«قۇرئان كەرىم» (ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمىسى) ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

«قۇرئان كەرىم» (ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمىسى) ئېلان قىلىندى

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، تاغدىن-باغدىن ]

«قۇرئان كەرىم» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن قايتا تەرجىمە قىلىنىپ، رەسمىي ئېلان قىلىندى. «قۇرئان كەرىم» (ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمىسى)نى ئېلان قىلىش يىغىنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ «قۇرئان كەرىم» (قايتا تەرجىمىسى)گە نۇرغۇن كىشىلەر قاتناشقان بولۇپ، 8 فورمات (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى چوڭلۇقىدا) 1000 يۈەن، 16 فورمات (ژۇرنال چوڭلۇقىدا) 380 يۈەن، 32 فورمات، 64 فورمات بولۇپ، باسما سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى ئوخشايدۇ. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن باشلاپ سېتىلىشقا باشلاپتۇ.

بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى مۇھەممەد سالىھ قارى ھاجىم تۇنجى قېتىم «قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىدى، ئۇستازنىڭ ئەجرى، ساۋابى زىيادە بولغاي.

بۇ ئۇچۇرلار پەقەت خەۋەر سۈپىتىدە بېرىلدى، باشقا ئىشلاردىن مېنىڭمۇ خەۋىرىم يوق، كىتابخانىلارغا بېرىپ ئوقۇپ باقساڭلار بولىدۇ. تورداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
=========

ھازىرچە 8 فورمات، 16 فورمات بازارغا سېلىنىپتۇ.


سېتىۋالسىڭىز، ناھايىتى قىزغىن مۇلازىمەت قىلىدىكەن. ئاۋۇ ھەممىسى مېنىڭ ئەمەس، مەن پەقەت 2 نى سېتىۋالدىم.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
195 پارچە باھا يېزىلدى
  • ھەممىنى بېلگۈچى بىر اللە ئۆزى،پەقەت اللە ئەڭ مۇكەممەلدۇر

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 12:30
  • مەن بىرنى سېـۋالادىگەـىـم شۇڭا سورىغان !!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى am 08:56
  • ھەمەيىرى خەنزۇچخما

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى am 08:54
  • يېڭىدىن نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇچە قۇرئاننىڭ ۋورد ھۆججىتى بولسا سېتىۋالاتتىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى pm 15:36
  • ئەلبەتتە تەرجىمە ئۆزگەرمەيدۇ ، لىكىن ئىپادىلەش ئۆزگىرىپ كىتىدۇ ، چۈنكى موھەممەد سالىھ قارى ھاجىم ، ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ . ئەڭ ياخشىسى يەنىلا تەجىمە نۇسقىسنى ئۇقۇيلى ،،،

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 12:20
  • ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ئەمەس ئالىم ئەھەت ئالىم دىسەك توغرا بولىدۇ….ئىسمى جىسمىڭىزغا لايىق ئالىملىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز…..

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 21:15
  • كەچۈرۈڭ ، سىزگە بەزىبىر قولايسىزلىقلارنى كەلتۈرگەنلىكىمىدىن خىجىل بولۇۋاتىمەن، ئاڭلىسام مۇشۇ تەرجىمە قۇرئانغا چۈشكەن باھالار سەۋەبىدىن تورىڭىز توختىتىلىپ يەنە قايتا ئېچىلىپتۇ… مەن تولىمۇ خىجىل بولۇۋاتىمەن… مېنى ئەپۇ قىلىڭ! ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلغاي!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 16:30
    • ياق، ئۇنداقمۇ ئەمەس، قارىغاندا ھەرخىل سۆز-چۆچەكلەر بولغان ئوخشىمامدۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 19:46
      • ئۇنداقتا، مەنمۇ خاتىرجەم بولدۇم. بەلكىم يالغان ئۇچۇر بولسا كېرەك…….

