«ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى»(كۆرۈپ بېقىش نەشرى) 19-ئاپرىل (يەكشەنبە) 10:00 دا ئېلان قىلىنىدۇ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

«ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى»(كۆرۈپ بېقىش نەشرى) 19-ئاپرىل (يەكشەنبە) 10:00 دا ئېلان قىلىنىدۇ

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بۇ ھەقسىز يۇمشاق دېتالنىڭ قانداق پايدىسى بار؟

تەرجىمىدە نۇرغۇن تەكرار ئاتالغۇ ۋە جۈملىلەر ئۇچرايدۇ. ئادەم ئارقىلىق تەرجىمە قىلغاندا ئەڭ ئاددىي جۈملىنىمۇ يەنە قايتا تەرجىمە قىلىپ يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. «ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى» يۇمشاق دېتالىدا ئاپتوماتىك ئەستە قالدۇرۇش ۋە ئىزدەش ئىقتىدارى بولۇپ، ئىشلەتكۈچى تەرجىمە قىلغان جۈملىلەرنى ئاپتوماتىك ساقلايدۇ. ئىشلەتكۈچى مەلۇم بىر جۈملىنى تەرجىمە قىلماقچى بولغاندا، بۇ يۇمشاق دېتال ئىلگىرى تەرجىمە قىلىپ تاماملانغان جۈملىدىن ئىزدەيدۇ، ئەگەر ھازىر تەرجىمە قىلماقچى بولغان جۈملىنى ئىلگىرى تەرجىمە قىلىپ بولغان بولسا، خاتىرە ئامباردىكى ئىلگىرى تەرجىمە قىلغان نەتىجىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇنداق نەتىجە چىقمىسا، تەرجىمىسى ئەڭ يېقىن كېلىدىغان جۈملىلەرنى كۆرسىتىپ تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇھىم ئاتالغۇلارنى ئەسكەرتىپ تۇرغاچقا، ئوخشاش ئاتالغۇنى قالايمىقان تەرجىمە قىلىشتىن ساقلىنالايسىز، تەرجىمىسى پۈتكەندە ئەسلىدىكى ماقالە بىلەن ئوخشاش فورماتتا تەرجىمە ماقالىڭىزنى ھاسىل قىلالايسىز.

UCAT

تەرجىمە قىلماقچى بولغان تېكىستنى سول تەرەپتىكى تەھرىرلىگۈچكە چاپلىسىڭىز، ئابزاس ۋە جۈملە بويىچە پارچىلايدۇ، ئاندىن شۇ جۈملىلەردىكى مۇھىم ئاتالغۇلارنى بايقاپ سىزگە تەۋسىيە قىلىدۇ، ئەگەر بۇ جۈملىنى ئىلگىرى تەرجىمە قىلغان بولسىڭىز، ئاستىدىكى جەدۋەلدە ئوخشاشلىق نىسبىتى بويىچە تىزىلىپ تۇرىدۇ، پۈتۈنلەي ئوخشاش بولسا، ئاستىدىكى جۈملىنى بىرلا چەكسىڭىز بولىدۇ، ئۇنداق بولمىسا تەرجىمە رايونىغا قايتىدىن تەرجىمە قىلىسىز.
=============
href=“wp-content/uploads/2015/04/UCAT-1.png“>UCAT
ئۈستىدىكى جۈملىنى چەككەن ھامان مۇشۇ جۈملىدىكى بارلىق ئاتالغۇلار (ھازىرچە تەرجىمىسى بىردىنبىر بولغان سۆزلەر)نىڭ تىزىملىكى سول تەرەپتىكى كىچىك جەدۋەلدە كۆرۈنىدۇ. سىز تەرجىمە رايونىدىكى «ھەممە ئاتالغۇنى ئەكېرىش» دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز(ماۋۇ رەسىمدە خاتا بولۇپ قاپتۇ، ئەسلىدە سول تەرەپ 3-كۇنۇپكا ئىدى)، بۇ ئاتالغۇلارنى تەرجىمە رايونىغا چاپلايدۇ، بىرمۇبىر كىرگۈزۈشتىن خالاس بولىسىز. ناۋادا خالىغان بىرسىنى تاللاپ ئەكېرمەكچى بولسىڭىز، شۇ قۇردىكى بىر ئاتالغۇنى تاللاپ، «بىر ئاتالغۇنى ئەكېرىش» دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز بولىدۇ.
=============
UCAT
ئاتالغۇ جەدۋىلىدىكى خالىغان بىر ئاتالغۇنى چەكسىڭىز، ئەسلىدىكى جۈملىدىكى بۇ ئاتالغۇنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
=============
UCAT
ناۋادا سىز مەلۇم بىر ئاتالغۇنى ئاتالغۇ ئامبىرىغا قوشماقچى بولسىڭىز، ئەسلىدىكى جۈملىدىكى قوشماقچى بولغان ئاتالغۇنى بوياڭ، ئاندىن ئاستىدىكى تەرجىمە رايونىغا ئۆلچەملىك تەرجىمىسىنى يېزىپ، ئۇنى بوياپ، قورالبالداقتىن «ئاتالغۇ قوشۇش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ 抗日战争 دېگەن ئاتالغۇ ئاتالغۇ ئامبىرىغا كىرىپ كەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن جۈملىدە مۇشۇ ئاتالغۇنى بايقىسا سىزگە تەۋسىيە قىلىپ بېرىدۇ، بۇ رەسىمدە سىز قوشقان 抗日战争 دېگەن ئاتالغۇنى تەۋسىيە قىلىپ بەردى.
=============

