«تەرجىمانلار ياردەمچى قورالى» بارلىققا كەلمەكچى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

«تەرجىمانلار ياردەمچى قورالى» بارلىققا كەلمەكچى

[ IT خەۋەرلىرى ]

 

بۇ پۈتۈنلەي ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىش يۇمشاق دېتالى بولماستىن، كومپيۇتېر ياردىمىدە ئادەملىك تەرجىمە قىلىش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، ئالدى بىلەن تەرجىمە قىلىنماقچى بولغان خالىغان تىلدىكى تېكىستلەرنى ئابزاس ۋە جۈملىلەرگە پارچىلايدۇ، ئىلگىرى تەرجىمانلار تەرىپىدىن تەرجىمە قىلغان جۈملە ئامبىرىدىن تېپىلغانلىرى ئاپتوماتىك تەرجىمە قىلىنىدۇ. تېپىلمىغانلىرىغا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان تەرجىمە جۈملىلەر تەۋسىيە قىلىنىدۇ. جۈملە تەركىبىدىكى مۇھىم ئاتالغۇلار، يەر-جاي ناملىرى، كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئۆلچەملىك تەرجىمىسى ئاپتوماتىك تەۋسىيە قىلىنىدۇ. تېپىلمىغان سۆز-ئىبارىلەرنىڭ تەرجىمىسى لۇغەتتىن تەۋسىيە قىلىنىپ تۇرىدۇ.

biaoti

(ئىزاھات: بۇ رەسىم پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن بېرىلدى)

بۇ دېتالغا يەنە لۇغەت، ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش ئىقتىدارى بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن بولۇپ، خەۋەر- ماقالە تەرجىمە قىلىدىغان ۋە يۇمشاق دېتال يەرلىكلەشتۈرىدىغانلار بۇ قورال ئارقىلىق نۇرغۇن زېھنىنى، ئىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرەلەيدۇ. ئىلگىرى ئۆزلىرى تەرجىمە قىلغان ئامبارغا ساقلاپ قويغان جۈملىلىرىدىن ئاپتوماتىك پايدىلىنالايدۇ.
بۇ قورال پۈتۈنلەي ھەقسىز بولۇپ، 1 ئاي ئىچىدە تارقىتىشنى پىلانلاۋاتىمىز. ئەمما ئالدى بىلەن ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسىغا ئەزا بولغانلارغا تارقىتىلىپ ئۇلاردىن تەكلىپ-پىكىرى قوبۇل قىلىنىدۇ.

تۆۋەندىكى ئىككىلىك كودنى سايىلەپ، «ئۇيغۇرسوفت ئۈندىدار سۇپىسى»نى قوشۇۋېلىڭ، بولمىسا بۇ تەرجىمە قورالىنى چۈشۈرەلمەيسىز.

ulogo

 

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
60 پارچە باھا يېزىلدى
  • بەك ياخشى