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۈنى pm 22:55
      • نەشىرىياتنىڭ سىزگە رەھمەت ئېيتسا بولىدۇ،بىرسىمۇ قالماي سېتىلىپ بولغاندۇ ھازىر، يەشىكتىكىنى يېشىپ ئۈلگۈرۈپ بولالماي قاپتىكەن،بىر كۈنى بارسام

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى am 10:16
  • ئالىم مۇئەللىم مەن سىزگە قۇرئان كەرىمدىكى تۆت ئاساسي تېرمىن دېگەن كىتاپنى تەۋسىيە قىلىمەن ئاشۇ كىتاپتا رەب دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى مىسال بىلەن ياخشى چۈشەندۈرگەن مەن دەي دىسەم ھازىر ئىنىق ئىسىمدە قالماپتۇ ئۇ كىتاپ islamhouse.comتورىدا بارتى كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 22:30
  • مۇئەللىم ،بۇنى چۈشۈرگىكى بولمايدىغان ئوخشىمامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى am 11:55
  • مانا بۇ سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھ فاھىد «قۇرئان كەرىم» باسما زاۋۇتىنىڭ ئورگان تور بېكىتى
    http://www.qurancomplex.org
    =============================
    مۇھەممەد سالىھ قارى ھاجىم تەرجىمە قىلغان «قۇرئان كەرىم» مانا:
    http://www.qurancomplex.org/contest/Prizes.asp?Mv=Next&l=eng&PrizesCategories=2&Page=3
    ================

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى am 00:07
    • ئالىم مۇئەللىم، سىزگە مەلۇم بىر توربەتتكى مەلۇم بىر تورداشنىڭ يوللىغان ئىنكاسىنى ئەۋەتىپ بېرەي دېگەن ئىدىم. چۈنكى، ئۇ ئىنكاسىنى سىزنىڭ بىلوگىڭىزغا ئالدىراپ يوللاشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. ئەگەر سىزمۇ ئەشۇ ئىنكاسىنى كۆرۈپ مەزكۇر بىلوگقا يوللاشقا قوشۇلسىڭىز تورداشلار بىلەن ئورتاق پىكىرلەشسەم دېگەن ئۈمىدتىمەن. شۇڭا ئۇ ئىنكاسنىڭ تور ئادرېسىنى ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا ئەۋەتىپ بېرەي. ئالدى بىلەن سىز بىر كۆرۈپ بېقىڭ. مەن سىزنىڭ ئېلخەت ئادرېسىڭىزنى بىلمەيدىكەنمەن. تۆت بەش يىلنىڭ ئالدىدا، گوگۇل ئېلخەت ساندۇقىنى ئىشلەتكەن ۋاقتىڭىزدا بىر قانچە قېتىم سىز بىلەن پىكىرلەشكەن بولساممۇ، كېيىن بىر مەزگىل تور ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكىم بولماي قالدى. شۇڭا ئېلخەت ئادرېسىڭىز ئۆزگەردىمۇ يوق بىلمىدىم. قايتا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز…

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 15:40
      • ئۆزگەرمىدى، شۇنىڭغا ئەۋەتىڭ. لېكىن «قۇرئان كەرىم» (قايتا تەرجىمىسى) توغرىسىدا بولسا، بۇ يەردە ئەمدى دېيىشمىسەك. مەن بۇ تېمىنى پەقەت خەۋەر سۈپىتىدە يوللىغان، ئارتۇق مۇنازىرە قىلمايلى، رەھمەت سىزگە.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 16:47
      • بولىدۇ، بۇ يەردە قايتا مۇنازىرە قىلمايلى. مەن يوللىماقچى بولغان تور ئادرېسىدىكى ئىنكاسىنى بەلكىم سىزمۇ كۆرۈپ بولغان بولۇشىڭىز مۇمكىن؛ شۇنداقتىمۇ ئەۋەتىپ بېرەي…

