دوكتۇر دىلشات ھېۋىزۇللا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلىدى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  بىلوگ بىلدۈرگۈسى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

دوكتۇر دىلشات ھېۋىزۇللا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا لېكسىيە سۆزلىدى

[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى، تاغدىن-باغدىن ]

دوكتور دىلشات ھېۋىزۇللا ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلامنىڭ تەكلىپى بىلەن 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 23-كۈنى (چارشەنبە) چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى پەن-تەتقىقات بىناسىدا كومپيۇتېر كەسپىدىكى ماگىستېر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلارغا كومپيۇتېر ساھەسىدە قىزغىن تېما بولۇۋاتقان بۇلۇت تېخنىكىسى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى ۋە قاتناشقۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا قىزغىن جاۋاب بەردى. لېكسىيە تېمىسى «بۇلۇت، توپلاشتۇرۇش، مېدىيا تارقىتىش» ھەققىدە بولۇپ، دوكتور دىلشات ھېۋزۇللا ئۆزىنىڭ ئەنگلىيەدە قىلىۋاتقان بۇلۇت تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى تەتقىقاتىنى تونۇشتۇردى.

ئالدىنقى ئايدا دوكتۇر دىلشات ھېۋزۇللا تۇغقان يوللاش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە بىر ئايلىق دەم ئېلىشقا كەلگەن بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقتىدىكى ئۇستازى ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىمنىمۇ يوقلىدى. 1993-يىلى ماگىستېر ئاسپىرانت دىلشات ھېۋزۇللانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىمنىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى «ئۇيغۇرچە بىرلىككە كەلگەن مەشغۇلات سىستېمىسى-UDOS»، «ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە كۆپ خىل يېزىقنى ئارىلاش تەھرىرلىگۈچ-DWZ Editor»، «ئۇيغۇرچە ئاۋاز پەرقلەندۈرۈش»، «ئۇيغۇرچە تاۋۇش بىرىكتۈرۈش»، «ئۇيغۇرچە چاقىرغۇ» قاتارلىق تەتقىقاتلارنى تاماملىغان بولۇپ، ئەينى يىللىرى MS-DOS مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى ياراتقان ئىدى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى «دۆلەت ئىچى سىرتىدا يېڭىلىق ياراتقان ۋە خەلقئارادا ئالدىنقى سەۋىيە» دېگەن شەرەپلەرگە ئېرىشىپ، دۆلەت پەن-تېخنىكىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتى بىلەن مۇكاپاتلانغان ئىدى.

1995-يىلى دىلشات ھېۋىزۇللا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ماگىستېرلىق ئوقۇشنى تاماملاپ، ئەنگلىيە شەرقىي لوندۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇشىغا ئىمتىھانىسىز قوبۇل قىلىنغان ھەمدە ئوقۇش پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىپ، تولۇق ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2000-يىلى دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ، كومپيۇتېر ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئېرىشكەن. ئوقۇش تاماملىغاندىن كېيىن شەرقىي لوندۇن ئۇنىۋېرسىتېتى، تەبىئەت پەنلىرى تارىخى موزىيى، قىزىل ھەرە مېدىيا شىركىتى،….قاتارلىق ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغان. كېيىن يەنە پەيدىنپەي يۇقىرى تېخنىكىلىق شىركەتلەردە خىزمەت قىلىپ، كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېخنىكىلار بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقان، پۇختا ئىگەللىگەن ۋە ئەمەلىيەت جەريانىدا قوللىنىپ، نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا ئاساسلىق پىروگراممېر، يۇمشاق دېتال ئىنژىنېرى، يۇمشاق دېتال ئارخىتېكتورى (قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلغۇچى)،…قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلگەن. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى لوندوندا ئۆزىنىڭ يۇمشاق دېتال شىركىتىنى قۇرۇپ، ھەرقايسى چوڭ شىركەتلەرنىڭ مۇھىم تۈرلىرىنى ئېلىپ ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى چەتئەلدە ئۆگەنگەن بىلىملىرى ۋە تەجرىبىسىنى ئۆزىنىڭ ۋەتىنى، يۇرتىغا كېڭەيتىش بولۇپ، ئۆزىنىڭ بۇ نىشانى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشىپ خىزمەت قىلماقتا.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
66 پارچە باھا يېزىلدى
  • Windows 8نىڭ ئۆلچەملىك نۇسخىسىنى( 标准版)نىڭ چۈشۇرۇشنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئادىرسىنى بىلدىغانلار بولسا دەپ بەرگەن بولساڭلار،،،، . بۈگۈن ئىككىنى سىتىۋالغان ،،،ئۇلار پەقەت نۇمۇر بىلەنلا تەمىنلەيدىكەن،،،

