«ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى»(كۆرۈپ بېقىش نەشرى) 19-ئاپرىل (يەكشەنبە) 10:00 دا ئېلان قىلىنىدۇ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

«ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى»(كۆرۈپ بېقىش نەشرى) 19-ئاپرىل (يەكشەنبە) 10:00 دا ئېلان قىلىنىدۇ

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بۇ ھەقسىز يۇمشاق دېتالنىڭ قانداق پايدىسى بار؟

تەرجىمىدە نۇرغۇن تەكرار ئاتالغۇ ۋە جۈملىلەر ئۇچرايدۇ. ئادەم ئارقىلىق تەرجىمە قىلغاندا ئەڭ ئاددىي جۈملىنىمۇ يەنە قايتا تەرجىمە قىلىپ يېزىشقا توغرا كېلىدۇ. «ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى» يۇمشاق دېتالىدا ئاپتوماتىك ئەستە قالدۇرۇش ۋە ئىزدەش ئىقتىدارى بولۇپ، ئىشلەتكۈچى تەرجىمە قىلغان جۈملىلەرنى ئاپتوماتىك ساقلايدۇ. ئىشلەتكۈچى مەلۇم بىر جۈملىنى تەرجىمە قىلماقچى بولغاندا، بۇ يۇمشاق دېتال ئىلگىرى تەرجىمە قىلىپ تاماملانغان جۈملىدىن ئىزدەيدۇ، ئەگەر ھازىر تەرجىمە قىلماقچى بولغان جۈملىنى ئىلگىرى تەرجىمە قىلىپ بولغان بولسا، خاتىرە ئامباردىكى ئىلگىرى تەرجىمە قىلغان نەتىجىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بۇنداق نەتىجە چىقمىسا، تەرجىمىسى ئەڭ يېقىن كېلىدىغان جۈملىلەرنى كۆرسىتىپ تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇھىم ئاتالغۇلارنى ئەسكەرتىپ تۇرغاچقا، ئوخشاش ئاتالغۇنى قالايمىقان تەرجىمە قىلىشتىن ساقلىنالايسىز، تەرجىمىسى پۈتكەندە ئەسلىدىكى ماقالە بىلەن ئوخشاش فورماتتا تەرجىمە ماقالىڭىزنى ھاسىل قىلالايسىز.

UCAT

تەرجىمە قىلماقچى بولغان تېكىستنى سول تەرەپتىكى تەھرىرلىگۈچكە چاپلىسىڭىز، ئابزاس ۋە جۈملە بويىچە پارچىلايدۇ، ئاندىن شۇ جۈملىلەردىكى مۇھىم ئاتالغۇلارنى بايقاپ سىزگە تەۋسىيە قىلىدۇ، ئەگەر بۇ جۈملىنى ئىلگىرى تەرجىمە قىلغان بولسىڭىز، ئاستىدىكى جەدۋەلدە ئوخشاشلىق نىسبىتى بويىچە تىزىلىپ تۇرىدۇ، پۈتۈنلەي ئوخشاش بولسا، ئاستىدىكى جۈملىنى بىرلا چەكسىڭىز بولىدۇ، ئۇنداق بولمىسا تەرجىمە رايونىغا قايتىدىن تەرجىمە قىلىسىز.
=============
href=“wp-content/uploads/2015/04/UCAT-1.png“>UCAT
ئۈستىدىكى جۈملىنى چەككەن ھامان مۇشۇ جۈملىدىكى بارلىق ئاتالغۇلار (ھازىرچە تەرجىمىسى بىردىنبىر بولغان سۆزلەر)نىڭ تىزىملىكى سول تەرەپتىكى كىچىك جەدۋەلدە كۆرۈنىدۇ. سىز تەرجىمە رايونىدىكى «ھەممە ئاتالغۇنى ئەكېرىش» دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز(ماۋۇ رەسىمدە خاتا بولۇپ قاپتۇ، ئەسلىدە سول تەرەپ 3-كۇنۇپكا ئىدى)، بۇ ئاتالغۇلارنى تەرجىمە رايونىغا چاپلايدۇ، بىرمۇبىر كىرگۈزۈشتىن خالاس بولىسىز. ناۋادا خالىغان بىرسىنى تاللاپ ئەكېرمەكچى بولسىڭىز، شۇ قۇردىكى بىر ئاتالغۇنى تاللاپ، «بىر ئاتالغۇنى ئەكېرىش» دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز بولىدۇ.
=============
UCAT
ئاتالغۇ جەدۋىلىدىكى خالىغان بىر ئاتالغۇنى چەكسىڭىز، ئەسلىدىكى جۈملىدىكى بۇ ئاتالغۇنىڭ ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
=============
UCAT
ناۋادا سىز مەلۇم بىر ئاتالغۇنى ئاتالغۇ ئامبىرىغا قوشماقچى بولسىڭىز، ئەسلىدىكى جۈملىدىكى قوشماقچى بولغان ئاتالغۇنى بوياڭ، ئاندىن ئاستىدىكى تەرجىمە رايونىغا ئۆلچەملىك تەرجىمىسىنى يېزىپ، ئۇنى بوياپ، قورالبالداقتىن «ئاتالغۇ قوشۇش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ 抗日战争 دېگەن ئاتالغۇ ئاتالغۇ ئامبىرىغا كىرىپ كەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن جۈملىدە مۇشۇ ئاتالغۇنى بايقىسا سىزگە تەۋسىيە قىلىپ بېرىدۇ، بۇ رەسىمدە سىز قوشقان 抗日战争 دېگەن ئاتالغۇنى تەۋسىيە قىلىپ بەردى.
=============

