ئالىم دەرسخانىسىدا «ئاشخانا باشقۇرۇش» دېتالىنى ياساش ئۆگىتىلىدۇ، تىزىملاش باشلاندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئالىم دەرسخانىسىدا «ئاشخانا باشقۇرۇش» دېتالىنى ياساش ئۆگىتىلىدۇ، تىزىملاش باشلاندى

[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
ئالىم ئەھەت (تېڭشۈن) دەرسخانىسىدىكى «VB.NET ئاساسىي بىلىملىرى» دەرسىنى ئۆگىنىۋاتقانلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە، سودا خاراكتېرلىك يۇمشاق دېتال − «ئۇيغۇرسوفت ئاشخانا باشقۇرۇش» يۇمشاق دېتالىنى ياساشنى تەپسىلىي ئۆگەتمەكچى بولدۇم. دەرس مەزمۇنى SQL Server ساندان باشقۇرۇش دېتالى؛ دائىم ئىشلىتىدىغان SQL جۈملىسى؛ ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزى(UI)نى لايىھەلەش؛ «ئۇيغۇرسوفت ئاشخانا» يۇمشاق دېتالىدىكى تاماق تىزىملاش، سېتىش، ئىستاتىستىكا، بېسىپ چىقىرىش،…قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئاخىرىدا «ئۇيغۇرسوفت ئاشخانا باشقۇرۇش» يۇمشاق دېتالىنىڭ ئەسلىي كودى تەمىنلەيمەن.
بۇ دەرسلىكنى ئوخشاشلا سىنغا ئېلىپ سۆزلەشنى ئاساس قىلىمەن، تىزىملاتقانلار دەرس مەزمۇنىنى كومپيۇتېر، يان تېلېفون،…قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردە قايتا-قايتا ياندۇرۇپ كۆرەلەيدۇ، شۇڭا بۇ ساندانغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە كەسپىي يۇمشاق دېتال ياساشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولۇپ، دەرسنى تولۇق ئاڭلاپ چىقساڭلار بىرنەچچە ھەپتە ئىچىدە بەلگىلىك سەۋىيەگە يېتەلەيسىلەر، ئاخىرىدا مەن تەمىنلىگەن «ئۇيغۇرسوفت ئاشخانا» دېتالى ئەسلىي كودىدىن «ئۇيغۇرسوفت» بەلگىسىنى چىقىرىۋېتىپ، قايتىدىن ھاسىللاپ ئۆزۈڭلارنىڭ نامىدا مۇۋاپىق باھادا سېتىپ كىرىممۇ قىلالايسىلەر، مەلۇم بىر سىستېمىنى ياساشنى ئۆگىنىمەن دېگەنلەر ۋاقتىدا تىزىملىتىڭلار.
دەرس 2-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىدۇ، 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە تىزىملاتقانلار ئۈچۈن باھاسى 399 يۈەن، ئۇنىڭدىن كېيىن 500 يۈەن بولىدۇ.

پۇل تاپشۇرۇش ئۇسۇلى مۇنداق:
p-1

p-2

p-3

p-4

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
97 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 5
  • بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ، مەنمۇ بىر ئاشخانا ئاچماقچى بولۇپ، ئاشخاننى بېزەش تەييارلىقىنى قىلىۋاتقان، شۇڭا مەن ئۇگەنسەم بولغۇدەك، ئەمما مىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەم چەكلىك، ئۇندىن كىيىن ئنگلىزچىدىن ئەسلا خەۋىرىم يوق مەن ئۈگىنىپ كىتەلەرمەنمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 21:11
  • ئۇيغۇرسوفت يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنى باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى

    بۇ يۇمشاق دېتال دىيارىمىزدىكى ئوتتۇرا-كىچىك ئاشخانا، تېز تاماقخانا، ئارامگاھ ۋە رېستورانلارنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن لايىھەلەنگەن، كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر، تېلېفون، ئۈندىدار ۋە تور بېكەت قاتارلىق كۆپ خىل باشقۇرۇش ئۇسۇلى بىرلەشتۈرۈلگەن كارخانا دەرىجىلىك كەسپىي دېتال بولۇپ، بىرنەچچە ئاشخانىلاردا ئىشلىتىلىشكە باشلىدى.

    قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
    بۇ يۇمشاق دېتال ئۈستەليۈزى، سەزمە ئېكران، تېلېفون، تور بېكەت ۋە ئۈندىدار نۇسخىسى قاتارلىق 5 چوڭ بۆلەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، تور (ياكى ئۈندىداردا) ئۈستەل ۋە تاماق زاكاز قىلىش، (تاختا كومپيۇتېرلاردا) تاماق تىزىملىكى كۆرسىتىش ۋە تاللاش، (تېلېفونغا ئوخشاش ئۈسكۈنىلەردە) بۇيرۇتۇلغان تاماقلارنى خاتىرىلەش ، پۇل ئېلىش، ئۈستەل ئالماشتۇرۇش، خادىم ۋە ئۈسكۈنە باشقۇرۇش، ئىستاتىستىكا، (ئايرىمخانا ياكى قەۋەتلەردىكى سەزمە ئېكرانلىق كومپيۇتېردا) مۇلازىمەتچىلەرنى چاقىرىش، تاماق سۈيلەش،…قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. مەركىزىي يۇمشاق دېتالدا ئاشخانا، ئۈستەل، تاماق، خادىم ۋە تالون قاتارلىق ئۇچۇرلارنى قوشۇشقا ۋە ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. ھەربىر تاماقلارغا ئوخشىمىغان ئىزاھلارنى (مەسىلەن: لەغمەن ئۈچۈن قوشۇمچە ئاش بىرگە چىقسۇن، چۆپى ئىسسىق بولسۇن، قىزىلمۇچ سېلىنمىسۇن،…دېگەن ئۇچۇرلارنى) قوشقىلى ۋە بۇ تاماقنى بېسىپ چىقىرىدىغان پىرىنتېرغا باغلاشقا بولىدۇ. يۇمشاق دېتال ئارايۈزى كۆپ تىللىق، ئېكران كۆرۈنۈشى ئازادە، مەشغۇلاتى ئاددىي بولۇپ، مەخسۇس تەربىيەلەنمىگەن خادىملارمۇ ئاسانلا ئىشلىتەلەيدۇ.

    دىيارىمىزدىكى يېمەك-ئىچمەك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۈچۈن ھەرۋاقىت ۋە ھەرجايدا ھەرقانداق مۇددەت ئىچىدىكى خالىغان ئۇچۇرلارنىڭ ئىستاتىستىكا ئەھۋالى ۋە كىرىم-چىقىم ئانالىزى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:04
    • بۇ ياخشى بولۇپتۇ، ئالدىدىن ئەسكەرتىش بەرسەم يۇمشاق دېتالنىڭ VB.NET دا يېزىلغان ئۈستەليۈزى بۆلىكى سۆزلىنىدۇ، ھەم ئەسلىي كود بېرىلىدۇ، تور بېكەت، ئۈندىدار دېگەن بۆلىكى تەربىيەلەشنىڭ مەزمۇنىدا يوق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:39
  • بىز ئاشخانا يۇمشاق دىتالى ياساشتىن ئىلىگەن بىلىملىرىمىز ئارقىلىق بىز ئۆزىمىزگە ئىھتىياجلىق باشقا يۇمشاق دىتاللارنى لاھىيلىيەلەمدۇق ؟ئالىم مۇئاللىم بۇلسا سۇدا قىممىتى بەك يۇقىرى بولمىغان ياكى يۇق بولغان مەلۇم ئاددى يۇمشاق دىتالنى ياساش جەريانىنىمۇ سۆزلىگەن بولسىڭىز ،مەسىلەن ئاددى ھالەتتىكى كۈندىلىك ئائىلە كىرىم چىقىم ئەھۋالىنى تىزىملاش يۇمشاق دىتالى ياكى ئۇقۇغۇچىلار يۇقلام دىتالى دىگەندەك بۇنداق بولغاندا يۇمشاق دىتال سەۋىيەرىمىز تىخىمۇ پۇخرىراق بولامدىكىن دەيمەن ئۆزەمچە ،ئۇيلىشىپ كۆرسىڭىز؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 19:03
    • شۇنىڭ ئۈچۈن مەن تىلنى ئاساس قىلماي، مەلۇم بىر نەرسىنى قانداق لايىھەلەشنى كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتىمەن، سودا قىممىتى بار يۇمشاق دېتال ياخشى يۇمشاق دېتال ھېسابلىنىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 20:40
  • مۇناسىۋەتسىز بىر گەپ قىلىدىغان بولدۇم. «شېرىن چۈش»تىكى كارخانىچىلار نېمىشقا ئادەمگە ياندىكى ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلاردەك ئىللىق تەسىر بەرمەيدۇ؟ يۈزدە سەكسەن پىرسەنتىنىڭ ئۇزايىدىن ماھىرلاردىن بىر خىل ئۆزىنى ئېگىز ئورۇنغا قويۇپ گەپ قىلىدۇ ھەتتا سەنلەپ؟
    كارخانىچى بولسىمۇ زىيالىي سۈپەتراق بولسىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم. ئالاھىدە تەكلىپلىك مېھمانلار مەيلى ئازات سۇلتان، كۈرەش مەخمۇتجان،مۇختەر بۇغرا ياكى سىز بولۇڭ، ھەممىسى بەك يېقىشلىق ھەم ئىنتايىن كەمتەر، سەمىمىي، قىزغىن. بىراق تۆپىدىكى كارخانىچىلار…نېمە دېسەم بولار….

