Windows 8 بۇ يىل 10-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]بۈگۈن مىكروسوفت شىركىتىدىكى مۇھىم بىر ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە Windows 8 مەشغۇلات سىستېمىسى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى نىيۇيورك شەھىرىدە رەسمىي ئېلان قىلىنىدىكەن. Windows 8 نىڭ 4 نەشرى بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىدەك:
Windows8
Windows 8 Pro
Windows RT
Windows 8 Enterprise
مىكروسوفتنىڭ تاراتقۇلارغا ئەۋەتكەن تەكلىپنامىسىدە مۇنداق يېزىلغان: «سىزنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىپ Windows 8 نى تەبرىكلەشكە تەكلىپ قىلىمىز».
مىكروسوفت ئۈچۈن Windows 8 نىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. مىكروسوفت باش ئىجىرائىيە ئەمەلدارى Steve Ballmer نىڭ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: بۇ يىل تارقىتىلماقچى بولغان Windows 8 نىڭ مۇھىملىقى Windows 95 دىنمۇ ئېشىپ چۈشىدۇ. چۈنكى مىكروسوفت Windows، Windows Phone، Office ۋە Windows Server قاتارلىق مۇھىم مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىدۇ، يەنە ئۆز ماركىسىدىكى ھېسابلاش ئۈسكۈنىسى: Surface تاختا كومپيۇتېرنى ئېلان قىلىدۇ. ئۇ ئىلگىرى يەنە «2012-يىل مىكروسوفت ئۈچۈن ئېيتقاندا ئەڭ ئۇلۇغۋار يىل ھېسابلىنىدۇ» دېگەن ئىدى.
Windows 8 تارقىتىلغان 2-كۈنى Windows RT ئاساسىدىكى ۋە ARM ئۆزەكلىك Surface RT نىمۇ ئېلان قىلىدىكەن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 4,936 قېتىم
- ھالقىلىق ســــۆز:Microsoft
- يوللانـغان ۋاقىت:2012-يىلى 09-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 13:51
- ئالدىنقى يازما :Microsoft Visual Studio 2012 ئېلان قىلىندى
- كېيىنكى يازما :Windows دۇكىنىدىن پۇل تېپىڭ (Windows Store ھەققىدە)
ئالىم مالىم لۇغىتىڭنى iosئۈسكۈنىلگەمۇ ياسىسىڭىز بولىتى
ئالىم مالىم لۇغىتىڭىزنى iosئۈسكۈنىلگەمۇ ياسىسىڭىز بولىتى
رەھمەت سىزگە ئالىم ئەپەندىم …. خۇدايىم بۇيرسا يىقىن كەلگۇسىدە دىگىنىڭىزدەك بولغۇسى .. google.com تورلوغىتىگە ئۇيغۇر تىل لوغىتىنى قوشقىلى بولماسمۇ … ؟
بۇ سېستىمىنىڭ ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلدۇق. بىراق بىر سۇئالنى سورىۋاسام، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرچە قوللاش دېگەنلىك، سېستىمىدا پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە چىقامدۇ (مەسىلەن دېسكىنى سېتىۋىلىپ كىلىپ قاچىلىساقلا ئۇيغۇرچە ئېكران) ياكى ئىنگىلىزچە ياكى خەنزۇچە سېستىمىنى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئايرىم قاچىلامدۇق؟ رەھمەت
ئىنگىلىزچە ياكى خەنزۇچە سېستىمىنى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئايرىم قاچىلامدۇق؟
==================
شۇنداق، كونترول تاختىسىدىن –› رايون، تىلغا كىرىپ، «ئۇيغۇرچە» دېگەننى ئەڭ ئۈستىگە يۆتكەپ، چېكىنىپ قايتا كىرسىڭىزلا بولىدۇ. مىكروسوفت توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلايدۇ، چوڭلۇقى ئاران 2-3 مېگابايت، بارلىق جەريانغا 1 مىنۇتمۇ كەتمەيدۇ.
2mb-3mb باشقا تىل بولاقلىرىنى 90mb-120mb ئەتراپىدا كۆرگەندەك قىلغانتىم ؟
سىز مۇ بىر مەھسۇلات تۇنۇشتۇرۇش يىغىنى ئاچسىڭز قالتىس بولغۇدەك !
بىر تال دىسكا بىرلا كومپىيوتىرغا قاچىلنامدۇ،ياكى بىر قانچە كومپىيويىرغا قاچىلاشقا بولامدۇ.مۇشۇ مەسلىدە سەل ئىككىلنىپ قالدىما ،ئۇيغۇرسوفـت لۇغىتىگە ئوخشاش بىرلا كومپيوتىرغا قاچىلىنامدىغاندۇ ماۋۇ win8؟
يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەممىسى ئادەتتە بىر كومپيۇتېرغا قاچىلىنىدۇ، بۇ 20-30 يىلدىن بۇيان خەلقئارادا يولغا قويۇلۇۋاتقان قانۇن. جۇڭگودىمۇ ھەم شۇنداق، 20 يىل بولاي دېدى.