UCAT
ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارى تەمىنلەنگەن بولۇپ، ھەقسىز تارقىتىلغان «ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچ»نى قاچىلىغان بولسىڭىز، بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتەلەيسىز. چۈشۈرۈش ئادرېسى: imla.uighursoft.com
=============
UCAT
ئاپتوماتىك ئىملا توغرىلاش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، ئىملانى ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرىدۇ.
=============
UCAT
تىنىش بەلگە تەكشۈرۈش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، تىنىش بەلگىلەرنى تەكشۈرۈپ بېرىدۇ.
=============
UCAT-9
ئاتالغۇ ئامبىرىدىن چىقمىسا، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»دىن ئىزدەپ تاپالايسىز. بۇ ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى ۋە ئۈندىدار لۇغىتىگە ئۇلانغان بولۇپ، ئەڭ يېڭى سۆزلەر داۋاملىق قوشۇلۇۋاتىدۇ.
=============
UCAT-10
ناۋادا سىز مەلۇم ماقالىنى بىرلا قېتىمدا تەرجىمە قىلىپ بولالمىدىڭىز، ئەمما كېيىن ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش تەرجىمە قىلماقچى بولسىڭىز، %100 ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىشنى بىر باسسىڭىز، ئىلگىرى تەرجىمە قىلغان پۈتۈنلەي ئوخشايدىغان جۈملىلەرگە ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ. ئاندىن داۋامىدىن باشلىسىڭىز بولىدۇ.
=============
UCAT
تەرجىمە پۈتكەندە تەرجىمىنى Microsoft Word ھۆججىتىگە ھاسىللاپ بېرىدۇ.
=============
UCAT-11
تەرجىمە تامام بولغاندا Microsoft Word ھۆججىتى ھاسىل قىلىش. بۇنىڭدا ئابزاس سانى ۋە جۈملە سانى ئەسلىدىكى ماقالە بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

=============
UCAT-13
قوش تىللىق سېلىشتۇرما ھالەتتە Microsoft Word ھۆججىتىنى ھاسىل قىلىش
=============

