ئۇيغۇر تەرجىمە تىلىدا كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەر | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇر تەرجىمە تىلىدا كۆرۈلۈۋاتقان مەسىلىلەر

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

قولۇمدىكى ئۇيغۇر تىلى چوڭ مەلۇمات (大数据) ئامبىرىدىن تۆۋەندىكى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ ھەيران قالدىم، تىلچى ئۇستازلار ۋاقتىدا دورا ياساڭلار، تەرجىمانلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانۇنىيىتىنى بۇزماڭلار، تەرجىمە قىلىۋاتقان سۆز-ئىبارىلەرگە مەسئۇل بولۇڭلار. بۇنداق كېسەل جۈملىلەر رادىيو-تېلېۋىزىيە، گېزىت-ژۇرنال، ھەتتا ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى تور بېكەت…قاتارلىق تاراتقۇلاردىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ، مەن بۇ يەردە ئۇلارنى تىلغا ئالمايمەن. بۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى كېسەللىك ئەمەس، تىلىمىزدا گۇناھ يوق، بەلكى تەرجىماندىكى كېسەللىكتۇر. مۇشۇنداق يېڭى تەرجىمان بىمارلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، داۋالايدىغان دوختۇرخانىلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

uy-1 uy-2 uy-3 uy-4 uy-5 uy-6 uy-72-1 2-2 2-3 2-4 2-5 2-6 2-7 2-8 2-9 2-10

 

 

=============================

 

ئۇيغۇر تىلىمۇ ئەمەلىيەتتە ئىخچام تىل ئىدى، ئوخشاش بىر بەت خەنزۇچە مەزمۇننى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلسا ئىككى-ئۈچ بەت بولىدۇ دەيدىغان پىكىرگە تازا قوشۇلالمايمەن.

بىرىنچى: 进行 كېسىلى

دەرىجىسى: ئېغىر

كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىدەك:

سىناش ئېلىپ بارغاندىن باشقا

ئېلىپ بارغان ئەڭ يېڭى

تەربىيىلەش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىش

ئېلىپ بېرىلغان بىر تۈرلۈك

ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ

ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك

مەزكۇر پارتىيە ئېلىپ بارغان

نۆۋەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ

زېھىن سىناش ئېلىپ بارغاندىن

سۆھبەت ئېلىپ بېرىش مۇناسىۋىتى

قۇرۇلۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى

ھاياتلىق ئۈچۈن ئېلىپ بارغان

ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارىدۇ

كېسەللىك سەۋەبى:

بۇ خەنزۇ تىلىدىكى 进行 ئارىلىشىپ كەلگەن سۆز-ئىبارىلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا كۆپ ئۇچرايدۇ.

 

ئالدىنى ئېلىش:

进行 ئارىلاشقان خەنزۇچە جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلغاندا، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ،进行 نىڭ كەينىدىكى ئىسىمنىڭ كەينىگە مۇۋاپىق قوشۇمچىلارنى ياكى ياردەمچى پېئىللارنى قوشۇپ تەرجىمە قىلساق بولىدۇ. مەسىلەن:

进行会谈 سۆھبەتلەشتى

سۆھبەتلىشىش ئېلىپ بېرىلدى (ئەمەس)

进行治疗 داۋالىدى

داۋالاش ئېلىپ بېرىلدى (ئەمەس)

进行试验 سىناق قىلدى

سىناق ئېلىپ بېرىلدى (ئەمەس)

 

 

ئىككىنچى: 发生 كېسىلى

دەرىجىسى: ئېغىر

كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىدەك:

بۇنىڭدا خەلقئارادا يۈز بېرىۋاتقان

قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ

پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ

خەلقئارادا يۈز بېرىۋاتقان قىزىق

يۈز بېرىۋاتقان قىزىق نۇقتا

جىددىي ئەھۋال يۈز بەرگەندە

ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش

ئاپتونوم رايونىمىزدا يۈز بەرگەن

بۈگۈن يۈز بەرگەن مۇھىم

ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ

خەلقئارادا تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن

سەھەردە پارتلاش يۈز بېرىپ

يۈز بەرگەن مۇھىم ئىش

ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن

ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان يېڭى

تارىختا بۈگۈن يۈز بەرگەن

بىخەستەلىك تۈپەيلى يۈز بەرگەن

تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن ئەڭ

دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ

ئەگەر يۈز بەرگەن ئىش

ئويلىمىغان ئىش يۈز بېرىپ

 

كېسەللىك سەۋەبى:

بۇ خەنزۇ تىلىدىكى 发生 ئارىلىشىپ كەلگەن سۆز-ئىبارىلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا كۆپ ئۇچرايدۇ.

