Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى

[ IT خەۋەرلىرى ]

Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى

Microsoft شىركىتى 7 مىليارد 710 مىليون دوللارلىق باھا بىلەن Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى. Nokia (نوكىيا) شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېيلوپ ۋە 32 مىڭ خادىم مىكروسوفتقا قوشۇلىدۇ. بۇ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ يان تېلېفون شۇنداقلا Windows Phone غا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ھازىر ئامېرىكا بازىرىدا يان تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسى ئىچىدە Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسى 2-ئورۇنغا ئۆتتى. بىر قىسىم دۆلەتلەردىمۇ 2-ئورۇنغا چىقتى. مىكروسوفتنىڭ يان تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسى Nokia ئارقىلىق بازار تېپىشقا باشلىدى. Nokia مۇ بۇنىڭدىن زور ئىقتىسادىي مەنپەت ئالغان ئىدى.

Nokia (نوكىيا) شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېيلوپ Microsoft شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بالمېرغا يازغان خېتىدە، بۇ قېتىملىق سېتىۋېلىشنىڭ 2014-يىلى 1-پەسىلدە تاماملىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.

Nokia (نوكىيا)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى Nokia (نوكىيا) ۋە Microsoft (مىكروسوفت) ئۇلۇغۋار پىلان تۈزگەن بولۇپ، ھەربىر كىشىنىڭ ئۈستىلىدە كومپيۇتېر بولۇش، ھەربىر كىشىنىڭ يانچۇقىدا تېلېفون بولۇش ئىدى. بىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىرىشىش نەتىجىسىدە بۇ ئۇلۇغۋار پىلانىمىز ئاستا-ئاستا رېئاللىققا ئايلىنىشقا باشلىدى، بۈگۈن ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم پەيتى يېتىپ كەلدى دېدى.

Microsoft بۇ سودىنى قىلىش ئارقىلىق زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى؟
1. تىجارەت كىرىمى
2. قاتتىق دېتال شىركىتى
3. يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى
4. كۆچمە مۇلازىمەت
5. پاتېنت
6. كامېرا بازىرى
7. ياۋرۇپا بازىرى
8. جۇڭگو بازىرى
9. جۇڭگودىكى تىجارىتى
10. ئېيلوپنىڭ بۇرچىنى تاماملىشى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
53 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • بولسا مۇشۇ ئالما، ئاندىروئىد دىگەنلەردىن قۇتۇلۇپ، بىۋاستە ئانا تىلىمىزنى قوللايدىغان سېستىما تىزراق چىقسا بۇلاتتى. مەنمۇ ئاندىروئىدىقا ئۇيغۇرچە فونىتنى قاچىلايمەن دەپ تولا ئاۋارە بولۇپ تاشلاپ قويدۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 14:39
  • ئەڭ مۇھىم ئىش ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قۇشۇلۇپ ۋاقتىدا ئېلان قىلىنسا بەك ئېسىل ئىش بۇلاتتى، مېنىڭ بىر قانچە دوستۇممۇ مۇشۇ تىل بولىقى ئېلان قىلىنىپ كەتسە بىزمۇ ئالما ئاندىروئىد دىگەن تېلفۇنلارنى ئېلىشىغا سېتىپ بىزمۇ مۇشۇ ئانا تىلىمىزدىكى تېلفۇننى ئىشلەتسەك دەپ بەكلا قىزىقىۋاتىدۇ. بولسا بۇ يىل چىقىپ كەتكۈچە ئېلان قىلىنىپ كەتسە بۇلاتتى تىل بولىقىمۇ، تەقەززالىقتىن ئالدىراپ ئولتۇرالماي قېلىۋاتىمەن زادى، ئالىم مۇئەللىم، تىل بولىقى بۇ يىل چىقارمۇ تېلفۇننىڭ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:46
    • مەنمۇ سىزدەكلا ئويلايمەن ،،،،،،ئالما، ئاندىروئىد لارغا مەجبۇرى ئۇيغۇرچە قىتىپ ،ئاندىن كىيىن ئۇ نۇرمال ئىشلىمەي بەك بىزار بولدۇق ھەم ھىرىپمۇ قالدۇق،،،،،،،،Windows Phone8نىڭ ئۇيغۇرچىسى نىڭ چىقىشىنى تۆت كۆزۇم بىلەن كۈتىۋاتىمەن ،،،،،،ئەقلى ئىقدىدارلىق تىلفۇن ئىشلىتىش قىزغىنلىقى يۇقرى بولىۋاتقان ،ئانا تىلىمىزنىڭ ئىشلىتىش دائىرسى ۋە ئىشلىتىدىغانلار كۇندىن -كۈنگە ئازلاۋاتقان (بولۇپمۇ ياشلار) مۇشۇنداق بىر ھالقىلىق پەيىتتە دۇنياۋى داڭلىق ماركىلق تىلفۇن ئۇيغۇرچە چىقسا ئانا تىلىمىزغا روھى جەھەتىتىن ئەڭ زور ئىلھام بولاتتى دەپ ئويلايمەن

