نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

قىزىقارلىق ئۇيغۇر تىلى

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

«ئۇيغۇر تىلى» مەن ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ئاجايىپ بىر سېھرىي كۈچكە تولغان تىل، چۈنكى مەن بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر نەزەرىيەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز كەسپىم بولغان «ھېسابلاش ماتېماتىكىسى» بويىچە بۇ تىلدىكى ھەرپلەر، بوغۇملار، سۆزلەر، كىشى ئىسىملىرى،…قاتارلىقلارنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ باققان ئىدىم.

نەچچە كۈن ئىلگىرى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالىنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى تاماملاش ئالدىدا، تەكرارلىقى ئەڭ يۇقىرى سۆزلەردىن تۈزۈلگەن ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدىكى 251 مىڭ سۆز ئارىسىدىن يەنە «ئۇيغۇر تىلى»غا مۇناسىۋەتلىك بەزى ھېسابلاشلارنى قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك قىزىقارلىق نەتىجىگە يەنە ئېرىشتىم. بۇنى مەن 10 يىل بۇرۇنمۇ بىر قېتىم ھېسابلاپ كۆرگەن، بۇ قېتىمقىسى ئەڭ يېڭى مەلۇماتتىن خۇلاسىلەندى. ئاران 31 ھەرپ تۇرىدۇ، ئالىم مۇئەللىم بىر ھەرپنى چۈشۈرۈپ قويدىمۇ-نېمە؟ بۇ ھەرپ قايسىدۇ؟ سىز تاپالامسىز؟

ئۇيغۇر تىلىدا «ت»، «ق» ھەرپتىن باشلانغان سۆزلەر ئەڭ كۆپ، ئۇنداقتا 3-ئورۇندا تۇرىدىغنى قايسى؟ ئۇنىڭ كەينىدىكىچۇ؟ ئۇنداقتا بۇ جەدۋەلنى كۆرۈپ بېقىڭ.

نېمە ئۈچۈن «ت»، ئاندىن «ق» ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنىنىڭ ئەڭ بالدۇر پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ؟ ناۋادا سىزگە سۆز ئويۇنى توقۇشقا بۇيرۇلسا، سىز ئەمدى قايسى ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنى توقۇپ باقماقچى، باشقا تىلدا بۇنداق ئالاھىدىلىك ئاز تېپىلىدۇ جۇمۇ، ئىنگلىز تىلىدا مۇشۇنداق ئىش بارمىدۇ؟

مەسىلەن: «ت» ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنى
تۇرسۇن توختى تۇرپاندا تاۋۇز تېرىدى، تومۇزدا تاۋۇز تاتلىق تەمگە تولدى. تۇرسۇن توختى تاۋۇزلار تارىمدىكى تاغىسى توختى تۇرسۇنغا تىراكتوردا توشۇدى.

يەنە مەسىلەن: «ق» ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنى
قىمار قەبىھ قىلمىشتۇر، قىماۋازلارنىڭ قىلمىشى قەتئىي قاملاشمىغاندۇر. قېرىندارشلار! قىماۋازلارنى قاچۇرۋەتمەي قانۇن قامچىسىدا قاتتىق قامچىلايلى.

يۇقىرىدا ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشلار ۋە سان-سىفىرلارنى كۆرۈپ چارچاپمۇ قالغانسىلەر، شۇڭا ئازىراق چاقچاقمۇ قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ، راست دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئۇيغۇر تىلىدا «ئا» ھەرپتىن باشلانغان سۆزلەر ئىچىدە گۈزەل، يېقىملىق سۆزلەر كۆپ ئىكەن.
مەسىلەن: ئاللاھ، ئاسمان، ئالەم، ئاي، ئادەم، ئاتا، ئاپا، ئانا، ئاچا، ئاكا، ئالىم (چاقچاق)،
سىز يەنە داۋاملىق تاپالىسىڭىز، ئىنكاس يېزىپ داۋاملاشتۇرۇڭ، مەرھەمەت.