UCAT
ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن بولۇپ، ھەقسىز تارقىتىلغان «ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچ»نى قاچىلىغان بولسىڭىز، بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتەلەيسىز. چۈشۈرۈش ئادرېسى: imla.uighursoft.com
=============
UCAT
ئاپتوماتىك ئىملا توغرىلاش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، ئىملانى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرىدۇ.
=============
UCAT
تىنىش بەلگە تەكشۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، تىنىش بەلگىلەرنى تەكشۈرۈپ بېرىدۇ.
=============
UCAT-9
ئاتالغۇ ئامبىرىدىن چىقمىسا، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»دىن ئىزدەپ تاپالايسىز. بۇ ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى ۋە ئۈندىدار لۇغىتىگە ئۇلانغان بولۇپ، ئەڭ يېڭى سۆزلەر داۋاملىق قوشۇلۇۋاتىدۇ.
=============
UCAT-10
ناۋادا سىز مەلۇم ماقالىنى بىرلا قېتىمدا تەرجىمە قىلىپ بولالمىدىڭىز، ئەمما كېيىن ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش تەرجىمە قىلماقچى بولسىڭىز، %100 ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىشنى بىر باسسىڭىز، ئىلگىرى تەرجىمە قىلغان پۈتۈنلەي ئوخشايدىغان جۈملىلەرگە ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئاندىن داۋامىدىن باشلىسىڭىز بولىدۇ.
=============
UCAT
تەرجىمە پۈتكەندە تەرجىمىنى Microsoft Word ھۆججىتىگە ھاسىللاپ بېرىدۇ.
=============
UCAT-11
تەرجىمە تامام بولغاندا Microsoft Word ھۆججىتى ھاسىل قىلىش. بۇنىڭدا ئابزاس سانى ۋە جۈملە سانى ئەسلىدىكى ماقالە بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

=============
UCAT-13
قوش تىللىق سېلىشتۇرما ھالەتتە Microsoft Word ھۆججىتىنى ھاسىل قىلىش
=============

