قىزىقارلىق ئۇيغۇر تىلى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

قىزىقارلىق ئۇيغۇر تىلى

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

«ئۇيغۇر تىلى» مەن ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ئاجايىپ بىر سېھرىي كۈچكە تولغان تىل، چۈنكى مەن بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر نەزەرىيەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز كەسپىم بولغان «ھېسابلاش ماتېماتىكىسى» بويىچە بۇ تىلدىكى ھەرپلەر، بوغۇملار، سۆزلەر، كىشى ئىسىملىرى،…قاتارلىقلارنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ باققان ئىدىم.

نەچچە كۈن ئىلگىرى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالىنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى تاماملاش ئالدىدا، تەكرارلىقى ئەڭ يۇقىرى سۆزلەردىن تۈزۈلگەن ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدىكى 251 مىڭ سۆز ئارىسىدىن يەنە «ئۇيغۇر تىلى»غا مۇناسىۋەتلىك بەزى ھېسابلاشلارنى قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك قىزىقارلىق نەتىجىگە يەنە ئېرىشتىم. بۇنى مەن 10 يىل بۇرۇنمۇ بىر قېتىم ھېسابلاپ كۆرگەن، بۇ قېتىمقىسى ئەڭ يېڭى مەلۇماتتىن خۇلاسىلەندى. ئاران 31 ھەرپ تۇرىدۇ، ئالىم مۇئەللىم بىر ھەرپنى چۈشۈرۈپ قويدىمۇ-نېمە؟ بۇ ھەرپ قايسىدۇ؟ سىز تاپالامسىز؟

ئۇيغۇر تىلىدا «ت»، «ق» ھەرپتىن باشلانغان سۆزلەر ئەڭ كۆپ، ئۇنداقتا 3-ئورۇندا تۇرىدىغنى قايسى؟ ئۇنىڭ كەينىدىكىچۇ؟ ئۇنداقتا بۇ جەدۋەلنى كۆرۈپ بېقىڭ.

نېمە ئۈچۈن «ت»، ئاندىن «ق» ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنىنىڭ ئەڭ بالدۇر پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ؟ ناۋادا سىزگە سۆز ئويۇنى توقۇشقا بۇيرۇلسا، سىز ئەمدى قايسى ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنى توقۇپ باقماقچى، باشقا تىلدا بۇنداق ئالاھىدىلىك ئاز تېپىلىدۇ جۇمۇ، ئىنگلىز تىلىدا مۇشۇنداق ئىش بارمىدۇ؟

مەسىلەن: «ت» ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنى
تۇرسۇن توختى تۇرپاندا تاۋۇز تېرىدى، تومۇزدا تاۋۇز تاتلىق تەمگە تولدى. تۇرسۇن توختى تاۋۇزلار تارىمدىكى تاغىسى توختى تۇرسۇنغا تىراكتوردا توشۇدى.

يەنە مەسىلەن: «ق» ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنى
قىمار قەبىھ قىلمىشتۇر، قىماۋازلارنىڭ قىلمىشى قەتئىي قاملاشمىغاندۇر. قېرىندارشلار! قىماۋازلارنى قاچۇرۋەتمەي قانۇن قامچىسىدا قاتتىق قامچىلايلى.

يۇقىرىدا ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشلار ۋە سان-سىفىرلارنى كۆرۈپ چارچاپمۇ قالغانسىلەر، شۇڭا ئازىراق چاقچاقمۇ قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ، راست دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئۇيغۇر تىلىدا «ئا» ھەرپتىن باشلانغان سۆزلەر ئىچىدە گۈزەل، يېقىملىق سۆزلەر كۆپ ئىكەن.
مەسىلەن: ئاللاھ، ئاسمان، ئالەم، ئاي، ئادەم، ئاتا، ئاپا، ئانا، ئاچا، ئاكا، ئالىم (چاقچاق)،
سىز يەنە داۋاملىق تاپالىسىڭىز، ئىنكاس يېزىپ داۋاملاشتۇرۇڭ، مەرھەمەت.