 

ئالدىنى ئېلىش:

发生 ئارىلاشقان خەنزۇچە جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلغاندا، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، 发生 نىڭ كەينىدىكى ئىسىمنىڭ كەينىگە مۇۋاپىق قوشۇمچىلارنى ياكى ياردەمچى پېئىللارنى قوشۇپ تەرجىمە قىلساق بولىدۇ. مەسىلەن:

发生交通事故 قاتناش ۋەقەسى بولدى

قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى (ئەمەس)

发生洪灾 كەلكۈن كەلدى

سۇ ئاپىتى يۈز بەردى (ئەمەس)

发生地震 يەر تەۋرىدى

يەر تەۋرەش يۈز بەردى (ئەمەس)

….

 

ئۈچىنچى: 已经 كېسىلى

دەرىجىسى: ئېغىر

كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىدەك:

ئاللىبۇرۇن 270 كىلوگرامدىن ئېشىپ كەتكەن

ئاللىبۇرۇن تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەن كىچىك سىڭلىمغا

ئاللىبۇرۇن ياشانغانلار جەمئىيىتىگە قەدەم قويۇپ بولدى

ئاللىبۇرۇنلا چىقىرىپ بولغان بولىدۇ

ئەرلەر بولسا ئاللىبۇرۇنلا چىقىرىپ بولغان بولىدۇ

بالدۇراق كەلگەن بولساڭلار قورۇما-تائاملار ئاللىبۇرۇن

ياشلىقىمىزنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بايقايمىز

كېسەللىك سەۋەبى:

بۇ خەنزۇ تىلىدىكى 已经 ئارىلىشىپ كەلگەن سۆز-ئىبارىلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئالدىنى ئېلىش:

已经 ئارىلاشقان خەنزۇچە جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلغاندا، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ،已经 نىڭ كەينىدىكى ئىسىمنىڭ كەينىگە مۇۋاپىق قوشۇمچىلارنى ياكى ياردەمچى پېئىللارنى قوشۇپ تەرجىمە قىلساق بولىدۇ. مەسىلەن:

已经超过70公斤 70 كىلوگىرامدىن ئاشتى

ئاللىبۇرۇن 70 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتتى (ئەمەس)

已经睡觉 ئۇخلىدى

ئاللىبۇرۇن ئۇخلىدى ياكى ئۇيقۇغا كەتتى (ئەمەس)

您的青春已经过去 ياشلىقىڭىز ئۆتتى

ياشلىق باھارىڭىز ئاللىبۇرۇن ئۆتۈپ كەتتى (ئەمەس)

 

تۆتىنچى: 由于 كېسىلى

دەرىجىسى: ئېغىر

كېسەللىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىدەك:

