ئۇيغۇرسوفت بىرنەچچە ئاي نېمە ئىش قىلدى؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت بىرنەچچە ئاي نېمە ئىش قىلدى؟

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

قىزىلبايراق يولى كومپيۇتېر بازىرى 4-قەۋەت (توپ تارقىتىش بازىرى) 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىغىچە بىر تۇتاش زىننەتلەنگەنلىكتىن بارلىق دۇكانلاردا ئىش توختىغان ئىدى. ھازىر ئۇيغۇرسوفت سېتىش بۆلۈمى 9-ئايدىن باشلاپ قايتا تىجارەت باشلىدى. دۇكان ئەسلىدىكى ئورۇندىن يۆتكەلمىدى، ئەمما دۇكان نومۇرى قايتىدىن بېكىتىلگەن بولغاچقا ئەسلىدىكى 4319-دۇكاندىن 4-قەۋەت 35-نومۇرغا ئۆزگەردى. بۇ جەرياندا خېرىدارلىرىمىزغا قۇلايسىزلىقلارنى كەلتۈرگەن بولساق كەچۈرۈم سورايمىز. خېرىدارلارنىڭ بۇ ئىشلاردىن ۋاقىپ بولۇشىنى، شۇنداقلا قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى قارشى ئالىمىز.

ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال بۆلۈمىدە 3-قارارلىق ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپىدا ئوقۇغان خادىملار يېڭى يۇمشاق دېتاللار (ۋە يېڭى ئەپلەر) نى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. پات يېقىندا يېڭى يۇمشاق دېتاللار ۋە ئەپلەر ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرۈش تەرجىمە گۇرۇپپىسى Windows 8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ۋە بىرنەچچە يېڭى ئەپلەرنىڭ تەرجىمىسىنى بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە تاماملاپ، سۈپەت تەكشۈرۈشكە يوللىدى. Office 2013 نىڭمۇ تەرجىمىسى تاماملىنىپتۇ، يېقىندا بىرلىكتە سۈپەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقچى. بۇلارنىڭ ھەممىسى يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىدۇ.

بۇ يىل ئاخىرىدا ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ساھەسىدە مەيلى ئۇيغۇرسوفتنىڭ بولسۇن ياكى باشقا شىركەتلەرنىڭ بولسۇن بىر قىسىم يېڭىلىقلار بارلىققا كېلىشى مۇمكىن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
105 پارچە باھا يېزىلدى
  • ۋوي، مەنزىلنى يىزىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ، كەچۈرۈڭلار.مەنزىل: http://teshna.me/2013/08/31/1877/

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 17:03
  • بۇ توربەتكە كىرىدىغانلار ئىچىدە ئەپ تۈزۈشنى ئۈگۈنۈشنى ئارزۇ قىلىدىغانلار كۆپقۇ دەيمەن، ئۇنداقتا قىنى بۇ يەرگە مەرھەمەت قىلىڭ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 17:02
  • windows8 64بىتلىقنى چۈشۈردۈم ئەمما قاچىلانمايۋاتىدۇ ‹‹بۇئەپ كومپىيۇتېرىڭىزدا ئىجرا بولمايدۇ›› دەپ چىقىۋالدى. بۇ نىمىشتۇ؟ قانداق قىلسام قاچىلالايمە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 21:53
    • windows8 32bt نى قاچىلاپ windows8 32bt ئارقىلىق windows8 64bt
      نى قاچىلىغىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كومپىيۇتېرنى قايتا قوزغوتۇپ ئوپتىك دېسكىدىن قاچىلايسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 23:29
  • مۇبارەك بولسۇن!مۇئەللىم تىمىغا مۇناسىۋەتسىزبولسىمۇ ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن، win8دا بانكا مۇلازىمەت سۇپىسىغا زادىلا كىرەلمىدىم (پوچتا بانكىسى) مۇشۇندق خەت چىقىدۇ اError 404–Not Found
    From RFC 2068 Hypertext Transfer Protocol — HTTP/1.1:
    10.4.5 404 Not Found