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 15:26
  • ھاۋالىلىك مال توشۇش سىستېمىسىنى قىلىپ بولدۇق، …..
    بۇ دىگىنىڭىز..چوڭ يۈك بېسىش ماشىنىلىرىغا يۈك باسقاندا، مالنىڭ ئېغرلىقى بىلەن كۇپىنى كىرگۈزسەك،شۇنىڭ بىلەن مال ئسىمنى ياكى نومۇرىنى كىرگۈزسەك….30توننىلۇق ماشىنغا ماۋۇ ،ماۋۇ مالىنى باسساق ،ئېغرلىقى ئېشىپ كەتمەيدۇ،ماۋۇ مالدىن مانچلىك باسساق ئگىزلىكى ئېشىپ كەتمەيدۇ….دىگەندەكلەرنى سىتاستىكا قىلىپ بىرەلەمدۇ؟(چۈنكى بەزىدە ئېگىزلىكى ئېشىپ كتىدۇ،ئەمما ئېغىرلقى كام،بەزىدە دەل ئەكسى شۇنىڭ بىلەن كىرادىن زىيان چىققان) ھەرئايلىق توشۇلغان يۈكلەرنىىڭ باھاسى ،بۇزۇلغىنى ،ھەمدە شۇ يەرگە كىرىگەن يۈك توشۇش ماشىنا نومىرىغا ئاساسەن .ماللارنى ئايرىپ چىققىلى بولامدۇ؟يىللىق، ئايلىق ،ھەپتىلىك كۈندىلىك كىرا پۇلىنى ھېسابلاش ،مال تىزىملىكىنى تىزىدىن بېسىپ چىرىش ،ۋە شۇ سانلىق مەلۇماتلارنى خالىغان چاغدا كۆرۈش دىگەندەك ئىشلارنى قىلغىلى بولامدۇ؟…مەن نەق شۇنداق ئىشقا سىزنى ئىزدەپ باراي دەپ تۇرسام…بۇ گەپ چىقىپ قالدى….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 13:59
    • 30توننىلۇق ماشىنغا ماۋۇ ،ماۋۇ مالىنى باسساق ،ئېغرلىقى ئېشىپ كەتمەيدۇ،ماۋۇ مالدىن مانچلىك باسساق ئگىزلىكى ئېشىپ كەتمەيدۇ….دىگەندەكلەرنى سىتاستىكا قىلىپ بىرەلەمدۇ؟
      =========
      ھازىرچە بۇ ئىقتىدارى يوق، لېكىن بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بەك ئاسان، چۈنكى بىزنىڭ سىستېمىدا مال تىزىملىغاندا ئېغىرلىق ۋە ھەجىمنى كىرگۈزۈشكە بولىدۇ، مالنى مەلۇم بىر ماشىنىغا ھاۋالە قىلغاندا، ماشىنىنىڭ يۈك كۆتۈرۈشچانلىقى بويىچە بۇنى ئاپتوماتىك ھېسابلاپ چىقىشقا بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى pm 14:52
      • شۇنداق بىر ئىقتىدار چۇقۇم قېتىلىش كېرەك ،چۈنكى كىرا قىلغان مالىنىڭ پايدىسى نەق ئاشۇ يەردىن چىىقىدۇ…بۇ ھەرقانداق ھاۋالە يۈك توشۇش ئورنىغا پايدا ئېلىپ كىلىدۇ…30 توننا يۈك باسىدىغان ماشىنغا …مانچە كوپ ۋە مانچە توننا مال بېسىلسا كوپتىن ۋە ئېغرلىقتىن زىيان تارتىدىغان ئىش چىقمايدۇ…..مالىنىك كوبى ۋە ئېغىرلىقغا ئاساسەن …ماۋۇ ينىك كۇبى چوڭ مالدىن مانچە كاروبكا،ئۆزى ئېغىر كۇبى كىچىك مالدىن ماۋۇلارنى ماشىنغاباسساق .ماشىنغا مالىنىڭ كوبىمۇ توشسا،ئېغىرلىقىمۇ توشسا كىرا يامان ئەمەس قالدۇ..مانا بۇ جانىجان مەنپەئەتكە تاقشىدىغان يىرى…مالىنىڭ بۇ ئايدىكى ئەمەلىي ئەھۋالىغان ئاساسەن يىنىك كۇبى چو مالدىن قانچىلىك ،ئېغىر كۇبى كىچىك مالدىن قانچلىك باسساق ماۋۇ 30توننا ماشىنا نەق ئۆلچەملىك يۈك بېسىلىدۇ؟..مانا مۇشۇنىڭغا جاۋاپ لازىم ….شۇ پۈتىسلا بۇ سىتىما كارامەت سىتىما بولۇپ كىتىدۇ..بولسا رەسملىك قىلىپ ئشلىگىلى بولسا ..مالىنى تاللىساق .ماشىنىڭ كۇزىپىغا يۈك بېسىلغان رەسىم كورۇنۇپ تۇرسا ،ئېغىرلىك، كوپلار ،تاللىغان مال تۈرى بويىچە ئۆزگۈرۈپ تۇرسا نىمدىگەن ياخشى بولاتتى…