ئائىلىدە ئۇقۇشماسلىقلار سەۋەبىدىن بولىدىغان

دېھقانلارنىڭ كېسەللىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ

ئۇچرىغان كېلىشمەسلىكلەر سەۋەبىدىن ئاغرىنىپ

مەنپەئەت تالىشىش سەۋەبىدىن قېرىنداشلار

كەچ ئوزۇقلىنىش سەۋەبىدىن ئاشقازان

كەلگەن كىچىككىنە كۆڭۈلسىزلىك سەۋەبىدىن

كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ

مۇھەببەت سەۋەبىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن

سەۋەبىدىنمۇ ئادەم ئاسان سەمرىمەيدۇ

قاتارلىق ئامىللارنىڭ سەۋەبىدىن باش ئاغرىيدۇ

يول توسۇلۇش سەۋەبىدىن قاتناش قىستاڭچىلىقى

ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن ئىممونىتېت

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ سەۋەبىدىن

ئادەم زەخمىلەنگەنلىك سەۋەبىدىن تۆلەم

ئايالغا بولغان مۇھەببەت سەۋەبىدىن

ئېرسىيەت كېسەللىكى سەۋەبىدىن تۇغۇلغاندىلا

ئۇقۇشماسلىقلار سەۋەبىدىن بولىدىغان كۆڭۈل

بولۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان

بۆرەك ئىقتىدارى چېكىنگەنلىكى سەۋەبىدىن

تاماگەرلىك سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىقلارغا

توخۇلاردا كالتىسىي يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن

تورغا چىقىش سەۋەبىدىن تورغا خۇمار

تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن

دەريادىن ئۆتەلمەسلىك سەۋەبىدىن

تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ئوزۇقلۇق

چىقىش سەۋەبىدىن تور ئىقىمىنى

چۈشتىن بۇرۇن تۇمان سەۋەبىدىن

سىرتىدىن سوغۇق تېگىش سەۋەبىدىن

ئىش سەۋەبىدىن نۇرغۇن كىشىلەر ئائىلىسىدىكى

سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن قاتناش ھادىسىسى

كېسەللىك سەۋەبى:

بۇ خەنزۇ تىلىدىكى 由于,因为,原因 ئارىلىشىپ كەلگەن سۆز-ئىبارىلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغاندا كۆپ ئۇچرايدۇ.

ئالدىنى ئېلىش:

由于,因为,原因 ئارىلاشقان خەنزۇچە جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلغاندا، «سەۋەبىدىن»نى زورلاپ يېزىۋالماي، «-دىن\-تىن» قوشۇمچىلىرىنى قوشۇپ ئىخچام تەرجىمە قىلساق بولىدۇ. مەسىلەن:

قاتناش قىستاڭچىلىقى سەۋەبىدىن يول توسۇلدى (ئەمەس)

قاتناش قىستاڭچىلىقىدىن يول توسۇلدى

يەرنىڭ تارتىش كۈچى سەۋەبىدىن (ئەمەس)

يەرنىڭ تارتىش كۈچىدىن

ھاراق ئىچىش سەۋەبىدىن ئىممونىتېت (ئەمەس)

ھاراق ئىچىشتىن ئىممونىتېت

ھەرخىل كېسەل سەۋەبىدىن ئۆلۈش (ئەمەس)

ھەرخىل كېسەلدىن ئۆلۈش

مۇھەببەت سەۋەبىدىن ۋۇجۇدقا كەلگەن (ئەمەس)

مۇھەببەتتىن ۋۇجۇدقا كەلگەن

بۇنى ۋاقتىدا داۋالىمىساق، «تۈپەيلىدىن» دېگەن ئەگەشمە كېسەلنىمۇ پەيدا بولىدۇ. مانا مۇنداق:

ياشانغانلار تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى

ياكى مۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن

ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن

ناۋادا ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلى

يەڭگىلى بولمايدىغان سەۋەب تۈپەيلىدىن

ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مەكتەپنىڭ

دوختۇرنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىن ئارتېرىيە

زەخىملەنگۈچىدە يۇقىرىقى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن

مەلۇم سەۋەب تۈپەيلىدىن سۈرۈكنى كېچىكتۈرۈپ

مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ئالىي مەكتەپكە

سەۋەبلەر تۈپەيلى قارا تىزىملىك

سىزدە بۇنداق كېسەل بارمۇ-يوق؟ «ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرۈش قورالى»نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىدا مەخسۇس تەكشۈرتۇڭ.

داۋالاش:

«ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى» كىتابى ۋە پېشقەدەم تەرجىمانلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇڭ. ئۆيىڭىزدە كومپيۇتېر، يانچۇقىڭىزدا تېلېفونىڭىز بولسا ھەركۈنى ئۈچ ۋاخ ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى(www.udict.cn)، ئۈندىدار لۇغىتى، ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرۈش قورالى، ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى (imla.uighursoft.com) قاتارلىق ئۇيغۇر يېزىقى ئۈچۈن ھەقسىز خىزمەت قىلىۋاتقان يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلىتىپ تۇرسىڭىز، بىرنەچچە ئايغا قالماي، بىرلا باسقۇچتا سەللىمازا ساقىيىپ كېتىسىز.