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 17:07
  • جۈمە كۈنى ئاقسۇدىكى چوڭ كىتاپخانىنى ئاچمىدى. شەخسى كىتاپخانىلارغا كىرسەم، ئاللىبۇرۇن تۈگەپ بوپتۇ. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، پۇل سالغان بىلەنمۇ ئۆچرەت ساقلاپ، زاكاس قىلىشمۇ تەس بۇلۇپ كېتىپتۇ…
    خەلقىمىز قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ قېتىمقى نەشرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىۋاتسا كېرەك…
    نۇرغۇن ئادەملەر شۇنى سوراۋاتىدۇ…
    ھەر قايسى نۇقتىلاردا بار بۇلۇپ قالسا، دەرھال سېتىۋېلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىپ قوياي…
    مۇشۇنداق ئالاھىدە قىزغىنلىق بۇلۇۋەرسە، نەشرىياتتىكىلەر «باھاسى ئۆسكەندە ساتىمىز» دەپ باسماي قويامدۇ بىر نېمە دەپ بولمايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 20:01
    • «قۇرئان كەرىم» ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمىسىنىڭ باھاسى توغرۇلۇق تالاش – تارتىش قىلمايلى. 96 يۈەنلىكى بىلەن 52 يۈەنلىكى تېخى بازارغا سېلىنماپتۇ. ئۇلار بازارغا سېلىنسا تېخىمۇ كۆپ كىشىلىرىمىزنىڭ سېتىۋېلىشى ئېنىق. ئەڭ مۇھىمى «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمىسىدە ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنىڭ توغرا تەرجىمە قىلىنىشى ۋە توغرا ئىپادىلىنىشىدۇر. يەنە بىر مەسىلە، بۇ قېتىمقى قايتا تەرجىمە، قايتا نەشرىدە «تراژى (يەنى سانى)» بېرىلمەپتۇ. ھازىر نەشر قىلىنىدىغان كىتابلاردا تراژى يېزىلمايدىغان بولۇپ قالدىمۇ ئېيتاۋۇر بۇنى مەن بىلەلمىدىم. مەن بۇ قېتىمقى قايتا تەرجىمە ھەر قايسىسى بولۇپ قانچىلىك بېسىلدى، قانچىلىك سېتىلدى… بۇ ھەقتە بىلگەن بولساق ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايمەن. ئاڭلىسام نەشرىياتتىكىلەرمۇ «قۇرئان كەرىم» ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمە قايتا نەشرىنى «جۇڭگو نەشرىياتچىلىق تارىخىدا ئابىدە خاراكتېرلىك ئىش بولدى» دەپتۇ. ناۋادا راستىنلا شۇنداق بولغان بولسا سالغان مەبلەغمۇ ھەسسىلىنىپ قايتىپ كەلگەن ئوخشايدۇ. مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم پەقەت تراژى قانچىلىكتۇ دېگەندىن ئىبارەت.
      مەن باشقا مۇنبەرلەرنى ئارىلىدىم، ئىنكاسلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس. مۇنۇ تور بەتتە بىر تورداش «سۈرە فاتىھە» دە يەنە خاتالىقلارنى بايقاپ مۇنداق يېزىپتۇ: «يىڭى تەرجىمىسىدىن سۈرە فاتىھەنىلا ئوقوپ ماڭا قەتئى ياقمىدى6-ئاايىتىدىكى ئازغانلارنىڭ ئەمەس دىگەن قىسمى يوق بۇنى چاندۇرمايلار سىنىڭ ئىنئامىڭغا ئىرىشكەن،غەزىپىڭگە ئۇچۇرمىغان، يولوڭدىن ئازمىغان كىشىلەرنىڭ توغرا يولىغا باشلىغىن …دەپ ئالغان.بۇ بىرىنجى مەسىلە.
      ئىككىنجى مەسىلە:يۇقارقىدەك تەرجىمە قىلغانلار‹‹ سىنىڭ ئىنئامىڭغا ئىرىشكەن،غەزىپىڭگە ئۇچۇرمىغان، يولوڭدىن ئازمىغان كىشىلەرنىڭ توغرا يولىغا باشلىغىن ››بۇ يەردىكى توغرا سۆزىنى نىمە دەپ ئالىدۇ؟ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن،غەزىپىگە ئۇچۇرمىغان،يولىدىن ئازمىغان كىشىلەرنىڭ توغرا يولى دىيىلسە،زورمۇ زور ئۇلارنىڭ خاتا يولى بار دىگەنلىك بولامدۇ بولمامدۇ ؟بۇ ئوروندىكى توغرا سۆزىنى ئىلىش نىمە ھاجەت. (مەنبە: http://bbs.misranim.com/thread-96629-8-1.html)
      يەنە بىر تورداش بەزى خاتالىقلار ئۈستىدە مۇنداق دەپ يازغان: «…مەسىلەن ؛يېڭى تەرجىمىدە سۈرە تەۋبەنىڭ 65-ئايىتى مۇنداق تەرجىمە قىلىنغان.(‹ئى مەسخىرە قىلغۇچىلار! ›سىلەر ئۆزرە ئېيىتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيىتقاندىن كىيىن، ھەقىقەتەن كافىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىر گورۇھنى ئەپۇ قىلساق ،يەنە بىر گورۇھنى گۇناھكار بولغانلىقى ئۈچۈن جازالايمىز) دەپ تەرجىمە قىلىنغان . بىراق بۇ ئايەتتىكى (سىلەر ئىمان ئېيىتقاندىن كىيىن، ھەقىقەتەن كافىر بولدۇڭلار…)دىگەن جۈملىنى نىمەدەپ چۈشۈنىمىز؟ بۇجۈملىنى ئوقىغان ھەرقانداق بىر ئادەمدە (ئىمان ئېيىتقاندىن كىيىن قانداق قىلىپ كافىر بولىدۇ؟…قۇرئاننىڭ سۆزلىرى بىر-بىرىگە زىتمۇ قانداق؟.) دىگەەندەك خاتا چۈشەنچە ھاسىل بولۇپ قالماسمۇ؟.
      بىراق مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىمنىڭ تەرجىمىسىدە بولسا بۇ ئايەتنى؛«سىلەر (يالغان قەسەم ئىچىپ) ئۆزرەئېيىتماڭلار، سىلەر ئىمان ئېيىتقىنىڭلاردىن كىيىن، (پەيغەمبەرنى مەسخىرە قىلىش بىلەن)كاپىر بولدۇڭلار، سىلەردىن بىرگورۇھنى (راسىت تەۋبە قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئەپۇ قىلساق،يەنە بىر گورۇھنى گۇناھكار بولغانلىقلىرى(يەنى مۇناپىقلىق بىلەن گۇناھنى داۋاملاشتۇرغانلىقلىرى)ئۈچۈن جازالايمىز» دەپ ناھايىتى چۈشۈنۈشلۈك راۋانتەرجىمە قىلغان. يەنە . يېڭى تەرجىمىدە «سۈرە ئىخلاس»قا ئوخشاش بىرقىسىم قىسقا سۈرىلەر تەرجىمىسىمۇ مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ تەرجىمىسىدەك چۈشۈنۈشلۈك، راۋان ،بولماي، ئۇزۇن چۈشۈنۈكسىز بولۇپ قالغان.
      بۇمىنىڭ شەخسى ھىس قىلغىنىم. قالغىننى ئۆزىنى مۇسۇلمان ھىساپلايدىغان بارلىق تورداشلار تەڭ كۈچ چىقىرىپ ئاللا رىزاسى ئۈچۈن بىر كۆرۈپ ئىزدىنىپ باقساڭلار!. ئەسلىدە قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى تېخىمۇ ياخشىلاش مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن قائىدە بويىچە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنى باش تەرجىمانلىققا تەكلىپ قىلسا بولاتتى . ھېچبولمىسا مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلسا بولاتتى. بىراق بۇقېتىمقى تەرجىمىدە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئىسمى يوق ئىكەن…» (مەنبە: http://bbs.misranim.com/thread-96629-7-1.html)
      دېمەك، «قۇرئان كەرىم» ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمىسىگە تورداشلار ئاز بولمىغان ياخشى پىكىرلەرنى بېرىپتۇ. مېنىڭچە ھەر ئىككى نۇسخىسىنى تولۇق ئوقۇپ سېلىشتۇرۇپ چىقساق بولغۇدەك…

