا كىرىپ 兼容模式 دېگەن يىرىنى Windows 7 دەپ تاللاپ كۆرۈپ باقاي.
«ئۇيغۇر سوفىت شىركىتى» ھەقىقەتەن چوڭ سۈپەت بېزىلىپتۇ. ئالىم مۇئەللىم مەن مۇنداق بىر ئىشنى سوراپ باقماقچى ئىدىم: مەن ۋىندوۋىس 8 نىڭ ھەقىقى نۇسخىسىنى سېتىۋالاي دەپ ئويلىغان ئىدىم. توردا كەڭ تورداشلارنىڭ ۋىندوۋىس 8 گە كۈنەلمىدۇق …… دىگەندەك ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ، ئاۋال خەنزۇچە تور بەتلەردىن ۋىندوۋىس سەككىزنىڭ 64 بىتلىق نەشىرىنى چۈشۈرۈپ كومپيۇتېرىمغا قاچىلدىم. بىراق ۋىندوۋىس 7 نىڭ 64 بىتلىق نەشىردە نۇرمال ئىشلىگەن بەزى يۇمشاق دىتاللار ۋىندوۋىس 8 نىڭ 64 بىتلىق نەشىردە نۇرمال ئىشلىمىدى. مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدىم. ۋىندوۋس 7 بىلەن ۋىندوۋىس 8 نىڭ ھەر ئىككىلىسى 64 بىتلىق تۇرسا، نېمە ئۈچۈن ۋىندوۋىس 7 دە نۇرمال ئىشلەپ ۋىندوۋىس 8 دە نۇرمال ئىشلىمەيدۇ؟ ئەگەر مەن ۋىندوۋىس 8 نىڭ ھەقىقىي نۇسخىسىنى سېتىۋالساممۇ مۇشۇنداق ئەھۋاللار يۈز بىرەرمۇ ياكى نۇرمال ئىشلەرمۇ؟
مەنمۇ 64 نى ئىشلىتىمەن، ئەمما بۇنداق ئەھۋاللارغا ئۇچراپ باقمىدىم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەتتا Windows 98 دىكى پىروگراممىلارمۇ بەك راۋان ئىشلەيدۇ. شۇ پىروگراممىغا قوش چېكىپ، خاسلىقىغا كىرسىڭىز، ماسلىشىشچانلىق ھالىتى 兼容模式 دېگەن بىر يەردىن Windows 7 دەپ تاللاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ، بۇ مۇشۇنچىلىك ئاددىي ئىش.
ئۇيغۇرسوفت تور بىكىتى تەرەققىياتى خىلى ياخشى جۇمۇ.
يۇنىكود 3.0 http://web.archive.org/web/20010423044852/http://www.uighursoft.com/uighur/index.htm
بۇمۇ بار
http://web.archive.org/web/20010309130333/http://www.uighuronline.com/uyghur/uyghur.htm
بۇمۇ شۇ .
http://web.archive.org/web/20001204172600/http://www.uighursoft.com/
يەنە بار
http://web.archive.org/web/20000823151553/http://www.uighursoft.com/
مانا بۇ ئەڭ بۇرۇنقىسى.
http://web.archive.org/web/20000621135729/http://www.uighursoft.com/
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئالىم ئەھەت ئەپەندى، ئۇيغۇرسوفت تور بىكتىنىڭ 2000-يىلى 10-ئايدىكى تور بىكەتنى كۆرۈپ بىقىڭ.
http://web.archive.org/web/20001010112105/http://www.uighursoft.com/
ماۋۇ دەھشەتكەن،ھا ھا ھا
شىركەت قايتا بېزەلگەندىن كېيىن ئۇ تەرەپلەرگە ئۆتۈپ باقماپتىمەن. مۇشۇ شەنبە كۈنى ئاللاھ خالىسا ئالىم مۇئەللىم بىلەن كۆرۈشكەچ بېرىپ كېلەي.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم مەن غۇلجا دىياردىن .ئادەتتىكى بىر كومپىيۇتۇرھەۋەسكارى …سىزدىن بىر سۇئال سۇراي دىگەن ؟جاۋاپ بىرىشكە ۋاقتىڭىز بارمىكىن ؟
سىز نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرسوفىت شىركىتىنى باشقا شەھەرلەرگە تارماق قىلىپ قۇرمايسىز ؟قۇرۇشقا بولمامدۇ ياكى قۇرغىڭىز يوقمۇ ؟
ئەگەر قۇرغىڭىز بولسا مەن قول ئاستىڭىز ئاستىدىكى غۇلجىدىكى تارماق شىركىتىڭىزنىڭ بىر قىسمى بولسامكەن دەيمەن …..