قىزىقارلىق ئۇيغۇر تىلى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

قىزىقارلىق ئۇيغۇر تىلى

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]

«ئۇيغۇر تىلى» مەن ئۈچۈن ئېيتقاندىمۇ ئاجايىپ بىر سېھرىي كۈچكە تولغان تىل، چۈنكى مەن بۇنىڭدىن 10 يىل ئىلگىرى ماتېماتىكا ۋە كومپيۇتېر نەزەرىيەلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز كەسپىم بولغان «ھېسابلاش ماتېماتىكىسى» بويىچە بۇ تىلدىكى ھەرپلەر، بوغۇملار، سۆزلەر، كىشى ئىسىملىرى،…قاتارلىقلارنىڭ تەكرارلىقىنى ھېسابلاپ باققان ئىدىم.

نەچچە كۈن ئىلگىرى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» يۇمشاق دېتالىنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى تاماملاش ئالدىدا، تەكرارلىقى ئەڭ يۇقىرى سۆزلەردىن تۈزۈلگەن ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدىكى 251 مىڭ سۆز ئارىسىدىن يەنە «ئۇيغۇر تىلى»غا مۇناسىۋەتلىك بەزى ھېسابلاشلارنى قىلىپ، تۆۋەندىكىدەك قىزىقارلىق نەتىجىگە يەنە ئېرىشتىم. بۇنى مەن 10 يىل بۇرۇنمۇ بىر قېتىم ھېسابلاپ كۆرگەن، بۇ قېتىمقىسى ئەڭ يېڭى مەلۇماتتىن خۇلاسىلەندى. ئاران 31 ھەرپ تۇرىدۇ، ئالىم مۇئەللىم بىر ھەرپنى چۈشۈرۈپ قويدىمۇ-نېمە؟ بۇ ھەرپ قايسىدۇ؟ سىز تاپالامسىز؟

ئۇيغۇر تىلىدا «ت»، «ق» ھەرپتىن باشلانغان سۆزلەر ئەڭ كۆپ، ئۇنداقتا 3-ئورۇندا تۇرىدىغنى قايسى؟ ئۇنىڭ كەينىدىكىچۇ؟ ئۇنداقتا بۇ جەدۋەلنى كۆرۈپ بېقىڭ.

نېمە ئۈچۈن «ت»، ئاندىن «ق» ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنىنىڭ ئەڭ بالدۇر پەيدا بولغانلىقىنى ھېس قىلالىدىڭىزمۇ؟ ناۋادا سىزگە سۆز ئويۇنى توقۇشقا بۇيرۇلسا، سىز ئەمدى قايسى ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنى توقۇپ باقماقچى، باشقا تىلدا بۇنداق ئالاھىدىلىك ئاز تېپىلىدۇ جۇمۇ، ئىنگلىز تىلىدا مۇشۇنداق ئىش بارمىدۇ؟

مەسىلەن: «ت» ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنى
تۇرسۇن توختى تۇرپاندا تاۋۇز تېرىدى، تومۇزدا تاۋۇز تاتلىق تەمگە تولدى. تۇرسۇن توختى تاۋۇزلار تارىمدىكى تاغىسى توختى تۇرسۇنغا تىراكتوردا توشۇدى.

يەنە مەسىلەن: «ق» ھەرپتىن باشلانغان سۆز ئويۇنى
قىمار قەبىھ قىلمىشتۇر، قىماۋازلارنىڭ قىلمىشى قەتئىي قاملاشمىغاندۇر. قېرىندارشلار! قىماۋازلارنى قاچۇرۋەتمەي قانۇن قامچىسىدا قاتتىق قامچىلايلى.

يۇقىرىدا ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشلار ۋە سان-سىفىرلارنى كۆرۈپ چارچاپمۇ قالغانسىلەر، شۇڭا ئازىراق چاقچاقمۇ قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ، راست دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ئۇيغۇر تىلىدا «ئا» ھەرپتىن باشلانغان سۆزلەر ئىچىدە گۈزەل، يېقىملىق سۆزلەر كۆپ ئىكەن.
مەسىلەن: ئاللاھ، ئاسمان، ئالەم، ئاي، ئادەم، ئاتا، ئاپا، ئانا، ئاچا، ئاكا، ئالىم (چاقچاق)،
سىز يەنە داۋاملىق تاپالىسىڭىز، ئىنكاس يېزىپ داۋاملاشتۇرۇڭ، مەرھەمەت.