مۇشۇنداق كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا داۋالاتمىساڭلار، بۇ دېتاللىرىمنىڭ قەدرىگە يەتمەپتۇ دەپ ھەقسىز تارقىتىۋەرمەيمەن، چۈنكى ئۇيغۇرلاردا: «قەدرىنى بىلمىگەنلەرگە 1000 يارماققىمۇ ساتماسمەن، بىلگەنلەرگە ھەقسىز بېرىمەن»-دەيدىغان ھېكمەت بار.

ئۇيغۇر تىلىنى داۋاملىق CT ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەردە تەكشۈرۈۋاتىمەن. تۆۋەندىكىدەك تارقىلىشچان كېسەللەرمۇ مەۋجۇت:

  • يارلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى (يارىلاندى)
  • ئۆتتە تاش پەيدا بولۇشنىڭ (ئۆتكە تاش چۈشۈشنىڭ)
  • ئۆپكىسىگە نىسبەتەن داۋالاش ئېلىپ باردى (ئۆپكىسىنى داۋالىدى)
  • ئاخشام ئايروپىلان ئارقىلىق كەلدىم (ئايروپىلاندا كەلدىم)
  • يىغىن روھىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرايلى (كەڭ…يايدۇرايلى)
  • قۇرغاق رايونلار ئۈستىدە تەتقىقات (…رايونلاردىكى تەتقىقات)
  • بۇ ماڭا نىسبەتەن ھاقارەت (بۇ ماڭا ھاقارەت)
  • ئالما دەرىخى ئۈستىدىن ئالما ئۈزدۈم (ئالما دەرىخىدىن …)
  • ئاشخانا ئۆينىڭ ئىچىدە (ئاشخانىدا)
  • تاڭنۇرى ئولتۇراق رايونى ئىچىدىن ئىجارە (… رايونىدىن …)
  • مەن بىلەن بىللە بېرىشىپ بەر (ماڭا بېرىشىپ بەر)
  • داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مېڭىڭ (ئالدىغا مېڭىۋېرىڭ)
  • بىز بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا (بىز بۇنداق ئەھۋالدا)
  • مۇشۇ خىل دورىدىن يېسىڭىز (مۇشۇنداق دورىدىن)
  • بۇ خىل تىپتىكى زۇكامدىن (مۇشۇنداق زۇكامدىن)
  • رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىمنى بىلدۈرىمەن (رەھمەت ئېيتىمەن)
  • مەن بىئاراملىق ھېس قىلىۋاتىمەن (بىئارام بولۇۋاتىمەن)

….

بۇ يازما ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سالونى (ئىزدەش نومۇرى: uighursoft) ۋە ئالىم ئەھەت بىلوگى(www.alimahat.com)دا ئېلان قىلىنىدۇ. ئاپتورى ۋە مەزمۇنىنى ئۆزگەرتمەي تارقاتسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر داۋامىغا قىزىقسىڭىز، تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، كۆپ تىللىق ئۇيغۇرسوفت (ئۈندىدار) لۇغىتىنى قوشۇۋېلىڭ.

================

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
28 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • رەھمەت ئۇستاز …. كۆپ تەشەككۈر