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى am 09:51
  • سالام ئالىم ئەھەت مۇئەللىم،
    جۈملە ئامبىرىنى تۈرگە ئايرىيدىغان قىلىپ لاھىيەلەنسە بولامدىكى دەپ ئويلاپ قالدىم، چۈنكى بەزى جۈملىلەرنى ئەدەبىي ئەسەرلەردە تەرجىمە قىلغان بىلەن كومپيۇتېر ساھەسىدە تەرجىمە قىلغاندا ئازراق پەرىقلىنىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەردە ھېسسىياتنى تولۇق ئىپادىلەشكە تىرىشىمىز ئەمما پىروگراممىلاردە ھېسسىيات قوشۇشنىڭ ئورنى يوق. شۇڭا تەرجىمە قىلدۇرغاندا ئەدەبىي ئەسەر، تەبىي پەن، پروەرامما بۇيرۇقلىرى دېگەندەك تاللاش تۈرلىرى بولسا، شۇنىڭغا ماس ئامباردىن ئىزدەپ تەرجىمە قىلىنسا. بەلكىم ئويلۇشۇپ بولغانسىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى am 11:36
  • ئالدىنقى قېتىمقى ئىنكاسىمنى قايتۇرغىنىڭىزنى كۆرمەي بۇ يەرگە قايتا يېزىپتىمەن ،كەچۈرۈڭ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 16:49
  • ناھايىتى ياخشى ،ئىشلىرىڭىز روناق تاپسۇن …
    سوراپ باقسام سىزنىڭ ئىملا لۇغىتىڭىزدىكى سۆزلۈك ئامباردا تەنتەربىيە پۇتبولغا ئائىت قانچىلىك سۆزلۈك بار ،مەن ‹مادرىد،بارسېلونا›دېگەندەك كۇلۇبلارنى كىرگۈزسەم تونىدى ،لېكىن باشقا كۇلۇبلار ۋە چولپانلارنىڭ ئىسىملىرى يوق ،شۇڭا مۇشۇ جەھەتتىن قانداق قېلىپلاشتۇرۇشنى ئويلاۋاتىسىز؟ ئەگەر قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك، شۇنداقلار سۆزلۈككە قوشۇش كېرەك دەپ قارىسىڭىز ،پۇتبول ۋە ۋاسكېتبول مۇنبىرى ئارقىلىق شۇ يەردىكى تورداشلارنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرساق دېگەن ئۈمىددە مەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 16:44
  • ئالىم ئەھەت مۇئەللىم goole translate (گوگۇل تەرجىمان)غا ئۇيغۇرچىنى قوشۇشنى ئويلاپ باقمىدىڭىزمۇ ؟ ئۆزبېكلەرمۇ قوشۇپ بوپتۇ ،
    ئامال پەقەت بولماسمۇ ؟ نېمىشقا بولمايدۇ ؟ ياكى قىلىدىغان ئادەم يوقمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 19:26
  • ياخشىمۇسىز بۇبەكلا ياخشى ئىش بوپتۇ ، مەن ئۇندىدارنى قوشۇۋالغىنى 1 يىلچە بولدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى am 11:37
  • مەن ئۆتكەن يىلى بىر مەزگىل omegat شۇنداقلا دۆلىتمىز ئىچىدە ياسالغان يۇنىكودنى قوللايدىغان بىر قانچە تەرجىمە ياردەمچىسى خېلىلا ھەپىلەشكەن ئازراق بولسىمۇ تەسىراتىم ۋە تەجرىبەم بار، شۇڭا مېنى ئۇنتۇپ قالمىسىلا مۇئەللىم…

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 22:46
  • مەن مۇشۇنداق بىر قورالنىڭ بولىشىنى بكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم. چوقۇم قوللايمىز، مانا مەن ۋاقىت چىقىرىپ بۇرۇن تەرجىمە قىلغان ماتېرىياللارنى يوللاپ مەزكۇر قورالنىڭ جۈملە ئامبىرىنى بېيىتىشقا كىچىككىنە ھەسسەمنى قوشۇشقا تىرىشىمەن. ئىشىنىمەن بۇنداق ئويلايدىغان قېرىنداشلىرىمىز ئاز ئەمەس.
    ئالىم مۇئەللىم مۇۋاپىق كۆرسە ھازىردىن باشلاپ قورالنىڭ ئىقتىدارلىرى ھەققىدە پىكىر ئالغاچ تۇرسا قانداق بولاركىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى am 06:39
  • Omegat دېتالىدەك تەرجىمە ياردەمچىسى ئوخشىمامدۇ، دېتالنى تېزراق كۆرۈشكە تەقەززا بولۇپ كېتىۋاتىمەن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 20:40
  • ما قېرىنداشلىنى ئىككى ئېغىز سۆز قىلسام ھەممىڭلار ئەيىپلىگىلى تۇرۇپسىلەغۇ مىنى ئۇ سېستىمىنى يە مەن ئىشلىمىسەم راس يالغانلىقىنى بىلمىگەندىكىن ئالىم مۇئەللىم بىلگەن بولسا دەپ ئۇندىداردا كۆرگەنلىرىمنى دەپ باقتىم ، يا ئۇ ئۈندىداردىكى تېمىنى مەن يازمىسام كۆرگىنىمنى دىدىم شۇ ،ھەممىڭلار بەك ھاياجانلىپ كەتكەن چاغدا ئىنكاس يىزىپ قالدىممۇ نىمە؟ھەجەپ قوپال سۆزلەرنى قىلىپ كىتىسىلەر…

