Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى

[ IT خەۋەرلىرى ]

Microsoft شىركىتى Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى

Microsoft شىركىتى 7 مىليارد 710 مىليون دوللارلىق باھا بىلەن Nokia نىڭ يان تېلېفون كەسپىنى سېتىۋالدى. Nokia (نوكىيا) شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېيلوپ ۋە 32 مىڭ خادىم مىكروسوفتقا قوشۇلىدۇ. بۇ مىكروسوفت شىركىتىنىڭ يان تېلېفون شۇنداقلا Windows Phone غا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. ھازىر ئامېرىكا بازىرىدا يان تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسى ئىچىدە Windows Phone مەشغۇلات سىستېمىسى 2-ئورۇنغا ئۆتتى. بىر قىسىم دۆلەتلەردىمۇ 2-ئورۇنغا چىقتى. مىكروسوفتنىڭ يان تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسى Nokia ئارقىلىق بازار تېپىشقا باشلىدى. Nokia مۇ بۇنىڭدىن زور ئىقتىسادىي مەنپەت ئالغان ئىدى.

Nokia (نوكىيا) شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېيلوپ Microsoft شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بالمېرغا يازغان خېتىدە، بۇ قېتىملىق سېتىۋېلىشنىڭ 2014-يىلى 1-پەسىلدە تاماملىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويدى.

Nokia (نوكىيا)نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلگىرى Nokia (نوكىيا) ۋە Microsoft (مىكروسوفت) ئۇلۇغۋار پىلان تۈزگەن بولۇپ، ھەربىر كىشىنىڭ ئۈستىلىدە كومپيۇتېر بولۇش، ھەربىر كىشىنىڭ يانچۇقىدا تېلېفون بولۇش ئىدى. بىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىرىشىش نەتىجىسىدە بۇ ئۇلۇغۋار پىلانىمىز ئاستا-ئاستا رېئاللىققا ئايلىنىشقا باشلىدى، بۈگۈن ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم پەيتى يېتىپ كەلدى دېدى.

Microsoft بۇ سودىنى قىلىش ئارقىلىق زادى نېمىگە ئېرىشمەكچى؟
1. تىجارەت كىرىمى
2. قاتتىق دېتال شىركىتى
3. يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى
4. كۆچمە مۇلازىمەت
5. پاتېنت
6. كامېرا بازىرى
7. ياۋرۇپا بازىرى
8. جۇڭگو بازىرى
9. جۇڭگودىكى تىجارىتى
10. ئېيلوپنىڭ بۇرچىنى تاماملىشى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
53 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ئۇيغۇر سوفىت ۋىپ يانفۇنلىرى ئۈچۈن ئەپ ئاچسا زىيان تارىتمايدۇ.ئالما ئەپ سىتۇردىكى ئۇيغۇرچە ئەپلەرمۇ 0 دىن ئش باشلاپ بۈگۈنگە ئۇلاشقان. ئەپ قوللىنىشچان ياخشى ياسالسا بازار تىپىشىدا گەپ يوق.يەنە كىلىپ بۇ قىتىملىق نوكىيا بىلەن مىكرو سوفىتنىڭ ھەمكارلىقى يىڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگۈسى.ۋىپ يانفۇنلرنىڭ سىستمسىغا ئڭيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلسا ئۇ چاغدا ئۇيغۇر يانفۇن ۋە ئەپ بازىرىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ مىنىڭ شەخسى قارىشىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 23:59
  • بۇندىن كىيىن ئەمدى نوكىيا تېلفۇنلىرىنىڭ ئورنىنى يىڭى بىر ماركا ئىگەللەيدىكەندە.مۇشۇنداق چوڭ چوڭ شىركەتلەر بىرلەشسە چوقۇم تىخىمۇ ئىلغار تىخىمۇ ياخشى بولغان مەھسۇلاتلار بارلىققا كەلگۈسى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 18:41
  • بەش ئەتىراپىدا ۋاقىت قالغان ئوخشايدۇ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 18:24
  • مىكروسوفىتنىڭ تەلىي كەپتۇدە …
    نوكىيانىڭ نۇرغۇن پاتنىتى ، بازىرى ، تەجرىبىسى مىكروسوفىتنىڭ بولۇپ كەتتىدە …
    كۇچلۇكلەر بىرلىشىپ كەتتى …

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 17:50
  • http://www.cnbeta.com/articles/251136.htm
    بۇ خەۋەردە بەلكىم كېيىنكى سېتىۋىلىش نىشانىنىڭ قارا بۆلدۈرگەن ئىكەنلىكى قەيت قىلىنىپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 17:49
  • بىز ئۈچۈن خوش خەۋەر ئىكەن دەپ ئويلىدىم. ئەگەر بىزلەر ۋىندوۋس8 ۋە باشقا ۋىندوۋس مەھسۇلاتلىرىنىڭ سىجىل خېرىدارى بولۇپ بەرسەك، ئۇنداقتا بىزنىڭ تىل – يېزىقىمىزمۇ مىكروسوفىت باش بولغان كومپيۇتېر سېستىمىسى، يۇمشاق دېتال ۋە ئەپلەردە تېخىمۇ كەڭ ھالدا قوللاشقا ئېرىشىدۇ، ھەمدە مىكروسوفت يىتەكچىلىكىدىكى يانفون سېستىمىسى ئارقىلىق بىزنىڭ تىل – يېزىقىمىز يانفون ساھەسىدە رەسمىي قوللاشقا ئېرىشىدۇ. مېنىڭچە، بىز ئۆزىمىز پۇلىمىزنى خەجلىگەندە ئويلاپراق خەجلىسەك بۇ ئىشلارمۇ تەسكە توختىمايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 17:12
    • ئۇيغۇر سوفىت wpمەشغۇلات سىستىمغا ئەپ ئىچىش بىلەن بىرگە مىكرو سوفىتقا تەكلەپ ئلىتماس سۇنۇپ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇللىرنە تەرجىمە قىلسا ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇلۇشى تەسكە توختىماسلقى مومكىن .ئاللاھ خالىسا…

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى am 00:59
  • يەنە بىر پاراڭ،nokia شىركىتى بۇيىل 7-ئايدا .siemensشىركىتىنىڭ يېرىم پايچىكىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىغان،ئۆزىنىڭ دوپپىسىنى خەقكە كىيدۈرۈپ باشقىلارنىڭ دوپپىسىنى كىيىدىغان بولدى.siemensمۇ كىچىك شىركەت ئەمەستى،nokiaداۋاملىق فىنلاندىيەنى باقالايدىغاندەك تۇرىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 17:08
  • مىكرو سوفىتنىڭ جۇڭگو بازىرى ۋە جۇڭگو تىجارىتى ئايرىم -ئايرىم تىلغا ئېلىشتىكى مەقسىدى نىشانى نىمىدۇ؟…..

