Password يەنى 密码 ئاتالغۇسى ھەققىدە | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

Password يەنى 密码 ئاتالغۇسى ھەققىدە

[ ئاتالغۇلار ]

ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنىۋاتقان تور بېكەت سىستېمىلىرىدىكى مۇنبەر، بىلوگ، مىكرو بىلوگ سۇپىسىغا قارايدىغان بولساق، Password يەنى 密码 نى ھەرخىل ئاتاپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. مەسىلەن: پارول، شىفىر، مەخپىي نومۇر، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاز ساندا ئىم، پىچىر،…دېگەندەك. مېنىڭ كۆزىتىشىمچە «پارول» ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكەنلەر بىر قەدەر كۆپ ئىكەن. ئۇنداقتا Password دېگەن نېمە؟

Password نىڭ ئېنىقلىمىسى
ئىشلەتكۈچى تەرىپىدىن كىرگۈزۈلگەن، تور، يەرلىك كومپيۇتېر ۋە ئۈسكۈنىلەردە ئۆزىنىڭ كىملىكىنى دەلىللەيدىغان ھەرپ-بەلگە تىزمىسى

شۇڭا، خەنزۇچىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلىنغان «مەخپىي نومۇر» دېگەن سۆز دەل جايىغا چۈشمەيدۇ. ئەمما ئېغىز تىلىدا كىشىلەر كۆپرەك ئىشلىتىدۇ. بەلكىم بانكا كارتىسىنى يىتتۈرۈپ قويۇپ ياكى مەخپىي نومۇرنى ئۇنتۇپ قالدىم دەپ بانكىغا تولا قاتىراپ يۈرۈپ، بۇ تەرجىمە ئاتالغۇغا كۆنۈپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، ئەسلىدىكى ئىنگلىزچە ئاتالغۇسىدىن بىۋاسىتە تەرجىمە قىلساق «ئۆتكەل سۆز» دېگەن مەنا چىقىدۇ، «نومۇر» دېگەن مەنىسى ئەزەلدىن يوق.

ئەمدى شىفىر ۋە پارولنىڭ سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ باقايلى:
======================
«شىفىر» (دىققەت ئىملاسى شىفېر ئەمەس) نىڭ ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتىدىكى يەشمىسى
شىفىر
ئىسىم [ر ‹ئە] مەخپىي خەت-ئالاقىلەردە ئىشلىتىش ئۈچۈن بەلگىلەنگەن شەرتلىك بەلگىلەر، ھەرپلەر ياكى سان-رەقەملەر

شىفىر يەنە شىفىرلىق ھېساب، شىفىرلىق تېلېگىرامما، شىفىرلىق فاكس،…دېگەن بىرىككەن سۆزلەردىمۇ ئۇچرايدۇ.
======================
«پارول»نىڭ ئۇيغۇر تىلى ئىزاھلىق لۇغىتىدىكى يەشمىسى
ئى [‹فران] ‹ھەرب› ھەربىي خىزمەتتە ياكى يوشۇرۇن تەشكىلاتلاردا ئۆز كىشىلىرىنى تونۇش ئۈچۈن، ئۇچراشقاندا ئېيتىلىدىغان ۋە ئالدىن بەلگىلەپ قويۇلىدىغان شەرتلىك مەخپىي سۆز
======================
يۇقىرىدىكى يەشمىلىرىدىن مەلۇمكى «پارول» ۋە «شىفىر» سۆزى چەت تىللاردىن تىلىمىزغا كىرگەن بولۇپ، مەيلى قايسىنى ئىشلىتەيلى بىزگە نىسبەتەن ياتلىشىش دەرىجىسى پۈتۈنلەي ئوخشاش، ئەمما يەشمىسىگە تەپسىلىي قارايدىغان بولساق، «پارول» سۆزى ئەسلىي ئاتالغۇغا بىر قەدەر يېقىن كېلىدۇ، يەنى «پارول»نىڭ يەشمىسىدىكى «ئۆز كىشىلىرىنى تونۇش ئۈچۈن، ئالدىن بەلگىلەپ قويۇلىدىغان شەرتلىك مەخپىي سۆز» بولسا «شىفىر»نىڭ يەشمىسىگە قارىغاندا، ئەسلىدىكى ئاتالغۇنىڭ ئىزاھاتىغا تېخىمۇ ئۇيغۇن. شۇ سەۋەبتىن پارولنى ئىشلىتىدىغانلارمۇ بىر قەدەر كۆپ بولۇشى مۇمكىن.