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 14:15
  • ئالىم مۇئەللىم ، مۇبارەك بولسۇن ! ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ خەيرىلىك بولغاي … تورداشلار يوقىلاڭ شىرىن خىياللارنى ئاز قىلىپ ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئەمىلىي نەتىجىگە باھا بەرسەك توغرا بولارمىكىن .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى am 10:42
  • ياخشى ئىش بوپتۇ…!
    مەن ئۇيغۇر تىلنىڭ يازمىنى ئانالىز قىلىشقا قىزىقىپ قالغان ئېدىم. لىكىن بۇ مەزموندىكى نۇرغۇن سۇئاللارغا توردا جاۋاپ تاپالمىدىم. ھەمدە ئۈزەمنىڭ بۇندىن كىيىنكى كەسپى ھايات يولۇمنى پىلانلاشتا ئىككىلىنىپ قالدىم(مەن ھازىر JAVAEE پىروگراممىرى)، شۇڭا سىزدىن مەسلىھەت سوراي دىگەن…ئالاقىلىشىش ئېلخەت ئادىرسىڭىزنى ياكى كو كو نۇمۇرىڭىزنى دەپ بەرسىڭىز….رەخمەت(u2r2otkit@126.com)

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:08
  • بىر گەپنى ئوتتۇز قېتىم دېيىشتىن زېرىكمەيدىغان، سەۋىرچان سايە -شويلىلار باركەنغۇ .خۇدايىم توۋا شۇنچە ئالدىراش بىر ئادەم ھېلىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ نەچچە قېتىم جاۋاب بېرىپتۇ ،يەنە شۇنداق چاپلىشۋالغان بارمۇ؟؟ مەن تۇلۇقسىز ئككىنجى يىللىقتىكى سەۋىيەم بىلەن جاۋابىنى بېرىپ باقاي ئۆزەمچە….بەلكىم بىر زامانلاردا ئاۋاز تۇنۇيدىغان (قىسقا ئۇچۇر دېسە قىسقا ئۇچۇر يېزىش كۆزنىكىنى چىقىرىپ بېرىدىغان ناخشا دېسە ناخشا قۇيۇپ بېردىغان دېمەكچى) تېلفۇنلارنى ئشلىتىپ باققان بولغان بۇلىشىڭىز مۇمكىن ،خەنزۇچە قىسقا ئۇچۇر دېگەن گەپنى ئاغزىمىزنى تېلفۇنغا توغۇرلاپ شۇنچە ئۆلچەملىك دېسىمۇ قىسقا ئۇچۇرنى چىقارماي ياكى كىنو قۇيۇپ بېرىدىغان.ياكى ھېچنىمە تاپالمايدىغان ۋاقىتلىرى تولا گەپتى،بىر تېلفۇنغا قانچىلىك سۆزلۈك ئامبار ،ئاۋاز ھۆججىتى كەتمەكچىتى؟(شۇ ۋاقىتلاردىكى تاغتۇرا تېلفۇنلارنى كۆزدە تۇتۇپ) شۇنچىلىك ئازغىنە بولغان ئامباردىن بىز دېگەن سۆزلەرنى توغرا ئزدەپ بېرەلمىگەن يەردە ،بىر مىللەتنىڭ تىلىنى شۇنداق ئاۋازلىق تەرجىمە قىلىش ئاسان گەپمۇ؟شۇنداق قىلغان تەغدىردىمۇ يەرلىك شىۋىسى كۈچلۈكرەك بىرەسىنى سۆزلىتىپ بېقىڭە قېنى!!! ‹بالا› دېگەن خەتنى تەرجىمە قىلساق بۇنى زادى ئوغۇل قىزدىكى بالا دەپ تەرجىمە قىلامدۇ ياكى،بالا-قازادىكى بالا دەپ تەرجىمە قىلامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى am 06:01
