ئەڭ يېڭى Surface 3 ئالدىن سېتىلىشقا باشلىدى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

ئەڭ يېڭى Surface 3 ئالدىن سېتىلىشقا باشلىدى

[ IT خەۋەرلىرى ]

surface3-1
مىكروسوفت شىركىتىنىڭ تاختا كومپيۇتېرى Surface 3 كېلەر ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي سېتىلىدۇ، ھازىردىن باشلاپ مىكروسوفت تور دۇكىنىدا زاكاز قوبۇل قىلىپ، ئالدىن سېتىشقا باشلىدى.
surface3
مىكروسوفت شىركىتىنىڭ تاختا كومپيۇتېرى بولۇپمۇ Surface pro 3 ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان تاختا كومپيۇتېر ساھەسىگىلا ئەمەس بەلكى خاتىرە كومپيۇتېر بازىرىغىمۇ زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا «دەۋر» ژۇرنىلى تەرىپىدىن 2014-يىلىدىكى ئەڭ زور 25 كەشپىياتنىڭ بىرى دەپ باھالانغان ئىدى. ئەمما بۇنىڭ باھاسى بىرقەدەر قىممەت بولغاچقا، يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەر سېتىۋالالمىغان. مانا بۈگۈن باھاسى بىرقەدەر مۇۋاپىق بولغان Surface 3 ئېلان قىلىنىپتۇ، بۇنىڭ كەسپىي نۇسخىسى (Pro)غا قارىغاندا مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچى ۋە ئېكران ئېنىقلىقى سەل تۆۋەن بولۇپ، ئەمما باشقا تاختا كومپيۇتېرلارغا قارىغاندا يەنىلا نۇرغۇن ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە.
surface3-0

بۇنىڭغا Windows 8.1 قاچىلانغان بولۇپ، كېيىن Windows 10 غا ھەقسىز يېڭىلاپ بېرىدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللار قوشۇپ بېرىلگەن بولۇپ، ئادەتتىكى ئىشخانا ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن تولۇق چىقالايدۇ.
مىكروسوفتنىڭ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسى ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، دۇنيادىكى باشقا بىرەر شىركەتمۇ ئۇنداق كۆڭۈل بۆلۈپ باقمىدى، گەرچە ئامېرىكىدا كەتمەن بولمىسىمۇ، مىكروسوفتنىڭ كەتمىنىنى بۇ يەردە بولسىمۇ چېپىپ قوياي دېدىم، مانا تەشۋىقات رەسىمى:
surface3-2

surface3-3

سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، مىكروسوفت تور دۇكىنىنى زىيارەت قىلىڭ
http://www.microsoftstore.com.cn/

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
18 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    مەن C Sharp نى基于C#的管理信息系统开发,C#经典编程220例 مۇشۇ ئىككى كىتابتىن ئۆگەنگەنتىم، ئەمدى قايسى كىتابنى كۆرسەم مۇۋاپىق بولا؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى am 08:26
باھا بېتى: 1 2