ئەمما «ج» ھەرپتىن باشلانغان سۆزلەر ئىچىدە قوپال، يېقىمسىز سۆزلەر كۆپ ئىكەن.
مەسىلەن: جاھانگىر، جىنايەت، جەرىمانە، جاپاكەش، جىنازا، جازا، جەھەننەم،…
بۇنداق سۆزلەرنى سىز يەنە تاپالامسىز؟ ئۇنداقتا ئىنكاس يېزىپ داۋاملاشتۇرۇپ بېقىڭ.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
92 پارچە باھا يېزىلدى
  • مۇشۇ ئىش توغىرىسدا ئىچىم بەك ئاچچىق بولىدۇ، جۇمۇ. شۇنچە توم، كىتاپلارنى ئۇيغۇرچە سۆزلەر بىلەن بىمالال يېزىپ بولغىلى بولىدۇ. 200~300 قىسىملىق چەتئەل كىنولىرىنى يەنە شۇ سۆيۈملۈك ئۇيغۇر تىلىمىز بىلەن تەرجىمە قىلغىپ ئاۋاز بەرگىلى بولىدۇ. لىكىن نەدىكى ساپاسىز كىشلىرمىزنىڭ ئاغزىدىن بولسا بىلسە- بىلمىسە چىقۋاتقان ئارلاش (ھارامدىن بولغان دىۋىتەي دىسەم بولمايدۇ) جۈملىلەرنى ئاڭلىسامزە…
    ھېلىمۇ تىلىمىز، ھەرىپلىرىمىز شۇنچىلىك راۋان ھەم قولايلىق بولۇپ قاپتىكەن. بولمىسا ئاللا قاچان خەقنىڭ تىلىغا كۆچۈپ كىتەركەنمىز بىز. ئابدۇكىرەم ئابلىزنىڭ چۈشەنمىدىم دېگەن ئېتوتىمۇ تازا جايىغا چۈشكەن ئېتوت بوپتۇ… win8نى چۈشەندۈرۈپ قويسام ئۇيغۇرچە چىقسا ئىشلەتكىلى بولماسمىكىن؟ ئۇيغۇرچە بولسا قانداق چۈشەنگىلى بولىدۇ؟ كۆنەلمەيمىز جۇمۈ……. دىگەندەك گەپلەرنى دەپ كىتىشىدۇ……… توۋا… ئۆز تىلىمزنى نېمىشقا چۈشنەلمەيمىز؟ ئۆز تىلىمىزغا نېمىشقا كۆنەلمەيمىز؟ ئاچچىقىمدا تېللاپ كىتەي دىسەم تېخى، يىغلاپ كىتەي دىسەم تېخى… ھەي… ھەتتا پۇلداندىن پۇل ئالغاندىمۇ شۇنداق گەپلەر ئاڭلىدىم….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 15:52
    • سىزمۇ شۇنداق ئىشلارغا ئۇچراپسىز، مېنىڭ ساۋاقداشلىرىمنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىمۇ windows8 ئۇيغۇرچە چىقىدىغانلىقىنى بلىمەيدۇ. ئۇلارغا دېسەممۇ بىز ئۇنداق ئۇيغۇرچە سىستېمىغا كۆنەلمەيمىز( قارىغاندا ئۇلار ئۇيغۇر ئەمەس ئوخشايدۇ دەپ قالىمەن، لېكىن كىملىكىگە قارىسام ئۇيغۇر دەپ تۇرىدۇ). بىز يەنىلا ئوغرى windows8 ئىشلىتىمىز، نېمە قىلىدۇ يا چۈشەنگىلى بولمايدىغان ھەم 200 نەچچە سوم خەجلەپ سېتىۋېلىپ، توردىن 0 سومغا، قىزىل بايراققا بارساق 10 سومغا سېتىۋالىمىز ئۇنى دەپ كېتىشلىرى. قېنى ئۇيغۇرچە تىل بولىقى چىقسۇن، كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتمىسەم… ئۆزىنىڭ تىلىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنى چۈشىنەلمىدىم دېگەنلەر پوقنىڭ ئىسسىقىنى يېسۇن…
      يېقىندىن بويان ئۇنداق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىدىن گۇمانلىنىدىغانلارغا جىق گەپ قىلماس بولدۇم. خەپ تەتىلدىن يېنىپ خاس كومپيۇتېر قوراشتۇرۇپ، windows8نىڭ ھەقىقىي نەشىرىنى قاچىلاپ، ئالدىمغا كومپيۇتېردىن ياردەم سوراپ كەلسە ياردەم قىلمايمەن( ھازىردىن باشلاپقۇ كومپيۇتېرنىڭ تىلىنى ئۇيغۇرچە سۆزلەپ كېلىۋاتىمەن چۈشەندۈرۈشتىن ھەر بىر ئېغىز گەپكىچە). ناۋادا windows8نىڭ ھەقىقىي نەشىرىنى قاچىلايمەن دېگۈچىلەر ۋە ھەقىقىي نەشىرىنى قاچىلىغانلار بولسا قانداق مۇھىم ئىشىم بولىشىدىن قەتئىينەزەر ياردەم قىلىمەن( ساۋاقداشلىق يۈززىسىدىن بولسىمۇ).
      windows8 قاچىلىمىغانلار، windows نىڭ باشقا ئوغرى نەشىرلىرى قاچىلىغانلارغا بولسا، ئاساسىي جەھەتتىن ياردەم قىلىشنى توختاتتىم. ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىن كارىم يوق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 21:43
      • توغرا قىلىپسىز، ئوغرى نەشرىنى قاچىلاپ بەرسىڭىزمۇ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلسىڭىزمۇ ئوغرىلىق قىلىشقا ياردەم بەرگەن بولىسىز.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى am 08:14
  • 1000 يىل بۇرۇن ئەرلەر يېنىدا قولياغلىق ساقلاشتەك مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەتنىڭ تىلى مانا مۇشۇنداق پاساھەتلىك بولىدۇ دە….
    شۇڭا تىلىمىزنى ياخشى ئاسرايلى… ئۇ ھەممىمىزگە ئەڭ ئۇلۇغ ئامانەت