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟ مەن ئەسلى گەپ قىلمايدىگەن ئەمما شۇنداق گەپ قىلىپ بىر غەيۋەت قىلغۇم كەلدى ، 13تىلنى تەرجىمە قىلىش دىتالى ياسىغان ئابدۇراخمان تۇرغۇن بۇ بالىنى مەن تۇنۇيمەن،ئاڭلار سىزنى مەن ھەم ئوبدان بىلمەن م،يۇمشاق دىتالنى تۈزۈشنى بىلدىغان ئادەم سىزدەك كەمتەر بۇلا ئەمما ئىشىپ كىتىپسىز ،سەل ئۈزىڭىزنى بېسۋىلىڭ باشقا ئادەمنىڭ كۈزىنى بۇياپ ئۈزۈڭىزنى تاڭلىق شەخىس قىلماقچى بولسىڭىز خاتا لىشىىپ قاپسىز ، بىزدەك يۇمشاق دىتال تۈزدىغانلانىڭ ئالدىدا سىز بىر بۇياقچى ، دەل سىزدەك بۇياقچىلار بىزدەك يۇمشاق دىتالچىلارنىڭ يۇلۇنى تۇسۇپ قۇيۋاتسىز .دوسلار ئۇبالنىڭ ياسىغان دىتالى تەييار ئاۋاز سۆزلىكنى قۇيۇپ بەرگەن تېخنىكا ،ھازىر 8ئايلىق بولغان بالىمۇ تىلفۇن ياكى كومپىيۇتىردا شۇبالا قىلغان ئالاھىدە تېخنىكنى قىلالايدۇ ، بىز ئۇيغۇرلاردا قارۇغۇلاچە ئىشنىش ، قىلماڭلار دىگەننى قىلىش بەك يۇقۇرى پەللىگە چىقتى ، ئانداق قارۇغۇلارچە ئىشىەنمەيلى . ما ئالىم مۇئەللىمنىڭ بىلوگى غەيۋەت سورنى بۇلۇپ قالمىسۇن . كەچۈرسىلەر .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى am 00:03
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ۋە تورداشلار بۇ ۋاقتىمىز خەيرلىك بولسۇن
    بۇ ئىشىڭلار مىنى بەكلا سۈيۈندۈردى. سىلەرگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېتىمەن رەھمەت .
    مەن نەچچە كۈن ئاۋۋال بىرەيلەندىن 50 يىلغىچە يوقىلىدىغان تىللارنىڭ بىرسى ئۇيغۇرتىلى ئىكەن، دىگەن سۆزىنى ئاڭلاپ چاقماق سۇقۇۋەتكەندەك بوپ قالغان ئىدىم. مەن بۇلارغا ئىشەنمەيمەن . بۇ مۇمكىن ئەمەس شۇنداققۇ؟
    ئەمدى سۆزۈم مۇنۇ خەنزۇچە ئىككى سۆزنى مۇنداق تەرجىمە قىلساق بۇلارمۇ.
    退出 نى چىقىپ كىتىش مەنىسىدىكى «چىكىتىش» كە 取消 نى «چىكىنىش»كە تەرجىمە قىلساق بۇلارمۇ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 19:40
    • ئۇنداق گەپلەرنى پەرەز دەپ بىلسىڭىزلا بولىدۇ. نەتىجىسى پەقەت شۇنداق بولىدۇ ياكى شۇنداق بولمايدۇ. شۇنداق بولمايدۇ قىلىش ئۈچۈن سىز بىز ئىشلەتسەكلا شۇنداق بولمايدۇ.
      مېنىڭچە قېلىپلىشىپ بولغانلارغا تەگمىسەك، لېكىن ئۆزىڭىز كۆڭلىڭىزدە شۇنداق چۈشىنىپ تۇرسىڭىزمۇ زېيىنى يوق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى am 08:33