گەرچە «ئىم»، «پىچىر» سۆزى بىر قەدەر ساپ ئۇيغۇرچە سۆز بولسىمۇ، كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدىكەن، بۇنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، كۆپ ۋاقىت كېرەك. ناۋادا، بىر قەدەر ئومۇملاشقان «پارول»، «شىفىر»، «مەخپىي نومۇر» قاتارلىق ئاتالغۇلار ئارىسىدىن بىرسىنى مۇۋاپىق دەپ قارايدىغان ئىش بولسا، مېنىڭچە «پارول»نى بىر قەدەر مۇۋاپىق دەپ قارىدىم.
مەن «پارول» دېگەن بۇ سۆزنى 1991-يىلى «ئالما 2-نومۇر ۋە Basic تىلى» دېگەن ئۇيغۇرچە كىتابتىن كۆرگەن. ماڭا نىسبەتەن 20 يىلدىن ئېشىپتۇ. كۆپچىلىكنىڭ يەنە قانداق ياخشى تەكلىپلىرى باركىن؟

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
45 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3
  • مەن بىر ساۋاقداشىمنىڭ ماقالىسىدىن بىر ئۆرنەك ئالاي، ئۇنىڭ قارىشىچە « ئىمئاچقۇ» دېگەن ئاتالغۇنى تەشەببۇس قىلىپتۇ، كۆرۈپ بېقىڭلار.
    …..
    ئىككىنچىسى، قېزىش (يەنى بايقاش) ئارقىلىق قوللىنىشقا بولىدىغان ئاتالغۇلار. بۇ ئۇسۇلدا ئاتالغۇنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە، ھازىرقى يېڭى بەزى ئادەتتىكى سۆزلەرنىمۇ ئاتالغۇ ئورنىدا قوللىنىشقا بولىدۇ ياكى پەن-تېخنىكىدا ئۇچرىغان يېڭى ئۇقۇملارنىڭ نامىنى قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئومۇمەن ساقلىنىپ قالغان ھەرقايسى دىئالېكت-شېۋىلەردىن ياكى قەدىمكى يازما ئەسەرلەردىن ئىزدەپ، شۇ ئۇقۇمنىڭ تەڭدىشىنى تېپىپ چىقىشتۇر. مەسىلەن، تۈركىي تىللار دىۋانىدا، «ئىم» دېگەن بىر سۆز خاتىرىلەنگەن ھەم «پارول» مەنىسىدە ئىزاھلانغان. بۇ سۆزدىن پايدىلىنىپ «ئاچ» پېئىلى ۋە ئىسىم ياسىغۇچى قوشۇمچە «-قۇ» نى قوشۇپ ئاتالغۇ ياسىساق، «ئىمئاچقۇ» بولىدۇ. بۇ ھازىر بىز قوللىنىۋاتقان «شېفىر يەشكۈچى ‹解码器›» ئاتالغۇسىنى كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مۇشۇنداق سۆزلەرنى قوللىنىشقا تامامەن بولىدۇ.