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 13:20
  • تىزىملىتىش ۋە پۇل تۆلەشنىڭ تەپسىلاتىنى تېخىمۇ ئېنىقراق يوللاپ بەسىلە ياخشى بولاتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى am 11:28
  • ياخشىمۇسىز ئالىم مۇئەللىم
    مەنمۇ بۇ دەرسكە قاتناشماقچى ئىدىم،لىكىن ئالدىنقى قېتىم سۆزلىگەن ھەقسىز دەرسنى ئاڭلىيالمىغان ئىدىم ،بۇ دەرسلىككە قاتناشسام ئالدىنقى قېتىمقى دەرسنىڭ سىنغا ئېلىنغان نۇسخىسىنى تەمىنلىگىلى بولارمۇ ؟。。。

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى am 10:31
  • ياخشىمۇسىز ئالىم مۇئەللىم
    مەنمۇ بۇ دەرسكە قاتناشماقچى ئىدىم،لىكىن ئالدىنقى قېتىم سۆزلىگەن ھەقسىز دەرسنى ئاڭلىيالمىغان ئىدىم ،بۇ دەرسلىككە قاتناشسام ئالدىنقى قېتىمقى دەرسنىڭ سىنغا ئېلىنغان نۇسخىسىنى تەمىنلىگىلى بولارمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى am 10:31
  • مەن تۈنۈگۈن ئىنكاسنى يىزىپ بولۇپ ئاندىن تېڭشۈن دەرسخانىسىغا كىرىپتىمەن، شۇڭا بۇ يەردە ئارتۇقچە سۇئاللارنى سوراپ كىتىپتىمەن. مانا دەرسخانىدىن بىۋاستە پۇلنى تاپشۇرۇپ، يوللاپ قويۇلغان بىر سائەت دەرسنىمۇ ئاڭلاپ تۈگەتتىم. ھازىرغىچە 24 ئادەم سېتىۋاپتۇ، نورمال باشلىغىلى بولار؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 26-كۈنى am 09:08
  • بۇ قانداق ئىش بولۇپ كەتتى ئەمدى…بىز بىر ئۈرۈمچىگە بىرىپ 7500 يۈەنگە ئۈگەنسەك ئەمدىلىكتە 399 يۈەنگە ئۈگىتىۋەتسىلە قانداق بولغىنى …

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 22:25
    • 3 يىل ئىلگىرى ئىنتېرنېت بۇنداق تەرەققىي قىلمىغان، تەربىيەلەش ئۈچۈن بىرەر ئەمەلىي مەكتەپ بىلەن بىرلىشىش (ئورۇن ئىجارىسى ۋە ئىجازەتنامىسىگە ھەق تاپشۇرۇش) ھەم ئۇلارنى ياخشى سەپلىمىلىك كومپيۇتېر بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كەلگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە ھەركۈنى 3 سائەتتىن ئارتۇق دەرس سۆزلىگەن، دەرس مەزمۇنى پەقەت ئاشخانا دېتالى بىلەن چەكلەنمىگەن بولۇپ، نۇرغۇن مەزمۇنلار سۆزلەنگەن. 2 يىل ئىلگىرى توردا 2 ئاي (11 ھەپتە، ھەپتىدە 3 قېتىم، ھەر قېتىمدا ئىككى سائەت) بىۋاسىتە سۆزلىگىنىمدە، بۇ باھا تېخىمۇ ئەرزانلىغان.