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 17:06
  • ئەتتىگەندە بۇخەۋەرنى كۆرۈپ بەك ھەيران قالدىم،مىكروسوفتنىڭ كاللىسى ئىشلەپ كىتىپتۇ،تورلاردا Nokia (نوكىيا) شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ئېيلوپ مىكروسوفتنىڭ جاسوسى دەپ سۆزلەپ كىتىۋاتىدۇ،دىمىسىمۇ 3يىلدا قىممىتى 110مىليارتلىق شىركەتنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرۈپ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئانا شىركىتىگە ئۆزىنى قوشۇپ 7مىليارتقا ئۆتكۈزۈپ بەردى.ئەينى يىللاردا نوكىئانىڭ ئەنجۈر سېستىمىلىق يانفون ئىشلەپ چىقىرىش ئىشىنى مۇشۇ ئاداش توسۇپ يوققا چىقىرىۋەتكەن،Symbianسېستىمىسىنىڭ تەتقىقات مەبلىقى ۋە ئادەم كۈچىنى ئازايتىۋەتكەن.لىكىن بۇ سودا ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئىككىلى تەرەپكە نەپ يەتكۈزىدۇ،چوڭ پايدىسىنى مىكروسوفت ئالىدۇ.كىچىك بىر پايدىسى بار بىز ئۇيغۇرلارغا تىگىدىغان،ئۇ بولسىمۇ كەلگۈسىدە بىزنىڭ تىلىمىزنى يىلتىزدىن قوللايدىغان يانفونلار پۈتۈن دۇنيانى قاپلايدۇ،قانچە يىل كىتىدۇ بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ ئەمما wpسېستىمىسىنىڭ ھازىرقى بازارنى ئىگەللەش سۈرئىتى ئاستا ئەمەس.يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا نوكىئا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە ئىشەنچىنى يوقۇتۇپ قويغاندەك قارار قىپتۇ،5پەسىل زىيان تارتتىپ ئاخىرى ۋەزىيەتنى ياخشىلاپ پايدا ئېلىشقا باشلىغاندا باشقىلارغا قوشۇلىۋەتتى،ئانچە ئىدىيەمدىن ئۆتمىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 17:01
    • نوكىيا ئاندروئدنى تاللىماي ھەقىقەتەن توغرا قىلغان.چۈنكى ئۇ ئۆزنىڭمۇ باشقائانىدروئد يانفۇن ياسايدغان شىركەتلەرگە ئوخشاش پەقەت ئاندروئد قا بىقىنىپ جان باقىدغان ھالەتكە يىتىدغىنىنى ئۈزگە خاس ئالاھىدلكىنى يوقۇتىدغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇ ۋىپ نى تاللاپ ھەقىقەتەن توغرا قىلدى.مكرو سوفىت ھەقىقى بىر پىشىپ يىتلگەن يانفۇن سىستىمىسنى بارلىققا كەلتۈردى دىيىشكە بولىدۇ.ئاندروئد ئوچۇق كود بولغاچقىلا بەك تىز ئومۇملاشتى .ئەمما سىستىما جەھەتتە ۋىپ ۋە ئالما iosسىستىملىللىدىن ئاستا.قاتتىق دىتالغا بولغان تەلىپى يۇقرى.بۇنى پۈتۈن دۇنيا ئاللىقاچان تونۇپ يەتتى.ۋىپ نىڭ كەلگۈسى پارلاق .ئۇ راۋان ھەم,كۈرۈنمە يۈزىمۇ ئۆزگىچە .قاتتىق دىتال تەلپىمۇ تۈۋەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى am 00:41
      • دىگىنىڭىز ئورۇنلۇق لىكىن نوكىئا ھەممە تۇخۇمنى بىر سېۋەتكە سېلىپ بەك زىيان تارتىپ كەتتى.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 13:14
  • مەن بۇ خەۋەرنى شىنلاڭ تورىدىن كۆرۈپ مىسرانىم مۇنبىرىگە يوللىماقچى بولغان سىزنىڭ بلوگىڭىزنى ئاچسام سىزمۇ بۇ ئىشنى خەۋەر قىپسىز .
    مىكروسوفىت ھازىر نوكىيانىڭ ئەڭ مەركەزلىك كەسىپى بولغان يانفۇن كەسىپىنى سېتىۋاپتۇ ، بۇنىڭلىق بىلەن نوكىينىڭ Windows phoneسېستىمىسى قاچىلانغان Lumia تىپلىق تېلىفۇنلىرى ۋە Asha تىپلىق تېلىفۇنلىرى مىكروسوفىتقا تەۋە بوپتۇ ، يەنە مىكروسوفىت نوكىيانىڭ يەنە بىر مۇھىم كەسپى بولغان Here خەرىتە كەسپىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەمكارلشقۇچىسى ھەم خېرىدارى بوپتۇ ، يەنە تېخى نوكىيا مىكروسوفىتنى 10 يىللىق پاتنىت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىكەن . نوكىيانىڭ ھازىرقى ئەمەلدارى ئېلوپ بەلكىم مىكروسوفىتنىڭ يانفۇن ساھەسدىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈشتە چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەچكە مىكروسوفىتنىڭ كىيىنكى CEO سى بوپقېلىشى مۇمكىن .