    ………
    http://www.shewqiy.com/forum.php?mod=viewthread&tid=266

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 18:27
  • مەنمۇ پارۇلنى قوللايمەن !!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 13:04
  • مېنىڭچە پارولنىڭ سىرسۆز دەپ ېلىپ باقساق قانداقكىن ؟
    سىر يەنى مەخپى مەنىسىدە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى am 11:23
    • بىراق پارولىمىز يالغۇز سۆزلا بولۇپ قالماستىن بەزىدە يالغۇزلا بىر قانچە سان، يەنە بەزىدە سان بىلەن ھەرپنىڭ بىرىكمىسى، ھەتتا بەزىدە جۈملە بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا «سۆز» دەپلا بېكىتىۋەتسەك، مېنىڭچە تازا توغرا بولمايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 17:58
  • مەنمۇ پارول دەپلا ئىشلىتىپ كەپتىمەن ، ھەم ھازىر كۆپ قىسىم تور بېكەتلەردە پارول دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ . پارول بولۇشىنى قوللايمەن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى am 10:28
  • دەۋرنىڭ تەرەققىياتىدىن قارىغاندا نۇرغۇن ئىسىملار ئۆزىمىزنىڭ تىلىدا بولۇشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.
    «پارول» دىگەن سۆزنى كۆرۈپ بىرىنىڭ مەندىن «توردىكى پارولىڭىز نىمە؟» دىگەن سوئالى يادىمغا كېلىپ قالدى، بۇنى سورىغىنى تارىخ كەسپىدە ئوقۇغان بىر ياراملىق ئىزدىنىشچان ياش ئوقۇتقۇچى ئىدى، شۇ چاغدا ئۇنىڭ مەندىن توردىكى ئەزالىق نامىمنى سوراۋاتقىنىنى بايقاپ توردا قوللىنىدىغان نامىمنىلا دەپ بەردىم، ئۇمۇ چۈشەندى، ئەپسۇس بۇ جايدا «پارول»نىڭ مەنىسى توردىكى ئەزالىق نامى بولۇپ چىقتى، خاتا دەي دىسەم دىمىسىمۇ توردىكى ئەزالىق نامىمىز ئۆز نامىمىز بولماستىن مەخپىيلەشتۈرۈلگەن تەخەللۇسسىمان بىر ئىسىمكەن (ئالىم مۇئەللىمنىڭ توردىكى نامىدىن باشقىسىنى دىمەكچى…يەنە بولىشى مۇمكىن، لىكىن بۇنداق قوللىنىدىغانلار ساناقلىقلا). شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆزنى ئىشلىتىشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى جەزىملەشتۈردۈم ۋە نۇرقۇت ئەتىرىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇرىۋاتقان Discuz مۇنبىرى پروگراممىلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغاندا بۇ سۆزنى ئۆزگەرتىش تەكلىۋىنى بەردىم، دەل شۇ كۈنلەردە ئۇستاز ئابدۇقادىر جالالىدىن شە شەلەردە نوتۇق سۆزلەپ نوتۇق ئارىسىدا مۇشۇ «ئىم» (ئىما ئىشارەتتىكى ئىم، مەخپىلىكنى بىلدۈرىدۇ دىيىلگەن) دىگەن سۆز توغرىسىدا توختالغان، ھەم بۇ سۆز زور كۆپچىلىك بېكەت باشلىقلىرىغا يېقىشلىق تۇيۇلغاچقا ئەسلىدىكى «پارول»نىڭ ئورنىغا «ئىم (پارول)» دەپ ئىشلىتىپ تەدىرىجى ھالدا كىيىنكى تىرناق ئىچىدىكى «پارول»نى تاشلىۋەتمەكچى بولغان ئىدۇق.
    بۇ پروگراممىلاردا 账户 ھېسابات، 密码 ئىم (پارول) دەپ ئېلىنغاچقا يەنە قاملاشمىغاندەك تۇيۇلۇپ كروران مۇنبىرىدە ئەزا نامى ، مەخپى نومۇر شەكلىدە قوللىنىپ تۇردۇق، گەرچە مەخپى نومۇر دىگەن سۆز تازا جايىغا چۈشمىگەندەك تەسىرات بەرسىمۇ بىراق ئەزالار ئاساسەن گاڭگىراپ قالمايدىكەن، يەنە كېلىپ بانكىغا بارسىمۇ توختىماستىن بىر نەچچە قېتىم «مەخپى نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈڭ…(يېزا ئامانەت قەرز كوپراتىۋىدا مەخپى شىفىرىڭىزنى كىرگۈزۈڭ دەيدىكەن)» دەۋەرگەچكە بۇ گەپ غەيرى تۇيۇلمايدىكەن.
    ئۆتكەندە ئالىم مۇئەللىمنىڭ بىر يوللانمىسىدا (بىلىكتىكىغۇ دەيمەن) بەزىلەر نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنقى سۆزنى كۆتۈرۈپ چىققان دىگەن سۆزلەرنى ئۇچىراتقان، مېنىڭچە ئۆزىمىزنىڭ تىلىدىكى سۆز بولسا كونا بولسىمۇ يېڭى دەۋردىكى ماس ئورۇنغا ئىشلىتىشكە ماس كەلسىلا چوقۇم ئىشلىتىشىمىز كېرەك، ماس كەلمىسە، مەنىسى يىراقلاپ كەتكەن بولسا ئاندىن يېڭى ئاتالغۇنى ئويلاششاقمۇ كېچىكمەيمىز (شەخسى قاراش).
    نۇرغۇنلار ھازىرمۇ «پارول» سۆزىنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن بولسىمۇ مەنىسىنى بىلمەيدۇ، ئۇنى يەنە مۇنداق مۇنداق نەرسە دەپ چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى am 02:32
    • ================
      نۇرغۇنلار ھازىرمۇ «پارول» سۆزىنى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن بولسىمۇ مەنىسىنى بىلمەيدۇ، ئۇنى يەنە مۇنداق مۇنداق نەرسە دەپ چۈشەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
      ===================
      ئىم دېگەن سۆز تېخىمۇ بەك شۇنداق، ناۋادا، 1000 يىل بۇرۇنقى، 500 يىل بۇرۇنقى نەرسىلەرنى تەرجىمە قىلىش توغرا كەلسە، چوقۇم شۇ دەۋردىكى سۆزلەر بىلەن تەرجىمە قىلىش كېرەك، مەسىلەن: تۈرمىگە سولاش ئەمەس زىندانغا سولاش دېگەندەك،