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
80 پارچە باھا يېزىلدى
  • مۇبارەك بولسۇن! مېنڭچە بۇ دېتالنىڭ قىممىتى راستىنلا يېقىن كەلگۈسىدە ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلىدۇ، ئۆز رولىنى تېخىمۇ ئوبدان جارى قىلدۇرىدۇ.
    مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلان قىلىنىشغا تىلەكداشمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 21:29
  • بەزىلەر مەخپىي ھۆججەتنىڭ ئاشكارلىنىپ كىتشىدىن ئەنسىرەۋېتىپتۇ ، مېنىڭ تەكلىبىم:
    ئىشلەتكىچىلەردىن ماقالە ياكى ھۆججەتنى ئۇيغۇرسوفت تەرجىمانى بۇلۇت ئامبىرىغا قۇشامسىز ياقمۇ دەپ سۇراپ ئىشلەتكۈچى ساقلايمەن دىسە ئامبارغا يوللانسا ياكى ئىشلەتكۈچى ئۆزلىرى خالاپ يوللاشقا بولىدۇ دىگەن جۈملىلەرنى تاللاپ تۇرۇپ تەرجىمە ئامبىرىغا يوللىسا بولغۇدەك ، شەخسىي پىكىرىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى am 09:28
    • بۇ ئوبدان پىكىر بولدى، باشقىلار كۆرسۇن دېسەك باشقىلار دەرھال كۆرەلەيدىغان قىلىپ لايىھەلەيلى، ئەمما بۇنىڭدا مۇنداق يوشۇرۇن ئاقىۋەت بار، قانۇنسىز ياكى سۈپەتسىز مەزمۇنلار يوللىنىپ كەتسە، باشقىلار مۇشۇ توغرا ئوخشايدۇ دەپ ئىشلەتسە قاملاشمايدۇ.
      باشقىلار كۆرمىسۇن دېسە پەقەت ئۆزى كۆرىدۇ، ئۆزىمۇ سەل جاپادا قالىدۇ، قېنى ئوبدان بىر لايىھەنى ئويلىشىپ باقايلى.
      ھازىرچە بىز تەستىقلىمىغۇچە باشقىلارنىڭ كۆرەلمەسلىكىنى توغرا دەپ ئويلايمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى am 09:40
  • بەك خوش بولدۇم ، مۇشۇنداق بىر لۇغەتنىڭ روياپقا چىقىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتكەنىدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى am 09:18
    • بۇ لۇغەت ئەمەس، مۇنداق دېتال بۇ.

      قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
      «ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى» يۇمشاق دېتالى كومپيۇتېر ياردىمىدىكى ئادەملىك تەرجىمە دېتالى بولۇپ، تەرجىمىدە تەكرار ئۇچرايدىغان ئاتالغۇ ۋە جۈملىلەرنى بىر قېتىم تەرجىمە قىلسىڭىز، سىستېما ئاپتوماتىك خاتىرلەپ ئەستە قالدۇرىدۇ، كېيىن ئوخشاش ئاتالغۇ ياكى قۇرۇلمىسى ئوخشايدىغان جۈملىلەرنى تەرجىمە قىلماقچى بولسىڭىز، سىستېما سىزگە تەۋسىيە قىلىدۇ، قايتا تەرجىمە قىلىشنىڭ ھاجىتى بولمىغاچقا تەرجىمىدە ئاتالغۇ بىردەكلىكى، جۈملە قۇرۇلمىسىدىكى ئىزچىللىقنى ساقلاپ، ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى تىجەپ قالالايسىز، تەرجىمە تاماملانغاندا تەرجىمە نەتىجىسىنى ئەسلىدىكى بىلەن ئوخشاش شەكىلدە چىقىرالايسىز. بۇ دېتالغا يەنە لۇغەت، ئىملا تەكشۈرۈش، دائىم ئۇچرايدىغان ئىملا خاتالىقى ۋە تىنىش بەلگە خاتالىقىنى ئاپتوماتىك تۈزىتىش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، تەرجىمە جەريانىدىكى بارلىق ئىش-ھالقىلىرىنى مۇشۇ يۇمشاق دېتالدا تاماملىيالايسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى am 09:41
  • تىركەشنىڭ پىكىرىگە قوشۇلىمەن.
    شۇ ئەمەسمۇ، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى «گوگۇل تەرجىمانغا ئۆزبىك تىلى قېتىلىپتۇ، نېمىشقا ئۇيغۇر تىلى قېتىلمايدۇ؟… قاچان قېتىلىدۇ؟… زادى ئۇ گۇيلىنىڭ بىز بىلەن كارى يوق، خوشى يوق …» دەپ قايناپ-سۆزلەپ كەتتۇق. ئويلاپ باقساق بۇ ئەسلى ئادەتتىكى بىر قائىدە. يەنى گوگۇل قېتىپ قوياي دېسىمۇ نېمىنى قاتىدۇ؟ توردا تارقىلىپ يۈرگەن ئىككى-تۆت تال جۈملە ئامبىرى بىلەن ئىش تاڭاتمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن زور مىقداردىكى «سىلىشتۇرما جۈملە» لازىم بولىدۇ. بۇنى توپلاش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىت، پۇل كېتىدۇ، گوگۇلدىكىلەرمۇ ھەقىچان قولىنى يۇيۇپ نان يەيدۇ. ھەقسىز پايدىلىنىشقا تەمىنلىگەن، ئۆزىگە بىۋاستە نەپ ئەكەلمەيدىغان تەرجىمە سېستىمىسىغا ئۆزى زور مىقداردا ۋاقىت، پۇل ئىسراپ قىلىشنى ئۇلارمۇ خالىمايدۇ.
    زادى قاتىمىز دەيدىكەنمىز، ئاۋۋال ئۆزىمىز ئاشۇلارنىڭ تەلىپىگە چۈشكىدەك سۈپەت ۋە مىقداردا «سىلىشتۇرما جۈملە ئامبىرى» تەييارلاپ بولۇپ، ئاندىن «خاپا بولماي ماۋۇنى بى قېتىپ قويسىلا بوپتىكىن» دەپ نەچچىنى يالۋۇرغاندا بولىدىغان ئىش.
    بەزىلەر ئىنكاسلاردا ھەر قايسىمىزدىن يىغىلغان جۈملە ئامبىرىدىن ئالىم مۇئەللىم ئاسانلا پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەتى ئۈچۈنلا ئىشلىتىدىغاندەك، بۇ ئارقىلىق پۇلغا كۆمۈلۈپ كېتىدىغاندەك گەپلەرنى قىلىپ كېتىپسىلەر… سىلەرچە ئالىم مۇئەللىم ئاشۇنداق ئادەمما؟ ھازىرغىچە ئالىم مۇئەللىمنىڭ قانداق ئادەملىكىنى بىلمەمسىلەر؟ كومپيۇتېرغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياساشتىن باشلىغاندىمۇ 20 يىل بىز ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قوللىنىشچان دېتاللارنى تەقدىم قىلىپ كەلدى، ھېلىھەم توختاپ قالغىنى يوق… شەخسەن مەن ئالىم مۇئەللىمنىڭ پەزىلىتىدىن گۇمان قىلمايمەن، قىلغان ئەمگەكلىرىگە قىلچە كۆز يۇممايمەن. قولۇمدىن كېلىشىچە قوللايمەن….