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 14:03
  • ئۇستاز جاۋاپ قايتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت … يىغىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرچىنى ئوڭدىن سولغا يېزىش قىيىنچىلىقىنى دېمەكچى ئىدىم … چۈشىنىپسىز ھەرنىم بولسا … كونكىرتراق بىرەر چارىنى دەپ بەرسىڭىز ، مەسىلەن كىندىل دىگەن كىتاپقا سىز دىگەندەك مەجبۇرى يېزىش ئۈچۈن قانداق قىلىمەن ؟ مەلۇم دەرىجىدە سېستىما بىلەن ھەپىلىشەلەيدىغان سەۋىيەم بولۇش كېرەكمۇ يا ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى am 00:57
    • مەجبۇرىي ئوڭدىن سولغا باشلاش بەلگىسىنى قىستۇرۇڭ، RTL
      دەپتەرنى ئېچىپ مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، unicode كونترول بەلگىسىنى قىستۇرۇش دېگەننى باسسىڭىز بولىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى am 07:26
  • رەسىملەرنى ئەۋەتەلىگەن بولسام تېخىمۇ روشەن چۈشىنىشلىك بولاتتى …سۇئالىم مۈجمەل بولۇپ قالغاندەكمۇ تۇرامدۇ نىمە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى am 11:56
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم …خېلى ۋاقىت بولدى بىر مەسىلە مېنى ئاۋارە قىلىۋاتقىلى ….ئەسلى ئايرىم مەزمۇن قىلىپ يوللاي دېگەن ، تىزىملىتىپ كىرەلمەي قالدىم …جەزىملەشتۈرىدىغان ئۇلانمىنى خەت ساندۇقۇمغا ئەۋەتمىدى …..گەپنى ئۇزارتماي…مەن تەكشىلىك ئېلان لايىھەلىگۈچىسى، ئۇيغۇرچىنى ئوڭدىن سولغا يېزىشتا قىينىلىۋاتىمەن…فوتوشوپنىڭ يېڭى نەشىرلىرىدە بۇ مەسىلى ھەل بولۇندى …بۇنىڭدىن بەك خۇشالمەن، ئەمما illustrator, indesign قاتارلىق قوراللاردا ئوڭدىن سولغا يېزىش ئۈچۈن ئوتتۇرا شەرق نەشىرىنى سېتىۋېلىشىم كېرەككەن ياكى بىر plug-in سېتىۋېلىشىم كېرەككەن(بەك قىممەتكەن) …ئامازوننىڭ كىندىل دىگەن كىتاپ ئوقۇغۇچىسىدا ئۇيغۇرچە كىتاپلىرىم سولغا رەتلىنىپ قېلىپ بىئارامچىلىققا قويماقتا، بۇنىڭدىكى سەۋەپمۇ شۇ ئوڭدىن سولغا يېزىش سېستىمىغا كىرگۈزۈلمەسلىكتىن بولدى دەپ پەرەز قىلدىم ….بۇ مەسىلىنى باشقىلار ئوتتۇرغا قويۇپ ياكى ئاللىمۇ قاچان ھەل قىلىنىپ بولغان تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق مەسىلە بولۇشى مۇمكىن ، لېكىن شۇنداقتىمۇ بىر سورىغۇم كەلدى …….مەزمۇندا دېيىلگىنىدەك مۇشۇ ئوڭدىن سولغا يېزىشنىڭ ئ‍ۆزىنى ئايرىم bug قىلىپ ياساپ مۇناسىپ مۇھىتقا سېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان قىلىپ ياسىغىلى بولامدۇ؟ ياكى ھەل قىلىپ بولغان باشقا ئۇسۇل بارمۇ ؟؟؟ رەسىم بار ئىدى قانداق ئەۋەتىشنى بىلەلمىدىم….

