ئىنتېل ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، مىكروسوفتمۇ ھەم. | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى  >  يازما كۆرۈش

ئىنتېل ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، مىكروسوفتمۇ ھەم.

[ IT خەۋەرلىرى ]

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دۇنيادىمۇ ساراڭلار بەك كۆپىيىپ كەتتى، بۇ يىل 2-ئايدا مىكروسوفت بىلەن HP (خېۋلىد پەككارد) بىرلىشىپ 600-700 يۈەنلىك ئالقان كومپيۇتېرى HP Stream 7 ۋە HP Stream 8 بازارغا سالغان ئىدى، مانا ئەمدى ئامېرىكا ئىنتېل شىركىتى بارماق كومپيۇتېرى (Intel computer stick) ئىشلەپ بازارغا سېلىپتۇ، ئىنتېل (Intel) شىركىتى كومپيۇتېرنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنى ئىشلەپچىقىرىپ كېلىۋاتقان شىركەت بولۇپ، بۇ جەھەتتە دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
intel-00

intel-0

intel-1

intel-2

intel-3

intel-4

intel-5

intel-31
ئىنتېل بارماق كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى 2GB، قاتتىق دىسكا سىغىمى 32GB، ئىچىگە مىكروسوفت Windows 8.1 قاچىلانغان بولۇپ، تېلېۋىزورغا چېتىپلا ئىشلىتىدىكەنسىز يەنى ئۆيىڭىزدىكى تېلېۋىزورنى كومپيۇتېرغا ئايلاندۇرالايدىكەنسىز. دائىم تورغا چىقىپ ئۇچۇر ئىزدەيدىغان، كىنو كۆرىدىغان، ناخشا-مۇزىكا ئاڭلايدىغانلارغا بولۇپ بەرگۈدەك ئەمدى. ئەمدى بۇنداق ياخشى سەپلىمىلىك كومپيۇتېرنى ئىشتان يانچۇققا سېلىپ يۈرگۈدەكمىز، توۋا دېمىسەك بىكار جۇمۇ.