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى am 11:12
  • ئۆزىمىزنىڭ كارتىسىدىكى ئېسىل بولغان ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان ناخشىلارنى كەلگەن تېلفۇننىڭ مۇزىكىسىغا ئالماشتۇرۇش، مۇزىكا ۋە سىن ھۆججەتلىرىنى كۆرگەندە ئۆزىمىز خالىغان نۇقتىدىن باشلاپ يۆتكەپ قۇيۇش ياكى كۆرۈش، تېلفۇن ئىتىك (ئۈچۈرۋەتكەن) ۋاقىتتا مۇزىكىلىق قوڭغۇراق سايرىماسلىق(تېلفۇن ئېچىلغان ۋاقىتتا بېكىتىپ قويغان ۋاقىتتىن قانچىلىك ئۈتۈپ كەتكەن بولسىمۇ بىر قېتىم سايرايدۇ بولمىسا ۋەزىپە ئۈچۈن)، ئارقىغا ياندۇرۇش كۇنۇپكىسى (تېلفۇننىڭ ئاستى قىسمىغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان) بېسىپ تۇرغان ۋاقىتتا ئارقا سۇپىدا ئىجرا بۇلىۋاتقان ئەپلەرنى شۇ ئۇرۇندا تۇرۇپلا ئۈچۈرۈش( ئوڭ تەرەپ بۇرجىكىگە بىر دانە ئۈچۈرۈش ياكى ئۈستى تەرىپىگە ئۈچۈرۈش كۇنۇپكىسىدىن بىرسى سەپلەنسە) ئەمەلگە ئېشىپ كەتسە، بۇنىڭدىن باشقا مەن بايقىمىغان بىر قىسىم يىتەرسىزلىكلەر كېيىنكى نەشىر يېڭىلاش ئىشلىرىدا ئوڭشىلىپ كەتسە تولىمۇ ئېسىل ئىش بۇلاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:43
  • لۇمىيا يانفۇنلىرىنىڭ رەسىمگە تارتىش ئىقتىدارى ناھايىتى ئېسىل، بۇلۇپمۇ ئەقلى ئىقتىدارلىق رەسمگە تارتىش ئىقتدارى، بۇنى بىر نەچچە كۈن ئىشلىتىش جەريانىدا ناھايىتىمۇ ئېسىل ئىكەنلىكى ھېس قىلدىم، بىر نەچچە پارچە رەسىمنى ئۇلاپلا تارتىدۇ، ئاندىن سىز ئۇنى تەھرىرلەش ھالىتىگە ئەكەلسىڭىز ئەڭ ئېسىل ھالىتى،ئۇلاپ تارتىش ھالىتى، تەۋرىنىش ھالىتى، چىراي ئۆزگەرتىش، يۆتكەلمە نىشاننى ئۆچۈرۈپ تاشلاش دىگەن مۇشۇ تۈرلىرى بار، كەينى كەيندىن تارتىلغان رەسىملەر ئىچىدىن ئەڭ ماس كېلىدىغان ئۆلچەملىك رەسىمنى( باش سۆرىتى ماسلاشمىغان يەرلەرنى شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان شۇ ئوبىكتىنىڭ باش رەسىمى بىلەن ئالماشتۇرالايسىز، ھەركەتچان ئوبىكتىنىڭ ئەڭ ياخشى ھالىتىنى ئايرىپ ساقلىيالايسىز) تاللاپ ئەڭ ئېسىل خاتىرىلەرنى قالدۇرالايسىز، ئىشقىلىپ مىكروسوفىتنىڭ بۇ تېلفۇن كەسپىنى سېتىۋالغىنى ناھايىتى قالتىس ئىش بولدى، بولسا ۋىندوۋس تېلفۇنلىرىنى سېتىۋېلىڭلار، ناھايىتى ئىشلىشچانلىقى يۇقىرى، پەقەت بىر قىسىم ئىقتىدارلىرىنى ئازراق كېڭەيتىپ قويسا بۇ تېلفۇندىن ئەيىپ تاپقىلى بولمايدۇ، ماڭا ھازىر بۇ تېلفۇننى ئىشلىتىۋاتقىلى يېرىم يىلدىن ئاشتى، بىر قىسىم ئۇيۇن ۋە يۇمشاق دىتاللارنىڭ ئوبدانلىرىنىڭ ھەقلىق بولغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا بۇنىڭدىمۇ ئىشلىتىدىغان ئۇيۇن ياكى يۇمشاق دىتاللار بەك كۆپ. رازى بولماي قالمايسىز، بۇ تېلفۇنمۇ قۇلۇمدىن تۆت بەش قېتىم