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
80 پارچە باھا يېزىلدى
  • بۇ شۇنداق كارامەت ئىش بوپتۇ ئالىم مۇئەللىم،يۇقارقىلارمۇ ياخشى تەكلىپلەرنى بېرىپتۇ ،مەنمۇ سىزگە ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن ،ئىجادىيەتلىرىڭىز توختاپ قالمىسۇن ،قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 23:15
  • ئالامەت ياخشى ئىش بوپتۇ، رەھمەت سىزگە، بىلىمىڭىز تىخىمۇ زىيادە بولسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 16:16
  • ئالامەت ياخشى ئىش بوپتۇ، رەھمەت سىزگە، بىلمىڭىز تىخىمۇ زىيادە بولسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 16:14
  • ئەجرىىڭىزگە رەھمەت، تەرجىمە ساھەسىدىكى كاتتا ئىش بوپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى am 10:06
  • ئۇيغۇر تەرجىمىچىلىك ساھەسىنى يېڭى ئىنقىلاپ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى am 10:02
  • چۈشۈگەنلەر بارمۇ بۇدىتالنى

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى am 09:58
  • ماۋۇنىڭغا ocr قوشۇلۇپ كەتكەن بولسا ھە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى am 09:44
  • ئېلان قىلىشقا يەنە 17 مىنۇت قاپتۇ … !

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى am 09:44
  • ‹‹ئەمما 500 مىڭ جۈملە بىلەن پۈتۈن «شىنجاڭ خەۋەرلىرى»نى تەرجىمە قىلىۋېتىشكە تامامەن بولىدۇ.
    500 مىڭ جۈملىنى تەييارلاش ئۈچۈن 1 مىليونغا يېقىن پۇل كېتىدۇ.››
    سىزدە ئۇنچىلىك پۇل دىگەن چىقار ئالىم مۇئەللىم بولغاندىكىن.
    دىتالنىڭ كەلگۈسى قانداق بولار ئەگەر ئەمەلگە ئېشىپ قالسا. مەبلەغ سېلىشقا ئەرزىمەسمۇ؟ مەنچە باشقا مىللەتلەرگىمۇ ساتقىلى بولارمكىن دەيمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى am 09:25
    • مۇئەللىمدە ئۇنچىلىك پۇل نېمە ئىش قىلسۇن دەيسىز، پۇل تاپالماي ھەممە نەرسىلەرنى ھەقسىز تارقىتىۋاتسام،

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى am 09:54
  • بۇ خىلدىكى دېتالغا چوقۇم ئامراق بولۇپ قالىسىلەر خالايىق، باشتا ئازراق جاپا چېكىپ قالىمىز، كېيىن ئامبار موللاشقانچە بەزى ماتىرىيالنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئۆزى تەرجىمە قىلىۋىتىدۇ، شۇ چاغدىكى كەيپىياتقا گەپ توغرا كەلمەيدۇ…

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 22:54
    • توغرا دەيسىز، ئەتە دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنلىرىنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ سىناپ بېقىڭلار، مەسىلەن: ئاساسىي قانۇن دېگەندەك، تېخى بايا 40-50 چوڭ قانۇن-نىزاملاردىن نۇرغۇن جۈملىلەرنى ئورتاق ئامبارغا سولىۋەتتۇق،