ئەمما «ج» ھەرپتىن باشلانغان سۆزلەر ئىچىدە قوپال، يېقىمسىز سۆزلەر كۆپ ئىكەن.
مەسىلەن: جاھانگىر، جىنايەت، جەرىمانە، جاپاكەش، جىنازا، جازا، جەھەننەم،…
بۇنداق سۆزلەرنى سىز يەنە تاپالامسىز؟ ئۇنداقتا ئىنكاس يېزىپ داۋاملاشتۇرۇپ بېقىڭ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
92 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 4
  • ئالىم مۇئەللىم مۇمكىن بولسا ھەربىر ھەرىپتىن باشلانغان ،ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەردىن ئەللىكتىن سۆزنى ماڭا ئەۋەتىب بىرەلەرسىزمۇ؟مەن بىر بەش ئەزا دوختۇرى،بىزنىڭ كەسىپتە بىرخىل ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تەكشۇرۈش ئۇسۇلىدا بىمارغا مەلۇم سۆزلەر ئاڭلىتىلىپ تەكرارلاشنى تەلەپ قىلىمىز،ئەمما بىز ھازىر ئىشلىتىغان سۆزلۈك خەنزۇچە ،ئۇيغۇر بىمارلارغا بەك ماس كەلمەيدىكەن ،شۇڭا ئۇيغۇرچە سۆزلۈك تۈزۈپ سىناپ باقايلى دىگەن ،تەپسىلاتىنى مەن سىز بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈپ دىيىشسەكمۇ بولىدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 23:15
  • بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ پاساھەتلىك تىل ئىكەنلىگىنىڭ يەنە بىر مىسالى…. بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز ئىسىم قويۇشتا ناھايىتى ئوتلىنىپ ئىسىم قويغان .مەسىلەن؟ تەنتەربىيە…بۇ ( تەن ) يەنى ئادەم تېنى، بىلەن، ( تەربىيە ) يەنى تەربىيەلەش، يېتەكلەش …. دىگەنلىك تىن ئىبارەت ئىككى سۆزنىڭ بىرىكمىسىدىن تۈزۈلگەن. تەنتەربىيە ئارقىلىق ئادەم بەدىنىنى تەربىيەلەش….. ئاتا-بوۋىلىرىمىز نىڭ ئىسىم قويۇش ئۇسۇلىنىڭ مەھسۇلى قانداق ئىكەن؟؟؟؟ . مەن شۇڭلاشقىمۇ پىسخولوگىيە دىمەستىن، خۇي تەربىيە دەيدىغان بولۇۋالدىم….بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىز ھەقىقەتەن كەڭرى مەنىلىك تىل… ئاددى قىلى ئېيتسام… توخۇنىڭ گەندىسى نى ماياق،قوي كالىنىڭكىنى قىغ ، گۆشخور ھايۋانلانىڭكىنى پوق….دىگەندەك ئاتايمىز… بۇنىڭدىن باشقا…كەپە بىلەن ساتما …بۇ ئىككى خىل ئۆينىڭ قۇرۇلمىسى ئوخشاشلا ياغاچ قۇرۇلما، ئۈستى تەرىپى يېپىلغان بولىدۇ. بىراق….كەپە بولسا يامغۇردىن پاناھلىنىدىغان ئورۇن بولىدۇ. ساتما بولسا…قوغۇن-تاۋۇزلۇقنى قوغدايدىغان ئۆي بولىدۇ… ياغاچنى مىسال قىلسام… چوڭلىرىدىن باشلاپ، ..خە ، جەگە، سىنجى، بالا، توغرىلىق، ۋاسا، تارشا، شىشىق،…. دىگەندەك….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 20:00
