Uyghursoft نامىدىكى ساختا ئۇچۇردىن ھەزەر ئەيلەڭ
[ بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]يېقىندىن بۇيان تورلاردا Uyghursoft نامىدا تۆۋەندىكىدەك ئۇچۇرلار تارقىلىپ يۈرمەكتە. بىر قىسىم كىشىلەر بۇنىڭ «ئۇيغۇرسوفت»(Uighursoft) تەرىپىدىن تارقىتىلغانلىقىغا ئىشەنمىسىمۇ، لېكىن يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئىشىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا بۇنداق ساختا ئۇچۇرلارغا ئىشىنىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشنى لايىق كۆردۈم.
بۇ ئۇچۇرلارنىڭ بىز بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، بۇ بەلكىم يامان غەرەزلىك قىستۇرما بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەتكە بىز ئىگە بولالمايمىز، شۇڭا، بۇنداق نامەلۇم تارقاتقۇچى ياكى ئىشەنچسىز مەنبەدىن كەلگەن ئېلېكتىرونلۇق خەتلەرنى ئالدىراپ ئاچماسلىقىڭلارنى، مۇمكىن بولسا بىۋاسىتە «ئەخلەت» خەت قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن، رەھمەت!
قوشۇمچە: «ئەلكاتىپ» ھەققىدە
«ئەلكاتىپ» 1.0 يۇمشاق دېتالى 1998-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، كەڭ خېرىدارلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كەڭ ئومۇملاشتى. ھازىرقى ئەڭ يېڭى نەشرى 5.7 بولۇپ، بۇ يىل 4-ئايدا رەسمىي ئېلان قىلىندى، ئەمما يېقىندىن بۇيان ھېچقانداق نەشرى يېڭىلانمىدى. ئەسلىدە 2009-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان Windows 7 گە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلغاندىن بۇيان ئايرىم ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ئىشلەشنىڭ قىلچە ھاجىتى قالمىغان ئىدى. Windows 8 دە ئۇيغۇر يېزىقىنى قانداق قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەچكە، ئۆتكەن يىلى 6-ئايدا مەن «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ»نىڭ يېڭىلانمايدىغانلىقى توغرىسىدا بىلوگىمدا خەۋەر بەرگەن ئىدىم. ئەمما، قازاق، قىرغىز قېرىنداشلارنىڭ Windows دا يەنىلا «ئەلكاتىپ»قا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى، 64 بىتلىق Windows 7 دە «ئەلكاتىپ»نى ئىشلىتەلمىگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىپ بۇ يىل 4-ئايدا «ئەلكاتىپ 5.7»نى رەسمىي ئېلان قىلغان ئىدىم.
سوئال: نېمە ئۈچۈن «ئەلكاتىپ» ئاستا يېڭىلىنىدۇ؟
جاۋاب: Windows دا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ مەسىلىسى پەيدىنپەي ھەل بولۇشىغا ئەگىشىپ، «ئەلكاتىپ» يۇمشاق دېتالى ئۆز ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە 2006-يىلى 9-ئايدا تارقىتىلغان «ئەلكاتىپ 5.0» يۇمشاق دېتالى (ھەقلىق ۋە ھەقسىز نۇسخىسى) خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئاساسەن قاندۇرۇپ كەلگەچكە، يېڭىلىنىشى ئاستا بولۇپ كەلدى. ۋىرۇسخوردەك ئۇنداق ئايدا، يىلدا يېڭىلانمايدۇ.
سوئال: نېمە ئۈچۈن بۇ يىل 4-ئايدا «ئەلكاتىپ»نىڭ يېڭى نۇسخىسى ئېلان قىلىنىدۇ؟
جاۋاب: «ئەلكاتىپ» ئۇيغۇر يېزىقىدىن باشقا يەنە قازاق، قىرغىز قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ يېزىقىنى قوللايدۇ. 64 بىتلىق Windows دا «ئەلكاتىپ»نىڭ بۇرۇنقى نۇسخىلىرىنى قاچىلاپ ئىشلىتىش مۇمكىن بولمىغاچقا، قازاق ۋە قىرغىز قېرىنداشلارغا قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، شۇ سەۋەبتىن بۇ مەسىلە ھەل قىلىنىپ يېڭىلاندى.
