Android, Google, Yahoo نىڭ توغرا ئىملاسى قانداق بولىدۇ؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

Android, Google, Yahoo نىڭ توغرا ئىملاسى قانداق بولىدۇ؟

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچى تارقىتىلغاندىن كېيىن توردىن چۈشۈرگەنلەرنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، تىزىملاتقانلارنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، كۈندە ئاكتىپ ئىشلىتىدىغانلارنىڭ سانى 4000 مىڭدىن ئېشىپ، كۈندە %10 لىك سۈرئەت بىلەن ئېشىۋاتىدۇ. ھازىر كىشىلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇنداق بىر دېتالغا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
بىرنەچچە كۈندىن بۇيان بۇ دېتالنىڭ ئىقتىدارىغا مۇناسىۋەتلىك چۈشكەن ئىنكاسلارمۇ ئاساسەن بىريەرگە بېرىپ توختىدى. ھازىر بۇ دېتالىمىز %95 دىن ئارتۇق كىشىلەرنىڭ كومپيۇتېرىدا راۋان خىزمەت قىلىپ، يەنە بىر قېتىم چوڭ يېڭىلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئاساسلىقى يەنە بىر قىسىم كۆپ ئۇچرايدىغان ئىسىملارنىڭ شەخس، كېلىش قوشۇمچىلىرى بىلەن تۈرلىنىشى قوشۇلىدۇ، يەنە تورداشلار خاتا يېزىۋاتقان سۆزلەرنى ئاپتوماتىك توغرىلاش ئىقتىدارى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۈچەيتىلىدۇ، ئەڭ توغرا نامزات سۆزنى ئەڭ ئالدىغا كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئىقتىدارى ئېچىۋېتىلىدۇ.

ئەمما تۆۋەندىكى بىرنەچچە سۆزنىڭ ئىملاسى تېخى قېلىپلاشمىغان بولغاچقا، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىغا قوشۇلمىغان ئىدى، تورداشلارمۇ بۇ سۆزلەرنى بىرنەچچە خىل يېزىۋېتىپتۇ، بۇنىڭ توغرا ئىملاسىنى ۋاقتىدا قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدىم. ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:

(1) يان تېلېفوندىكى ئەڭ كۆپ ئومۇملاشقان مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئىنگلىزچە نامى Android نى ئۇيغۇر تىلىدا قانداق يازىمىز؟ خەنزۇچە 安卓 دەيدۇ. ئۇنىڭ توغرا ئىملاسى زادى قانداق بولىدۇ؟
1. ئاندروئىد
2. ئاندىروئىد
3. ئاندرويىد
4. ئاندىرويىد
5. ئەنجو
6. ئەنجورئىد
7. ئەنجوريىد
8. ئەنجۈر

بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسى توغرا بولۇشى كېرەك. ئەرەب، پارس يېزىقلىرىدىن ئىزدەپ باقسام ئۇلار «ئاندرويد» دەپ يازىدىكەن. بۇنداق دۇنياۋى ئاتالغۇلاردا ئوخشاش يېزىق سىستېمىسى ئىشلىتىدىغانلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ قالسا بولمايدۇ دەيدىغان ئۆلچەم بارمۇ-يوق؟ مەسىلەن، بەزىلەر ئاندروئىد دېسە، بەزىلەر ئاندوريىد دېيىشمەكتە. ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا «-يىد» بىلەن ئاخىرلاشقان بىرمۇ سۆز يوق. مەن بۇ جەھەتتە دىيارىمىزدا ئەڭ بۇرۇن Android بىلەن ھەپىلەشكەن بىلكان شىركىتى بىلەن بىردەك بولۇشنى ئويلاشتىم. ئەمما ئۇلاردىمۇ 2 خىل يېزىلىۋېتىپتۇ، ھازىرچە مېنىڭ تەكلىپىم «ئاندرويد»، سىلەرنىڭ قانداق پىكىرىڭلار بار.