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى am 08:56
  • بۇنىڭ ئىقتىدارىدىن قارىغاندا تورسىز نۇسخىسى بەكراق ئەپلىكتەك قىلىدۇ (بەرىبىر ئۆزىمىزنىڭكىدىن پايدىلانغاندىكىن). مەلۇم مىقداردا ئامبار يىغىلغاندا خالىغانلار ئەۋەتىپ بەرسىلا بولغۇدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى am 08:48
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !قېرىنداشلار ۋە ئالىمكا ، مەندىن سلەرگە ئىگىلىپ تۇرۇپ سالام !
    مەن ئەسلى ئاقساقاللىق قىلماي دىگەن ،مۇشۇ بەزى قېرىنداشلار بىر ئىشنى بەك جىق ئويلاپ كىتىپسلەر بىز ئۇيغۇرلار زادى شۇنداق ئوخشايمىز ،قىلماڭلارنى دىگەنى بەك قىلىپ قىلىڭلار دىگەننى قىلمايمىز شۇنىڭغا ئوخشاش بىرياخشى ئىشى چىقسا، شۇھامان يامان يىرنى ئويلاپ كىتدىكەنمىز . شۇڭا ئۈزۈمچە بىر ئازراق گەپ قىلىپ باقاي دەپ سۆزلەپ سالماقچى، مۇشۇ تەرجىمە ياردەمچىسى دىگەن گەپنىڭ ئۈزىنى بۇلۇت سۇپۇسىدا ئىشلەيدۇ دەپ ئاڭلاپلا قانداق رولى بارلىغىنى بىلىپ بولغان ئۈزۈمچە ، بۇنى پىروگىراممايازدىغان ھەر قانداق پىروگىراممىچى بىلىدۇ قانداق تېخنىكا نىمە سەۋەپ بىلەن ئىشلەتكىننى ، ئالىم مۇئەللىم مۇشۇ نەرسىنى تۈزۈشتىكى مەقسىدى بۇ دىتال بىلەن غايەت زور سۆزلۇك ،جۇملە ،گىرامماتكا ،لوگىكا دىگەندەك نەرسىلەرگە ناھايتى تىز ۋە ئۈنۈملۇك ئىرىشكىلى بۇلىدۇ ، ئىرىشكەن ھەربىر سۆزلۈك تىن چوڭ بىر لوغەت ياساپ چىقىشقا تامامان بۇلىدۇ ، ھەمدە مۇشۇ Word دىگەن يىزىق بىر تەرەپ قىلىش دىتالىغا سېرىتىن قۇشۇپ ئۇيغۇرسوفىت ئىملا چىغا ئوخشاش ئاپتۇماتىك تەرجىمە سستېمىسى ياساشقا بۇلىدۇ (ئەلۋەتتە مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن ) شۇنداقلا كەلگەسىدىكى گۇگۇل ، بەيدۇ ، مىكروسوفىت بىلەن چوڭ سوممۇلۇق ھەمكارلىق ئورناتقىلى بۇلىدۇ .مەسلەن گۇگۇل تەرجىمە ، بەيدۇ تەرجىمە ، مىكروسوفىت Word ئىملاچى ، تەرجىمە سىستېمسى دىگەندەك چوڭ شىركەتلەرنىڭ بىلەن ھەمكارلاشقىلى ،ماشىنا ئادەم تېخنىكسى، ئاۋازنى يېزىققا ئايلاندۇرۇ ش دىگەندەك ئىشلاردا مۇشۇ مۇئەللىم قىلغان سىستېىما تەسلەپكى قەدەمدە چوڭ رول ئوينايدۇ . بۇ دىمەكچى سۆزلۇك ۋە جۇملە يېغىشنى بارلىق تەرجىمانلار ۋە ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىشقا بۇلىدۇ . بۇيەردىكى پايدىنى كەلگۈسى 20يىلىدىن كىيىن بىزنىڭ نەۋرە چەۋرىللىرمىزگە نۇرغۇن ۋاقىت تىجەش ۋە تەتقىقاتتا پايدا بۇلىدۇ . بۇيەردە ئالىم مۇئەللىم ھەرگىز بىزنىڭ تەجىمە مېۋىللىرمىزنى بىكالا ئالمايدۇ . ناۋادا مۇشۇ سىستېىما تەرەققى قىلىپ تەرجىمە سۈپەت 80 پىرسەنتكە يەتسە، ئىشنىمە ئالىم مۇئەللىم بۇنى ھەقسىز تەرجىمە سىستېمسى دەپ تارقىتىۋىتىدۇ ، شۇ چوڭ ئىشلارنىڭ رۇياپقا چىقىرش ئۈچۈن بۇنداق چوڭ سۆزلۇك جۇملە ئامبىرىنى يىغىش سىز ۋە بىز ئويلىغاندەك ئاسان ئىش ئەمەس، نەچچە مىليۇن پۇل كېتىدۇ. بىز ئۇيغۇرلاردا ئالىم مۇئەللىمدەك يومشاق دىتال تۈزدىغان ئالىملار دۆلىتىمىزدە ئاز بولغان بىلەن چەتئەلدە راۋرۇس ئادەملەر بار، ئەمما ئۇلاردا بۇنداق جىق مەبلەخ يوق ، شۇڭا قېرىداشلار بۇ سىستېىمنىڭ رۇياپقا چىقىشى كەلگۈسى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھىم بىر تۈرى، شۇڭا ئانداق جىق نەرسىلەرنى ئويلاپ كەتمەيلى دەيمە ئۈزۈمچە