      ئەمما ھازىر ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كومپيۇتېرىدا ئاڭلايدۇ، تېڭشۈن توردا ھەقسىز دەرسخانا بىلەن تەمىنلەيدۇ. پۇلنى شۇلارغا تاپشۇرىدۇ، مەن پەقەت ئىككى-ئۈچ ھەپتە مەخسۇس ئاشخانا دېتالىنىلا سۆزلەيمەن (پىلانىمدا 10-15 قېتىم)، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئۆگىنىدىغان ئىشمۇ يوق. بۇ ھەممە تەرەپكە پايدىلىق، ھەممىنى قىلغان شۇ جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى. بۇنداق بولسا بولمايدۇ شۇ، شۇڭا 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 500 يۈەنگە ئۆستۈرەي دەيمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 22:48
  • دەرس قاچان باشلىندۇ مۇئەللىم ، دەرسكە قاتنىشىش ئۇچۇن قايسى شەكىلدە پۇل تولەيمىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 22:19
    • چاغان يېقىنلاپ قالدى، شۇڭا دەرس مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى باشلىنىدۇ، 2-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە دەرس سۆزلەيمەن، چۈنكى چاغاندا تېڭشۈن سەۋەبلىك 1 ھەپتىلىك دەرس توختايدۇ. 2-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەسلىگە كېلىدۇ، ئۇنىڭغىچە سۆزلەپ بولغان دەرسلەرنى تىزىملاتقانلارنىڭ qq بوشلۇقىغا يوللاپ بېرىمەن، دەرس توختىماسلىقى مۇمكىن، 2-ئاينىڭ 29-كۈنى دەرس تاماملىنىدۇ (پىلانىمدا). دەرسكە تىزىملاتقانلارغا ئەسلىي كودنى QQ بىلەن ئايرىم توپ ئەۋەتىپ بېرىمەن.
      پۇلنى ئۈندىداردا ياكى QQ دا تاپشۇرىسىز،

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 22:52
  • مۇئەللىم مىنىڭ بەك ئۆگەنگىم بار ئىدى، بىراق ئاڭلىسام شىنجاڭدا ۋىژىۋال بەيسىك نى قوللىنىپ يۇمشاق دىتال لايھەلەيدىغان شىركەتلە بەك ئاز ئوخشايدۇ. شۇڭا بۇ تىلنى ئۈگۈۈپ چىقسام ئىشلىتىدىغانغا سەھنە يوق بولىشىدىن ئەنسىرىدىم،ئىمكان بولسا بۇ توغرىسىدا

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 20:27
    • بۇ ئۆزىڭىزگە باغلىق، مەن سىزنى ئوقۇڭ دەپ مەجبۇرلىمايمەن، لېكىن بۇ يەردە بىر خاتا چۈشەنچە باردەك تۇرىدۇ، بۇنى دېمەي ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىشنى خالىمىدىم.

      مەن ئەزەلدىن ئىزچىل تەكىتلەپ كېلىۋاتىمەن يەنى پىروگرامما لايىھەلەش تىلنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋالماڭلار. Visual Basic نى باشقىلار ئىشلەتمىگەن بولسا، بۇ ھېچنىمىنى بىلدۈرمەيدۇ.

      ئەمما ماڭا مۇنداق نەرسىنى بىلدۈرىدۇ:
      مىسالدىن بىرنى ئالسام، ئۇيغۇرسوفتنىڭ جۇڭگودىكى ھەرقايسى ئۇيغۇرچە، قازاقچە رادىيو ئىستانسىسىلىرى ئۈچۈن ئىشلىگەن خەۋەر-ماقالە سىستېمىسىنى بۇ پۈتۈنلەي Visual Basic 2008 دە تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرسوفت تارىخىدا ئەڭ زور ئىقتىسادىي قىممەت ياراتقان يۇمشاق دېتال ھېسابلىنىدۇ، ھازىرغا قەدەر بىر سېكۇنتمۇ توختاپ قالماي نورمال ئىشلەۋاتىدۇ، ھازىر بۇنى يەنە ھەرقايسى ئىستانسىسىلىرى ئۈچۈن 2.0 نى ئىشلىمەكچى.