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 21:57
  • مۇشۇنىڭغا تەڭ بەھىرلەش(分享(دىگەن نەرسىنى بىرقىتۋەتكەن بولسىڭىز باشقا ئالاقە ۋاستىلەر ئارقىلىق تىخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ خەۋەر تىپىشىغا زور ئۈنۈمى بولغانبولاتتى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 18:04
  • قانداق ئېتبار نومۇر…. 248 يۈەنلىكمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 20:56
  • 1000سوملىقىنى ئېلىپ ،پۇشايمان قىلىپ قالغانلار بولسا ، مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار مەن سىتىۋالاي.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 18:38
  • ئالىم ئەھەت مۇئەللىمگە كۆپ رەخمەت.
    ئۇنداق بولسا سېتىۋالاي، مەن ئاساسلىق ئەرەپچىسىنى ئوقۇيمەن. مەنىسىنى كۆز يۈگۈرتۈپ كۆرۈپ ئۈلگۈرتەلەيمەن.
    300قانچە پۇللىقى بىلەن 1000سوملىقىنى رەسىمگە تەرتىپ يوللاپ قويساڭلاربىر ئىككى بەت بولسىلا بولىدۇ ،سىلەردىن بەك سۈيۈنۈپ كىتەتتىم.رەخمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 18:37
    • ھەر ئىككى بەتنى تارتقان كۆرۈنۈشنى دىمەكچى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 18:39
      • شىنجاڭدىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا سېتىلىۋاتىدۇ، 1000يۈەنلىكى ئازراقلا چوڭكەن، 350 يۈنلىكىنىڭ چوڭلۇقى ژۇرنال چوڭلۇقىدا ئىكەن. ،توردا رەسىمىنى كۆرۈپ بولۇپ ئالىمەن دېسىڭىز قالماي قالارمىكىن…

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى am 08:21