يۇمشاق دېتال ئېچىشتا پىروگرامما لايىھەلەشنى ھەقسىز ئۆگىتىمەن
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]مەن بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئادەتتە يۇقىرى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا ماتېماتىكا ياكى كومپيۇتېر قاتارلىق كەسپىي دەرسلەرنى بېرىمەن. 19 يىلدىن بۇيان مۇشۇنداق ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتىدۇ، بىرەر مەۋسۇم ھەتتا بىرەر سائەت دەرستىن قالغان يېرىم يوق، شۇنداق بولسىمۇ ھەر يىلى ئاران 100 گە يېقىن ئوقۇغۇچىلارغا دەرس بېرىدىكەنمەن. ئۇنىڭدىن باشقا بىرنەچچە يىل ئىلگىرى ئۇيغۇرسوفت ئۈچۈن بىرنەچچە قارار تەربىيەلەش سىنىپى ئاچقان ئىدىم، ئوخشاشلا كۈچلۈك مەسئۇلىيەت بويىچە دەرس سۆزلىدىم، بىرەر قېتىممۇ دەرسكە كېچىكىپ باقمىدىم، ئوقۇغۇچىلارمۇ ياخشى ئۆگەندى، ئەمما تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىلىرىم كۆپ ئەمەس ئىدى. ھازىر ئالىي مەكتەپنىڭ كەسپىي ئىشتاتلىق ئوقۇتقۇچىسى بولغانلىقىمغا 20 يىل بولاي دېسىمۇ، ئەمما مەكتەپتە ۋە جەمئىيەتتە تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ ئومۇمىي سانى 2000 غا بارمايدۇ. جەمئىيەتتە تەربىيەلىگەن ئوقۇغۇچىلىرىمنىڭ سانى 100 گە يېقىنلاشسىمۇ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۇيغۇرسوفتنىڭ مۇھىم يۇمشاق دېتاللىرىنى تاماملىدى، يەنە بىر قىسمى باشقا ئورۇن ياكى شىركەتلەر مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتىدۇ، ئالىي مەكتەپكە كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ياكى باشقا سەۋەب بىلەن ئوقۇيالمىغانلارنىمۇ كەسپىي بىلىملەر بىلەن تەربىيەلەشنىڭ مۇھىملىقىمنى ئاللىبۇرۇن ھېس قىلغان ئىدىم.
2000-يىللىرىنىڭ ئالدى-كەينىدە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى،…قاتارلىق مۇھىم تاراتقۇلاردا 2 يىلغا يېقىن كومپيۇتېر بىلىملىرىدىن ساۋات مەزمۇنلارنى سۆزلىگەن ئىدىم، شۇ ۋاقىتلاردا بۇنىڭ تەسىرى ئىنتايىن ياخشى بولغان. مانا ئەمدى ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىياتى كۆچمە ئىنتېرنېتقا قاراپ ئومۇملىشىۋاتىدۇ، توردا دەرس سۆزلەش ۋە ئاڭلاش ئىنتايىن ئاسانلاشتى. 2014-يىلى 5-ئايدا 3-قارارلىق ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپىنىمۇ توردا سۆزلەپ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلغان ئىدىم. شۇڭا تېخىمۇ كۆپ قىزىققۇچىلارغا ساۋات بېرىش ئۈچۈن «ئالىم ئەھەت تور دەرسخانىسى» تەسىس قىلىپ، يۇمشاق دېتال ئېچىشتا زۆرۈر بولغان پىروگرامما لايىھەلەش قاتارلىق ئاساسىي نەزەرىيە ۋە ئۇلارنى ئۆز خىزمەت تەجرىبەمگە ئاساسەن ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈپ بىلگەنلىرىمنى ئايىماسلىقنى قارار قىلدىم، بۇ ئەلۋەتتە ھەقسىز بولىدۇ، بەلكىم يەنە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈنمۇ ماتېماتىكىدىن تەكرار قىلىشنىمۇ ئويلىشىۋاتىمەن.