  • مەن يەنە ئويلاپ باقسام،كىچىك بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ‹ڭە،ڭە› سۆزگە كىرەمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 18:13
  • كامىل كالۋا كالىنىڭ كاللىسىنى كىسىۋەتتى!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 18:09
  • مەن ئىزدە تورىنىڭ ئىزدىگۇچىدە ماتىريال ئىزدەۋىتىپ ‹‹ڭ››ھەرپى بىلەن باشلانغان ئىسىمنى ئۇچۇرتۇپ قالدىم،ئىزدەش كۆزنىكىگە قانداق قىلىپ ‹‹ڭا ››دەپ يىزىپ قالغنىمنى بىلمەيمەن بىرچاغدا قارىسام ئىكراندا ‹‹ڭاجۇ تىلى ››ۋە‹‹ڭاجۇ مىللىتى ›› دەپ تۇرىدۇ.
    دىمەك ئانا تىلىمىزدا ھەممە ھەرىپتىن باشلانغان سۆز بار كەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:48
  • ئۇيغۇر تىلىدا ڭ ھەرپى بىلەن يوقتۇ؟مەن نەچچە كۇن ئويلاپ بىرنىمۇ تاپالمىدىم.مېنىڭچە ئا ھەرپى بىلەن باشلانغان سۆز ھەممىدىن جىق.بىراق ئاۋۇ جەدۋەلدە ئا ھەرپى بىلەن باشلانغان سۆز ڭ ھەرپى بىلەن باشلانغان سۆزدىن ئازكەن.بۇ قانداق بولغىنى؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 13:09
    • بىراق ئاۋۇ جەدۋەلدە ئا ھەرپى بىلەن باشلانغان سۆز ڭ ھەرپى بىلەن باشلانغان سۆزدىن ئازكەن.بۇ قانداق بولغىنى؟
      ================
      «ڭ» ھەرپىدىن دەمسىزما؟ «ڭ» ھەرپىدىن باشلانغان سۆز يوق، ئۇيغۇر تىلىدا «ت» دىن باشلانغان سۆز ھەممىدىن كۆپ، بۇ ئىستاتىستىكىدا خاتالىق يوق. ئىزاھلىق لۇغەتنى ۋاراقلاپ، مۇشۇ ھەرپتىن باشلانغان سۆزلەرنى تەخمىنەن بەت سانىنى دەڭسەپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 15:26
  • ئۇيغۇر تىلى يېزقىدا «ڭ»بىلەن باشلىنىدىغان سۆزلۈك ياكى جۈملە بەك ئاز . يا يوق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى am 09:41
  • سوئالىڭىزنىڭ جاۋابى ئۈچۈن تېما مەزمۇنىنى قايتا بىر ئوقۇپ بېقىڭ، بولۇپمۇ ************
    تەكرارلىقى ئەڭ يۇقىرى سۆزلەردىن تۈزۈلگەن ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدىكى 251 مىڭ سۆز ئارىسىدىن يەنە «ئۇيغۇر تىلى»غا مۇناسىۋەتلىك بەزى ھېسابلاشلارنى قىلىپ، ********** دېگەن يەرنى