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى am 01:22
    • قوشۇمچە قىستۇرۇپ قويسام، توردىن يىغىلغان ماتېرىيال بىلەنلا بۇ ئىشنى سۈپەتلىك تاماملاشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭغا يەنە نۇرغۇن ئادەم كۈچى، ۋاقىت ۋە زېھىن ئاجرىتىپ بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ تۇرىشىمىز كېرەك. تورداشلار تەرجىمە قىلىپ ساقلىغان نەرسىنى باشقا تورداشلار دەرھال پايدىلىنىمەن دېسە، سۈپەتكە كىم كاپالەتلىك قىلالايدۇ؟ ئوخشاش بىر جۈملىنى 10 تەرجىمان 10 خىل تەرجىمە قىلىدۇ، خاتا نەرسىنى تۈزىتىش يېڭىدىن تەرجىمە قىلىشتىنمۇ تەس. توردىن يىغىلغان ئامبار بىلەنلا ھەممە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدۇ.

      مەن تېخى 5 يىلدىن بۇيان توپلىغان، كومپيۇتېرغا مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن سۈپەتلىك 500 مىڭغا يېقىن جۈملە ئامبىرىمنى چاتمىدىم، ئەمما بۇلارنى پەيدىنپەي چاتىمەن، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلمىسام بولمايدۇ.
      ئاخىرىدا چاقچاق قىلىپ قوياي، بۇ دېتالىمىز «ئالدىرمايدۇ، ئەمما ئۇزاققا يامان»-دېگەننى باش پىرىنسىپ قىلىپ لايىھەلەنگەن، بۇنىڭ نەتىجىسى ۋە ئەھمىيىتىنى ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بىلىنىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى am 08:42
  • سالام ئالىم مۇئەللىم:
    ھەر قايسى كۆزنەكلەرنىڭ خەت نۇسخىسى، خەت نومۇرى، تەگلىك رەڭگى قاتارلىقلارنى ئايرىم-ئايرىم تەڭشىگىلى بولامدۇ؟
    بۇنداق دېيىشىم تەرجىمە بەك قول تۇتىدىغان جاپا بىر ئىشكەن، ئادەم بىر كىرىشىپ قالسا، ۋاقىتنى سەزمەي ئولتۇرۇپ كېتىدىكەن. شەخسەن مەن كۆپرەك ماتېرىيال ئۇرۇدىغان، تەرجىمە قىلىدىغان ئىش بولسا ۋورد نىڭ خەت نۇسخىسىنى ئۆزۈم ئامراق بولغان ئەلكاتىپ تور توم ياكى ئەلكاتىپ تور خەت نۇسخىسىغا تەڭشەيمەن، خەت نومۇرىنى چوڭراق تەڭشەيمەن، تەگلىك رەڭگىنى بولسا كۆزنى چارچىتىشى تۆۋەنرەك دەپ قارىلىۋاتقان سۇس ئالما رەڭگە (ياكى مۇشۇ دېتالنىڭ لۇغەت كۆزنىكىگە ئىشلىتىلگەن سېرىق رەڭگە) تەڭشەپ راھەت ھالدا ئىشنى باشلاپ كېتىمەن. ( ئۇيغۇرچە ماتېرىيالغا يۇلغۇن تەھرىرلىگۈچنى قەدىرلەپ ئىشلىتىمەن، مۇھەممەد ئابدۇللا ئۇستازغا رەھمەت ئېيتىمەن، ۋاقتى يار بەرسە يېڭىلاپ ئىقتىدارىنى سەل ئاشۇرۇپ قويسا دېگەن ئۈمىدىم بار) ھە يەنە 360نىڭ «كۆز ئاسراش قۇرالى» نى ھەر 30-45 مىنۇتلاردا 5 مىنۇت ئارام ئالىمەن دەپ تەڭشەپ قويىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 21:56
  • ئالىم مۇئەللىم، يېقىندىن بېرى بىلوگىڭىزدىكى ئىنكاسلارنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپنى بىلىشتە بەك قىيلىنىپ قېلىۋاتىمەن، يوللانغان ۋاقىت تەرتىپى بەكلا قالايمىقان، قايسىسى بۇرۇن يوللانغان، قايسىسى كېيىن يوللانغان ۋاقتى دېگەن كىچىك كۈلرەڭ خەتكە قاراپ بىلىۋاتىمەن. تور كۆرگۈنىڭ ئىشىمىدۇ دەپ نەچچە تور كۆرگۈدە سىناپ باقتىم، يەنىلا ئوخشاش. قانداق ئىشتۇ؟ مېنىڭكىدە شۇنداقمىدۇ ياكى باشقىلارنىڭمۇ شۇنداقمۇ؟…