ئەمما «ج» ھەرپتىن باشلانغان سۆزلەر ئىچىدە قوپال، يېقىمسىز سۆزلەر كۆپ ئىكەن.
مەسىلەن: جاھانگىر، جىنايەت، جەرىمانە، جاپاكەش، جىنازا، جازا، جەھەننەم،…
بۇنداق سۆزلەرنى سىز يەنە تاپالامسىز؟ ئۇنداقتا ئىنكاس يېزىپ داۋاملاشتۇرۇپ بېقىڭ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
92 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئالىم مۇئەللىم، سىزگە ھەقىقەتەن قايىلمەن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 21:35
  • ھەي، مۇشۇ ئالىم مۇئەللىمگە سېلىشتۇرساق بىز ھېچنىمە قىلماپتۇق جۇمۇ ئۆمرىمىزدە….
    ھې ھې ھې …. ئەمدى بوسىمۇ تىرىشىپ ياخشى ئىشلارنى جىقراق قىلساق بوغىدەك جۇمۇ، مەسلەن: قىزىل بايراق يولىغا بېرىپ كومپيوتېر ئاساق ئۇيغۇرلاردىن ئېلىش دىگەندەك…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 18:08
  • ‹‹ڭ››دىن باشلانغان سۆزلەر يوققۇ دەيمەن ، بۇرۇن كىچىك ۋاقتىمدا سۆز ئويۇنلىرىنى بەك ئوينايتتۇق ئوينايتتۇق…. ‹‹ژ››دىن باشلانغان سۆزلەرمۇ ناھايىتى ئاز…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 16:16
  • ئاھ خۇدا ، تۆت كۆز بىلەن كۈتكەن ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئاخىرى چىقىپتۇ . ئالىم مۇئەللىم ۋە بارلىق مۇشۇ خىزمەت ئۈچۈن تەر ئاققۇزغانلار ئاللا سىلەردىن رازى بولسۇن !
    خۇشاللىقىمنى باسالماي كىتىپ بارىمەنغۇ …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 13:57
  • مۇبارەك بولسۇن، windows8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقىپتۇ. بۈگۈن چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋاتىمەن.
    باشقىچە ئېسىل تۇيغۇ.
    خەنزۇچە كىتابلىرىمدىكى خەتلەر بىراقلا ئۇيغۇرچىغا ئۆرۈلۈپ كەتكەندەك ئىسل تۇيغۇدا بولىۋاتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى am 09:30
  • تورداشلار مەن خوتەندىن ئۆرۈمچى قزىلبايراق سودا شەھەرچىسىدىن بىر كۆمپىيۇتىر ئالماقچى ئىدىم ئاساسلىقى توي – فىلىم كىرىشتۈرۈش رەسىم ئىشلىرىغا ئىشلىتىمەن ئانچە-مۇنچە ۋىۋىسكا كىچىك ئىلانلارنى ئىشلەشكە ئىشلىتىمەن ، باھاسى 5000يۇەندىن 6000يۇەنگىچە بولغان يىڭى كۆمپىيۇتىر سىتىۋالماقچى ، شۇڭا قىزىلبايراق سودا شەھەرچىسىدىكى تىجارەتچى تورداشلارنىڭ 15349957776 نومورلۇق چ چ نى قوشىۋىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى am 09:29
  • نۇرقۇتتا كۆزنەك 8 نىڭ تىل بولىقى چىقتى دەپ تۇرىدىغۇ بۇ راسمۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى am 09:26
  • خوش خەۋەر ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى چىقىپتۇ!!!!!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى am 09:05