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 15:52
    • ئادرېس بالدىقىنىڭ ئاخىرىدىكى «ماسلاشما كۆرۈنۈش»(يىرتىلىپ كەتكەن قەغەز شەكلىدىكى سىنبەلگە)نى تاللاپ، ئاندىن ئۇ بېكەتنى زىيارەت قىلىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 22:33
  • بولسا مۇشۇ Microsoft نىڭ يانفۇنلىرىغا بىر ئۇيغۇرچە لوغەت بولغان بولسا ئالەمچە خۇشا بولغان بولاتتىم. ئەمەسمۇ مەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى am 10:30
    • ئۇيغۇرچە لۇغەت بار. ئاناتىلىم لۇغىتى(ئەسلى ئۇيغۇرسوفىت لۇغىتىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان)نىڭ سۆزلۈكىنى ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.
      ئىسمى: 超级词典

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 15:55
  • ئۇيغۇرچە يىزىقنى كىم بالدۇر قوشا، مەنمۇ Microsoft قوشسىكەن دەپ ئويلايمەن. چۈنكى Microsoft نىڭ ئوتتۇرا ھال يانفۇنلىرىمۇ خىلى بار. بىزگىمۇ بەك قىممەت چۈشۈپ كەتمەيتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى am 10:29
  • windowsتىلفۇنلىرىغا ماس كېلىدىغان بىر ھەققىي كىرگۈزگۈچ كەمچىل بۇلۇپ قالدى،شۇنى بىر ئىشلىگەن بولساڭلار،نەقەدەر خۇشال بولار ئىدىم.بۇ تىلفۇنلارنى تۈرمىدىن قاچۇرۇش ھاجەتسىز،ئۈيغۇرچىنى 100%تۇنۇيدۇ،بىراق مۇشۇ ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يۇق ئەمەسمۇ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:35
  • نوكىيا مىكروسوفىتنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كىيىن ئۇيغۇرچە يىزىق قوشۇلۇپ كەتكەن بولسا بەكلا ياخشى بولاتتى. يا بۇ ئالما قوشمىدى ئۇيغۇرچە يىزىقنى (بەكلا بىچارە تۇرغان چىراي ئىپادىسى)

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 18:49
    • خاتىرجەم بولۇڭ، بۇ قېتىممۇ Microsoft ئاۋۋال قوشىدۇ، ئۇيغۇرچە قوللاش جەھەتتە Microsoft نىڭ يەنىلا ئەڭ ئالدىدا

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 21:42
      • شۇڭا بىز جىم ياتماي ۋېندوۋس سېستىمىلىق ئۈسكۈنىلەرگە ئەپ ئېچىشنى ئۈگەنگەچ تۇرساق بولىدىكەن – دە…(خىجىل بولغان چىراي ئىپادىسى)

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 17:16
      • ئالىم مۇئەللىم،تېلېفۇنغا ئەڭ ئالدىدا ئۇيغۇرچە تىل تاللىشىنى SONY قوشقانغۇ؟ sony نىڭ ئەڭ يېڭى تېلېفۇنلىرىدا كۆرسىتىش تىلىدا ئۇيغۇرچە قوشۇلغان.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:23
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، مەن يىقىندىن بىرى مىكروسوفىتنىڭ يانفۇن سىستىمىسىغا بەكلا قىزىقىپ قالدىم. مۇشۇ توغۇرسىدا ئاز تولا ئىلگىرلەشلەر بولىۋاتامدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 18:48
  • ۋۇيييۇۇۇۇ ، پەيزىكەن بەك خوش بولدۇم