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 21:29
  • ئارىمىزدا باشقىلار ئەجىر قىلغان ئەمگەكتىن پايدىلىنىشنىلا بىلىپ، ئۆزى ھېچكىمگە نەپ بەرمەيدىغان كىشىلەرمۇ بار ئىكەن ھە. نېمە دېگەن شەخسىيەتچىلىك بۇ ! بۇ قورال ئارقىلىق نەپكە ئېرىشىدىغىنى ئالىم ئەھەت مۇئەللىم بولـماستىن يەنىلا ئۆزىمىز، ئاخىرقى ھېسابتا پۈتۈن ئۇيغۇردۇر.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 21:27
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇشۇ دېتالغا ئەجىر قىلغانلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن.
    ئەمدى بىر مەسىلىنى سوراپ باقسام، بۇ دېتالدا ئۇيغۇر سوفت تور لۇغىتىنى بىۋاستە ئىشلىتەلەمدۇق؟ يەنى جۈملە كۆچۈرۈپ يۈرمەي بىرەر ئىزدەش كۆزنىكى بولسا، شۇ يەرگە ئۇيغۇر سوفت تور لۇغىتىگە كىرگۈزگىلى بولىدىغان تىللارنى كىرگۈزسەك ماس تەرجىمىسى چىقامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 21:20
    • بىرەر خەت ياكى سۆزنىڭ مەنىسىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، شۇ يەرنى بوياپ قويسىڭىزلا سول تەرەپتىن لۇغەتكە ئۇلىنىپ تەرجىمىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئەسلىي جۈملىدە يوق سۆزلەرنى ئىزدەشكە بولمايدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 23:03
  • ئالىم مالىم سىزلەرگە كۆپ تەشەكۈرلەر بولسۇن ، ئويغۇر تېل يېزىقى ئۈچۈن قوشقان ھەر بىر قەدەملىرڭىز تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالغۇسى،سىزلەگە ئۇتۇق تىلەيمەن،مەڭگۈ ھارمغايسىزلە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:51
  • دىمەك بىزنىڭ تەرجىمىمىز بۇلۇت سۇپىسىدا ساقلىنىدىكەندە.
    بەزى مەخپىيەتلىكى بار ھۆججەتلەرنى بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ تەرجىمە قىلىشقا پېتىنالمايدىكەنمىز دە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:26
    • ئەسلىدىكى پۈتۈن ماقالە ساقلانمايدۇ ئەلۋەتتە، ئەمما جۈملىڭىز سېلىشتۇرما شەكىلدە ساقلانسىمۇ لېكىن ئۆزىڭىزلا كۆرىسىز، مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن ئورتاق ئامبارغا كىرىش ئۈچۈنمۇ پەن-تېخنىكا ۋە خەۋەرگە ئائىت جۈملىلەر بولسا تەستىقلىنىدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ.
      ياكى قارىغاندا يەرلىك كومپيۇتېردا، تورسىز مۇھىتتا ئىشلەيدىغان ھەقلىق نەشرىنىمۇ چىقارساق بولغۇدەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:59
  • چاشقان :
    بۇنى قانداقمۇ ئاپتوماتىك تەرجىمان دېگىلى بولسۇن ؟
    بۇ دېتالنى ئىشلىتىش مىسالغا ئۆزىمىزنىڭ ئەمگەك مىۋىسى خەققە بىكارغىلا بېرىدىكەنمىز؟
    بىز جاپا تارتىپ تەرجىمە قىلغان ماتېرىياللارنى ئالمىكام بىكارغىلا ئېلىۋالىدىكەن ئاڭلاپ بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كېتىپتىكەندۇقمىز