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 15:52
  • ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم! سىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئۈچۈن ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرىڭىزغا قايىلمەن. بىراق، كاللامدىن ئۆتمىگەن بىر مەسىلە بار:
    سىزنىڭ يۇقارقى سىتاتسىتكا جەدىۋىلىڭىز (ئۇيغۇر تىلىدا «ت»، «ق» ھەرپتىن باشلانغان…)دىكى ئومۇمىي سۆز سانىنى 291077 سۆز ئىكەن. لىكىن مەزكۇر بىكەتتە «ئۇيغۇرچە 50 مىلىيون سۆزلۈك ئامبىرى» دېگەن تېمىنى كۆردۈم، ھەمدە يۇقارقى سىتاتسىتكىدىكى 291077 بىلەن 50000000 ئوتتۇرسىدىكى غايەت زور پەرىقنى بايقىدىم.
    سورىماقچى بولغىنىم:
    1. يۇقارقى سىتاتسىتكىدىكى سانلىق مەلۇمات ئۇيغۇر تىلىدىكى ئومۇمىي سۆزلۈكنى ئاساس قىلغانمۇ ياكى مەلۇم قىسمىنىمۇ؟
    2. ئەگەر ئومۇمىي سۆزلۈكنى ئاساس قىلىنغان بولسا، 291077 سۆزلۈكتىن باشقا سۆزلەرنىڭ بېشىغا تىلىمىزدىكى 32 ھەرىپ ئىشلىتىلمىگەنمۇ؟
    3. مەلۇم قىسمىنى ئاساس قىلىنغان بولسا يۇقارقى سىتاتسىكىدىكى مەلۇمات، ئومۇمىي سۆزلۈكنىڭ سىتاتسىتكا مەلۇماتىغا ۋەكىللىك قىلالامدۇ؟
    مۇشۇ مەسىلە كاللامغا كىرىۋىلىپ، سورىغىم كەپ قالدى، مۇشۇ ھەقتە ئازىراق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى am 00:32
    • مەنچە مۇئەللىمنىڭ دېگىنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدىكى سۆزلەر،باشقا تىلدىن كىرگەن سۆزلەر يوق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 18:49
  • ڭ دىن باشلانغاب ئىملىق سۆزلەرنى يازالىشىمىز مۇمكىن، مەسىلەن زىيادە دىمىقىدا سۆزلەيدىغان كىشىلەر ياكى كەلگۈسىدىكى ماشىنا ئادەملەر مۇنداق كۈلىدۇ: ڭا… ڭا… ڭا…^o^
    م دىن باشلانغان سۆز ئويۇنى:
    مەن مۇمامنى مۆرىيىتىدە مەدىنىدە مۇنەۋۋەرگە مەسلىھەتكە ماسلاشىشقا ماشىنا مۇھىتىدا ماڭدۇردۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 23:19
  • چىڭقى چۈشتىكى پىژ پىژ ئاپتاپتا يانفوننى ئېتىۋېتىپ باغچىدىكى سۆگەت سايىسىدە ئۇخلاش ئاجايىپ ھوزۇرلۇق ھەم كۆڭۈللۈك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 17:26
  • گ ژملكبغد فتنڭ ھيۋ چج خرز سقشپ اەېى وۇۆۈ
    بۈگۈن ئۈژمىلىك باغدىكى فونتاننىڭ يېنىدا ھايۋانلار-چۆجە خوراز سوقۇشۇپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 14-كۈنى am 10:27
  • يۈسۈف بوۋام قۇت بەرگەندەك خۇشال كۆڭۈل
    پىژ پىژدىكى سىنچاي كەبى جانغا ھوزۇر
    بۇمۇ بىر سىناق ،ئې ھەرىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېقىڭلار…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 13:17
  • بىر جۈملە ئىچىدە 32 ھەرپنى كەلتۈرۈشتىكى سىناق:
    چىڭقى چۈشتىكى پىژ پىژ ئاپتاپتا يانفوننى ئېتىۋېتىپ باغچىدىكى سايىسىدە ئۇخلاش ئاجايىپ ھوزۇرلۇق ھەم كۆڭۈللۈك.
    گ ھەرىپى كەم قالدى تورداشلارنىڭ ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى am 11:08
    • گۈزەلنى قاتسىلا بولىدۇ.
      گۈزەل باغچىدىكى سايىدا ئۇخلاش

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 17:11
    • چىڭقى چۈشتىكى پىژ پىژ ئاپتاپتا يانفوننى ئېتىۋېتىپ گۈللۈك باغچىدىكى سايىسىدە ئۇخلاش ئاجايىپ ھوزۇرلۇق ھەم كۆڭۈللۈك

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 21:54
  • زادى ئالىم مۇئەللىمنىڭ «ئېلان قىلىنمايدىغان بولدى» دېگەن چاقچىقىغا ئىشەنمىگەن مەن.
    ئەپسۇس، بۇ خەۋەرنى 12-چىسىلا سەھەردە ئەمەس، كەچتە كۆرگىنىمنى. لېكىن مەن شۇنداق خۇشال، خۇددىي باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزدەكلا. ياشاپ كېتىڭلار تۆھپىكارلار!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 22:27
باھا بېتى: 1 2 3 4