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 12:57
        • مالنىڭ ئېگىزلىكى، كەڭلىكىنى كىرگۈزۈپ بەرسىڭىز، ماشىنىڭ ئېگىزلىكى، كەڭلىكى بولسا، ئاپتوماتىك تىزىدىغان قىلغىلى بولىدۇ، ئاندىن يەنە ئاپتوماتىك تارازىنى كومپيۇتېرغا ئۇلاپ قويساق، مالنىڭ ئېغىرلىقىنى خاتاسىز كىرگۈزۈپ بېرەلەيدۇ. ئاپتۇماتىك تىزىش دەپ ئاۋۋال چوڭ نەرسىلەر، قاتتىق نەرسىلەرنى ئالدىغا پەسكە دېگەندەك. كېلەر ھەپتە خۇدايىم بۇيرىسا مۇشۇ سىستېمىنى تونۇشتۇرۇش پىلانىم بار.

          يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى pm 21:05
  • ساۋاقداشلاردىن پولات ھېۋىزۇللا بىلەن راھىلە داۋۇتنىڭ توي قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ھېۋىزۇللاكام ئائىلىسىنىڭ نەقەدەر بەخىتلىك ئىكەنلىكىدىن زوقلىناتتۇق. كېيىن يەنە ئويلىمىغان يەردىن دىلشات ھېۋىزۇللا بىلەن سىز يېتىشىپ چىقتىڭىز.
    سىلەرنىڭ جەمىيىتىمىزگە قوشقان تۆھپەڭلەر ھەقىقەتەنمۇ كۆپ بولدى. بۇ تۆھپەڭلەر ئۈچۈن جانابى ئاللا ئەجرىڭلەرنى بەرگەي، يامان كۆز، شۇم نىيەتلەردىن ھەر ۋاقىت ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 23:17
  • قىرىنداشلار كاتتا خوش خەۋەر Windows 8
    (标准版)نى Microsoft نىڭ جوڭگوغا تەسىس قىلغان تور دۇككىنىدىن ،بۈگۈن كەچ شىنجاڭ ۋاقتى 10دىن باشلاپ ئەتە كەچ يەنى 11-چىسلا كەچ 10 غىچە 300يۈۋەن گە چۈشۈرۇپتۇ ،،،،،چاققان سىتىۋىلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن http://microsoftstore.tmall.com/