  • بەزىدە مۇشۇ qqتوپلىرىدا ، بوشلۇقلىدا بىزنىڭ بەزى ‹‹مىللەتپەرۋەر››دوستلىرىمىز تارقاتقان : ئۇيغۇر تىلى جۇڭگۇدا ئىشلىتىشتىن ئەمەلدىن قالدۇرىلىدىكەن ، ئۇيغۇر تىلى دۇنيادا يوقۇلۇپ كىتىش گىردابىغا دۇچ كەلگەن تىللار قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپتۇ دىگەندەك خەۋەرلەرنى كۆرسەم شۇ خەۋەر تارقاتقۇچىنى بىر نىمە قىلىۋەتكىم كىپ كىتىدۇ ، ئىھتىمال بۇ خەۋەرنى ئوتتۇز – قىرىق يىل بۇرۇن مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى ۋاقىتلىرىدا تارقاتقان بولسا ئېھتىمال ئىشىنەر ئىدۇق ، لىكىن بۇ ھازىر دۇنيا بارغانسىرى بىزنىڭ تىلىمىزنى ئىتراپ قىلىۋاتقان ، ئالىم مۇئەللىمگە ئوخشاش مىللەت سۆيەر ئۇستازلىرىمىز ئانا تىلىمىزنىڭ مەۋجۇدلىقى ئۈچۈن تىنىم تاپماي ئىشلەۋاتقان ھەمدە نۇرغۇنلىغان قىرىنداشلىرىمىز كۈچىمىزنىڭ يىتىشىچە ئۇلارنى قوللاپ ، مەدەت بىرىپ تۇرىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە ئۇنداق خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشى قايناۋاتقان قازاننىڭ ئۈستىگە سوغۇق سۇ قۇيغانلىق بولماي نىمە ؟ ھەممىمىزنىڭ ئەجىرىنى نۆلگە تەڭ قىلغانلىق بولماي نىمە ؟
    شۇنداق خەۋەرنى تارقاتقان كىشىنىڭ مەقسەت مۇددائىسىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى مەن ئۇقمايمەن ، لىكىن شۇنىڭغا ھۆكۈم قىلالايمەنكى ، بۇ چوقۇم ئويدۇرما خەۋەر . مەنچە ، تىلنى ئەمەلدىن قالدۇردىغان ھۆكۈمەت ، يوقۇلۇش ئىھتىماللىقى بار تىللارنى باھالايدىغان شۇ ئورگانلار ئۇنچىۋالا دۆت ئەمەس ، ئۇلار ھەرگىز ئۇيغۇر تىلىنىڭ كۇنسايىن ئىشىۋاتقان بۇ تەسىرگە سەل قارىيالمايدۇ . بۇنداق دىگىنىم قانداقتۇ غەپلەتتە قالساق بولىدۇ دىگەنلىكىم ئەمەس ، مەن دەيمە شۇ ساختا خەۋەرلەرنى تارقىتىپ ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرگىچە ، مىللىتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۋاتقانلارنىڭ خىزمىتىنى قوللاپ بەرسەك ، ئۇلاردىن مەدەتلىرىمىزنى ئايىمىساق شۇ ياخشىراق بولامدىكىن دەپ قارايمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى am 08:57
    • بۇنداق يالغان سۆزلەر بىلەن پىتنە-پاسات تارقاتقانلارنى ھېچكىم ياقتۇرمايدۇ. تېخى يېقىندا سودا-سانائەت بانكىسنىڭ بارلىق ئۈسكۈنىلىرىنى ئۇيغۇرچىنى تولۇق قوللىدى. بىز بۇ خىزمەتنى بۇ يىل 7-ئايدا تاماملىغان ئىدۇق.
      ئۇيغۇرچە يېزىقنى قوشمامسىلەر دەپ چۈشەندۈرسىڭىز، ھېچكىم ياق دېمەيدۇ ھازىر. BRT ئېكرانلىرىمۇ ئاخىرى شۇنداق بولدى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى pm 12:51
  • خوش – خەۋەر بۈگۈن 12 – ئاينىڭ 12 – كۈنى windows 8 نىڭ تىل بولىقى چىقىپتۇ چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم ، بەزى بىر ئورۇنلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئاساسىي جەھەتتىن تولۇپ بوپتۇ .
