Windows 10 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ چىقىدۇ
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]مىكروسوفت شىركىتىنىڭ كومپيۇتېر، تېلېفون ۋە تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق ئۈچ سۇپا بىرلەشتۈرۈلۈپ ياسالغان Windows 10 مەشغۇلات سىستېمىسى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 29-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ. بۇنىڭغا يەنە «كىنو-تېلېۋىزىيە»، «Groove ناخشا-مۇزىكا»، XBox قاتارلىق نۇرغۇن يېڭى ئەپلەرمۇ قوشۇلدى، شۇنداقلا ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىمۇ تەڭ تاماملاندى، تۆۋەندىكىسى ئەڭ يېڭى ئىچكى سىناق نەشرىدىن ئېلىنغان سۈرەت بولۇپ، بەزى خاتالىقلار جىددىي تۈزىتىلىۋاتىدۇ…
(1) ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلاش
(3) باشقا يېڭىدىن قوشۇلغان ئەپلەر
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 9,086 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 07-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 18:35
- ئالدىنقى يازما :The amount do more recent progress in sociological hypothesis need to pay to knowledge of Marx, Weber, and Durkheim?
- كېيىنكى يازما :قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرى 3 كۈن ئارام ئالىدۇ
تېخىمۇ كۆپ
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، ياخشىمۇسىز. ئەزىز تەنلىرىڭىز سالامەت بولغۇسى.
سىزدىن سورايدىغان بىر ئىش بارتى، مەن ئۆزۈم چەتئەلدە،بىردانە يېڭى كوپىيۇتىر سېتىۋالغان ئەسلى سېستىمىسى windows10 كەن، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قوشالىدىم، ئەمما سېستىمىنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى چۈشۈرەلمىدىم. شۇنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئاززاق چۈشەنچە بەرسىڭىز بوپتىكەن.
رەھمەت
ئەمما word2003تە ئۇيغۇرچە نورمال كۈرۈنمەيۋاتىدۇ.مەنمۇ win10 ئىشلەتكەنتىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم.
win10نىڭ باشلاش كونۇپكىسى يىنىدىكى «توردىن ۋە windowsدىن ئىزدەش»(cortanaنى قوزغىتىدىغان لوپا ئەينەك) كونۇپكىسىنى باسقاندا چىققان رامكىدىكى يان تىزىملىكتىكى تەڭشەك، تەكلىپ پىكىر دېگەن تەرجىمىلەرنىڭ ئورنىدا ئالمىشىپ كىتىش بولۇپ قالدىمۇ قانداق؟ كۆرۈپ باققايسىز.
مەن 5 كومپىيوتېرغا win10 سېستىمىسىنى ئوڭۇشلۇق قاچىلىدىم، بۇ ئۇچۇرنى دەل ئاشۇ سېستىمىدا تۇرۇپ يېزىۋاتىمەن، سۇرئىتى ھەم تىز، ماسلىشىشچانلىقى ياخشى ، مۇقىم، ئەگەرسىز wp سېستىمىلىق يانفون بىلەن بىرگە ئىشلەتسىڭىز، بارلىق ماتېرىياللىرىڭىزنى ئۆزئارا كۆرگىلى، ئۆزگەرتكىلى ۋە ئورتاقلاشقىلى بولىدىكەن، ماتېرىيال كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بارماق دېسكا ۋە ئۇلاش سىمى بولمىسىمۇ، تورلا بولسا ئۆزئارا شۇۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئورتاقلاشقىلى بولىدىكەن، بارماق دېسكا ۋە ئۇلاش سىمىنىڭ لازىمى بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىكەن cortana ئاۋازلىق ياردەمچىسى ھەقىقەتەن قالتىسكەن، ئۇيغۇرتىلىنى تىگىدىن قوللايدىكەن ھەم ئۆزىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بار، قاچىلاش ھاجەتسىز، نىمە دىگەن قۇلايلىق ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق سېستىما، قېرىنداشلىرىم خاتىرجەم قاچىلاڭلار، پەقەت قاچىلاش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلساڭلار يۇقۇرىدا ئېتىلغاندەك مەسىلىلەر كۆرۈلمەيدۇ.
We can’t find that page
The URL you’re using might contain a typo, the page might have moved, or it might just be temporarily offline.
Try refreshing the page in a little while (press F5).
بۇ نىمە دىگەن خەتلەر تەرجىمە قىلىپ بەرسەڭلار بولامدۇ؟
wp يان تېلفۇنى ئشلىتىۋاتقىلى ماڭا ئۇزۇن بولدى officeسېستىمىسى كومپىيوتىرنىڭكى بىلەن ئوخشاش ناھايىتى نورمال ساز ئشلەيدۇ