      لېكىن، يېقىنقى زاماننىڭ نەرسىلىرىنى چوقۇم مۇشۇ زاماندا ياشاۋاتقان كىشىلەر راۋان چۈشىنىدىغان تىلدا تەرجىمە قىلىش كېرەك. يۇمشاق دېتال تەرجىمىسىمۇ تېخىمۇ شۇنداق. بۇ پۈتۈكنى ئاچالمىدى ئەمەس، بۇ ھۆججەتنى ئاچالمىدى دەپ ئېلىنسا ياخشىى بولىدۇ، تۇرمۇشىمىزدا قانداق ئېلىنغان بولسا شۇنداق ئېلىش كېرەك، ھەرگىزمۇ file بىلەن document نى پەرقلەندۈرىمەن دېمەسلىك كېرەك.

      تۈركىي تىللار دىۋانىمۇ ھەرگىزمۇ ئۆزىدىن 2000 يىل بۇرۇنقى «قەدىمىكى ئۇيغۇر» تىلىدا يېزىلمىغان، شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېزىلغان.

      Videoنى سىن دەپ تەرجىمە قىلىمىز دەپتۇ، لېكىن ھېچكىم Skype دا سۈرەتلىك پاراڭلاشقاندا، سىن ئۇچۇق چىقمىدى ئەمەس، سۈرەت ئۇچۇق چىقمىدى دەيدۇ، شۇڭا، يۇمشاق دېتال تەرجىمىسىدە قەدىمكى زامان تىلى بىلەن ئەمەس ھازىرقى زامان تىلىدا، مۇمكىن بولسا تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتىدىغان تىلدا تەرجىمە قىلىنسا ئەڭ ياخشى بولىدۇ،

      «ئىم»، «پۈتۈك»،…دېگەن سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈش تېخىمۇ قىيىن