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 22:45
  • قارغاندا ھەممە نەرسە ئىككى تەرەپتىن(ياخشى _يامان) تەشكىل تاپدىغان ئوخشايدۇ ، ج ھەرپىدىمۇ يېقىملىق سۆزلەر نۇرغۇنغۇ ، مەسلەن ، جامائەت ، جەزبىدار ،جەلىپكار ،جۇشقۇن ،جەمشىت، جەسۇر،جان….،جېىنىم، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش،
    قارغاندا بۇ ج ھەرپى ئۇيغۇر تىلىدا كۇپىنچە سۇپەت رۇلىنى ئۈتەمدۇ نىمە؟ شەخسى قاراش جۇمۇ !

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 14:24
  • م ھەرىپىدىمۇ خىلى گۈزەل سۆزلەر باركەن، مەسىلەن:مائاش، مۇكاپات؛مۇتەللىپ،مۇئەللىم،مۇھەممەد،مۆئمىن دىگندەك، بىراقزە،ئالدىنقى ئىككىسى ھەممىدىن چارايلىق ئاڭلىنىدىغۇ دەيمەن.ھى ھى ھى…

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 23:04
  • مەدىنە،مۇكەممەل،مەزمۇت،مەشئەل،مۇھەممەت
    م بىلەن باشلانغان سۆزلەرمۇ يېقىملىق ئىكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 20:02
  • قىزقارلىق ھېس قىلدىم ، ھەرقايسى ھەرىپلەرنىڭ ئىشلىتىلىش قېتىم دېگەن ئۇقۇمنى كاللامغا ئەكىلىپمۇ باقماپتىكەنمەن ، بىلىم ، تەپەككۇر دېگەن باشقا نەرسە – دە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 17:03
  • كىچىك بالىلار ڭە -ڭە … ڭە … دەپ يىغلايدىغۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 16:52
  • ئالىم مۇئەللىم ، سىز سېتىۋالغان surfaceھەققىدىكى يوللانمىلىرىڭىز توختاپ قالدى . مىنىڭچە بۇ مەھسۇلات سىزنى ئانچە رازى قىلالمىغان ئوخشىمامدۇ؟ مەن بۇ مەھسۇلاتتىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتكەن . ناۋادا ئۇنىڭدا ئىشخانا يومشاق دىتاللىرى، فوتوشۇپ ، تور راۋان ئىجرا بولمىسا مەن ئۇنى سېتىۋالمايمەن ، يەنە ئالدى ئارقا كامىرانىڭ ئىنىقلىقى قانچە ئىكەن ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى am 00:28
    • سىز كېلەر يىلى 3-ئايدا ئېلان قىلىنىدىغان يېڭى نۇسخىسىنى ئالسىڭىز ئۇنىڭغا ھازىرقى بارلىق يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەتكىلى بولىدىكەن…
      لېكىن 10-ئايدا ئېلان قىلىنغىنىنى مەن ئالغان. سىغىمى كىچىك… ھەم كۆپ نەرسىلەرنى قاچىلاشمۇ ئەپسىز ئىكەن…
      سىرتقى ئۇلانمىسى يوق دېگەندەكلا….

