Windows 8.1 رەسمىي ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

Windows 8.1 رەسمىي ئېلان قىلىندى

[ IT خەۋەرلىرى ]

بۈگۈن ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 5:00 دە Windows 8.1 رەسمىي ئېلان قىلىندى

Windows 8.1 گە يېڭى ئىقتىدارلار قوشۇلغان بولۇپ، باشلاش كۇنۇپكىسى قايتىپ كەلدى، يەنە Skype ۋە SkyDrive قوشۇلۇپ، سىستېمىغا زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن. Windows 8 نى سېتىۋالغانلار Windows 8.1 گە ھەقسىز يېڭىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ، يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئادەتتىكى نەشىرى 988 يۈەن، كەسپىي نەشىرى 1988 يۈەن. ھازىر Windows 8 نىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ئومۇملىشىش نىسبىتى %8.02.

يېڭىلاش ئۈچۈن بۇ يەرگە يۆتكىلىڭ ياكى Windows دۇكىنىدىن يېڭىلاپ ئىشلىتىڭ.
http://windows.microsoft.com/zh-CN/windows/home

Windows 8.1 دىكى يارقىن نۇقتىلار
ئەڭ يېڭى ئىقتىدارلىرى
1. ئېلېكتىرونلۇق سۈرەت رامكىسى
2. تېز رەسىم تارتىش\سىنغا ئېلىش
3. خاسلاشقان باشلاش ئېكرانى
4. قوللىنىشچان ئەپلەر تىزىملىكى
5. Windows دۇكىنى ۋە ئەپلەر
6. كۈچەيتىلگەن Bing ئىزدىگۈچ
7. پۈتۈنلەي يېڭى Internet Explorer 11
8. Windows 8.1 نىڭ ئىچكى ئەپلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرى كېڭەيتىلگەن
9. SkyDrive
10. تېخىمۇ ئاددىي كومپيۇتېر تەڭشەكلىرى
11. ئۈسكۈنىلەر ئارا قەمداش ئۇلىنىش
12. بۆلۈنمە ئېكران كۆرۈنۈش
13. كۈچەيتىلگەن مائوس ۋە كۇنۇپكا تاختىسى ئىقتىدارى
14. ئوخشىمايدىغان «باشلاش» تىزىملىكى

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
247 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 12
  • ئەجەپ ياخشى مەنمۇ ۋىندوس8 مەشخۇلات سېتىمىسىنى بۇ يېڭى مەشخۇلات سېستىمىسىغا يېڭلايدىغان بولدۇم.ھازىر ئەپ دوكىنىدىن چۈشىۋاتىدۇ.قېنى بىر ئىشلىتىپ باقاي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 20:42
  • iso بولىقىنى چۈشۈرۈشنىڭ ئامالى يوقمىدۇ؟ تورسۈرئىتى بەك ئاستا، دۇكاندىن يېڭىلىسام تولا ئۈزۈلۈپ تورمۇزلىنى قېلىۋاتىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 20:27
  • ئالىم مۇئەللىم مەن 2سائەت بولدى چۈشۈرۋاتقىلى ئاران 2پىرسەنت چۈشۈپتۇ، بۇنى ئەپ دۇكىنىدىن چۈشۈرمەي ئورگان تور بىكىتىدىن چۈشۈرۈپ ،قاچىلساق(چۈشۈرۈش دىتالى ئارقىلىق)مۇ ھەقسىز يىڭلنىۋىرەمدۇ،مىنىڭ ھەقىقى نۇسخسى ئىدى؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:58
  • يەنە رىۋايەتلەردىكى ئىچكى يادىرو قىسمىنى ئوڭشايدىغان يامىقىنىمۇ ئىلان قىپتۇ. ياماپ بولغاندىن كىيىن سىرىتقى كورۇنىشىدە ئۆزگۇرۇش بولغاننى كورگىلى بولمايدىكەن.
    http://img.ithome.com/newsuploadfiles/2013/10/20131017_193527_296.jpg

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:50
  • رەھمەت ئالىم مۇئەللىم. مۇشۇ ئىشلارنى دەپ جىق جاپالارنى چەكتىڭىز. كېچىكىپ بولسىمۇ قۇربان ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن.
    قۇرۇق رەھمەتتىن باشقا MS قا ئوخشاش ھېيتلىق ئەۋەتەلمىدىم، ئەسلى شەپكىدىن بىرنى ئەۋەتەي دېگەن(سەت كۈلگەن چىراي ئىپادىسى).

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:46
  • http://a.ikafan.com/attachment/forum/201310/17/195800rrpmt9ttxatzntpa.jpg
    كونا ئاچقۇچ بىلەن ئىشلىتىمىز.ئەگەر يىڭىلاش ئۇچۇرى چىقمىسا مانىڭدەك ئەھۋال.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:43
  • ئالىمكا ما بىلوگنىڭ يانفۇن نۇسخىسنى ئىشلەپ قويسىڭىز بەك ياخشى بۇلاتتى ،مەنچە يانفۇندا تورغا چىقىدىغانلارمۇ كۆپ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:37
  • مەن ئەپ دۇككاندىن يىڭلاي دىسەم باشقۇرغۇچى ھالىتىدە كىرىڭ دەپ ، ئۇنمايۋاتىدۇ ، قانداق قىلىمەن ، ئالمىشىپمۇ كىرىپ باقتىم بولمىسا

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:36
  • يوققۇ مىنىڭكىدە چىقمىدى يىڭىلايدىغان يىر، تور بەتنى ئاچساممۇ دۇكانغا يۆتكىلىپلا يەنە يوقاپ كەتتى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:12
  • مەنمۇ شۇنى سورماقچى ئىدىم ئۇيغۇرچە تىل بولقى مۇ بارمۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:10
  • مەن تاپالمىدىم . ياردەم قىلساڭلار ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:57
    • مۇئەللىم قاچلىدىم . لىكىن تىل بۇلىقى قاچان چىقار ۋاختىنىمۇ بولسا بىلىۋالساق . بىر قىېتىممۇ بولسا ئۇچۇرقىلسىڭىز ؟ بىلىمەن ھەممە سۇئالغا جاۋاپ يېزىپ بۇلالمايسىز بىراق جاۋاپ قايتۇر شىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن .

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 19:55
  • بۇنى كونا ئاچقۇچ بىلەن ئىشلىتىمىز مۇ ياكى يېڭى ئاچقۇچ بىرەمدۇ. ھازىر چۈشۈرۋاتىمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:40
  • مەن سائەت 7:00دە يىڭلىندۇ دەپ ئولتۇرۇپتىمەن تىخى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:10
  • مەن بايا windows ئەپ دۇكىنىنى ئاچسام ئەپ دۇكىنىدا windows8.1 گە ھەقسىز ئېرىشىش دەپ يېڭى تۈر قۇشۇلۇپتۇ ، ھە راسىت ئالىم مۇئەللىم ، 8.1 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى بۈگۈن ئېلان قىلىندىمۇ ؟؟ ھازىرلا يېڭىلىساق ئۇيغۇرچە قىلىپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ ؟؟ ئەپ دۇكىنىدىكى ئەسكەرتىشتە بارلىق تىل بولاقلىرى يېڭىدىن قاچلىنىدۇ دەپتۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 18:02
    • بۇنىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تېخى ئېلان قىلىنمىدى. ھازىرچە ئۇيغۇرچىغا تەڭشەپ ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 21:22
  • 403 – Forbidden: Access is denied.

    You do not have permission to view this directory or page using the credentials that you supplied
    ماۋۇ خاتالىق كۇرۇلدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 17:52
باھا بېتى: 1 2 3 12