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى pm 19:17
  • يۇقارقىلار بىزنىڭ تارىختىن بۇيان نەچچە قېتىملىق يېزىق ئۆزگەرتىشىمىزدىن قالغان ئىزلار خالاس. ‹ئىم›نى پۇشايماننى، ئەپسۇسلىنىشنى بىلدۈرۈدۇ دەپلا پۇشايماننى بىلسە ئەر ئۆلمەس دىسەك مەھمۇد قەشقىرىنىڭ روھى قورۇنۇپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ. لوغەت مەنىسى بويىچە بولغاندا ‹ئىم› دەپ ئاتالسا مۇۋاپىق بولىدىكەن. بىراق لوغەت مەنىسى بويىچە بولسا پارول (验证码) دىيىلسە مۇۋاپىق بولۇدىكەن. بىراق بۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئاتاش توغرىسىدا بىرەر بەلگىلىمە يوق، بار بولسىمۇ ئىجرا قىلىنمايدۇ. خىلاپلىق قىلغۇچىلار جازالانمايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 20:27
  • مەخپىي نومۇر دېگەن سۆز قارىماققىلا خەنچىدىكى 密码 دېگەندىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس. شىفىر دېگەن سۆزنى بىلىدىغانلار كۆپ. بىراق بۇنى شىفىر دېسە چۈشىنىدىغانلاردىن مەخپىي شىفىر دېسە چۈشىنىدىغانلار كۆپرەك بولۇشى مۇمكىن. شىفىر دېگەن ئەسلىدىلا مەخپىي نەرسە بولغاچقا بۇنىڭغا يەنە مەخپىينى قوشۇش بىھاجەت. مېنىڭ قارىشىمچە بولسا، پارول دېگەن ئاتالغۇ بىر قەدەر ياخشى بولىدىغاندەك. مەنمۇ ئىزچىل مۇشۇنداق ئاتاپ ئادەتلىنىپتىمەن. پارول بولۇشىنى قوللايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 18:47
  • مەنمۇ ئادەتتە «پارول»دېگەن ئاتالغۇ كۆپ كۆرگەن ، لېكىن بىرقانچە يىلدىن بۇيان «ئىم»دېگەن ئاتالغۇ ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. مەنمۇ دەسلەپتە «ئىم»نى كۆرۈپ تازا چۈشنەلمىگەن ئىدىم . كېيىن مەخپى نومۇر ئىكەنلىكىنى بىلدىم.
    يەنلا «پارول»ئاتالغۇسىنى قوللىنىشىنى قوللايمەن .
    ھازىر ئاتالغۇ بىرلىككە كەلمىگەنلكىتىن ھەركىم ئۆزىگە يېقىملىق ئاڭلانغىنىنى ئىشلىتۋاتىدۇ.
    ئەگەر ئۆز تىل-يېزىقىمىزدىكى مەشخۇلات سېستىمىسى بولغان بولسا ، ئاتالغۇمۇ بىرلىككە كەلگەن بولاتتى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 12:34
  • ئىم ھەربىي قوشۇنلاردا باش قوماندان تەرىپىدىن بەلگىلەپ بېرىلگەن مەخپى بەلگە. مۇنداق بەلگىلەر قۇش ۋە قوراللارنىڭ ئېتى ياكى باشقا سۆزلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئىككى تۈركۈم ئەسكەر ئۇچراشقاندا، بىر-بىرىنى تونۇشقا ۋە ئۇقۇشماي ئۇرۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا خىزمەت قىلىدۇ. كېچىسى ئىككى كىشى ئۇچراشقاندا، بىرى يەنە بىرىدىن ئىم سورايدۇ، سورالغان كىشى ئىمنى بىلسە ئۆز كىشىسى ھېسابلىنىدۇ؛ بىلمىسە ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ. ماقالىدا مۇنداق كەلگەن: im bilse er olmesئىم بىلسە ئەر ئۆلمەس.
    شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981-يىلى ئۈرۈمچىدە نەشر قىلغان
    تۈركىي تىللار دىۋانى 1- توم 54- بەت

    ئىم ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە ئۇنىۋېرسال
    〔叹〕哎呀(表示后悔, 同情, 婉惜)

    〔军, 古〕口令;暗号

    〔方〕暗语

    ئىم ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
    ئىم . پۇشايماننى ، ئەپسۇسنى بىلدۈرىدۇ : ئەنۋەر تېز يامىشىپ ئەڭ ئېگىزدىكى ئۇۋا بار شاخقا چىققاندا سۆگەتنىڭ تۈۋىدە قاراپ تۇرۇشقان بالىلار «ئىم» دېيىشتى .