سوئال: «ئەلكاتىپ» يەنە يېڭىلىنامدۇ؟
جاۋاب: ناۋادا «ئەلكاتىپ»تىن ئېغىر خاتالىق بايقالسا، قىسقا ۋاقىت (بەلكىم نەچچە سائەت ياكى بىرنەچچە كۈن ئىچىدە) ھەل قىلىپ يېڭىلاپ تارقىتىشىمىز مۇمكىن. ئەمما، ئۇ ھازىر زۆرۈر يېڭىلايدىغان مەھسۇلات تىزىملىكىمىزدە ئەمەس.
- يازما كۆرۈلۈشى: 10,496 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 09-ئاينىڭ 4-كۈنى pm 21:13
- ئالدىنقى يازما :Microsoft Skydrive (ئۇيغۇرچە)نى ئىشلىتىپ بېقىڭ
- كېيىنكى يازما :بانكا ئۈسكۈنىلىرىدە ئەلكاتىپ داۋاملىق ئومۇملاشماقتا…
ھە-راست مۇئەللىم ،سىزدىن سورايدىغان مەسلەھىتىم بار ئىدى،بولسا ئىلخەت ئادىرسىڭىزنى دەپ بەرگەن بولسىڭىز!!!ئۇيغۇرسوفىت تورىدا،ئۇيغۇر لۇغەت تورىدا ،بۇ بىلوگدا ھېچقىپ ئىزدەپ تاپالمىدىم!!!
ۋاقتىم چىقارمۇ؟ ھازىر ساراڭدەك ئىشلەۋاتىمەن، ئىشلىرىم بەكلا جىددىي، ئۆزەمنىڭكىنى دېمەي تۇراي، ھېلىمۇ ئۇنىڭغا كۈندە بەك كۆپ خەت كېلىدۇ، ھازىرچە info@uighursoft.com غا يېزىڭ، لېكىن ۋاقتىدا كۆرەلمەسلىكىم مۇمكىن
ئەجەپ نومۇسسىزلاركەن !!!بۇنداق چوڭ ئىش قىلىۋېتىدىغان نومۇسسىزلارغۇ كۆپىيىپ كەتتى راس!!!
تىمىدىن سىرىت بولسىمۇ ئالىم مۇئەللىمدىن سورىۋالاي، ئەگەر مەن ئۇيغۇر سوفىت لۇغىتىنىڭ 5.0 نۇسخسىنى سېتىۋالماقچى بولسام، مەندە 2008 نۇسخسى بولسا بىزدەك ئىخلاسمەن خىرادالىرىڭىزىغا ئەرزانراق بىرەسىزمۇ ياكى يەنە شۇ 350 يۈەن باھادا بىرەسىزمۇ؟
ئەلۋەتتە ئەرزان بېرىمىز
بۈگۈن ئىككى يىللىق ھارغىنلىقتىن ئېنىق خۇلاسە چىقىدىغاندەك قىلىدۇ. ئۆز قۇلۇم بىلەن قاچىلاپ، كەچ بولغۇچە (بەلكىم تاڭ ئاتقۇچە) سىناپ بېقىشىم مۇمكىن . قانداق بولدى؟ بىزگىمۇ تەسىراتىڭىزدىن ئازراق سۆزلەپ بەرمەمسىز؟؟
قايسىلانىڭ مىكروسوفىتنى دەۋاتامسىز ۋىندوس يانفۇنىنى بۈگۈن ئىلان قىلىدۇ دىگەنتى ساقلاۋاتىمە ئەجەپ خەۋەر يوققۇ بۇنىڭغاساقلاۋاتقىلى ئۇزۇن بولغانتى
ئىچىمىزدىن چىققان نومۇسسىزلاركەن دە بۇلار!
مەن ئۇيغۇر ئۈچۈن جاپا تارتقان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى قوللايمەن.
بۇ شۇنى چۇشەندۇرىدۇكى ، ئۇيغۇر سوفىت خەقنىڭ دىققىنىتىنى تارىتقۇدەك داڭلىق ماركىغا ئايلىنىپتۇ …
مۇبارەك بولسۇن …
دېگىنىڭىز كەلسۇن، مۇشۇ يىلى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتى ئۇيغۇرسوفت ماركىسىدا بولىدىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى بايا تېخى ئۇلارنىڭ تەبرىك خەتلىرى ۋە ئاخىرقى تاماملانغان مەھسۇلاتىنى تاپشۇرۇپ ئالدىم، بۇ ئىش شۇنداق قىلىپ تاماملاندى. بۈگۈن ئىككى يىللىق ھارغىنلىقتىن ئېنىق خۇلاسە چىقىدىغاندەك قىلىدۇ. ئۆز قۇلۇم بىلەن قاچىلاپ، كەچ بولغۇچە (بەلكىم تاڭ ئاتقۇچە) سىناپ بېقىشىم مۇمكىن. بىزنى قوللىغان بارلىق كىشىلەرگە ۋە ئورۇنلارغا رەھمەت!
