Windows 10 ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى ھەققىدە
[ IT خەۋەرلىرى ]ئالدىنقى ئايدا مىكروسوفت شىركىتى Windows 10 تېخنىكىلىق كۆرۈپ بېقىش نەشرىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرىنى ئېچىشنى تېخىمۇ تېزلەتتى. بەزى خەۋەرلەرگە قارىغاندا Windows 10 ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرى كېلەر يىلى 1-ئايدا (ياكى 1-پەسىلدە) ئېلان قىلىنىدىكەن.
Windows 10 ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرىدە Cortana ئاۋازلىق ياردەمچى، يېڭى «باشلاش» (Start) ئېكرانى، Continumm نى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. Continumm بىر خىل پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ئىشلەتكۈچىلەر ئارايۈزىنى ئالماشتۇرۇش ھالىتى بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر سىستېما ئارايۈزىنى ئۈستەليۈزى ھالىتىدىن تاختا كومپيۇتېر ھالىتىگە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتەلەيدۇ.
Cortana نى Windows قا بىرلەشتۈرۈش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى بولۇپ، گەرچە ئىچكى سىناق نەشرىدە بۇ ئىقتىدارنى قوشقان بولسىمۇ، لېكىن كېلەر ئاۋامغا ئېلان قىلىنىدىغان Windows 10 غا قاچان قوشىدىغانلىقىنى ئېنىق ئەمەس.
Windows 10 ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرىدە بولىدىغان ئۆزگىرىشلەر مۇنداق: دەرىجە ئۆستۈرۈشنى ئۇقتۇرۇش مەركىزى، ئۈستەليۈزى جانلىق تىزمىلار (桌面动态瓷贴) بولۇپ، يەنە بەلكىم پۈتۈن ئارايۈزىنى ئەلالاشتۇرۇشى مۇمكىن. ئەمما ئىستېمالچىلار كۆرۈپ بېقىش نەشرىنى ئېلان قىلىدىغان ۋاقىت ئېنىق ئەمەس.
- يازما كۆرۈلۈشى: 5,050 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى am 9:25
- ئالدىنقى يازما :Windows 10 غا (قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى بولغان) قەدىمكى موڭغۇلچە قوشۇلدى
- كېيىنكى يازما :Windows Phone غا يەنە 5 تىل يېڭىدىن قوشۇلدى.
مۇشۇ خەتنىمۇ تۇلا قېتىۋېلىپ ئىملاخاتالىقى بار يېزىپتىمەن، بۇ نىمە سەۋەپتىندۇ، كوميۇتېرىمنىڭ سەپلىمىسىمۇ خېلى ياخشى ئىدى بۇرۇن winodws 8نىڭ ھەقىقى نۇسخىسىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋاتقان ئىدىم، ھېچقانداق نۇرمالسىزلىق كۈرۈلمىگەن ئىدى
مەن 2015- يىلى 1- ئاينىڭ 6- كۈنى winodws 10 build 9879 نى http://windows.microsoft.com/zh-CN/windows/home تور بېتىدىن چۈشۈرۈپ ئوپتىك دىسكىغا يۆتكەپ قاچىلىغان ئىدىم، ھەر قېتىم قاتتىق دىسكا ھۆججەت كۆزنەكلىرىدە ۋە خەت كىرگۈزۈش ھالەتلىرىدە ھەر يېرىم مىنۇت ئەتراپىدا بىر قېتىم قېتىپلا ئوڭشىلىدۇ ئەمما ئوڭشالغاندا كۆزنەكتىكى ھۆججەت تىزىملىكلىرى بېشىغا يېنىپ كىتىدۇ، مۇئەھۋال ئۇچراتقانلار
Ubuntu نىڭ Intel、AMD、Mac نىڭ BT ئۇرۇقى
http://yunpan.cn/cfcBRzCH8u8mc 提取码 8583