    بۇ ئىش ئۈچۈن جاپا چەككەنلەرگە چىن دىلىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى am 08:45
  • ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئىلان قىلىندى باللا…..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى am 01:09
  • ۋاھ، 30 نەچچە خىل مەھسۇلاتنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ئېلان قىلىندىغانلىقى ناھايىتى چوڭ خۈش_خەۋەرغۇ! يەنە تېخى كىلەر يىلنىڭ ئوتتۇرغىچە ئېلان قىلنىپ بۇلدىكەن ، بىز ئۈچۈن بۇ يىللا ئەمەس كىلەر يىلمۇ بىر خۇشاللىق يىل بولغىدەك.
    ئەزەلدىن كومپىيوتېر بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان بىر ئادەم(بالىلار) ئۇيغۇرچە كومپىيوتېر بىلەن ئۈچراشسا ئۇنىڭغا قانچە تەبئى ، يېقىملىق بىلىنەر ھە ! ئوخشاشلا شۇ سەبىنىڭ كوڭلىدە كومپىيوتېر دىگەن ئۇيغۇرچە دىگەن ئۇقۇم شەكىللىندۇ ، چۇنكى ئۇنىڭ كورگىنى شۇ ئانا تىلدىكى كومپىيوتېر.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 13:13
  • ئانا تىلىم، زەر تىلىم.
    ئالىم مۇئەللىم ئىشلىرىڭىز خەيرىلىك بولغاي، ئىككى دۇنيا بەختلىك بولۇڭ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى am 00:56
  • شۇ ئۇيغۇرچىسىغا كۇنەلمىگەن ئادەمنى شۇنداق بىر نەرسىگە ئوخشىتىشقا بۇلدۇ :
    بىر ياۋا ئىشەكنى كىچىك ۋاختىدا ئادەملەر بېقۋېلىپ ،ئاخىردا ئۇنى تەبىئەتكە قۇيۇپ بىرشىدۇ ، ھەممە بىردەك شۇ بىچارە ياۋا ئىشەكنىڭ تەبىئەتكە كۇنەلمەسلىكىدىن بەكمۇ ئەنسىرەيدۇ، ياۋا ئىشەك ئەسلىدىنلا شۇ كەڭرى تەبئەتكە مەنسۇپ ئېدى ، ئەمدى ئۇ ئۈزى تەۋە تەبىئەتكە قايىتتى ، راسىت ، ئۇ كۇنەلمەسلىكىمۇ مۆمكىن ،ئۇ بىر ئېشەك ، بىز ئادەم ، ئۇزىمىزنىڭ ئەسلىمىزگە ، ئۇزىمىز تەئەللۇق نەرسىگە كۇنەلمىسەك ، بىزنىڭ شۇ ئىشەكتىن پەرقىمىز نەدە؟
    كۇنەلمەسلىك پەقەت ماسلىشالماسلىقنى كۆرسىتىدۇ ، ئانىمىز دادىمىز كۆرمىگەن نەرسىلەرگە ماسلىىشپ كەتتۇق ، ئەجەبا ئۈزىمىزنىڭ تىلمىزغا ماسلىشالماسمىزمۇ ؟
    بۇنداق ماسلىشالماسلىق پەقەت بىزدەك ئەبجەشلىشىپ كەتكەن ، بۇ ئانا تىلمىزدىكى سۇپا يەنە ئازراق كىچكىپ قالغان بولسا زۇۋان ئالماشتۇراي دەپ قالغان كىشلەرنىڭ ئىلمى ئۇسۇلدا تېپىپ چىققان باھانىسى ،چۇنكى يېزىق ئالماشتۇرۇش ئاللبۇرۇن مودىدىن قالدى ، تارىختا مۇشۇنداق كۈنەلمىگەنلەرنى كۈنىۋالسۇن دەپ ئالماشتۇرمىغان يېزىقمۇ ئاز قالغان . ئەمدى نۆۋەت زۇۋان ئالماشتۇرۇشقا كەلگەن ئوخشايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 20:55
    • مۇنداقلا سوراپ باقساق بولىدۇ، سىز ئادەتتە تورغا چىقسىڭىز، كۆپرەك ئۇيغۇرچە مۇنبەرگە كىرەمسىز ياكى خەنزۇچە مۇنبەرگىمۇ؟ سىز ھازىر ئالىم ئەھەت بىلوگىغا يېزىۋاتقان ئاشۇ يېزىق، سۆزلەۋاتقان تىل زادى نېمە؟