(2) يەنە بىرسى دۇنيادىكى داڭلىق ئىزدەش ماتۇرى Google نىمۇ تۆۋەندىكىدەك يېزىۋېتىپتۇ.
1. گوگېل
2. گوگىل
3. گوگول
4. گوگۇل
5. گۇگول
6. گۇگۇل
7. گوگلې
بۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ بىرسى توغرا بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇر تىلىدا «ۇ» دىن كېيىن «و» كېلىدىغان سۆزلەر پەقەت كىرمە سۆزلەردە كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن: جۇڭگو، گىلۇكوزا،….دېگەندەك.
بۇنىڭ ئەسلىدىكى تىلدىكى توغرا تەلەپپۇزىغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان ئۇيغۇرچە يېزىلىشى گۇگول بولۇپ، باشقىلىرى سەل يىراقلاپ كېتىدۇ، شۇڭا ھازىرچە تەكلىپىم گۇگول دەپ يېزىش ئىدى.

3. Chrome تور كۆرگۈچ
1. كىروم (مېنىڭ كۆز قارىشىم مۇشۇ)
2. خىروم

4. Skype پاراڭلىشىش دېتالى
1. سىكايپى
2. سىكايپ (مېنىڭ كۆز قارىشىم مۇشۇ)

5. Yahoo
بۇنى نۇرغۇن كىشىلەر ياخۇ دەپ ئاتايدۇ، گېزىتلەردىمۇ شۇنداق ئېلىنىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ سەۋەبى خەنزۇچە 雅虎 دېگەن تەرجىمىسىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ تەلەپپۇزى «ھ»غا يېقىن كېلىدۇ، شۇڭا «ياھۇ» دېسەك بولامدۇ-يوق؟ ياكى خاتا ئادەت كۈچىگە بويسۇنامدۇق؟
قېنى تەكلىپ-پىكىر بولسا بېرەرسىلەر، رەھمەت.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
81 پارچە باھا يېزىلدى
  • تىلكومدىكى ئۇستازلارنىڭ بۇ يەردىكى بارلىق پىكىرلەرنى كۆرۈپ چىققان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكى بۇ ئىنگلىزچە ئاتالغۇلارغا پىكرى مۇنداق ئىكەن.

    1. Google
    گۇگىل (ئەسلىي تەلەپپۇزى بىلەن يېقىن بولۇش)

    2. Android
    ئانجىرويىد (ئەسلىي تەلەپپۇزى بىلەن يېقىن بولۇش ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە بويسۇندۇرۇش)

    3. Chrome
    كىروم (تەلەپپۇزى بىلەن يېقىن بولۇش)

    4. Skype
    سىكايپ (كەينىگە ئارتۇق بىر «ى» نى قوشماسلىق)

    5. Yahoo
    ياخۇ (ئادەت كۈچىگە ھۆرمەت قىلىش)

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 15:33
  • ئەسلىدىكى ئىنكاسقا قايتۇرۇپ ئىنكاس يازغىلى بولمايدىكەن. مەزمۇن ئۈزۈلۈپ كىتىپ قالدى.