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 23:16
  • بۇلۇت تېخنىكىسى ھەقىقەتەن بوپ قويىدۇ،كىيىنكى تەرەققىياتى بوشلۇقى بەك كەڭرى،8يىل بۇرۇن تۇنجى قېتىم نوكىئا يانفون ئىشلەتكەندە تېلفون دەپتىرىنى بۇلۇت بوشلىقىغا ساقلايدىغان ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان،شۇمۇ بۇلۇت تېخنىكىسىغۇ دەيمەن،شۇندىن بېرى تېلفون دەپتىرىمدىن ئەنسىرىمەيدىغان بولغان.يىل بېشىدا wpسېستىمىلىق يانفونغا كۆچكەندىن كىيىن skydriveدىن بەكلا ئوبدان پايدىلىنىۋاتىمەن.يانفونۇم،ئىشخانىدىكى،ئۆيدىكى كومپىيۇتىر ئارا ھۆججەتلەرنى بۇلۇتقا ساقلاپ ئەپلىك ئىشلىتىۋاتىمەن،يانفونۇمدا ئىككى كومپىيۇتىرىمدىكى ھۆججەتلەتنى زىيارەت قىلالايمەن،ئىشقىلىپ قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق،پەقەت ئويلاپ تاپالمايدىغانلا ئىش باركەن.يېڭىلىقلارغا يېتىشىپ بولالمايدىغان بولدۇق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 22:53
  • بۇلۇتلار ئاراسىىدىن ئاي چىقىپ كۈلگەندەكلا ئىش بولۇپ تۇ ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 20:00
  • دوسلار مەن بۇ تىما بىلەن مۇناسىۋەتسىز بىر گەپ قىلاي. ئويلايمەنكى ئالىمكامنىڭ بۇ بىتىگە دائىم كىرىدىغانلار ھەممىڭلار كومپىيوتىر ھەۋەسكارلىرىغۇ دەيمەن .شۇڭا بىز بىرەر توپ تۇرۇپ ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ئورتاقلىشىپ ھەل قىلساق دەيمەن .ئەگەر مۇشۇنداق چچ توپى بولسا نۇمۇرىنى قالدۇرساڭلار،مەنمۇ قىتىلىۋالسام، بولمىسا بىر نى قۇرساق

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 17:57
    • بۇنى ناھايىتى قوللايمەن ..شۇنداق قىلغان بولساق ، ئالىمكامنىڭ ناۋادا ۋاقتى چىقىپ قالسا شەخسەن ئۆزى بەزى مەسىلىلەرگە جاۋاپ بەرگەن بولسا ، ۋە ئالىمكامنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قېتىلسا بۇ توپقا ، ئالىمكام ئالدىراشچىلىقتا قاتنىشاممىسىمۇ ، ئوقۇغۇچىلىرى ۋە باشقا ئۇستازلار بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ، مۇشۇ يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئازراق بىلىم بەرگەن بولسا …. ئالىمكا ئويلۇشۇپ باقسىڭىز !

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى am 03:31
  • ئالىم مۇئەللىم كەمتەر، قوينىڭ قوزىسىدەك يۇۋاش تۇرسا… بىزلەرنى تاشلىۋېتىپ،ئۆزى يالغۇز بۇلۇتقا چىقىۋالماس جۇمۇ…
    ئەڭ ياخشىسى بۇلۇتقا چىقىش تەرتىپى ۋە باشقىلار ھەققىدە بىزلەرگە ئىلىم بىلىمدىن خەۋەر بەرگىنى تۈزۈك….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى am 08:35
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىمكا ، ناھايىتى ياخشى بىر تىمىنى يوللاپسىز رەھمەت ، لىكىن مەن بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سوئال سورىماقچىتىم سىزدىن ، ئايرىم ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى بولمىغاچقا مۇشۇ يەردە سوراشقا مەجبۇر بولۇپ قالدىم ، كەچۈرۈڭ ، مەن توربەت تىلى ئۆگىنىپ خېلى ياخشى بولغان سەۋىيەگە يەتكەنتىم ، ئەمدىلىكتە پروگرامما تىلى ئۆگىنىشنى باشلاي دىگەن ، لىكىن زادى قايسى تىلنى ئۆگىنىشىمنى پەقەتلا بىلمىدىم ، c تىلى دىسەك ، ئۇنىڭدىن نەچچە خىلى باركەن ، ++c#,c … دىگەندەك ، ئاندىن java نى ئىلغار ۋە ئەڭ تەس دەپ بىلدىم .. بۇنداق ئۇششاق سوئال بىلەن سىزنى ئاۋارە قىلمىسام بولاتتى ، لىكىن ئۆگىنەي دەپ ئېرادە قىلىپ سىزدىن سورىدىم ، خاپا بولماي بىر جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز ، زادى قايسى تىل بىرقەدەر كەڭ ئومۇملاشقان ، ئىستىقبالى بار ، ئىھتىياج كۆپ ، ئۆگىنىش بەك تەس ئەمەس ، ئىشلىنىش دائىرىسى كەڭ ، ئىلغار …java دىن باشقا يەنە قايسى تىلنىڭ بۇنداق ئالاھىدىلىكى بار ؟ جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن ..رەھمەت سىزگە ئاۋارە قىلدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى am 00:17
    • تىل دېگەن نەرسىنى ئېھتىياجغا قاراپ ئۆگىنىسىز، ئۇلارنىڭ ئىشلىتىش ئورنى ئوخشىمايدۇ. ئەگەر ++C نى بىلسىڭىز، باشقا تىللارنى ئۆگىنىش تەسكە توختىمايدۇ، مەسىلەن: #c ۋە Java،… بۇلار ھەممىسى شۇ ++C دىن كېلىپ چىققان
      مېنىڭچە كومپيۇتېردا پىروگرامما تۈزۈشنى ئۆگىنىش، بولۇپمۇ يېڭىدىن باشلايدىغانلار ئۈچۈن مىكروسوفتنىڭ VB.NET بىرقەدەر مۇۋاپىق بولامدىكەن دەپ قارايمەن. ئاندىن بىر ھەپتىگە قالماي #C غا كىرىشەلەيسىز،