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى am 11:55
    • سوئالىڭىزنىڭ ئاخىرى چۈشىنىكسىز بولۇپ قاپتۇ،
      شۇنداقتىمۇ جاۋاب بەرسەم ھازىر ئۇيغۇرچىنى بىر تەرەپ قىلىشتا زور قىيىنچىلىق قالمىدى. قوللىمايدىغان سىستېمىلاردا يېزىقلارنى مەجبۇرىي ئوڭدىن-سولغا باشلايدىغان قىلىپ يېزىشقىمۇ بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 21:10
  • خوجايىن دىگەن سۆزنى غوجايىنغا ئۆزگەرتىش نىمە ۋەجىدىن بولۇپ قالدى ؟پەقەت كاللامدىن ئۆتمىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 16:39
  • «ي بوش ئورۇن د» بىلەن «يۇمشاق دېتال» دېگەن سۆزنى چىقىرىشنىڭ ئېھتىماللىقى قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟ بۇ خەنزۇچىدىكى women دېگەن پىنيىن بىلەن我们 دېگەن خەنزۇچە خەتنى چىقارغاندەك ئاددىي ئىش ئەمەس. خەنزۇچىدا سىز تاكى نامزاتنى تاللىغانغا قەدەر سىز كىرگۈزگەن ھەرقانداق ھەرپ كۈچكە ئىگە ئەمەس، يەنى، ئاستى سىزىقلىق ھالەتتە بولىدۇ. لېكىن ئۇيغۇرچىدا ئۇنداق ئەمەس، سىز كىرگۈزگەن ھەر بىر ھەرپ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر چېچەن كىرگۈزگۈچ دېگەندەك قىلىمەن دېسىڭىزمۇ بولىدۇ، لېكىن نامزات تاللاش ئۈچۈن بىر بوش ئورۇن چېكىسىز، ئۇيغۇرچە خېتىمىزنى بىر بىرىدىن ئايرىش ئۈچۈن يەنە بىر بوش ئورۇن چېكىسىز، بۇنىڭ بىلەن خەت ئۇرۇش سۈرئىتى يەنىلا ئاستا بولۇپ قالىدۇ. بىزنىڭ يېزىقىمىز ئېلىپبەلىك يېزىق بولغاچقا، كىرگۈزۈش ئۇسۇلىمىز ئېنگلىزچىغا ئوخشاپ كېتىدۇ. ئېنگلىزچىدىمۇ بوش ئورۇننى چېكىش ئارقىلىق خەت تاللايدىغان ئىش يوق، پەقەت بىر خەتنىڭ كەينىگە خەت تەۋسىيە قىلىش مېخانىزمى بار. سىز شۇنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقسىڭىز بولىدۇ.
    ھازىرقى مەسىلە يانفون كىرگۈزگۈچتىكى كۇنۇپكىلار ئۇيغۇرچىدىكى 32 ھەرپكە يېتىشمىگەنلىكتىن، بەزى ھەرپلەرنى كىرگۈزۈشتە shift نى بىر بېسىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىمىز، مېنىڭ تەۋسىيەم ئىككى ھەرپ بېكىتىلگەن كۇنۇپكىلارنى ئۈستىگە سىيرىش ئارقىلىق ئىككىنچى ھەرپنى چىقىرىش كۇپايە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنى am 08:48
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم مۇئەللىم !كومپيۇتېردا emailنىڭ خەتلىرى يەنىلا كۆزنەك 10نى ئورناتقاندا چىقىدىغان خەت نۇسخىسى چىقىۋالدۇ.باشقا جايلاردا سىز تەۋسىيە قىلغان خەت نۇسخىسى ئورناتقاندىن كېيىن شۇنىداق چىرايلىق ،بۇنىڭغا قانداق ئامال باردۇر مۇئەللىم ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى am 09:38
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۈم ،مۇئەللىم ، تېمغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ بىر سوئالىم بار ئىدى ،سوراپ باقسام.
    يېقىندا ئۇيغۇرچە يانفون كىرگۈزگۈچ ئۈستىدە ئازىراق بىر ئىش قىلاي دەپ ،مۇنداق بىر تېخنىكا توغۇرلۇق ئىزدىنىۋاتقان.
    مەسىلەن : مەن يانفوندا «يۇمشاق دېتال» ياكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ كىرگۈزمەكچى بولسام ، پەقەت «ي بوش ئورۇن د» ياكى «ش بوش ئورۇن ئۇ بوش ئورۇن ئا بوش ئورۇن ر» نى كىرگۈزۈش مەقسىتىگە يەتمەكچى ئىدىم ،مۇشۇ توغۇرلۇق پايدىغانغۇدەك ماتىريال ياكى تەپەككۈر يولى بولسا ،يول كۆرسەتسىڭىز ،مېنىڭ مۇشۇ نەرسەممۇ شۇ ئىملانى قانداق قىلىپ بىرلىككە كەلتۈرمىز ، ئامال بار ئۇيغۇرنى تاللايدىغان كىرگۈزمەيدىغان قىلىش مەقسىتىدە .
    يۇقارقىسى پەقەت بىر خىللا مىسال .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 10:54
باھا بېتى: 1 2