    مېنىڭ دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى شەخسىي كۆز قارىشىم. تېلكومنىڭ ئومىمىي قائىدىنى ئۆزى بىكىتىپ يەنە بىر قىسىم ئايرىم سۆزلەرنى قائىدىگە سالماي بىر تەرەپ قىلىشى ئۇلارنىڭ خاتالىقى.
    1.مەن سۆزلۈك ئامبىرىنى تەكشۈرۈپ باقمىدىم. سىز دېگەندەك ئۇيغۇرچە سۆزلۈكتە يىد بىلەن ئاخىرلاشقان سۆز بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما بۇ يەردىكى «يىد» بوغۇمى سۆز ياسىغۇچى قۇشۇمچە ياكى ئۇيغۇر تىلىدىكى باشقا قوشۇمچە ئەمەس. پەقەت ئىنگىلىزچىدىكى Android دېگەن سۆزنىڭ ئوقۇلىشىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىپادىلىنىشى. «يىد» ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەنئەنىۋىي بوغۇم شەكلى. يەنى BAB شەكلىدىكى بوغۇم. شۇڭا بۇنىڭغا بىز بىرەر قوشۇمچە ياكى ئالاھىيدە ۋەزىپىدىكى سۆز بىرلىكى قاتارىدا مۇئامىلە قىلساق بولمايدۇ. ناۋادا بۇ سۆز «يد» بىلەن ئاخىرلاشسا سىز دېگەندەك كەنت، قەنت، خەلق دېگەنگە ئوخشاش بوغۇم شەكلىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇنى ھەر گىز خاتا دېگىلى بولمايدۇ. ئەمما ئۇيغۇر تىلىدىكى بۇخىل BABB بوغۇم شەكلى ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەردە ئۇچرىمايدۇ. يەنى يوقىرىدىكى مىسالغا ئوخشاش بۇ سۆزلەر ئاساسەن ئەرەب تىلىدىن كىرگەن سۆزلەردە ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەرەبچە سۆزلەرنىڭ سانىنىڭ بىر قەدەر كۆپلىكى سەۋەبىدىن بۇ خىل بۇغۇم شەكلىنى بىز چەتكە قاقالمايمىز. ئەمما بۇ يەردىكى ئەنجىرويىد سۆزىنىڭ ئوقۇلىشىدا ي تاۋۇشى بىلەن د تاۋۇشىنىڭ ئارىسىدا بىر قىسقا سۇزۇق تاۋۇشنىڭ بار ئىكەنلىكى ئىنىق. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىنگىلىزچىدىن ئوقۇلىشى بۇيىچە قوبۇل قىلغان بۇ سۆزنى ئىمكان بار ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدىلىرىگە بوي سۇنغان ئاساستا توغرا ئىپادىلەپ بەرسەك بولىدۇ. شۇڭا مېنىڭ تەشەببۇسۇم- ئەنجىرويىد ياكى ئانجىرويىد. پەقەت بولمىدى دېگەندە ئاندىن ئەنجىرويد ياكى ئانجىرويد.
    2. Google سۆزى گۇگول دەپ ئوقۇلسا ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قائىدىسىگە ئۇيغۇن بولمايدۇ. بۇ سۆزنى ئېغىزىمىزدا تەلەپپۇز قىلىپ باقساقلا ئۇنىڭ قولايسىز ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. شۇڭا بۇ سۆزنىڭ ئوقۇلىشى «گۇگۇل» ياكى «گۇگىل» بولىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا ئەسلى ئىنگىلىزچە ئوقۇلىشىغىمۇ يېقىن كىلىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇغۇم، سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ماسلىشىش قانۇنىيىتىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 14:25