خاتالاشمىسام Windows 8 نىڭ گىپىنى قىلىۋاتىسىزغۇ دەيمەن-ھە؟
دەل شۇنداق، ھازىر ئىشلىتىۋاتىمەن.
مۇشۇ شەنبە، يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن 2:00 دە ئۇيغۇرسوفتنىڭ قىزىلبايراق سېتىش بۆلۈمىدە Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچىسىنى خېرىدارلارغا كۆرسەتمەكچى.
بولىدۇ، مەن ئەتە (يەكشەنبە) چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 2:00 دىن كېيىن ئۇيغۇرسوفتقا بېرىپ كۆرۈپ باقاي.
تۈنۈگۈن ماڭا شۇنداق ئۇچۇر كەلگەن ئىدى. ھەممىنى چۈشۈرگەن ئىدىم. ۋىرس بار ئىكەن. ئۇيغۇرسوفىتنىڭ كىرگۈزگۈچ، كوررېكتور، لوغىتىنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قالغاچ ئىشىنىپ قاپتىمەن. مەنمۇ تۇنۇش بىلىشلەرگە دەپ قوياي. ئۇلارمۇ ۋىرۇس چۈشۈرۈپ يۈرمىسۇن.
مۇئەللىم ۋاقتىدا چۈشەنچە بېرىپ ياخشى قىپتۇ.
مۇئەللىمنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا تىلەكداشمەن.
ئالىم مالىم ۋىندوس سەكىزنىڭ ئۇيغۇرچە فونتىنى نەدىن ئالماشتۇرمىز مىكروسوفىتنىڭ بۇلۇتى،ئوۋتۇلوك،مىترو يۈزىدىكى ئىشلەتكۈچى ئىسمى قاتارلىق جايلاردىكى ئۇيغۇرچە خەت بەكلا ئورۇق ھەم مايماق كۆرىندىكەن سەمىىرتەي دىگەن بولسا مۇشۇ توربەتتىكى خەت نۇسقىسى بەك چىرايلىق ….
ۋاي خۇدايىم مۇشۇنداق تاغتۇرا نۇسخىدىكى ماركىلار ئەمدى بىزنىڭ دىيارىمىزدا بالىققا كەلگىلى تۇرۇپتىما ؟ ھەجەپ بىر خىل بولۇپ قالدىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ.مانا مەن ئۇيغۇرسوفت دىگەن نامنى 99-يىلى ئاڭلىغان ئىدىم . تا ھازىرغىچە كاللامنىڭ بىر بۇرچىكىگىمۇ بۇنداق ئىھتىماللىقلارنىڭ بولۇشى توغرلىق خىياللارنى كەلتۈرمەپتىكەنمەن. ئۇلار دىققىتىنى ، ۋاقتىنى، زىھنىنى شۇنداق ئىشلارغا سەرىپ قىلىپ باشقا ماركىلارنىڭ ئاھاڭداشلىق چاپىنىدا تەرلىگىنىچە باشقا ئىشلارغا كاللا قاتۇرغان بولسا خېلى ئىشلارنىڭ ھەل بولىشىغا تۈرتكە بولاتتى. ھەر ۋاقىت دىققىتىمىزنى بىر يەرگە سەزگۈرلىكىمىزنى ئاشۇرۇپ ھۇشيار تۇرمىساق ، ‹دۈشمەن› لەر ھەر ۋاقىت ئىشىمىزغا توپا چېچىشى مۇمكىن ~~
مەن ئۇيغۇر سوفىتتوغۇرسىدا ھەرقانداق خەۋەر بولسا ئىشەنمەيمەن بىرىنچىلە سىلنىڭ بىلوگلىرنى زىيارەتقىلىپ نەقىللەيمەن
ئىشلىرغا ئۇتۇق تىلەيمەن
رخمەت .مەنغۇ uighur soft قا كۇنۇپ قالغان ..
uighur بىلەن soft نىڭ ئارىسىغا بوشلۇق قويۇلماي، بىۋاستە ئۇلاپ uighursoft قىلىپ يېزىلسا ئاندىن توغرا بولىدۇ.
ھە چۇشەندۇق مەن بىر دەۋاندا ئولتۇرۇپ باقاي مانداق