    مېنىڭچە بولغاندا Password نى ئىم دەپ ئالساق مۇۋاپىق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى am 10:38
    • ئىزاھلىق لۇغەتتە ئۇنى ئىملىق سۆز دەپتۇ، «پۇشايماننى ، ئەپسۇسنى بىلدۈرىدۇ» دەپتۇ، بۇ Password قا ماس كەلمىگۈدەك ياكى ئاۋۇ لۇغەتنى تۈزۈپ قايتا نەشىر قىلىش كېرەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 14:25
  • مەن بۇرۇن مىما دەيتىم ،كىيىن توردا پارول دەپ ئالغىننىنى كۆرۈپ ،چۈشەنمىسەممۇ ئۇيغۇرچە سۆز بولسا كىرەك دەپ پارول دەپ كەلگەنتىم ،ھازىر ئىم دېگەن سۆزنى ياقتۇرۇپ قالدىم، بۇنىڭ سەۋەبى ئىم دېگەن سۆز بىر بوغۇملۇق سۆزھەم ئىما دېگەن سۆزگە يېقىن ئاڭلىنىدىكەن، چۈشۈنىشكە ئاسانكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:37
    • لېكىن، مەن 20 يىل بۇرۇنلا «پارول» دېگەننى ئاڭلاپ كەلگەن، مەن بۇنىڭغا كۆنۈپ قاپتىمەن. ئىلگىرى قېلىپلاشقان بولسا، مەن ئۇنى ئۆزگەرتىشنى ئانچە قوللىمايمەن، چۈنكى كۆپىنچە ئەھۋالدا پۈتۈنلەي يېڭىدىن بىر ئاتالغۇ ياساش، ئەسلىدىكى بار بولغان ئاتالغۇنى ئومۇملاشتۇرۇشتىنمۇ نەچچە ھەسسە قېيىن بولىدۇ. يېڭى ئاتالغۇ ياسىسىڭىز، ئۇنى كۆپ ئادەمگە بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك، ئەمما ئەسلىدىكى ئاتالغۇ 20 يىلدىن بۇيان كىتاب-ژۇرناللاردا، لۇغەتلەردە ئىشلىتىپ كېلىنگەن بولغاچقا، يېڭى ئاتالغۇ بۇنداق جەريانلارنى باشتىن كەچۈرۈشى كېرەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 23:17
  • «شىفىر»نىڭ چۈشەندۈرۈلىشىدىن قارىغاندا، ئىنگلىزچىدىكى encryption بىلەن ئوخشاشراق مەنىنى ئىپادىلەيدىغاندەك قىلىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى am 07:54
  • شۇڭالاشقا مۇشۇ تور ۋە يۇمشاق دېتال ساھەسىدە خىزمەت قىلۋاتقان كىشلەر قانداق ئۇرۇنداق قايسى سۆزنى ئىشلىتىشنى ئوبداق ئويلىشىپ بولسا بىزنىڭ ئاتا بۇۋىلىرىىمىز قانداق قوللانغان دىگەنگە قاراپ ئاندىن يېڭى سۆز ياساپ ئىشلەتسە توغرا بۇلىدۇ .كەلگۈسدە قالايمىقانچىلىقى تۈزۈلۈش ئۇياقتا تۇرسۇن كېيىنىكى ئەۋلاتلارغا يەنە بىرمۇنچە تۈگمەس باش ئاغرىقى تېپىپ بىرىپ تىلنىڭ قالايمىقانچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقردىغان گەپ.
    بولسا مۇشۇ تور ساھەسىدە ۋە يۇمشاق دېتال ساھەسىدە كۆپ قوللىندىغان سۆزلەرنى بىر توپلام قىلىپ تېكىست ۋە ئىلكىتاپ شەكلىدە تارقىتىش ئارقىلىق بۇنداق قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك ئىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 22:04
    • ئەمەلىيەتتە بۇنداق كىتاب بىزدە ئاللىبۇرۇن نەشردىن چىقىپ تارقىتىلغان، مەسىلەن: «كومپيۇتېر ئىنگلىز تىلى»، «كومپيۇتېر ئېكران ئۇچۇرلىرى»، ….دېگەندەك، لېكىن كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەم ئاز بولغاچقا، ياكى ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرگەچكە بۇنداق قالايمىقانچلىق چىقىپ تۇرىدىكەن. شۇڭا، باشقىلاردىن ئۇنى قىلسۇن ياكى بۇنى قىلسۇن ياكى مۇنداق بولۇشى كېرەك دېگەن ئارزۇ-ئۈمىد، بۇيرۇق ياكى پەندى-نەسىھەتنىڭ ئورنىغا، ئەڭ ياخشىسى ئۆزىمىزدىن باشلاپ دىققەت قىلساق، بۇ ئىش ئۆزلىگىدىن بارا-بارا ھەل بولىدۇ،

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى am 00:05
  • پارول دەپ ئالساق بولارمىكىن، دېگەندەك ھازىر نۇرغۇن تور بېكەتلەر شۇ بويىچە ئېلىۋاتىدۇ.
    يەنە بىر گەپ بۇ يازمىنىڭ بېشى « ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىنىۋاتقان….» دەپ باشلىنىپتۇ، ئەسلىي بولغاندا « ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىۋاتقان….» دەپ باشلانسا بولامتى، قانداق؟ …..