بىر كومپىيۇتىرغا تەكرار قاچىلاشقا بولىدىغاندۇ؟
ئەلۋەتتە، ئاساسىي تاختىسى، CPU ئۆزگەرمىسىلا
بىر تال دىسكا بىرلا كومپىيوتىرغاقاچىلىمىساقانۇنسىز كۈچۈرپ ساتىدىغانلارغا پۇرسەت بولمامدۇ
ئالىم مۇئەللىم بىلگىنۇر، شەرىفە بۇئىسمنىڭ قايسىسى بولغىدەك
تىل بۇلۇقى سەل كىچىكمۇ قانداق؟
سىزچە قانچىلىك چوڭلۇقتا بولسا مۇۋاپىق بولىدۇ؟ نەچچە 100 مىڭ سۆز-جۈملىنى پىرسلايدۇ، پەقەت ID بار، تەرجىمىسى بار، قالغىنى جايىغا چۈشىدۇ
ئەسسالام ئالىم مۇئەللىم؟
سىستىمىنى بىرلا كۇمپىيۇتىرغا قاچىلاشقا، پەقەت ئاساسى تاختا، CPU ئۇزگەرمىسلا دەپسىز. ئادەتتە كۇمپيۇترىنىڭ ئاساسى تاخىسىدا تۇلا كاشلا يۇز بىردىغان بۇلۇپ كەتتى. ئۇنداق ئەھۋال ئاستىدا سىتىمىنىڭ پۇلىدىن ۋاز كەچمەي ئامال يۇقما مۇئەللىم؟
جاۋاپ بەرسىڭىز؟
سىستىمىنىڭ پۇلىدىن ۋاز كەچمەي ئامال يوقكەن قارىغاندا.
شۇڭا، زاكاز، زاكاز!،… دەپ ئالدىراتماڭلار، بۇنداق ئىشقىمۇ ھاياجان ئارىلىشىپ قالسا بولمايدۇ
ئالىم مۇئەللىم ، كۆزنەك 8ئۇيغۇرچە سېستىمىدىن مەنمۇ زاكاس قىلىمەن ، زاكاس باشلانغاندا ئۇچۇرنى چىقىرىۋېتەرسىز، ھە راست، نوكىيانىڭ كۆزنەك 8يانفونى ئېلان قىلىنىپتۇمىش، ئۇنىمۇ سىزدىن سېتىۋالساق بولامدۇ؟
تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر ! بالاڭلارغا ئىسىم قويغاندا ئىسلام دىندا بار ئىسىم قويساڭلا بۇلىۋىېدۇ! ئالىم مۇئەللىمنى ئاۋارە قىلماي! ھىچ بولمىسا شۇ تۇرۇشلۇق مەھەللىدىكى دىندار كىشىدىن سوراڭلا ! چۈنكى بىر ئادەم ھەممىدە مەلۇماتلىق بۇلۇپ بۇلالمايدۇ، ئالىم مۇئەللىم دەپ بەرگەن ئىسىمنى بالىڭىزغا قويدىڭىزمۇ ياكى باشقا ئىسىمنى قويدىڭىزمۇ بۇنى كىم بىلىدۇ؟ ماۋۇ كومپىيوتېر ئاتالغۇلىرىغا ئائىت سۇئال سورىمامسىز دەيمەن!!!!
Surfaceنى سىز مۇ قىزىل بايراقتىكى ئىشخانىغا 26 چىلا ئەكەلدۈرۈپ بولامسىز….شۇ يەردىن سېتىۋالغىلى بولامدۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەت ئەپەندى، اللە ئىشلىرىڭىزنى ئۇتۇقلۇق، تېنىڭىزنى سالامەت قىغاي !
مەقسەتكە كەلسەك، سىزدىن ياردەم سورىماقچى ئىدىم.
WinXP قاچىلانغان بىر دانە ئۈستەل كومپيۇتېرى بار، خەنزۇچە خەتنى تونۇمايدۇ. مۇشۇنىڭغا شەرقىي ئاسىيا تىللىرىنى قاچىلاپ خەنزۇ تىلىنى نورمال تونۇيدىغان قىلىش توغرىسىدا بىر ياردەم قىلسىڭىز بولاتتى.
باشقا سىستېما قاچىلاشقا بولمايدۇ.
توردىن خېلى ئىزدىگەن بولساممۇ سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى قىلالمىدىم. ياردىمىزڭىنى ئايىمىغايسىز !
قارىغاندا سىستېمىڭىز خەنزۇچە ئەمەس Windows XP كەن، شۇڭا ئىنگلىزچە يازدىم
(1) Start
(2) Control Panel
(3) Regional and Language Options
(4) Languages
(5) Install files for East Asian languages
(6) OK
ئاپلا، گەپنى چالا قىلىپ قويۇپتىمەن.
سىز دېگەندەك قىلسام، CD دىسكا سوراپ تۇرىۋالدى. ئەپسۇس، مەندە دىسكا يوق ئىدى. دىسكىسىز ھالەتتە i386 ھۆججىتى ئارقىلىق خەنزۇ تىلىنى تونۇشتىن ياردەم قىلسىڭىز بولاتتى ئۇستاز !
http://msdn.itellyou.cn ما تور ئادىرىسىدىن XPدىن بىرنى چۈشۈرۈڭ، isoھالىتىدىكى ھۆججەت، ئاندىن مەۋھۇم دىسكا قۇرالى(ultra iso)دىگەندەك نەرسىدە ئىچىپ ئاندىن قاتسىڭىز بولىدۇ.
دورا بەرمەي، ئۇكۇل ئۇرماي، ھېچقانداق ئەسۋاب-ئۈسكۈنە ئىشلەتمەي كېسەل داۋالا دەيدىغان ئوخشامسىز؟
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇئەللىم.
بۇ يۇمشاق دېتال چىققاندىن كىيىن سىز شىنجاڭدىكى باش ۋاكالەتچى بۇلۇپ ساتامسىز؟ بىلىپ باقاي دېگەن