نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

«ئۇيغۇر تىلى»مۇ ياكى «ئۇيغۇرچە»مۇ؟

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

تىل نامى توغرىسىدا ئىككى خىل كۆز قاراش بار ئىكەن، مەسىلەن: «ئۇيغۇر تىلى»، «ئۇيغۇرچە» دېگەندەك، تۆۋەندىكى رەسىمنى كۆرۈپ بېقىڭ. ناۋادا، تۆۋەندىكى تىللاردىن بىرسىنى تاللاڭ دەپ چىقسا، قايسىنى تاللاش بىر قەدەر مۇۋاپىق؟ «ئۇيغۇر تىلى» بىلەن «ئۇيغۇرچە» دېگەن سۆزنىڭ ماھىيەتلىك پەرقى نېمە؟ كىم چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ، رەھمەت!

(1) كەينىگە «تىلى» دېگەن سۆزنى قوشۇش
ئۇيغۇر تىلى
ئىنگلىز تىلى
ئەرەب تىلى
=======
(2) «-چە» قوشۇمچىسىنى قوشۇش
ئۇيغۇرچە
ئىنگلىزچە
ئەرەبچە
======
تۆۋەندىكى رەسىملەردىن پايدىلىنىڭ
ئىنگلىزچە تىل نامى

خەنزۇچە تىل نامى
خەنزۇچىدە 语 دېگەن خەت قوشۇلۇپ چىقىدۇ، مەسىلەن: 英语 دېگەندەك، تۆۋەندىكى رەسمىگە قاراڭ.

ئۆزبېكچە تىل نامى
ئۆزبېكچىدە «-چە» قوشۇمچىسىنى قوشۇپتۇ.