ھازىر يېڭى ئەسۋاب-ئۈسكۈنىلىرىم ئاساسەن تەييار بولدى، ئەمما يېقىندا ھېيت-بايرام دەم ئېلىش بىرقەدەر كۆپ بولغاچقا، تورداشلارنىڭ پىكىرى بويىچە 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا باشلاشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
ياخشىلاش ھەققىدە تەكلىپ-پىكىر بولسا قالدۇرساڭلار بولىدۇ، رەھمەت.
مىكروسوفتنىڭ ئاچچىقى كېلىۋاتىدۇ، بۇ قېتىم سىلەر Windows 8 نى قارشى ئالغاندەك ئاكتىپ ۋە قىزغىن بولمىدىڭلار دەيدۇ، Windows 10 نى تەشۋىق قىلمىسام زادى بولمىدى، مەن تەييار بولدۇم، سىلەرچۇ؟ ئەمما تېلېفون قىلىپ، ئالىم مۇئەللىم دەرس سۆزلەيدىغان ئۈستىلىڭىزگە مەھسۇلاتىمىزنى قويۇپ ئېلان قىلىۋالايلى دېمەڭلار، چۈنكى ئوقۇغۇچىلار سىلەرنىڭ مەھسۇلاتىڭلارغا قاراپ قېلىپ، دەرسىمگە دىققەت قىلمىسا، دەرسنى ۋاقتىدا ئۆزلەشتۈرۈپ بولالمايدۇ.
=================
مانا بۇ دەرسلىك پىلانى، ئەمما ئىچىدىكى مەزمۇنلاردا خەنزۇچە ياكى ئىنگلىزچە بولۇشى مۇمكىن جۇمۇ؟
====================================================
مېنى سىنغا ئالىدىغان يەككە لېنزىلىق نۇر قايتۇرغۇچلۇق ئاپپارات CANON 60D، سىلەر مۇشۇ ئاپپارات تارتقان سىندىن مېنى كۆرەلەيسىلەر.
====================================================
مانا ماۋۇ ئېتوت ئوينىغاندا بەلگە تاقىۋالىدىغان يۇقىرى سۈزۈكلۈكتىكى سىمسىز مىكروفون ۋە قوبۇللىغۇچ، بەزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىمۇ يوق تېخى. بۇ ئۈسكۈنىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ئالىم مۇئەللىم بۇ قېتىم ئېتوتچىلاردەك قىزىقتۇرۇپ، يۇمۇر چاقچاقلار بىلەن دەرس سۆزلەشكە تىرىشىدۇ.
====================================================
ئىشخانامدىكى ئاۋۇ كىتاب ئىشكابىدا نۇرغۇن قىممەتلىك كومپيۇتېر كىتابلىرى بار، ۋاقتىم چىقسىلا بىرباشتىن ئېلىپ سۆزلەي دېدىمغۇ؟ ئەمما سىلەرنى قورقۇپ كەتمىسۇن كىتابىمنىڭ ئاز بىر قىسىمىنى چىقىرىپ قويدۇم.
====================================================
- يازما كۆرۈلۈشى: 12,391 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 09-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 12:11
- ئالدىنقى يازما :E-trade
- كېيىنكى يازما :ISB MBA Entry Pointers – GMAT, Essays and Deadlines
ياخشى ئويلاپسىز مۇئەللىم ھارمىغايسىز
ئالىم مۇئەللىم بىر تەكلىۋىم بار ئىدى ….. ھازىرغىچە سۆزلىگەن دەرىسلىرىڭىزنى دېسكىغا ئۇيۇپ بازارغا سېلىپ ساتسىڭىز ، سىزمۇ مەنپەئەتلەنسىڭىز بىزمۇ بىلىمدىن قۇرۇق قالمىساق بۇلامدۇ ؟ چ چ 53134662 قېلىنلىق بىلەن بىلىم سورايمەن ……
ئۇنداق خىيالىم يوق، لېكىن ھەق تاپشۇرۇپ ئۆگىنىمەن دېسىڭىز، alim.ke.qq.com غا چىقىپ ھەق تاپشۇرۇپ ئۆگەنسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەمما ھازىرچە بارلىق دەرسلەر ھەقسىز