    مەن يېقىندا ئەقىليفون ئالماقچىتتىم ، قارىغاندا ئاندورىيد سېستىمىلىقىنى ئالماي نوكىيانىڭ Lumia920 نى ئالغاچ تۇرسام بولغۇدەك .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 16:21
    • Lumia920ھەممە جەھەتتىن بولىدۇ،لىكىن توكى توشىمايدۇ،نورمال ئەھۋالدا16سائەت ئىشلەتكىلى بولىدۇ،ماشىنىدا،ئۆيدە،سومكىدا توك قاچىلايدىغان شارائىت ھازىرلاپ سىتىۋىلىڭ،لىكىنغۇ كۆنۈپ قالسىڭىزمۇ ھېچ مەسىلە ئەمەس بۇ.ئىقتىدارى بولىدۇ،ئاپتاپتىمۇ ئېكراننى ئوچۇق كۆرگىلى بولىدۇ،مۇشۇ ئىقتىدار بەك توك سەرىپ قىلىۋىتەمدىكىن دىدىم.Lumia920نى چۈشۈرۈپ قويۇپ 625نى ئالدىم،ھەرھالدا بولىدىكەن،كاساپەتنىڭ كومپىسى يوقكەن ئەمەسمۇ،يەنە كىلىپ سىغىمى كىچىك،تور دىسكىسىنى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا مەجبۇر بولدۇم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 16:41
  • ئېسىل،دىمەك بىزنىڭمۇ ساپ ئانا تىلدا ئىشلىتىلدىغان كۆچمە خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئومۇملىشىغا بىر تۈرۈتكە بولدىغاندە تۇرىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 15:42
  • مۇئەللىم visual studio 2012دىكى كود يېزىش رايۇنىدىكى ئويغۇرچە خەت ئۇلانماي چىقىۋالىدىكەن. بۇنى قانداق ئوڭشايمىز؟ياردەم قىلغان بولسىلا!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 15:23
    • خەت نۇسخىسىنى تەڭشىسىڭىز بولىدۇ. Windows 8 مۇھىتىدا Visual Studio 2012 دە خەت ئۇلاشمايدىغان ئىش مەۋجۇت ئەمەس.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 16:26
  • ئويغۇر سوفىت شېركىتى ۋېندوس يانفۇنلىرى ئۈچۈن ئەپ ئاچسا قانداق بولار ؟ بۇ ئشنىڭ تەرەققىيات ئستىقبالچۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 15:17
    • بەك ئسىل ئىش بولاتتى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى am 01:06
    • ئەگەر مىكرو سوفىتwipمەشغۇلات سىستمىسغا ئەپ ئاچسا ۋە يانفۇن ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىپ چىقپ ئۇيغۇرچە تىل بولقى قۇشۇپ بىرشنى ئلتىماس قىلسا ئاللاھ خالىسا wipمەشفۇلات ئۈسكىنىللىردە ئانا تىل ۋە ئەپلەرنىڭ ھۇزۇرنى سۈرۈش ئارزۇيمىز روياپقا چىققۇس.مىكرو سوفىت نوكىيانى سىتىۋالدى ئەمدى جىم ياتمايدۇم ئۇلارمۇ wipمەشغۇلات سىستىمىلىق پەدلەرنى ئشلەيدۇ.ئەلۋەتتە نۇرغۇن ئۇيغۇرچە ئەپلەرگە ئھتىياج چۈشىدۇ.بۇ جەھەتتە بولشلۇق ۋە پۇرسەت بەك كۆپ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى am 01:14
    • ئەگەر شۇنداق بولسا بەك نوچى ئىش بولغان بولاتتى.ۋىندوۋس يانفۇنلرى ئۇيغۇرچە سەرخىل ئەپلەرگە مۇھتاج.قوللىنىشچان ياخشى ئەپلەر ياسالسا بازار تىپىشىدا گەپ يوق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى am 01:24
  • ئەپەندىم سوراپ باقسام ،ۋېندوس سېستىمىسى قوللىندىغان يانفۇندىكى ئەپلەرنى قايسى پىروگىرامما تىلدا يازىدۇ ؟ vb تىلدا يازغىلى بولامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 15:10
باھا بېتى: 1 2