===================
———————————————-
بۇ ئاشخانىدا ئۇيغۇرچە تاماق چىقىدۇ.
مەن ئۇيغۇرچە كىتاب سېتىۋالدىم.
ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينايمىز.
ئۇيغۇرچە ناخشا ئېيتالامسىز؟
ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ئالىمەن.
———————————————-
مەن ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىۋاتىمەن، دەرس ۋاقتىدا ئىنگلىزچە سۆزلىشىمىز.
بۇ كىتاپ ئىنگلىز تىلىدا يېزىلغان، ئۇنىڭ تىلى ئىنگلىزچە
———————————————-
مەكتىپىمىز تەسىس قىلغان تىل كۇرۇسلىرى
1. ئىنگلىز تىلى 2. خەنزۇ تىلى 3. ياپون تىلى
———————————————-
ياپون تىلى، ياپونچە
ئالبان تىلى، ئالبانچە
ئامخارىك تىلى، ئامخارىكچە
———————————————–
قېنى ئويلىشىپ باقايلى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
142 پارچە باھا يېزىلدى
  • مەن ‹‹ئۇيغۇرچە››دەپ ئىلىشنى قوللايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى am 08:57
  • مەنمۇ ئۇيغۇرچە دىگەننى قوللايمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى am 09:44
  • ئالىم ئەھەت ئاكا ياخشىمۇ سىز سىز ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن كۆپ تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىۋاتسىز ….سىزگە بۇ جەھەتتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز ….رەھمەت سىزگە ..
    بىز سىزنىڭ روھڭىزدىن ئىلھام ئېلىپ ئۇيغۇرچە ئىقتىساسلىقلار بازىرىنى قۇرغان ، http://www.xjib.cn كۆرۈپ بېقىپ قىممەتلىك پىكىر تەلەپلىرىڭىزنى ئايمىغايسىز …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى am 10:10
  • مېنىڭچە ئۇيغۇرچە دەپ تاللاپ ئالسا مۇۋاپىق ،چۈنكى تۈرك قېرىنداشلېرىمىزمۇ كومپيۇتېر سېستىمىسىدا ئۆز يىزىقىنى تاللىغاندا ‹‹ تۈركچە ›› دىگەن خەتنى تاللاپ ئىشلەتكەن ،شۇنىڭغا ئوخشاش بىزمۇ‹‹ ئۇيغۇرچە›› دەپ تاللاپ ئالساق بولامدىكىن دەيمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى am 10:14
  • مەن《ئۇيغۇرچە》نى قوللايمەن. ئۇيغۇرچە دەپ ئاتالغاندا مەلۇم بىر مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، مەسىلەن ئۇيغۇرچە-روسچە-تۈرىكچە لوغەت،ئۇيغۇرچە يول باشلاش ئەسۋابى،ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىكى ئۇيغۇرچە تىل تاللاش،يان تېلېفوندىكى ئۇيغۇرچە تىل تاللاش،ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرىكتۈرۈش دىتالى،ئۇيغۇرچە DVDئاپاراتى قاتارلىقلار. ئۆزبېكچە،تۈرىكچە قاتارلىق تىللاردىمۇ ئوخشاشلا(چە)دەپ قوللانغان. O’zbekch،Turkceبۇلار ئۆز تىلىدا يېزىلىشىدۇر،شۇڭلاشقا ئەڭ توغرىسى ئۇيغۇرچە دەپ ئاتىلىشىدۇر.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى am 10:32
  • مەن《ئۇيغۇرچە》نى قوللايمەن. ئۇيغۇرچە دەپ ئاتالغاندا مەلۇم بىر مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا ئىشلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، مەسىلەن ئۇيغۇرچە-روسچە-تۈرىكچە لوغەت،ئۇيغۇرچە يول باشلاش ئەسۋابى،ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىدىكى ئۇيغۇرچە تىل تاللاش،يان تېلېفوندىكى ئۇيغۇرچە تىل تاللاش،ئۇيغۇرچە ئاۋاز بىرىكتۈرۈش دىتالى،ئۇيغۇرچە DVDئاپاراتى قاتارلىقلار. ئۆزبېكچە،تۈرىكچە قاتارلىق تىللاردىمۇ ئوخشاشلا(چە)دەپ قوللانغان. O’zbekcha،Turkceبۇلار ئۆز تىلىدا يېزىلىشىدۇر،شۇڭلاشقا ئەڭ توغرىسى ئۇيغۇرچە دەپ ئاتىلىشىدۇر.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى am 10:34
  • ئەلۋەتتە ئۇيغۇرچە دېيىلسە، مەنە جەھەتتىنمۇ توغرا چۈشۈنىشلىك ۋە ئىخچام بۇلىدۇ.
    كومپيۇتېردا سۆزنىڭ چۈشىنىشلىك قىسقا بولغىنى ياخشى مۇشۇنداق بولغاندا، يۇمشاق دېتال تەرەققىياتىمىزغا پايدىلىق.
    تىلىمىزدا قىسقا، چۈشىنىشلىك سۆزلەر خېلى بار بۇنى ئۇنتۇپ قالمايلى…..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى am 10:35