چۈشۈپ بولدى، تېلفۇندا ھېچقانداق مەسىلە كۈرۈلمىدى، كۆرۈلدى دىگەندىمۇ پەقەتلا ئارقا قاپ ئازراق بېسىلىپ كەتكەن( يەرگە چۈشكەندە بۇرجەكلىرى بەكرەك تىگىپ كىتىپتىكەن) ئەھۋالدىن باشقا نورمالسىزلىق كۆرۈلمىدى، يەنە كېلىپ بۇ تېلفۇننىڭ ئارقا قاپنى خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيسىز، بىر نەچچە خىل رەڭلىكلىرى بار ئارقا قاپنىڭ، سېتىۋېلىپ ۋاقتى ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇپ يېڭىچە ھۇزۇر بىلەن ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:34
  • نۇرغۇن قىتىم سۆھبەت، مۇرەسسە قىلىش بىلەن مىكروسوفىتنىڭ قوشۇلىشى ، ئاندىن چىسلا ۋە ۋاقىت رايۇنى قاتارلىقلارنى ئۇيغۇرچە قىلىشمۇ پەرىزىمچە ھەقىقەتەن ئاسانغا توختىمىغان، مەن ۋىندوۋسفون 8 نىڭ ھازىرقى ھالىتىنىمۇ قەدىرلەيمەن، ئانا تىلىمىزنى 100% ئۆلچەمدە تونۇشى، « پات ئارىدا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئىلان قىلىنىدۇ بىر ئاز تەخىر قىلىپ تۇرۇڭ… » دىگەندەكلا چىسلا ۋە ۋاقىت رايۇنىنىڭ ئۇيغۇرچە بولىشى مىنى بەكمۇ خۇشال قىلىدۇ، ئىشقىلىپ ئالىم مۇئەللىم، سىزگە ۋە ئۇيغۇرسوفىتتىكى بارلىق قىرىنداشلىرىمىزغا ، ئانا تىلىمىز ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان بارلىق قىرىنداشلىرىمىزغا چىن كۆڭلۈمدىن چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن! رەھمەت جاپا چەكتىڭلار!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 20:02
  • دىمەك بۇندىن كىيىن يانفۇندىمۇ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بولىدۇ دىگەنلىكتىن بىشارەتما بۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 23:34
  • يانفۇن ساھەسىدە سەلتەنەت ياراتقان نوكىيا شىركىتى ناھايىتى تىزلىكتە غولاپ چۈشتى.سىمبىيان دەۋرى كەتتى .ئاندرويىد، ۋىندوس ،ios رىقابەتلىشىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 21:26
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ،ئەپەندى. مەن يېقىندىن بويان visualstudio2012دىن پايدىلنىپ vbتىلىنى ئۆگىنىۋاتقان ئدىم.لېكىن مەن ئۆگىنىۋاتقان كىتابتا vb.6.0نى ئشلىتىپتۇ.بۇ كىتابتا ئشلىتىدىغان بەزى كونتۇرۇللارنىvisualstudio2012دە تاپقىلى بولمايدىكەن،ۋە باشقىلار .ئازىراق قىيىنچىلىققا دۇچ كىلىپ قالدىم .مىنىڭ بۇ تىلنى ئۆگىنىپ بىر باشقا ئېلىپ چىققىم بار ئدى .مۇشۇ سەۋەبدىن مۇشۇ يەرگىلا قىستۇرۇپ يېزىپ قويدۇم ،ياردەم قىلغان بولسىلا.بولسا ئلخەت ئادىرىسلىرنى قالدۇرۇپ قويغان بولسىلا، ياكى alimjian@live.cn بۇ ئادىرىسقا يوللاپ قويسىلىمۇ بولاتتى. ئۆزلىردىن ئازىراق بىلىمگە ئىگە بولسام بەك خوش بولاتتىم …

