Password يەنى 密码 ئاتالغۇسى ھەققىدە | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

Password يەنى 密码 ئاتالغۇسى ھەققىدە

[ ئاتالغۇلار ]

ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنىۋاتقان تور بېكەت سىستېمىلىرىدىكى مۇنبەر، بىلوگ، مىكرو بىلوگ سۇپىسىغا قارايدىغان بولساق، Password يەنى 密码 نى ھەرخىل ئاتاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. مەسىلەن: پارول، شىفىر، مەخپىي نومۇر، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز ساندا ئىم، پىچىر،…دېگەندەك. مېنىڭ كۆزىتىشىمچە «پارول» ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكەنلەر بىر قەدەر كۆپ ئىكەن. ئۇنداقتا Password دېگەن نېمە؟

Password نىڭ ئېنىقلىمىسى
ئىشلەتكۈچى تەرىپىدىن كىرگۈزۈلگەن، تور، يەرلىك كومپيۇتېر ۋە ئۈسكۈنىلەردە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى دەلىللەيدىغان ھەرپ-بەلگە تىزمىسى

شۇڭا، خەنزۇچىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىنغان «مەخپىي نومۇر» دېگەن سۆز دەل جايىغا چۈشمەيدۇ. ئەمما ئېغىز تىلىدا كىشىلەر كۆپرەك ئىشلىتىدۇ. بەلكىم بانكا كارتىسىنى يىتتۈرۈپ قويۇپ ياكى مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالدىم دەپ بانكىغا تولا قاتىراپ يۈرۈپ، بۇ تەرجىمە ئاتالغۇغا كۆنۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە ئاتالغۇسىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلساق «ئۆتكەل سۆز» دېگەن مەنا چىقىدۇ، «نومۇر» دېگەن مەنىسى ئەزەلدىن يوق.

ئەمدى شىفىر ۋە پارولنىڭ سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ باقايلى:
======================
«شىفىر» (دىققەت ئىملاسى شىفېر ئەمەس) نىڭ ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتىدىكى يەشمىسى
شىفىر
ئىسىم [ر ‹ئە] مەخپىي خەت-ئالاقىلەردە ئىشلىتىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن شەرتلىك بەلگىلەر، ھەرپلەر ياكى سان-رەقەملەر

شىفىر يەنە شىفىرلىق ھېساب، شىفىرلىق تېلېگىرامما، شىفىرلىق فاكس،…دېگەن بىرىككەن سۆزلەردىمۇ ئۇچرايدۇ.
======================
«پارول»نىڭ ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتىدىكى يەشمىسى
ئى [‹فران] ‹ھەرب› ھەربىي خىزمەتتە ياكى يوشۇرۇن تەشكىلاتلاردا ئۆز كىشىلىرىنى تونۇش ئۈچۈن، ئۇچراشقاندا ئېيتىلىدىغان ۋە ئالدىن بەلگىلەپ قويۇلىدىغان شەرتلىك مەخپىي سۆز
======================
يۇقىرىدىكى يەشمىلىرىدىن مەلۇمكى «پارول» ۋە «شىفىر» سۆزى چەت تىللاردىن تىلىمىزغا كىرگەن بولۇپ، مەيلى قايسىنى ئىشلىتەيلى بىزگە نىسبەتەن ياتلىشىش دەرىجىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش، ئەمما يەشمىسىگە تەپسىلىي قارايدىغان بولساق، «پارول» سۆزى ئەسلىي ئاتالغۇغا بىر قەدەر يېقىن كېلىدۇ، يەنى «پارول»نىڭ يەشمىسىدىكى «ئۆز كىشىلىرىنى تونۇش ئۈچۈن، ئالدىن بەلگىلەپ قويۇلىدىغان شەرتلىك مەخپىي سۆز» بولسا «شىفىر»نىڭ يەشمىسىگە قارىغاندا، ئەسلىدىكى ئاتالغۇنىڭ ئىزاھاتىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن. شۇ سەۋەبتىن پارولنى ئىشلىتىدىغانلارمۇ بىر قەدەر كۆپ بولۇشى مۇمكىن.

گەرچە «ئىم»، «پىچىر» سۆزى بىر قەدەر ساپ ئۇيغۇرچە سۆز بولسىمۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدىكەن، بۇنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، كۆپ ۋاقىت كېرەك. ناۋادا، بىر قەدەر ئومۇملاشقان «پارول»، «شىفىر»، «مەخپىي نومۇر» قاتارلىق ئاتالغۇلار ئارىسىدىن بىرسىنى مۇۋاپىق دەپ قارايدىغان ئىش بولسا، مېنىڭچە «پارول»نى بىر قەدەر مۇۋاپىق دەپ قارىدىم.
مەن «پارول» دېگەن بۇ سۆزنى 1991-يىلى «ئالما 2-نومۇر ۋە Basic تىلى» دېگەن ئۇيغۇرچە كىتابتىن كۆرگەن. ماڭا نىسبەتەن 20 يىلدىن ئېشىپتۇ. كۆپچىلىكنىڭ يەنە قانداق ياخشى تەكلىپلىرى باركىن؟

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
45 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • بۇ تىمىغا يىزىلغان ئىنكاسلارنى بىر بىرلەپ كۆرۈپ چىقتىم. مەنچە بولغاندا خەلىق قايسىسىنى بىلسە ، تىز چۈشىنەلىسە شۇنى ئىشلەتسەك بولىدۇ. ئىش ئادەتتە ئىخچام ، ئاسان بولسا ھەممىگە مۇۋاپىق ، ھەممىمىز زىيالى ئەمەس، ھەممىمىز دىھقان ئەمەس. ئاساننى تاللايلى. شەخسى كۆز قارىشىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى am 11:35
  • مالىك تورداشنىڭ دېگىنى ئورۇنلۇق. ئىم دەپ ئىشلەتسەك،خەق ھازىرچە كۆنەلمىگەن بىلەن، ئاستا-ئاستا، تەشۋىق ئارقىلىق كۆنىدۇ. ھازىرقى كىشىلىرىمىزنى ئويلىماي كەلگۈسى ئەۋلادلارنى ئويلايلى مۇئەللىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 21:45
  • ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر-تېخنىكا جەھەتتىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىزچىل تۆھپە قوشۇپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇر سوفىت شىركىتىگە ۋە ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 12-كۈنى am 11:25
باھا بېتى: 1 2 3