  • مەنچىمۇ ئۇيغۇرچە دەپ ئىلىش مۇۋاپىق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى am 10:58
  • بۇ يەردە ئىككىلسى مۇۋاپىق كېلىۋېرىدۇ، لېكىن ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغىنى ئۇيغۇر تىلى . گەرچە ئۇيغۇرچە دېسە ئىخچام چىققان بىلەن ، ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسى ناھايىتى كەڭ دائىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ يەردە پەقەت بىزدىن قايسى تىلنى قوشۇشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ، تەلەپ قىلىۋاتقىنى كىچىك دائىرە. ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنى چوڭ دوپپىغا ئوخشاتساق، ئۇيغۇرتىلى كىچىك پوسما، كەيدۈرمەكچى بولۇۋاتقىنىمىز بوۋاق، دوپپىمۇ كىلىۋەگەن بىلەن پوسمىدەك ياراشمايدۇ. مەن ئۇيغۇر تىلىنى قوللايمەن. سەل-پەل ئۇزۇن بولۇپ قالسا ھېچقىسى يوق. (شەخسى پىكىرلىرىم)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 12:20
  • ئۇيغۇرچە دىسەك مۇۋاپىقمىكىن،…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 12:45
  • ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم،بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ (پۈتۈنلەي مۇناسىۋەتسىز دىگىلىمۇ بولمايدۇ)بىر سۇئالىم بار ئىدى: يەنى ئىشخانامدىكى كومپيۇتېردا(كىچىك پىرىنتىر سەپلەنگەن تىپى:HP Laserjet1020 plus) (گوست )ئەلكاتىپ 5.7 بار،خەت بېسىش ئىشخانىسىدىمۇ بۇ يومتال بار(چوڭ پىرىنتىر بار،تىپى:Panasonic DP-8020E-PK).ئىشخانامدا كىرگۈزۈلگەن ماتىرىيالنى ئىشخانامدىكى پىرىنتىردا ۋە خەت بېسىش ئىشخانىسىدىكى پىرىنتاردا a4 ئۆلچىمىدە بېسىپ چىقارساق نورمال بېسىلىدۇ.خەت بېسىش ئىشخانىسىدىكى پىرىنتىردا a3 قەغەزگە كىتاپ شەكلىدە بېسىپ چىقارساق بەزى بەتلەر نورمال بېسىلىدۇ،بەزى بەتلەردە بىر قۇر ياكى بىرنەچچە قۇر خەت ئۈزۈك ھالەتتە قالايمىغان بېسىلىدۇ.ھەرپلەرنىڭ تەرتىۋىمۇ قالايمىقان،ئوقۇغىلى بولمايدۇ.خەنزۇچە ماتىرىياللارنى باسساق بۇ مەسىلە قەتئىي كۆرۈلمەيدۇ،ئۇيغۇرچە ماتىرىيالنى باسساقلا مۇشۇنداق مەسىلە كۆرىلىدۇ.بۇنىڭ سەۋەبى نېمىدۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 12:50
  • مېنىڭچە «ئۇيغۇرچە » ئالسا مۇۋاپىق، يەنى بۇ سۆز بىلەن تىل – ۋە يېزىقنى بىرلا ۋاقىتتا ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. « ئۇيغۇر تىلى » نى ئالسا پەقەت تىلنىلا كۆرسىتىپ قويىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 15:44
  • ھۆرمەتلىك ئالىم ئەھەت ئەپەندى: مەن 20 نەچچە يىل ئىلگىرى ماڭا تىلشۇناسلىق دەرسى بەرگەن بىر ئۇستازىمدىن بۇ تېما ھەققىدە مەسلىھەت سورىغان ئىدىم. ئېسىمدە قېلىشىچە، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقى» ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «ئۇيغۇرچە» دېيىلىدىكەن. لېكىن، كۈندىلىك تۇرمۇش ئىستېمالىدا خېلى كۆپ كىشىلەر «ئۇيغۇرتىلى» دېمەكچى بولغاندىمۇ «ئۇيغۇرچە»دەپ، «ئۇيغۇر يېزىقى» دېمەكچى بولغاندىمۇ «ئۇيغۇرچە» دەپ ئادەتلەنگەن بولغاچقا، بۇ ئىككى ئۇقۇمنى پەرق ئەتكىلى بولمايۋېتىپتۇ. شۇڭا، توغرىسىنى ئېيتقاندا، «ئۇيغۇر تىلى» دېگەن ئۇقۇم بىلەن «ئۇيغۇر يېزىقى» دېگەن ئۇقۇم قوشۇللۇپ «ئۇيغۇرچە» دېگەن ئۇقۇمنى تەشكىل قىلىدىكەن، «ئۇيغۇرچە» چوڭ ئۇقۇم، «ئۇيغۇر تىلى» بولسا «ئۇيغۇرچە»نىڭ تەركىبىدىكى كىچىك ئۇقۇم ئىكەن، يەنى ئۇيغۇرچە= ئۇيغۇر تىلى+ئۇيغۇر يېزىقى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 16:16
  • ئەلكۈيى مۇنبىرىدىكى گۈلەن ئەپەندىم مەخسۇس تىلشۇناسلىقتا ئوقىغان،مەن ئۇنىڭدىن بۇ ھەقتە مەسلىھەت سورىسام ئۇ ماھىيەتلىك پەرقى يوق، ئۇيغۇرچە دېسەك بولىدۇ دەپ جاۋاب بىرىپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 17:16
  • مىنىڭچە ئۇيغۇرتىلى دىگەن ئاتالغۇ ئىشلىتىلسە مۇۋاپىق .ئۇيغۇرچە دىگەن بىر قەدەر ئېغىزتىلىگە مەنسۇب مىكىن دەپ ئويلايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 17:49