  • «ئ‍اندىروئ‍ىد» دەپ ئ‍ۇيغۇر تىلىنىڭ بوغۇم قائ‍ىدىسىگە ماسلاشتۇرۇپ ئ‍ېلىشنى تەشەببۇس قىلىمەن. خېلى خېلى كونا ئ‍وقۇتقۇچىلارنىڭمۇ« دەرىس » «خەلىق» دەپ يازغىنىىنى كۆرگەنمەن. نېمە ئ‍ۈچۈن شۇنداق بولىدۇ؟؟؟
    بۇ نۇقتىدا ئ‍وغۇز، سارۋانلارنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 23:22
  • ئالىم مۇئەللىم سىزنىڭ 汽车 نى گاز ھارۋا، 火车 نى ئوت ھارۋا دەپ ئالساق بەك ياخشى بولاتتىكەن، ئەپسۇس كېچىكىپ قاپتۇق…. دېگەن سۆزىڭىز مېنى بەكلا ئويلاندۇرۇپ قويدى. دېمىسىمۇ ھازىر ئېغىزىمىزدىن پېلىموتتەك چىقىدۇ گەپ دېگەن ئەپسۇس تەڭدىن تولىسى ئۇرغۇيچە…
    تىل يېزىق كومىتېتىغا كۆپرەك دوستلار تەكلىپ بەرسە ھېچ بولمىسا مۇشۇ پاسپورتتىكى ئىسىمنى شۇ پېتى ئىلىۋەرمەي توغرا بولغان لاتىنچە يېزىلىشىنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلساق بولاتتى، بۇنىڭغىمۇ كېچىكىپ قالدۇقمۇ ئەجىبا ؟؟!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 16:40
    • تىل يېزىق كومىتېتىغا كۆپرەك دوستلار تەكلىپ بەرسە ھېچ بولمىسا مۇشۇ پاسپورتتىكى ئىسىمنى شۇ پېتى ئىلىۋەرمەي توغرا بولغان لاتىنچە يېزىلىشىنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلساق بولاتتى، بۇنىڭغىمۇ كېچىكىپ قالدۇقمۇ ئەجىبا ؟؟!!
      ===========
      بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتنىڭ ئېنىق تىل-يېزىق نىزامى بار، بۇ ئىشلار شۇ بويىچە بولىدۇ. بىز ھازىرچە ئەل ئىچىدە ئومۇملىشىشقا باشلىغان سۆزلەرنى لۇغىتىمىزگە قوشۇپ، ئاندىن تىلكومنىڭ تەكشۈرۈشىگە سۇنساقمۇ خېلە ئەھمىيەتلىك ئىش بولاتتى. بىز بۇنىڭغا تىرىشىۋاتىمىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 22:03
  • ئالىم مۇئەللىم بۇ تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بۇلسىمۇ بىر سۇئال سۇرىۋالاي،مەن مەملىكەتلىك 2-دەرىجىلىك كومپىيۇتىر ئىمتاھانى بىرىپ باقاي دىگەنىدىم تۇردىن بۇ توغىرسىدا تىزىملايدىغان تور بىكەتنى تاپالمىدىم ،مەن ھازىر كۇچا ناھىيەسىدە ئىشلەيمەن ،بۇ ئىمتاھاننى قايسى توردىن تىزىملىتىمەن ،تىزىملىتىش يۇللىرى قانداق؟ (ۋاقتىڭىزنى ئىلىپ قۇيدۇم )