      يەنە بىر مىسال ئالسام، ھەقسىز تارقىتىلغان ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرۈش دېتالىمۇ Visual Basic 2013 دە تۈزۈلگەن بولۇپ، ئۆتكەن بىر يىلدا 1 مىليارد سۆزنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ بەردى. توختاپ قالماي نورمال ئىشلەۋاتىدۇ.

      مەن يەنە ئۆزۈم ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ++C نى سۆزلىسەم، بەك تەسكەن دېيىشىڭلار مۇمكىن، باشقا تىلنى سۆزلىسەم بۇ تور بېكەت ياسايدىغان تىل ئىكەنغۇ؟ يەنە بىرىنى سۆزلىسەم بۇ ئىلىم-پەن ھېسابلاشقا ئىشلىتىدىغان تىل ئىكەنغۇ؟ ئوخشىمايدىغان يەنە بىر يېڭى تىلنى سۆزلىسەم بۇ چوڭ مەلۇماتنى بىر تەرەپ قىلىدىغان تىل ئىكەنغۇ؟ دېيىشىڭلار مۇمكىن. ھەممە تىلنىڭ مۇئەييەن ئىشلىتىش ئورنى بار. ئەمما NET رامكىسىدىكى تىللارنىڭ پەرقى كىچىك بولۇپ، بىرسىنى ئۆگەنسەڭلار يەنە بىرىنى ئۆگىنىش تېز بولىدۇ، مەن ئەڭ كۆپ تىل بىلىمەن، ۋاقتى كەلسە ئېھتىياجىمغا ئاساسەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىمەن (ئۇيغۇرسوفتنىڭ ھەقلىق كوررېكتورى دېتالىدەك).

      لېكىن تىلنى بىرىنچى ئورۇنغا قويماي، مەسىلىنى چۈشىنىش، ھەل قىلىش،…قاتارلىقلارنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىمەن. بۇنى قىلالمىسام، 10 خىل تىل بىلسەممۇ قىلماقچى بولغان ئىشنى بەرىبىر قىلالمايمەن. مەن باشقىلارنىڭ گېپى ئۈچۈن كۆز قاراشلىرىمنى ئاسانلىقچە ئۆزگەرتەلمەيمەن ياكى ئەگەشمەيمەن. ئۆگەنگەن بىلىملىرىم بىلەن ئۆز كاللامدا تەپەككۇر قىلىشقا ئامراقمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 22:34
  • يانفۇن نۇسغىسىدا دەرىسلەرنى چۇشۈرگىلى بولىدۇ ئەجرىڭىز بىكار بولارمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 20:26
    • ھەقلىق دەرسنىڭ پەرقى بار، پۇل تاپشۇرمىغانلارنىڭمۇ پەرقى بولۇشى كېرەك، بولمىسا تاپشۇرغانلار ئادىللىق بولماي قالىدۇ، مەن مۇھىم دەرسلەرنى بولۇپمۇ چاغان مەزگىلىدە سۆزلىنىدىغان دەرسلەرنى تىزىملاتقانلارنىڭ qq بوشلۇقىغا يوللاپ بېرىمەن، تېڭشۈن دەرسخانىسىغا ئاممىباب دەرسلەر چىقىدۇ، چۈشۈرگەن تەقدىردىمۇ تۇتۇق، ئەسلىي كودىنى كۆرەلمەيدۇ، ناۋادا تىزىملاتقانلارنىڭ سانى ئاز بولسا، بۇ دەرسلەر ئۆتۈلمەي، تىزىملاتقانلارنىڭ پۇلىنى تېڭشۈن ئارقىلىق قايتۇرغۇزۇپ بېرىمەن،

      يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 22:55
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم:
    مەن تىزىملىتاي دېگەن تىزىملىتىش ئادىرسى قايسى مۇئەللىم، VB.net قا تونجى كېرىشم بولىدۇ. بۇرۇن Java دا كۆزنەكلىك پروگرامما لايىھلەلەپ باققان لېكىن كۆڭۈلدىكىدەك ياخشى چىقمىغان.. بۇ ماڭا نىسبەتەن ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت بولدى..

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 16:30
  • تىزىملىتىش توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارنىمۇ تولۇقلاپ قويغان بولسىڭىز مۇئەللىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 16:07
  • بەك ياخشى خەۋەركەن ! مەن تىزىملىتاي مۇئەللىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 16:06
باھا بېتى: 1 2 3 5