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 23:35
  • تەرجىمە سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سېلىشتۇرما جۈملە ئامبىرىغا قوشۇلىدىغان جۈملىلەرنى تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئىشلەشكە پىشقەدەم، پىشقان تەرجىمەنلەرنى تەكلىپ قىلىش كېرەك بولىدۇ، بۇنىڭغىمۇ كۆپ مەبلەغ بولـمىسا بولـمىغۇدەك. بۇنىڭ ئۈچۈن مەزكۇر قورال ئەپنى كېيىنچە ھەقلىق قىلىش كېرەكمۇ قانداق، ياكى ھەقلىق ئەزا قوبۇل قىلىش كېرەكمۇ ؟ ئالىم ئەھەت مۇئەللىم بۇلارنىمۇ ئويلۇشۇپ باقسىڭىز بولغىدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 21:22
    • ماقۇل رەھمەت، ئىدارە-ئورگانلاردىكى پېشقەدەم تەرجىمانلارنى تەكلىپ قىلدىم، بۇلار مۇشۇ قورال ئارقىلىق تەرجىمە قىلىشنى سىناپ باقماقچى بولۇۋاتىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 22:14
  • جۈملىلەرنىڭ تەرجىمىسىنىڭ بىردەكلىكى ۋە سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مىنىڭ يەنە بىر تەكلىبىم:
    دېتال ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئامبارغا يوللانغان جۈملىلەرنىڭ ئوخشاشلىقىنى سېلىشتۇرۇپ ئوخشاش تىپتىكى جۈملىلەرنىڭ تەرجىمىسىنىڭ ئوخشاش چىقىىشىغا ۋە تەرجىمىنىڭ سۈپىتىنىڭ ياخشى چىقىشىنى قولغا كەلتۈرشىڭلارنى ئۆمۈت قىلىمەن ، جۈملىلەر تەستىقتىن ئۆتۈپ 10 تەرجىمان ئەۋەتكەن ئوخشاش تىپتىكى جۈملە ئەڭ ئاخىرىدا چوقۇم بىر خىل ئۆلچەملىك قېلىپتا چىقىشى كېرەك