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى am 11:26
  • مىنىڭ شەخسىي قارىشىم :
    1 . ئاندرويىد
    2 . گوگېل
    3 . كىروم
    4 . سىكايپ
    5 . ياخۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى am 10:13
  • نەچچە يىل ئاۋال Yahoo نامىنىڭ ئەسلى مەنىسى ھىندىئانلارنىڭ ئاتنى مىنىپ ماڭدۇرۇش ئۈچۈن دېۋىتكەندە ئىشلىتىدىغان «ياھۇ…» ئىملىق سۆزى ئاساسىدا كەلگەنلىكى توغرىسىدا مەلۇمات كۆرگەندەك قىلىۋېدىم. بۇرۇن ياھۇنىڭ باش بېتىدىكى تۇغراسىنى چەككەندە «ياھۇ…» دېگەن ئاۋازنى چىقىراتتى. Yahoo دېگەن سۆزنىڭ كەينىدىمۇ ئۈندەش بەلگىسى بار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 22:04
    • شۇنداق، توغرا تەلەپپۇزى ياھۇ، ئەمما خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىدىغانلار ئۇنىڭ خەنزۇچە خېتىگە قاراپ ياخۇ دەپ كۆندۈرۈپ قويدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 22:12
  • ياخۇ نى ياھۇ ، Google نى گۇگول دەپ ئېلىۋەرسەك بولاتتى. كېيىن ئىنگلىزچە بىلىدىغانلار كۆپەيگەندە(ھازىر ھەر ھالدا جىق) كۆپەيگەنسېرى خاتا ئاتالغۇ بېكىتكىنىمىزنى قوللىماي ئەسلىي تەلەپپۇز ياكى يېقىنراق تەلەپپۇزنى قوللىنىمىز دەپ ئاۋارىچىلىق چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا ئىشنىڭ بېشىدىلا ئەسلىي ئاھاڭىغا يېقىنراق بولغان ئاتالغۇنى قوللانغىنىمىز ياخشى. كېيىن تۈزىتىۋالارمىز دېسەك تۈزەتمەك قىيىنغا توختاپ قالىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:32
  • 1.ئاندروئىد(ئىنگىلىزچە ئوقۇلۇش ئاھاڭىنى ئاساس قىلساق،بۇرۇن نۇرغۇن توربېكەت ۋە يۇمشاق دېتاللچىلارمۇ شۇنداق ئشلەتكەن،لىكىن ھازىر بىزنىڭ تىلىمىزدىكى بەزى ئاتالغۇلار بۇزۇلۇشقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ،سىز ۋە سىزنىڭ شىركىتىڭىز ھازىرغىچە يولباشلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتىسىلەر ،بىز بۇنىڭدىن تولىمۇ مىننەتدار ،سىز ۋە شىركىتىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر!)
    2.گۇگول (بۇ ئاتالغۇدا مۇئەللىم نىڭ قارىشىغا پۇتۇنلەي قوشۇلىمەن)
    3.كىروم ياكى كىرام (بۇ ئاتالغۇ مۇ ئېنگىلىز تىلىدىن كىرگەن بولۇپ ،بىز يەنىلا ئوقۇلۇش ئاھاڭىنى ئاساس قىلساق دېگەن قاراشتا مەن)
    4.سىكايپ (بۇ ئاتالغۇدىمۇ مۇئەللىم نىڭ قارىشىغا تامامەن قوشۇلىمەن)
    5.ياخۇ (بۇ سۆز خەنزۇتىلىدىن كىرگەن بولۇپ خەنزۇچە ئوقۇلۇشى ياخۇ ،يېزىلىشىمۇ ھەم شۇنداق . مۇئەللىم نىڭ قارىشنى ھۆرمەت قىلىمەن ،لىكىن ئەزەلدىن ياخۇ دەپ ئاتىلىۋاتقان ئاتالغۇنى ياھۇ دەپ ئالساق ،يەر شارىنى سۇ شارى دەپ ئاتىغاندەك ئىش بولۇپ قالامدۇ،قانداق؟ گەرچە يەرشارىنى سۇ شارى دەپ ئاتاش توغرا بولسىمۇ ،لىكىن كىشلەر يەرشارى دەپ ئىشلىتىپ كەلگەچكە يەنىلا شۇنداق ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمىز. ياخۇ تورىمۇ قۇرۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە نۇرغۇن تور بېكەت ،تەشۋىقات ۋاستىلرى ياخۇ دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ،شۇڭا ياخۇ دەپ ئالساق مۇۋاپىق بولامدىكىن دەيمەن. ئەگەر خاتا سۆزلەپ قويغان بولسام ،مۇئەللىم نىڭ تەنقىدىي-تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىمەن،رەھمەت!)