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 14:15
  • ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىھرى كۈچى ھەقىقەتەن بەكلا زور. مەسىلەن تىلىمىزدە ئەرەب تىلىدىكى ‹ق› تاۋۇشى، روس تىلىدىكى ‹ژ› تاۋۇشى ، فىرانسوس تىلىدىكى ‹غ› تاۋۇشلىرى بار . دىمەك بىر ئۇيغۇر تىلى بىر نەچچە تىلدىكى تاۋۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى دىگەن گەپ. يەنى ئۇيغۇرچە تىلى چىققان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ شۇ تىللارنى ئۆگنىشتە باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا ئازراق بولسىمۇ ئارتۇقچىلىقى بار . لىكىن شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىكى شۇكى بۇ كىچىككىنە ئالاھىدىلىك بولغىنى بىلەن شۇ تىلنى ياخشى ئىگىلەپ كەتكىلى بولىدۇ دىگىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇنىڭدىكى تىرىشىش دىن ئىبارەت مۇھىن بىر ئامىل % 95 دىن ئارتۇق ئىگەلەيدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 22:56
    • ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىھرى كۈچى ھەقىقەتەن بەكلا زور. مەسىلەن تىلىمىزدە ئەرەب تىلىدىكى ‹ق› تاۋۇشى، روس تىلىدىكى ‹ژ› تاۋۇشى ، فىرانسوس تىلىدىكى ‹غ› تاۋۇشلىرى بار .
      ============
      ئالىم مۇئەللىمىنڭ بلوگىنىڭ ئىنكاس يېزىش بۆلىكىگە رەسىم قىستۇرغىلى بولمايدىكەن، شۇڭا ئۈستىدىكى قېرىنداشلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا بلوگىمدا ئازىراق چۈشەنچە ۋە ئىنكاسلارنى بەردىم( ۋاقتىم قىس، سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى جىق يەرلەردە كەتكۈزۈپ قويغاندىمەن، شۇنداقتىمۇ مازاق قىلماي ئوقۇپ باقارسىزلەر).
      http://alpbeg.com/?p=144
      ================
      ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئاۋۇ ئۈستىدىكى سىتاتىستىكىسىدا ‹‹ پ ›› ھەرىپىنى سىتاتىستىكىلىماپتۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى am 11:14
      • پ ھەرپىنىڭ تەكرارلىقى %5.93 دەپ ئىنىق تۇرمامدۇ؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 12:26
        • بۇ ھەرپنىڭ تەكرارلىقى ئەمەس، شۇ ھەرپتىن باشلانغان سۆزلەرنىڭ سانىدۇر، مەسىلەن: پارتا، پاتەم، پايپاق،….دېگەندەك

          يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 18:27
      • مەن بۇ ئىنكاسنى يۇقىردىكى ئالىپبەگ ئەپەندىگە قارىتا يازماقچى . ئەھۋالدىن قارىغاندا مىنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىمنىڭ تازا ياخشى بولمىغانلىقىدىنمىكىن ئازراق خاتا چۈشىنىش كىلىپ چىققان ئوخشايدۇ. قايتا ئوقۇپ باقسام ئۆزۈمگىمۇ شۇنداق تەسىر بەردى. بۇ گەپلەرنى مەن زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى داڭلىق تور بىتىمىزدىكى زىيارىتىدە ئاڭلىغان ، مەن بۇنى ھىس قىلغاندىن كىيىن شۇ خىل ئالاھىدىلىكنىڭ بىزنىڭ ئانا تىلدا بارلىقىنى ھىس قىلىپ ، ھەتتا بۇ خىل كۆپ تەرەپلىك ئالاھىدىلىكىنىڭ ھازقرقى دۇنيادىكى ئاسىسى ئېقىم بولۇۋاتقان ئېنگىلىزتىلىدىمۇ يوقلىقىنى ھىس قىلىپ پەخرلىنىش تۇيغۇسىدا باشقا ئىنكاس كۆرگەنلەرنىڭمۇ بىلىۋىلىشى ئۈچۈن يازغان ئىدىم. توردا يېزىق ئارقىلىق ئىنكاس يازغاندا ئىنتۇناتسىيە ۋە چىراي ئىپادىسىنىمۇ بىللە قوشۇپ يوللىغىلى بولمىغاچقا ئوخشاش بىر ئېغىز سۆز ئوخشىمىغان كىشلەرنىڭ كاللىسىدا ئوخشىمىغان ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىدىكەن. بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ‹ باشقا تىللارنىڭ ھەرىپ تاۋۇشلىرىنى ئېلىپ كىرىۋالدۇق › دىمەكچى ئەمەس. ھەممەيلەن ئانا تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشقىنىمىز ياخشى . بۇ ھەتتا ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئېتوتلىرىدىمۇ ئپادىلىنىپ چىقتى ئەمەسمۇ….. رەخمەت سىزگە.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 21:13
    • شۇنداق، بۇلارنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ئىپادىلەيدىغان ئامىل دەپ قارىساق، ئۇنداقتا ھازىر بىرقىسىم كىشىلەر ئۇنىڭ سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە كۈچ قوشۇپ يېڭى تاۋۇشلارنى كۆپەيتىۋاتىدۇ، شاڭخەيدىكى ش، چاڭجياڭدىكى چ، جېجياڭدىكى ج، بۇندىن كېيىن بۇ ئۈچ تاۋۇش قوشۇلسا سېھرىي كۈچى تېخىمۇ ئاشامدۇ قانداق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى am 11:49
  • مەن مۇشۇ ڭ ھەرىپىدىن باشلانغان ئۇيغۇر سۆزلۈكىنىڭ يوقلۇقىغا خاتىمە بېرەيمىكىن دەپ ئىزدىنىۋاتقىلى ئۇزۇن بولدى. مەن كەشىپ قىلغان ڭ ھەرىپىدىن باشلانغان سۆزلۈكلەر:
    ڭايمەن، ڭوقۇلدى، ڭارىر، ڭېڭغىراق. ھاھا ھا

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 22:50
    • سىز دېگەن بۇ سۆزلەر ھەممىسى سارىس بىلەن يۇقۇملانغان سۆزلەر ئىكەن.
      قارىغاندا بۇ سۆزلەرنى سىزلا ئىشلەتسىڭىز بولىدىغان ئوخشايدۇ. (ياكى تىلىمىزغا سارىس يۇقتۇراي دەمسىز يا؟ )ھى…ھى…

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى am 10:58
    • ئەڭ ياخشىسى بۇنى بازارغا سالماڭ….
      تاسلا قالدىم ئايلىنىپ قالغىلى….
      بۇنى بازارغا سېلىپ، بازار تېپىپ قالسا، بىزنىڭ قۇلاقلىرىمىز پاڭلا بولغۇدەك….

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 14:14
      • بۇ سۆزلەرنى مەن شۇ سىلەرنىڭ ئوغاڭلارنى قاينىتىپ بىر-ئىككى ئېغىز گەپ تاما قىلىپ، (خىجىللىق چىراي ئىپادىسى)….

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 20:30
    • ۋاي ئاللا…….. بۇنى تىل-يېزىق كومىتىتىدىكىلەر ئاڭلاپ بولغىچە دەرھال تەھرىرلىۋېتىڭ! يەنە يىڭى ئىملا قائىدىسى دەپ بىر نىمىلەرنى تېڭىپ يۈرمىسۇن….