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 21:15
  • مەنچە بولغاندا شىفىر دىگەن سۆز بىرقەدەر يېقىملىق، پارول دىسە ئادەمنىڭ قۇلىقىغا بىر خىل قاتتىق ئاڭلىنىدىكەن. ھەم پارول دىگەن سۆزنىڭ ئەڭ بېشىدىكى ھەرىپ ئېنگىلىزچىدىكى مۇشۇ سۆزنىڭ باش ھەرىپى بىلەن ئوخشاش. يەنىلا باشقىلانىڭكىگە يېقىن بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن شىفىر دىگەن سۆزنى تاللىساق بولامىكىن دەيمەن. شىفىرمۇ چەتئەلدىن كىرگەن سۆز بولسىمۇ بىرخىل يۇمشاق،يېقىشلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاچامدىن مۇشۇ توغۇرلۇق سورىسام(قىزلار ئانچە بەك كومپىيۇتېر بىلمەيدۇ ئەمەسمۇ) پارول دىگەن نىمە گەپ دەيدۇ، شىفىرنى بىلەمسەن دىسەم بىلىمەن دەيدۇ. شۇنىڭغا قاراپ مۇشۇ ئىسىم بولامدىكىن دەيمەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەقىقەتەن ئۆزگىچە ئىسىم. بۇ پەقەن مىنىڭ كۆز قارىشىم.تامام.
    يەنە بىر تەكلىپ مۇشۇ ساھەدە ھەل بولۇپ بولغان سۆزلەرنى رەتلەپ ئۇيغۇر سوفىتنىڭ بېتىگە ھەم چوڭ-چوڭ بېكەتلەر ۋە ھۆكۈمەت تور بەتلىرىگە ئېلان قىلىپ قويساڭلار مۇشۇنداق بولسا ئومۇملاشتۇرۇش توردا بولسىمۇ ھەل قلىنغاچ تۇراتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 15:47
    • ھەم پارول دىگەن سۆزنىڭ ئەڭ بېشىدىكى ھەرىپ ئېنگىلىزچىدىكى مۇشۇ سۆزنىڭ باش ھەرىپى بىلەن ئوخشاش. يەنىلا باشقىلانىڭكىگە يېقىن بولۇپ قالىدۇ.
      —————————————————–
      بۇ پەقەتلا ئاساسسىز سۆز بولۇپ قاپتۇ، بۇنداق سۆز دېگەن كۇرمىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 23:44
      • شۇنى دەيمەن، ناۋادا ئىنگلىز تىلى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولغان جاڭگال، كابېنت،…دېگەندەك 2000 دىن ئارتۇق سۆزلەرنى قانداق چۈشەندۈرىمىز ئۇنداقتا؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى am 00:07
  • مەنغۇ «پارول»نى كۆپ ئادەم چۈشىنەلمەمدىكىن دەپ ئادەتتە، «شىفىر»نى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان. مەخپى نومۇر دېگەن كىلەڭسىز سۆز ئىزچىل ئوغامنى قاينىتاتتى، لېكىن ئومومنىڭ ئىشىنى قىلغاندا مۇشۇنى ئىشلىتىمىز دەپ تۇرىۋالىدىكەن.
    بىر ئاتالغۇنى ئوموملاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، نۇرغۇن ئادەدملەر ئىشلىتىدىغان بىر يول ئارقىلىق، شۇ ئاتالغۇنى كىشىلەر بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچىراشتۇرۇپ دەپ قارايمەن، بۇرۇن بۇنىڭ ئۈنۈملۈك يولى مائارىپ ئىدى، دەرسلىكنىڭ ئۇيغۇرچە چىقماسلىقى بۇ يولدىن دەل ئۈمىدىمىزنى ئۈزۈپ قويدى.
    نۆۋەتتە تور ئارقىلىق ئوموملاشتۇرۇش ئۈنۈملۈك يول بولسا كېرەك، بىر ئاتالغۇنى بېكىتكەندىن كېيىن بارلىق تور بېكەتتە شۇ بويىچە ئىشلىتىلسە ئاسان ئوموملىشاتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى am 09:30
    • شۇنداق، ھازىر بىرەر يۇمشاق دېتالنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور، ئۇ ئاتالغۇلارنىڭ قېلىپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاتالغۇدىكى قالايمىقانچىلىق ئازىلايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى am 10:25
باھا بېتى: 1 2 3