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 18:45
  • win10 نىڭ خەۋەرلىرى ئازلاپ كەتىيا ئالىم مۇئەللىم ، كۇندە قارايمەن ،يەنە كۇندە قارايمەن ، win10 نىڭ خەۋرىنى بەرمەيسىسز ؟! بەك ئالدىراش خىزمەت قىلۋاتامسىز يە ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 18:32
  • ئۈستىدىكى بىر قانچە تورداشلار ئوبدان پىكىر بېرىپتۇ، دادىسى نېمە ئات قويغان بولسا بىزمۇ شۇنىڭ ئۇقۇلىشى بويىچە ئالساق بولا، yahooنى ياخۇ دەپ ئېلىۋەرسەك، ئەمدى ئۆزگەرتىپ ياھۇ دېسەك بۇرۇنقىلىرىنىڭ ھەممىسى خاتا بولۇپ قالايمىقانچىلىق بولۇشى مۇمكىن، لېكىن google, chrome, android دېگەنلەرنى ئۆزىنىڭ ئۇقۇلىشى بىلەن ئومۇملاشتۇرۇشقا كۈچىمىسەك كېيىن نېمىلا بولسا ئۇيغۇرچە ئات قويايلى دەپ androidنى ئەنجۈر 小米نى گۈرۈچفون «بۇرۇن بىلىك مۇمبىرىدە مۇشۇنداقراق گەپ بولۇنغان» دەپ ئاتايدىغان ئىش چىقىدۇ.
    كۆپچىلىك دىققەت قىلغان بولسا مۇنداق بىر ئىشنى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن، يەنى خەنزۇچىدىن ياكى باشقا تىلدىن كەلگەن ئىسىملارنى ئەگەر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلسا بىر مەنە بىلدۈرسە تەرجىمە قىلىدىغان، مەنە بىلدۈرمىسە تەرجىمە قىلماي ئۇقۇلىشى بىلەن ئالىدىغان ئىش ئاينىپ قالغاندەك.
    مەكتەپتە باشقا تىللاردىن كىرگەن ئىسىملارنى تەرجىمە قىلمايمىز دەپ ئۆگەتكەندەك قىلغان، نىم بولۇپ كېتىپ بارىدۇ، يا تۆنۆگۈن بۈگۈن پەيدا بولۇپ قالغان تىل-يېزىق بولمىسا يەنە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 16:29
  • ئاندىرويىد، گۇگىل، ياخۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 16:21
  • Google ئىنگلىزچە تەلەپپۇز قىلىنىشى /ɡuːɡ(ə)l/ بولۇپ،
    بۇنى Goggle بىلەن ياكى Googol بىلەن پەرقلەندۈرۈش كېرەككەن.