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى am 07:48
  • سىز نىڭ بۇبېتىڭىزدە نۇرغۇن پايدىلىق ماتىرياللار بار مەن مەنبەنى ئەسكەركەن ھالدا ئۆز تور بىتىمدا ئىلان قىلسام بۇلارمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 21:34
  • مۇشۇ تىل قانۇنىيىتىنى بىلگەنلىكنىڭ پايدىسىدە،تىل قانۇنىيتىنى بىلمىسە، ھېسابلاش ماتېمااتىكىسىغا ھەرقانچە ئۇستا بولسىمۇ،ھەرپلەرنى بۇنداق تىزالمايدۇ. قانداق توغرا دېدىممۇ-يا ئالىم مۇئەللىم؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 19:33
    • ئاۋۇ چاشقان دېگەن ئىسىمنى قوللانمىسىڭىز قانداق؟
      شۇنداق نۇرغۇن سىموۋۇللىرىمىز بارغۇ… بۇركۈت، شۇڭقار، دېگەندەك….

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 14:13
      • قارىغاندا مېنى بۇ ئىسىمنى مۇنداقلا قويىۋالغان ئوخشايدۇ دەپ قالغان ئوخشايسىز، چاشقان دېگەن بۇ ئىسىم سىز ۋە باشقىلار ئۈچۈن سەت ئاڭلانغىنى بىلەن مەن ئۈچۈن ئالاھىدىرەك ئەھمىيەتكە ئىگە،شۇڭا بىلمەي تۇرپ ماڭا ‹‹دوق›› قىلمىسىڭىز. رەھمەت.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 19:07
  • لۇغەت بىلەن كوررىكتور ۋىندوۋسنىڭ ئەپ بازىرىغا چىقىرىلسا ياخشى بولاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 18:52
  • بۇرۇنمۇ يوق بولغىيمىتى بۇ ڭ دېگەن ھەرىپىمىز…..
    بۇرۇن بولغان بولسا، تىلىمىزدا ئانچە مۇنچە سۆزلۈكلىرى بولۇشى مۈمكىنغۇ دەيمەن..ھە….
    يېقىنقى زامانلاردا سىرتتىن كېلىپ، ئولتۇراقلىشىپ قالغان ھەرىپ ئوخشايدۇ بۇ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 18:09
    • ياق، بۇ ھەرپ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى، قەدىمكى ئۇيغرچە يازما داىكارلىقلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: « قاڭ » دېگەن سۆز «دادا، ئاتا »دېگەن مەنىدە.
      تىلشۇناسلىقتا شۇنداق بىر قائىدە باركى، ھەر قانداق بىر تىلنىڭ ئەسلىدە ئۆزىدە بولىمغان، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى قۇبۇل قىلىنغان ئاملىللار ( مەيلى ئۇ تاۋۇش، سۆز، گىرامماتىكا بولسۇن) ھامان بىر كۈنى قوبۇل قىلىنغان تىلدىن چۈشۈپ قالىدۇ ياكى شۇ تىلغا ماسلاشتۇرۇلۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ.
      شۇڭا « ڭ » تاۋۇشى چەتتىن قوبۇل قىلىنغا تاۋۇش ئەمەس.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى am 10:56
      • ئۈستىدە بىر قىسىم ئىملا خاتالىقلىرى كۆرۈلۈپتۇ. شۇڭا قايتا يوللىدىم. تۈزۈتۈپ ئوقۇغايسىلەر.

        ياق، بۇ ھەرپ مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى، قەدىمكى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلىرىدىمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: « قاڭ » دېگەن سۆز «دادا، ئاتا »دېگەن مەنىدە.
        تىلشۇناسلىقتا شۇنداق بىر قائىدە باركى، ھەر قانداق بىر تىلنىڭ ئەسلىدە ئۆزىدە بولىمغان، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى قۇبۇل قىلىنغان ئاملىللار ( مەيلى ئۇ تاۋۇش، سۆز، گىرامماتىكا بولسۇن) ھامان بىر كۈنى قوبۇل قىلىنغان تىلدىن چۈشۈپ قالىدۇ ياكى شۇ تىلغا ماسلاشتۇرۇلۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ.
        شۇڭا « ڭ » تاۋۇشى چەتتىن قوبۇل قىلىنغا تاۋۇش ئەمەس.

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 12:12
  • قولىڭىزغا دەت كەلمىسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى pm 18:00