ئىنتېل شىركىتى دۇنيادىكى كومپيۇتېرلارنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ، قاتتىق دېتال شىركەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنتېل ۋە AMD شىركىتىنىڭ مەركىزىي بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنى ئىشلىتىدۇ، ئەمما ئىنتېلنىڭ مۇتلەق ئالدىدا، تېپىۋاتقان پۇلىمۇ ئەڭ كۆپ، شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇلار يەنە رازى بولماي، ئۆيدىكى تېلېۋىزورنى كومپيۇتېرغا ئايلاندۇرىدىغان بارماق كومپيۇتېرى ئىشلەپچىقىرىپتۇ، ئېلان سۆزىگە تېخى «بىز پەقەت ئورالمىسىنى كىچىكلەتتۇق، ئىقتىدارىنى ئەمەس» دەپتۇ، خوتەن ئوغۇزخان شىركىتىنى دوراپ، «بىز مۇبالىغە قىلمىدۇق، پەقەت سىزنى ئىشلىتىپ باقسۇن»-دېدۇق دېگەن بولسا تېخىمۇ نوچى بولار ئىكەن كاساپەت.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
44 پارچە باھا يېزىلدى
  • جىمجىتقۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى pm 13:22
  • سېلى ساراڭ بولۇپ قالمىسىلا جۇمۇ مالىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى am 08:43
  • ۋىندوۋس سېستىمىسى 8دىن باشلاپ ئۇيغۇرچە بولغاندىن كېيىن ئېكران ئاستى بۇرجەك ئەڭ چېتىدىكى جاينى باسقاندا ئۈستەل يۈزىگە قايتىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدىكەن. بۇنى مىكروسوفت يەتكۈزۈپ قويغان بولسىلىرى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 22:47
  • نېمىلا دېمىگەن بىلەن چوڭ بۆسۈش بولۇپتۇ، ئۇتۇق تىلەيمەن.
    ئالىم مۇئەللىم، ئاۋۋال سىلىنىڭ ئۇيغۇر كومپىيوتېرچىلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقانلىقلىرىغا چوڭقۇر رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن، ئاندىن كېيىن تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ تەكلىپ-پىكىر بېرەي دىگەن ئىدىم، ئۇيغۇرسوفت شىركىتى ئىشلەپ بازارغا سالغان يۇمشاق دېتاللار تۇرمۇشىمىزغا زور ئاسانچىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يۇمشاق دېتاللارنىڭ كۆرۈنمە يۈزى جەھەتتە ئازراق توختىلىپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ دەپ ئويلايمەن ( شەخسىي كۆز قاراش ) ، بىر يۇمشاق دېتالنىڭ پۈتۈپ چىقىش جەريانىنى سۆزلەپ كەلسەك پروگراممېرلار جاپاسىنى ئوبدان بىلىدۇ، ھازىر نۇرغۇن تەرەققىي قىلغان يۇمشاق دېتال ئېلىكتىرون شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان يۇمشاق دېتالنىڭ ئىقتىدارىغىلا ئەمەس كۆرۈنمە يۈزىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، بۇنىسى ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، يۇمشاق دېتال كۆرۈنمە يۈزى ئىشلەتكۈچىنىڭ شۇ دېتالغا بولغان ئىنكاسى ۋە سېزىمىنىڭ 1-ۋاستىچىسى دېيىشكە تامامەن بولىدۇ دەپ قارايمەن، كۆرۈنمە يۈزى ياخشى چىققاندىلا ئاندىن كىشىگە راھەت تۇيغۇ بېغىشلايدۇ ۋە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كۆپىيىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئىچىدە مۇشۇ مەسىلە بارغانسېرى ھەل بولىۋاتىدۇ، لېكىن يەنىلا مەسىلە مەۋجۇت. بۇنىمۇ توغرا چۈشىنىپ تۇرايلى، مەسىلەن: ۋاقىت قىس بولۇش، ئادەم كۈچى يېتىشمەسلىك… ۋە باشقا سەۋەبلەر.
    مىنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنىم بىزمۇ يات مىللەتتىكىلەر قىلالىغان ئىشنى قىلالىساق، ھېچ بولمىسا تېرىشىپ باقساق، ئارىمىزدىمۇ نۇرغۇن قابىلىيەتلىك لايىھەلىگۈچىلىرىمىز بار.
    ئالىم مۇئەللىم، ئېلخەت ئادرىسىنى قالدۇرۇپ قويسىلا، سىلىگە ئاتاپ بىرنەرسە لايىھەلىگەن، ياراپ قالسا بۇنىڭدىن باشقا يەنە يېڭى يۇمشاق دېتاللار بولسا كۆرۈنمە يۈزىنى خالس لايىھەلەپ بېرىشنى خالايمەن.
    ئىنكاستا ئىملا خاتالىقى بولسا ئەپۇ قىلىشقايلا…

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 18:16
  • ئالىم مۇئەللىم windows10 نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدە بىر يەردە ئىملا خاتالىقىنى بايقىدىم،
    (بارلىق تەڭشەكلەر – ئاسان زىيارەت -كۇنۇپكا تاختىسى-مۇقىم كۇنۇپكىلار- مۇقىم كۇنۇپكىلار ئۈچۈن بىې قېتىمدا بىرلا كۇنۇپكا بېسىڭ) دېگەن يەردىكى بىر بىې دەپ يېزىلىپ قاپتۇ، ئەسلى مۇقىم كۇنۇپكىلار ئۈچۈن بىر قېتىمدا بىرلا كۇنۇپكا بېسىڭ، تۈزتىشكە پايدىسى بولارمىكى دەپ ئىنكاس قىلدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى am 11:28
  • خوش خەۋەر … بايا ياىدىمغا يىتىپ مالىتىلاپ باقسام 10نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولقى ئاللىبۇرۇن ئېلان قىلنىپ بوپتۇ ، كومپىيوترنىڭ … تۇللۇق ئۇيغۇرچە قىلۋالىدىم … wp ئىشلىتىۋاتقانلار بولسا سىلەرمۇ تەكشۈرۈپ بېقىڭلا ….