    مۇشۇمۇ گەپ بولدىمۇ ئەمدى.ئالىم مۇئەللىم شۇنچە ئىشنى قىلىپ ھەقسىز تارقاتسا خوش بۇلۇپ ھاياجانلىنىپ كىتىسىز.سىزنىڭ ئازراق تەرجىمىڭىز كىرىپ قالسا بولمايدۇ.نىمە دىگەن شەخسىيەتچىلىك بۇ؟بۇنداق ئادەم ئۈزىڭىزمۇ بۇ دىتالنى ساقلىماي ئۈزىڭىزنىڭكىنى ئىشلىتىپ ئولتۇرسىڭىز بولدىغۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:23
  • مەن ئالدىنقى يىلى مۇشۇنداق تەرجىمە ياردەمچىسى CAT قا قىزىقىپ قېلىپ، Omegat نى ۋە دۆلىتىمىزدە ياسالغانلىرىدىن 雪人翻译软件SCAT، 朗瑞CAT …دېگەندەك بىر قانچە دېتال بىلەن بىر ئاز ھەپىلىشىپ باققان، تەسىراتىم:
    Omegat ئىشلىتىشكە بەك قولايسىز ھەم لۇغەت ئامبىرىنى تازا ياخشى قوللىمىغانتى…
    دۆلىتىمزدە ياسالغانلىرىنىڭ ئۇيغۇرچىنى قوللىشى ھەم مۇقىملىقى ياخشى ئەمەسكەن. ئىشقىلىپ بەك جىلە قىلىۋەتكەن…
    چەتئەلنىڭكى بىر قانچىسىنى تاپقان لېكىن باھاسى قىممەت بولغاچقا سىنىيالمىغانتىم. ھازىرغىچە دېتال ئىشلىتىشتىكى تەجرىبەمدىن قارىغاندا ئۇيغۇر تىلىنى ئەڭ ياخشى، ئەڭ مۇكەممەل قوللايدىغىنى يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇر پىروگىراممىرلىرى ياسىغان دېتاللار… ئاددىيسى خاتىرە دەپتەردىن تارتىپ خېلى چوڭ مۇرەككەپ سېستىمىلارغىچە…. قالغانلىرى ھەر قانچە ئىقتىدارلىق بولسىمۇ مۇشۇ ئۇيغۇر تىلىنى قوللاش جەھەتتە بىر يېرى بىر قاندا زادى…

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:18
    • شۇنداق، يەنە بىر گەپنى دېسەم ھەيران قالىسىلەر، Windows نىڭ تەرجىمىسى باشلانغاندا بىزگە ئەۋەتىپ بەرگەن قورالى ئۇيغۇر تىلىنى قوللىمايتتى، سىستېمىنىڭ كود بېتىنى ئەرەب تىلىغا تەڭشەپ تۇرۇپ، يۇنىكود بولمىغان ھالەتتە تەرجىمە قىلغان ئىدۇق، تېخى شۇ يېقىندا مىكروسوفت يەنە بىر قورالنى چىقاردى، لېكىن ئۇيغۇرچە قوللاشنى يەنىلا راۋان دېگىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار 100 دىن ئارتۇق نۇرغۇن تىلنى ئويلىشىپ ياسايدىغان بولغاچقا بەزى ئىنچىكە ھالقىلارنى ئايرىم ئويلاشمايدىغان ئوخشايدۇ. ئەمما مۇشۇنداق بىر CAT قورالى بولغاچقا تەرجىمە سۈپىتى ۋە تېزلىكى جەھەتتىن كۆپ پايدىلىق بولدى،

      قارىغاندا سىز CAT توغرىسىدا چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە ئىكەنسىز، بۇ جەھەتتە ئارتۇق چۈشەندۈرمىسەممۇ بولغۇدەك، دېتالىمىزغا ئىقتىدار جەھەتتىن تەكلىپ-پىكىر بولسا بەرسىڭىز بولىدۇ، رەھمەت.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 21:20
  • ئۈستىدە چاشقان ناملىق بىر يولداش ئىنكاس يېزىپتۇ، ئۇ قايسى چاشقان بولغىيدى ئەمدى، ھەممە نەرسىنىڭ تاغتۇرا نۇسخىسى راستىنلا بارمۇ نېمە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:04
    • مەن تېخى دەسلەپتە سىز ئوخشايدۇ دەپتىمەن، لېكىن ئىشەنگۈم كەلمىدى، بۇ ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ خاتىرجەم بولدۇم. ھازىر ساختا نەرسىلەر كۆپىيىپ قالدى، ياقتۇرمىساڭلار ئىشلەتمەڭلار، ئەمما تىللاپ كەتمەڭلار؛ ياقتۇرساڭلار ئىشلىتىپ بېقىڭلار، ئەمما ماختاپ كەتمەڭلار، بىزگە ھەرئىككىسى كېرەك ئەمەس.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:39