    شۇڭا مەن تەۋسىيە قىلىمەن Google ئۇيغۇرچە “گوۋگل“ دەپ ئېلىنسا ئەڭ مۇۋاپىق بولىدۇ.

    Google نى [ گوۋگل ] دەپ تەلەپپۇز قىلىپ، “ گوۋگل “ دەپ يازايلى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 15:32
  • ئاندىرويىد نى يەنە، ئەپزادە، ئەرئەپ، ئەپچى، ئەپسال ، ئەپزار دېگەن ئىسىملار بىلەن ئاتاشنى ئويلىساقمۇ بولغۇدەك.
    مېنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەم بەك تۆۋەن. سۆزلىرىم بىھۇدە بولغان بولسا، ئەپۇ سورايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى am 09:52
  • 1. Android. ئېنگىلىزچە ئوقۇلىشى «ئەنجويىد»قا يېقىن كىلىدۇ. لىكىن ئەينى ۋاقىتتىمۇ بۇنداق ئاتاشنى ھېچكىم توغرا تاپمىغان. «ر» تاۋۇشى ئوقۇلمىسا ئۇيغۇرچىدا بىرنەرسىسى كەمدەك ھىس قىپ قالىدىكەن. ئەنجىرويىد، ئانجىرويىد، ئاندىرويىد دەپ ئېلىشقىمۇ بولىدۇ. مېنىڭ تەشەببۇسۇم «ئانجىرويىد». دىققەت: ئۆزۈك تاۋۇش بىلەن سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئارلىشىپ كېلىشىگە دىققەت قىلىڭ. ئالىم مۇئەللىم تەشەببۇس قىلغان «ئاندرويد»تا «ندر، يد» ئۈزۈك تاۋۇشلار بىر يەرگە كەلگەن. بۇنى بۇغۇمغا ئايرىغاندا قانداق ئايرىش كېرەك. ئان+درو+يد، ئاند+رو+يد، ئاند+رويد ياكى ئاندرو+يد مۇ؟ شۇڭا ئۇيغۇر تىلىغا يېڭىدىن قوشۇلغان بىر سۆزدە يەنە كونا خاتالىققا يول قويماي، ئۇنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇغۇم قائىدىسىگە چۈشۈرۈپ ئاندىن يېزىشىمىز كېرەك. يېڭى تۈزۈلگەن ئېملا قائىدىسىدىمۇ چەتئەل تىلىدىن كىرگەن بىر قىسىم سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇغۇم قائىدىسىگە چۈشۈلگەن. مەسىلەن: بۇرۇنقى «ئېلكترون» سۆزى «ئېلېكتىرون» قىلىپ يېزىلغان.
    2. Google. بۇ سۆزنىڭ بىرىنچى بۇغۇمى ئىنىقلا «گۇ». بىزگە قولايسىز بىلىنگىنى ئىككىنچى بۇغۇمى. بۇغۇملارنى ماسلاشتۇرۇپ ئىپادىلىگەندە «گۇگۇل» بىر قەدەر مۇۋاپىق.
    3.Chrome. كىروم.
    4. Skype. بۇنىڭدىمۇ ئوخشاشلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇغۇم قائىدىسىگە ئاساسەن «سىكايپ» دەپ ئېلىشقا بولمايدۇ. «سىكايىپ» بولىشى كېرەك.
    5. Yahoo.ياھۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى am 09:44
    • 1. ئانجىرويىد
      يېڭى تۈزۈلگەن ئېملا قائىدىسىدىمۇ چەتئەل تىلىدىن كىرگەن بىر قىسىم سۆزلەر ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇغۇم قائىدىسىگە چۈشۈلگەن. مەسىلەن: بۇرۇنقى «ئېلكترون» سۆزى «ئېلېكتىرون» قىلىپ يېزىلغان.
      =======================================================================
      جاۋاب: مەن شۇ تىلكوم بىلەن بىردەك بولسۇن دېمەكچى، لېكىن «كونترول» دېگەن شۇ پېتى تۇرۇۋەرگەن، يەنە يېڭى ئىملادا ئاندرو دىن باشلانغان سۆزلەرمۇ خېلە بار، مەسىلەن: «ئاندروگېن»،…دېگەندەك. ئەمما يەنە يېڭى ئىملادا «-ئىد» بىلەن ئاخىرلاشقان نۇرغۇن سۆزلەر بار، مەسىلەن: «ئېللىپىسوئىد»، «كوللوئىد»، لېكىن سۆز ئاخىرى «-يىد» بىلەن ئاخىرلاشقان بىرمۇ سۆز يوق، بۇنداق سۆزلەرنى تۇنجى بولۇپ ئېلىپ كىرمەيلى دەپ قارىدىم. ئېلىشقا توغرا كەلسە ئاندروئىد بولۇشى، ئەمما ئاندرويىد بولماسلىقى كېرەك دەپ ئويلۇدۇم، تىلكوم لۇغەت بۆلۈمىدىكى ئابدۇغاپپارلارمۇ بىرنەرسە دەپ باققان بولسا بەك ئوبدان بولاتتى.
      قىسقىسى سىلەر نېمىنى توغرا تاپقان بولساڭلار، مېنىڭ باشقا پىكىرىم يوق، مەن پەقەت بۇلارنىڭ بىرسىنى تاللاپ، ئىملا لۇغىتىمگە كىرگۈزۈپ قوياي دېدىم. گەپنى تەشمىسەم يەنە قالاتتى، بۇنىڭغا مىجەزىم يول قويمىدى. كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاپ باققۇم كەلدى.

      2. Google نىڭ تەلەپپۇزى [ gu:gl ] بولىدۇ، ئالدىنقى بۇغۇمى «گۇ» بولىدىغىنى بەك ئېنىق، كەينىدىكى gl نىمۇ «گول» دەپ تەلەپپۇز قىلىمىز، مەسىلەن: مايكول دېگەندەك. بۇرۇنقى خاتا ئادىتىمىزگە بويسۇندۇرىمىز دېسەڭلار مەيلى. لېكىن ئۇنىڭ ئوقۇلۇشى «گۇگول» بولىدۇ. ئامېرىكىلىقلارغا تەلەپپۇز قىلدۇرۇپ بېقىڭلار.

      4. ئۇيغۇر تىلىدا كەنت، قەنت، …دېگەندەك سۆزلەر بەك كۆپ، سۆز ئاخىرىدا ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش كېلىدىغان بوغۇم قائىدىسى بار، «سىكايپ» دەپ يېزىش ئۇيغۇر تىلىنىڭ بۇغۇم قائىدىسىگە تامامەن ئۇيغۇن دەپ قارايمەن.
      5. مېنىڭ پىكىرىممۇ «ياھۇ» ئىدى، لېكىن كۆپچىلىك كۆنگەن يامان دەۋاتىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 12:03