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى am 09:20
      • ھە ، مۇنداقكەندە ، ئۇنداقتا ئالىمكا يەنە سوراي سەت بولدى ، مۇشۇ تىللارنى ئۆگىنىشنىڭ رەت تەرتىۋى بارمۇ ، مەسىلەن يېڭى باشلىغاندا vb.net دەپسىز ، ئاندىن #c دىدىڭىز ، مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان مەلۇم بىر باغلىنىش بارمۇ ، ئۆزىڭىزنىڭ تەجرىبىسىگە ئاساسەن بىر تەرتىپ تۇرغۇزۇپ بەرگەن بولسىڭىز ئالىمكا ، مۇشۇ سىز بەلگىلەپ بەرگەن تەرتىپ بويىچە ئۆگەنسەم قارا قويۇق ئۆگەنگەندىن ئىتتىك ۋە سېستىمىلىق بولامدىكىن دەيمەن .. ئۇششاق سوئاللار بىلەن بېشىڭىزنى ئاغرىتىپ قويدۇم ..

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 15:44
        • مەن پەقەت ئېھتىياجنى بىلەلمىگەندە يەنى شۇ تىلنى ئىشلىتىپ نېمە نەرسە قىلىشنى بىلمىگەن ئەھۋالدا ھەمدە مەلۇم پىروگرامما تۈزۈش تىلىنى چۈشىنىۋالاي، ئۆگىنىۋالاي دېسىڭىز VB.NET نى تەۋسىيە قىلىمەن، ناۋادا iOS (ئالما مەشغۇلات سىستېمىلىرى)دا پىروگرامما تۈزەيمەن دېسىڭىز،، X-Code دېگەندەك قوراللارنى تەۋسىيە قىلىمەن، باشقا كۆچمە ئۈسكۈنىلەردە پىروگرامما تۈزەيمەن دېسىڭىز، Java دېگەندەك.
          بۇ خۇددىي ياپۇنىيەگە بارىمەن دېسىڭىز، ياپونچە ئۆگىنىڭ دەيمەن، ئامېرىكىغا بارىمەن دېسىڭىز ئىنگلىز تىلى، سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارىمەن دېسىڭىز ئەرەب تىلىنى ئۆگنىڭ دەيمەن دېگەنگە ئوخشايدۇ. ئۆزىڭىزنىڭ كەلگۈسىدە زادى نېمە ئىش قىلىشنى ئوبدان ئويلىشىپ، ئاندىن باشلاڭ.

          يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 17:13
      • ئېيتقانلىرىڭىز بەكلا توغرا ئالىمكا ، مەن شۇ پروگرامما تىلى ئارقىلىق باشقۇرۇش سېستىمىلىرى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان سېستىمىلارنى تۈزۈشنى ئۆگەنمەكچى ، ئاندىن توربەت تىلىنى ئۆگىنىۋاتقان دەڭە ، html , css+div , لارنى پىششىق ئۆگىنىپ بولدۇم ، utf-8 لىك خەنزۇچە بەتلەرنى تەرجىمە قىلىپ باقتىم ، ئەمدى مۇستەقىل يېزىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن phpنى باشلىغان ، ئوبيېكتقا يۈزلىنىشقا كەلدىم phpدىن ، مۇشۇ بىرنەچچە ئاي دەم ئېلىشىم بار ئىدى ، شۇڭا پروگرامما تىلىنى ياخشى ئۆگىنىپ مۇشۇ دەم ئېلىشىمنى بېكار ئۆتكۈزۋەتمەي دەيمەن .. ئەمسە سىزنىڭ پىكرىڭىز بويىچە vb.net نى ئۆگىنىشنى باشلاي ، بۇ تىل ئارقىلىق مەن يەتمەكچى بولغان مەقسەتكە يەتكىلى بولىدىغاندۇ ھە ؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى am 00:31
  • مالىم دىلشات ھېزىۋۇللا ئاكىمىز سىزنىڭ نەۋرە ئاكىڭىز بولىدىغۇ دەيمە.لىكىن سىز ئۇنىڭ ئاكىسىدەك كۆرۈندىغان بوپ قاپسىز.سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ.مانداق غۇلجىلارغا كىلىپ ساياھەت قىلىپ تۇرۇڭ دەيمە.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى am 00:09
  • ئالىم مۇئەللىم چەتئەلنىڭغۇ تور سۈرئىتى ياخشى
    بىزنىڭ ما يەردە تورنىڭ چۈشۈرۈش سۈرىتى 600ك
    بىر مىگا بايىتقىمۇ يەتمەيۋاتسا
    بۇلۇتتىن يامغۇر يىغىپ بولغۇچە پارغا ئايلىنىپ كىتىپ
    قاغجىراپ كەتمەسمىز ھە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 23:39
    • بۇ سۈرئەت بىلەنمۇ چوڭ ئىشلارنى قىلغىلى بولىدۇ، بىز سىناق قىلىۋاتىمىز، سىم-سىم يامغۇر بولسىمۇ ياغدۇرۇشقا بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى am 09:39
  • بىر نەرسىنى سوراپ باقاي دىۋىدىم … ئاۋۇ كىشلىرمىزنىڭ ئارسىدا پەخىردىن قارلۇق ئەپەندى كام قاپتىمۇ نىمە … مەن ئالىم مۇئەللىم قاتارلىق سەركىلەرنىڭ قاتاردا ھۆرمىتىنى قىلاتتىم … ئەگەر 4 بوپ كەتكەن بولساڭلار شەخسەن مەن تىخمۇ خوش بوپ كىتىتىم … ياكى سىلەر ئادەتتە ئانچە ھەمكارلاشمامسىلە يا ؟ بولسا ھەمكارلىشىپ قېلىڭلار ھىچ بولمىسا دوس بوپ قويساڭلارمۇ بۇلدۇ … كۈچكە كۈچ قېتىلدۇ …

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى pm 21:08
    • 2007-يىلى ۋە 2008 يىلى قارلۇق بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەمكارلىشىپ، بىر نەچچە قېتىم «ھەمكارلىق» دەپ يىغىن ئاچقان ئىشلارنى ئۇنتۇپ قاپسىزدە؟!
      بۇ سۆھبەتكە پەقەت دوكتور، ماگىستېر ئىلمىي ئۇنىۋانىغا ئىگە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كومپيۇتېر ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەكلىپ قىلغان ئوخشايدۇ، بىز يىغىن زالىغا بارساق باشقىلارنى كۆرمىدۇق.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى am 09:35
  • ۋاي خۇدايىم مۇشۇندا لېكسىيەنىمۇ ۋىدىئوغا ئالماي رەسىمگە تارتىپلا چىقىرىدىغىنى،يا رەسىمدىكى قول ھەركەتلىرىگە قاراپ بىر نېمە چۈشەنگىلى بولمىسا.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 21:19
  • لېكسىيەنى سىنغا ئالغان بولغىيتتتى ، بىزمۇ بىر ئاڭلاپ باقساق بولاتتىكەن مېنىڭمۇ مۇشۇ بۇلۇت تېخنىكىسى توغۇرلۇق بەك بىلگۈم باتتى
    بىزنىڭ بىر مالىم كەلگۈسىدە كومپىيۇتېرلار پەقەت بىر پارچە ئېكراندىن تۈزۈلىدۇ، بۇمۇ بۇلۇت تېخنىكىسىنىڭ مەسئولى دەۋاتقان

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 16:40
    • سىنغا ئالمىغان ئىدۇق، مۇنداقلا سۆھبەت ئىدى.