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 18:27
  • مۇئەللىم بۇ قېتىم سىزنى كۆرۈپ كېلىش ھەم يېڭى كومپيوتۇر دۇكىنىمغا مال ئېلىش ئۈچۈن سزنى ئىزدەپ چىقسام يوققكەنسىز . بىر كۆرۈش نىيتىم بار ئىدى چۈنكى مەنمۇ دۇكاننى يېقىندا ئۆزگەرتىپ شىركەت قىلماقچى ئىدىم.
    ئاللا خالىسا كېلەر قېتىم قولڭىزنى تۇتۇشقا نىسىپ قىلسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 21:19
  • ئەسسالام مۇئەللىم ،ئۆزلىرنىڭ يېڭى دۇكانلىرنى كۆرگەچ سىلىنى زىيارەت قىلىپ كېتەي دېسەم يوقكەنلا .بىر قىز بار ئكەن . ئۇنڭىدىن كېينكى قېتىملق ئۇيغۇر سوفىت لاھيلەش سىنىپى ئېچىلامدۇ يوق بو توغرىسىدا سۇرىسام بىر نىمە دېيەلمەيمەن دېدى . مىنىڭ سىلنىڭ شېركەتلىرگە كىرىپ يۇمشاق دىتال لاھيەلەش ئشلىرىغا تۆھپە قوشقۇم بار ئدى . مەن شىنجاڭ ئونۋىرستىتى جەنۇبى مەكتەپ رايۇنىدىن ئدىم .بۇ يەردىكى تۇرمۇش شۇنچىلىك زىرىكىشلىك تۇيۇلدىكى، بۇ يەردىكى بالىلار ئوقۇغىلى ئەمەس ئاتا ئانىسىنىڭ جاپادا تاپقان پۇللىرىنى خەجلىگلى كەلگەندەك بىلىنىپ كەتتى . مىنىڭ بۇ يەردە چىرىپ كەتكىم يوق ،شۇڭا ئۆزلىرى بىلەن تەشەبۇسكارلىق بىلەن ئالاقىلىشپ ئۆزىمنىىڭ ياشلىققىنى مۇشۇنداق مىللىتىمزنىڭ كەلگۈسىگە پايدىلىق ئشلارغا سەرىپ قىلىشنى نىيەت قىلدىم . ئەگەر يەنە تەربىلەش سىنىپى ئاچالمىسلا كېرەك يوق . پەقەت ئۆگىنىشىمز كېرەك بولغان دەرىسلىك بىلەن تەمىنلەپ بەرسىلە ياكى ئالدى بىلەن نىمىنى ئاندىن نىمىنى ئۆگەنسەم بولدۇ كۆرسەتمە بەرگەن بولسىلا . مۇشۇ ئشقا تۇتۇش قىلدىم ،ماڭا ھەمدەم بولۇشلىرنى ئۈمىد قىلىمەن.بولسا مەن ئۆزلىرى بىلەن بىر كۆرۈسسەم بولاتتى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 19:45
    • مەن ئادەتتە شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى چۈشتىن كېيىن شۇ يەردە بولۇش ئېھتىمالىم يۇقىرى. يەنە بىر قېتىملىق تەربىيەلەش سىنىپى ئېچىش خىيالىم يوق، ئالدىنقى قاراردا ئوقۇغان بالىلار بىلەن بىز بەزى نەرسىلەرنى قىلىۋاتىمىز. مەن سىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭىزنى بىلمەيمەن. بۇنىڭغا يۈز تۇرانە بىر نەرسە دېيىشسەك ياخشى بولىدۇ، شۇڭا مەن بار چاغلاردا كەلسىڭىز بولىدۇ. بۈگۈن چۈشتىن كېيىنمۇ شۇ يەردە ئىدىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 20:32
      • بولدۇ ، مەن شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى چۈشتىن كېيىن باراي ، شەنبە كۈنى شېركەتكە كېلەلمىسلە ، يەكشەنبە كۈنى كۆرۈشەرمىز . شۇ يەردە مەن سىلنى ساقلاپ تۇراي .

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى am 10:22
  • بايرىمىڭىزغا مۇبەرەك بولسۇن ،(بۈگۈن دۇنيا پىروگىراممىلار كۈنى سەپ ئاڭلىدىم ) (ھىش قانداق چىراي ئىپادىسى يوق )

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 20:37
  • ئالىم مۇئەللىم، بۈگۈن دۇنيا پىروگىراممىرلار كۈنى(Programmer’s Day). كېيىنرەك بولسىمۇ بايرىمىڭىزنى تەبرىكلەيمەن. دېسەم دېمىسەم كىم تەبرىكلەركىن دەپ،ئاران تۇرغان بولغىيتتىڭىز-ھە!(سەت كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 19:08
  • ئىنكاس يازمىساممۇ ھەركۈنى كىرىۋاتىمەن جۇما!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 18:42