      ئەگەر جاۋابى ئۇيغۇرچە بولسا، ئۇنداقتا سىزمۇ يېڭى سىستېمىغا تېزلا ماسلىشىپ كېتىسىز. مۇشۇ بىر WordPress نىڭ ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنىشى مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تورداشلار ئاجايىپ، مۆلچەرلىگۈسىز قولايلىقلارنى ياراتتى. نۇرغۇن تورداشلار بىلەن ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىلىمىگە تەسىر كۆرسەتتى. ناۋادا، مىكروسوفتنىڭ Windows نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇرچە مەھسۇلاتلىرى پەيدىنپەي ئېلان قىلىنسا (بۇ يىل 8-ئايدىن باشلاپ ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتىدۇ)، كېلەر يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە 30 نەچچە مەھسۇلات (ياكى ئەپلەر) ئېلان قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئەھمىيىتىنى يەنە 4-5 يىلدىن كېيىن راۋرۇس ھېس قىلالايسىز. 10 يىلدىن كېيىن قەدرىگە تولۇق يېتىسىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى am 07:50
    • يۈزىگە ئامراق،يۈزى تۆكۈلۈشتىن قورقىدىغان،ئاسان نېزىقايدىغان،نېزىقىغىنىنى تەتۈرلۈك بىلەن ئىپادىلەيدىغان ئادەملەر كۆپ…كومپيوتېردىكى نەچچە يىللىق ئادىتىنى ئۆزگەرتىپ يېڭى مەشغۇلات ئۇسۇلىدا تەمتىرەپ، خىجىللىقىنى كۆنەلمىدىم دېگەن سۆز بىلەن يېپىشقا ئۇرۇنغان قېرىندىشىمىزنى ئېشەك دەپ سەتلىسەك،مەسخىرە قىلىپ يامانلىساق ئۇنىڭدىن ئايرىلىمىز.ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ قارشىسىغا ئىتتىرىپ قويىمىز.ئۇ بىزنىڭ ئارىمىزغا قېتىلغىسى بولسىمۇ ئۆز يۈزىنى ئاياپ بىزگە قېتىلمايدۇ ھەم تەتۈرلۈك قىلىپ بىز بىلەن سەتلىشىدۇ.ياخشى تىلىكىمىز تەتۈرىگە يانىدۇ…(كۆپتۈرىۋەتتى دەپ قارىسىڭىز ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىڭ،رەھمەت)
      ئەگەر كۆنەلمەسلىك دېگەن گەپكە بەك پىكرىڭىز بولسا،تەكلىۋىم،مۇنداق دەڭ: ئانا تىلىمىزدىكى سېستىما تۇرسا ھەي،كۆنەلمەيدىغان ئىشمۇ بولامدۇ ۋاي،ئاستا-ئاستا كۆنىمىز باللا! (قانداق دېسىڭىز مەيلى، قارشى تەرەپنى نارازى قىلماڭ).
      كۆپ سۆزلەپ قويدۇم،خاپا بولمايسىلەر.گېپىم شۇكى ئەتراپىمىزدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى قەدىرلەيلى،ئەگەر ئۇلار يوق بولسا يالغۇز قالىمىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 21:58
  • بۇرادەرلەر win8ئىشلتىش جەريانىدا قايسىىڭلار مۇنداق ئەھۋالغا ئۇچراپ باقتىڭلار .تۇيۇقسىز
    unexpected kernel mode trap
    دىگەن سېستىما خاتالىق ئۇچۇرى چىقىدۇ ئاندىن كومپيوتېر قايتا قوزغىلىدۇ.بۈگۈن بىر كۈندە نەچچە قېتىم مۇشۇنداق بولدى .سېستىمىنى قايتا قاچىلىساممۇ ئوخشاش.كومپىيوتېر سەپلىمىسىدىن چاتاق چىققانمىدۇ دەپ ۋىن 7نى قاچىلاپ باققان نورمال ئىشلەۋاتىدۇ.نىمە سەۋەپتۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 17:26