      بۇلۇت ھازىرقى يېڭى يۈزلىنىش، ئىلگىرى MS-DOS مەشغۇلات سىستېمىسى دېدۇق، كېيىن Windows دېدۇق، ئاندىن يەنە ئىنتېرنېت دېدۇق، مانا ئەمدى بۇلۇت دەۋاتىمىز، شەخس بىلەن چوڭ ئىدارىنىڭ كومپيۇتېر قاتتىق دېتالى جەھەتتە پەرقى قالمايدۇ. 5-10 مىنۇت ئىچىدە بىرلا كۇنۇپكا چېكىش ئارقىلىق نەچچە 10 ھەتتا 100 ئىلغار سەپلىمىلىك مۇلازىمىتېرلارنى قۇرۇپ چىقىشقا بولىدۇ. ئوپتىك دىسكا، قاتتىق دىسكا،…دېگەندەك نەرسىلەر ئۆتمۈشكە ئايلىنىدۇ، ھەممىمىز قۇلىمىزدىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت ياكى قولتاققا قىسىۋالغان تاختا كومپيۇتېر ئارقىلىق ھەر خىل ئۇچۇر مۇلازىمەتلىرىدىن ھەقلىق ياكى ھەقسىز بەھرىمان بولىمىز، ھەممە نەرسىلەر بۇلۇتتا تۇرىدۇ، بىر ئېكران بولسىلا كۇپايە، بۇنىڭدىن كېيىن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر بۇلۇتتىكى مەۋھۇم كومپيۇتېر ئارقىلىق بىردەم يامغۇر، بىردەم قار ياغدۇرىدىغان ئوخشايدۇ. مۇئەللىمىڭىزمۇ ناھايىتى توغرا دەپتۇ. ئەمما بۇ لېكسىيەنى ئاڭلىمىغانلارغا ۋاي!، ۋاي!! (سىلەرنى تېخىمۇ قىزىقتۇرۇپ قويدۇم)، ئەڭ ياخشىسى توردىن بۇلۇت توغرىلىق ئەڭ يېڭى مەزمۇنلارنى كۆرگەچ تۇرۇڭلار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 17:14
      • ئولتۇرغان بۇلۇتۇڭلار خاسىيەتلىك، ياغدۇرغان يامغۇرۇڭلار شىپالىق،چىقارغان شامىلىڭلار مەيىن بولۇدۇ ئاللاھ خالىسا!

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى am 08:55
  • ھۇشۇر ئىسلام ئۇستاز ، دىلشات مۇئەللىم ، ئالىم مۇئەللىملەر بىر يەرگە جەم بولۇپسىلەر ، ئۇيغۇر كومپيۇتېر ئىنژىنىرلىرى . ھەقچان ئۇيغۇرچە يېڭى تېخنىكىلار ۋە پىلانلار ئۈستىدىمۇ ئاز تۇلا توختالغانسىلەر ھە

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 14:03
    • تېخىمۇ قىزىقتۇرۇپ قوياي، ئەلۋەتتە شۇنداق بولىدۇ-دە،

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 15:59
      • كۈچ بىرلىكتە دەپتىكەن ، ئەمىسە ئۇزاققا قالماي زور خۇشاللىق باركەندە ، سىلەرگە مۇۋاپىقىيەت تىلەيمەن .

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 16:11
        • شۇنداق، ئۇيغۇرسوفت تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن بەزى مۇلازىمەتلەرنى بۇلۇتقا يۆتكىمەكچى، ئەمدى بۇلۇتتا ئولتۇرۇپ بىردەم يامغۇر ياغدۇرۇپ، بىردەم شامال چىقىرىپ مۇلازىمەت قىلىدىغان ئوخشايمىز.

          يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 17:04
      • بۇلۇت تېخنىكىسى راستىنلا يېڭىچە بىر يۈزلىنىش . لېكىن بۇلۇتنىڭ ئاساسى سۈرئېتى يىتەرلىك بولغان ئىنتېرنېت تورى بولىشى كېرەك . ياندا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك ئۈسكۈنىلەرگىمۇ تور بولمىسا بۇلۇت تىن بەھىرلەنگىلى بولمايدۇ . بىزمۇ ئەمدى غەرىپكە ساياھەتكە ئوخشاش ئەجدارشاھ ، بىزگە يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىڭ ، بىز قاغجاراپ كەتتۇق دىيىشىدىكەنمىز دە سىلەرگە قاراپ …. ئۇيغۇر نىڭ بۇلۇتى تېخمۇ “ قارا “ تېخىمۇ ئېگىز بولغاي

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى pm 19:17