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 16:03
    • مەنمۇ شۇنداق ،ئەگەر ماتېريال تاپالىسىڭىز ئورتاق پايدىلنايلى

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى am 01:04
    • visual studio2012 ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز vb.6.0 نى ئۆگىنىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەڭ ياخشىسى visual studio2012 نىلا ئۆگىنىڭ. ئۇيغۇرچە دەرسلىك سېتىۋالماقچى بولسىڭىز http://www.altaxna.com دىن ئۆمەرجان مۇئەللىمنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. ھازىر سەل ئالدىراش بوپ قالدىم. چ چ: 295415322 نى قاچىلاپ مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ، مەندە بىر قىسىم ماتېرىياللار بار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 19:52
  • مەن نوكىئانىڭ كۇنۇپكىلىق يانفون تۈرىنى تاشلىۋەتمەسلىكنى بەك ئۈمىد قىلاتتىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى am 09:53
  • ۋىنفونغا قاچان ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قوشۇپ بېرىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 22:13
  • مۇئەللىم مۇشۇ c++تىلىدا يازغان پروگىراممىنى قانداق قىلغاندا كومپىيوتېردا ئىشلەيدىغان ئەپكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، مۇشۇ توغرسىدا ئازراق مەسلەت بەرسىڭز،ياكى كۆرۇشكە تىگىشلىك كىتاپ بولسا ئىسمىنى دەپ بەرسىڭز،رەھمەت!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 12:42
  • ھەي نىمە دىسەم بۇلار ؟مەن شەخسەن ئۆزەم بۇنداق قىلىشقا قۇشۇلمايتىم،نوكىياغا بەك ئامراق ئىدىم،بىراق بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم،ئالدىدا نوكىيانى مىكروسوفىتقا تايىنىدىغان قىلىپ قويدى،ئەمدى كېلىپ« بىزگە قۇشۇلۇشقا قۇشۇلمىساق ساڭا مىنىڭ سېستىمامنى ئىشلىتىشىڭچە بەرمەيمەن »دەپ قورقىتىپ ئاخىرى ئۆزىگە قىتىۋالماقچى بۇلىۋاتىدۇ.باشقىلار دىگەندەك نوكىيانىڭ باش ئىجراجىسى ھەقىقەتەن جاسۇس ئىكەن.بۇ تېخى نوكىيانىڭ رەسمىي تەستىقىدىن ئۆتىشى كېرەك ئىكەن.كېلەر يىلغىچە بېرەر ئۆزگىرىش بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى am 10:33
    • مىنىڭچە مىكروسوفىتنىڭ نوكىيانى سېتىۋېلىشى ئەپسۇسلىنارلىق ئەمەس ، بەلكىم نوكىيانىڭ تېخىمۇ گۈللىنىشىنىڭ ئاساسى دەپ قاراشقا بولىدۇ ، چۈنكى مىكروسوفىتنىڭ دۇنيادا پۇت دەسسەپ تۇرىۋاتقان ماكرولىق رولى ئەڭ چوڭ ھەم دەسمايىسى كاتتا دەپ قارايمەن !