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 18:01
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!
    ئالىم ئاكا بۇ دىتالنى تۈزۈپ بەك ياخشى قىلىپسىز !!! اللە تېنىڭىزنى سالامەت ، ئۆمىرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 17:09
  • ئالامەت ياخشى ئىش بوپتۇ. مۇبارەك بولسۇن مۇئەللىم. مەنمۇ مۇشۇنداق دىتالنىڭ ئىشلەش ئۈنۈمىنى ئارزۇ قىلىپ كىلۋاتقان ئىدىم. مەنچىمۇ بۇ ئىشقا سىلە ئەڭ مۇۋاپىق. مۇشۇنداق بىر خىيالىم بار ئىدى. سىلىگە دەپ بىرەي، ھەقسىز .(سىلە ماڭا پىروگىراممىر كىرەك ئەمەس، ئىدىيە كىرەك دىگەن ئىدىلە ئەمەسما، لىكىن بۇنى مەنمۇ ئويلاپ بولغان دەپ تۇرۋالسىلا بولمايدۇ)
    مۇشۇ سىلىدىكى لوغەت ئامبىرى ئارقىلىق چ چ، ۋىيشىن دەك بىر نەرسە ياسىسىلا، مەن بىر خەن يولداش بىلەن پاراڭلاشماقچى بولسام، مەن ئۇيغۇرچە يېزىۋەرسە، خەن يولداشقا خەنزۇچە تەرجىمىسى كۆرنىۋەرسە، ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە-ئىنگىلىزچە، ئۇيغۇرچە-روسچە، ئۇيغۇرچە-ياپونچە…. قاتارلىق تىللارغا مۇشۇنداق ئۈنۈم ئىشقا ئاشسا،…. بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى مۇئەللىم. بولسا تازا قارشى تەرەپكە ئاۋازلىق تەرجىمە بىلەن بىرگە يېتىپ بارسا، خالىسا ئوقوۋالسا، خالىسا ئاڭلىۋالسا. نېمە دىگەن پەيزى. ئويلاپ كىتىمەن. ئادەم دىگەن ئالاقە ئۈچۈن تىلدىن ئايرىلالمايدىكەن. لىكىن بۇ تىل ھەر خىل مىللەتكە خاس بولۇپ شۇ خاسلىقلار تۈپەيلىدىن بىر- بىرىنىڭ گىپىنى چۈشەنمەي ئاۋارە بولىدىكەن. يۇقارقى ئارزۇيۇم ئىشقا ئاشسا پۈتۈن دۇنيادا تىل ئۈگىنىمەن، پالانى تىلنى بىلىمەن، مانچە خىل تىلدا تەرجىمانلىق قىلالايمەن… دىگەنلەر قۇرۇق گەپ بولۇپ قالاتتى. مەسىلەن مەن پەقەت سۈيۈملۈك ئۇيغۇر تېلىمدىلا ئۇچۇر يوللىسام، خەنزۇغا خەنزۇچە خەت-ئاۋاز بارسا، ئىنگىلىزغا ئىنگىلىزچە خەت-ئاۋاز بارسا، …. نۇرغۇن مەكتەپلەردىكى تىل دەرىسلىكى بىردىنلا ئۆچۈرۈپ تاشلىنىپ، پەن-تېخنىكىغىلا يۈرۈش قىلىپ كەتسەك. 6مىليارتتىن كۆپ ئادەمنىڭ ئۆزگە تىلغا بولغان ئىھتىياجى بىراقلا ھەل بولۇپ كىتىدىكەن. بۇ چاغدا ھەممە مىللەت پەقەت ئۆز تىلىنىلا پۇختا ئۈگەنسە بولاتتىكەن. يەنە مۇمكىن بولسا ئاۋازنى خەتكە ئايلاندۇرساق ئاندىن قارشى تەرەپكە يوللاپ بەرسەك. ھەي، ھەي، ھەي، نېمە دىگەن ئىسىل. تىل يېزىق دىگەن مەسىلىدىن بىراقلا قۇتىلاتتۇق يەر شارىلىقلار. بىر تىرشىپ باقمايلىمۇ مۇئەللىم. بۇنىڭغا ھازىرقى تېلفۇن، تورلا بولسا شارائىت پۈتتى دىگەن گەپ. بۇ ھەممىمىزدە تەييار. پەقەت سىلە تارقاتسىلا بىز قاچىلىساقلا بولىدۇ. لىكىن زە بۇ ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىغان، ئۆزگە تىلدا سۆزلەيدىغانلار بىلەن ئالاقىلىشىدىغانلارغا … لىكىن ياقاتتى جۇمۇ.
    كۆپ سۆزلەپ قويدۇم. ئويلىنىپ باقارلا مۇئەللىم. مەنچە بەك مۇرەككەپ ئىشمۇ ئەمەسكەن. لىكىن شۇ ھەر خىل مىللەتنىڭ جۈملىسىنىڭ گىرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسىنىڭ ئوخشاشلىقىنى ھەل قىلماق تەستەك تۇرىدۇ. جۈملىنى بىرلىك قىلسىغۇ بولغۇدەك لىكىن جۈملە ئامبىرى سۆز ئامبىرىدىن نەچچە يۈز ھەسسە چوڭلاپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ. لىكىن تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەرنى ئاۋال ھەل قىلسا. مەسىلەن 100مىڭ جۈملىنىڭ 4 تىللىق نۇسخسىنى تەييارلاشقا 400مىڭ يۇەن كەتسە، 100مىڭ جۈملە ئىش ھەل قىلالامۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى am 11:13
    • بۇنى مەن ئويلاپ بولغان (ھا!ھا!!ھا!!!!)
      100 مىڭ جۈملە بىلەن ئادەتتىكى كەلدى، كەتتىم، تاماق يېدىم، …دېگەندەك ئاددىي جۈملىلەرنى تاماملاشقا بولىدۇ، ئەمما 500 مىڭ جۈملە بىلەن پۈتۈن «شىنجاڭ خەۋەرلىرى»نى تەرجىمە قىلىۋېتىشكە تامامەن بولىدۇ.
      500 مىڭ جۈملىنى تەييارلاش ئۈچۈن 1 مىليونغا يېقىن پۇل كېتىدۇ،

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 18:39
  • بۇ دېتالنىڭ پرىنسىپى بويىچە بولغاندا، «ئېلىپبە» دېگەننى ئەمدى «بەرسەڭ ئالىسەن» دەپ ئۆزگەرتسەك بولغۇدەك.
    رەھمەت ئالىم مۇئەللىم. بولسا يانفون نۇسخىسىمۇ چىقسا بولاتتى. بىزدەكلەر ئىچكى توردا بۇنى ئىشلىتەلمەيمىز دە

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى am 09:53