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى pm 16:13
  • ئەھۋالدىن قارىغاندا كەلگۈسىدە كومپىيوتېر تېخنىكىسى كۆچمە ئالاقە ئۈسكىنىلەرگە كۆچىدىغاندەك قىلىدۇ !

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى am 09:18
  • خەنزۇچە تورلارداwin8.1 نىڭ ئاشكارلىنىپ كەتكەن نۇسقىسى دەپ كەڭ تارقىتىۋېتىپتۇ بۇ نىمە ئىش ؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى am 08:21
  • بۇ بەلكىم قارغۇلاچە سېتىۋېلىش ھەركىتى بولشى مۇمكىن! بۇلارمۇ زىيانغا مېڭىپ كىتەمدۇ. بۇ نىڭغا بىرنىمە دىمەك تەس.
    مىنىڭچە مىكروسوفىت قاتتىق دىتال كەسپىدە ئۇنچە ۋاي دىگىدەك ئەمەس، يانفۇنمۇ شۇنداق بولشى مۇمكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى am 00:13
    • Microsoft دېگەن تىپىك ھالىدىكى يۇمشاق دىتال شىركىتى، قاتتىق دىتال شىركىتى ئەمەس.ئۇلارنىڭ Nokiya نى سېتىۋېلىشى بەلكىم ئۆزىنىڭ سىستېمىسىنى ھەرقايسى ساھەلەردە بولۇپمۇ كۆچمە ئۈسكىنىلەردە ئومۇملاشتۇرۇش بولىشى مۇمكىن،بۇ ھەرگىزمۇ شۇنىڭ بىلەن قاتتىق دىتال ئىشلىرىغا تۇتۇش قىلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس.Nokiya نى سېتىۋېلىشى ئۇلارنىڭ يانفۇنغىمۇ بەك كۈچىگەنلىكىنىڭ ئىسپاتى.قالغىنىنى ساقلاپ باقساق بىلىمىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 17:19
    • مىكرو سوفىت سىتىۋالغىنى نوكىيانىڭ قۇرۇق جازىسى ئەمەس بەلكى ئقتىساسلىق خادملىرى ۋە تىخنىكىسى.ئەلۋەتتە مىكرو سوفىتمۇ دۆت ئەمەس بۇنى ئويلماي ئش قىلمايدۇ.ئۇنىڭ مەقسىتى بولسا ئۈزنىڭ سىستما ئەۋزەللىكى ئاستىدا نوكىيادىن پايدىلىنىپ ئۈزنى تونۇتۇش.مىكرو سوفىتنىڭ يانفۇنلىرى چەتئەلدە ئاللىقاچان ئۈز ئوبرازىنى تىكلەپ بولدى.سىستىمىغا كەلسەك مىكرو سوفىتنى بوش چاغلاشقا بولمايدۇ.لۇمىيا تىلفۇنلىرنى ئشلىتىپ باقسىڭز بىلىسز قانداقلىقىنى

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى am 01:18
باھا بېتى: 1 2