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 23:00
  • ئالىم مالىم ھېيت كۈنى Win10 / office2016 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى تەڭلا ئېلان قىلىنىپتۇ. ھازىر تىل بولىقىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىۋاتىمىز. بىلوگىمىزدا Win10 غا مۇناسىۋەتلك يازما خەۋەرلەرنى ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىمىز. Win10 ھەقىقەتەن ياخشى سىستېما بوپ چىقىپتۇ. ئۇيغۇرچە يەركلەشتۈرۈلۈشىمۇ شۇنداق سۈپەتلىك بولۇپتۇ. لېكىن ئۇيغۇرچە بولغاندىن كېيىن ئېكران ئاستى بۇرجەك ئەڭ چېتىدىكى جاينى باسقاندا ئۈستەل يۈزىگە قايتىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرايدىكەن. بۇنى مىكروسوفت يەتكۈزۈپ قويغان بولسىلىرى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 21:32
  • ئالىم مۇئەللىم سەمىگە:
    ئالىم مۇئەللىم، سىزنىڭ ئالدىنقى يازمىڭىز بولغان‹‹windows10 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىمۇ چىقىدۇ›› دىگەن يازمىڭىزدا ‹‹پىداكار›› نامدىكى تورداش مۇنداق ئىنكاس قايتۇرۇپتۇ: xbox دا بىر خەت خاتا يېزىلىپ قەپتۇ
    ‹يېقىندا ھېچنېمە ئوينىماپسىز .ئوينىسىڭىز بۇ يەردە كۆرۈنەتتى›دىگەن خەتتىكى ‹ئوينىماپسىز›دىگەن خەت خاتا يېزىلىپ‹يېقىندا ھېچنېمە ئويناپسىز .ئوينىسىڭىز بۇ يەردە كۆرۈنەتتى›دەپ خاتا يېزىلىپ قاپتۇ بەلكىم يەنە مۇشۇنداق خەتلەر باردۇ لېكىن مەن مۇشۇ بىر خەتنىلا بايقىدىم
    ———-
    سىزنىڭ ۋاقتىڭىز زىچ بولغاچقا ئىھتىمال يۇقىرقى تورداشنىڭ يازغان ئىنكاسىنى كۆرمەي قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. سىزنىڭ بۇ ئىنكاسنى كۆرگەندىن كىيىن windows10 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ياساش جەريانىدا ئىھتىياتسىزلىقتىن خاتا تەرجىمە قىلىنىپ كەتكەن يەرلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى يەنە بىر قىتىم تەكشۈرۈپ چىقىشىڭىزنى سورايمەن. ئەگەرwindows10 ئىلان قىلىنىپلا كەتسە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىدىكى خاتا تەرجىمە قىلىنىپ كەتكەن جايلارنى كىيىن تۈزىتىۋىلىش مۇمكىن بولماي قالىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 13:44
  • بۇننغۇ سىتىۋالارمىز ، يۇ ئەسببي ئىغىزى بار تېلىۋىزورنىمۇ سىتىۋالارمىز ، مائۇس ۋە كونۇپكا تاختىسىنىمۇ ئىلىپ يۈرۈيدىغان ئىشمۇ بۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 12:18
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم؛تېمىڭىزغا رەھمەت بىز بۇئادرىستىكى تەكشى يۈزلۈك تاختا كومپىيوتىرنى سېتىۋالايلى دىگەن ئىدۇق،
    http://www.microsoftstore.com.cn/%E7%B1%BB%E5%88%AB/%E7%94%B5%E8%84%91%2B%E5%B9%B3%E6%9D%BF/%E5%B9%B3%E6%9D%BF%E7%94%B5%E8%84%91/%E5%8F%B0%E7%94%B5X16HD-3G%E5%8F%8C%E7%B3%BB%E7%BB%9F-%E8%B6%85%E7%BA%A7%E6%9D%BF/p/Teclast-X16HD-00000 شۇنى مىكرو سوفت توردۇكىنىدىن ئەكەلدۈرۈپ بەرگەن بولسىڭىز
    تىگىشلىك ھەقلەرنى تاپشۇرساق،بۇ تاختا كومپىيوتىر قوشسېستىمىلىق ئىكەن قىزىققان يېرىمىز شۇ بولدى ھەم كۆپ ئىلغار ئىكەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى am 10:41
  • تور بەتكە بىرەرسى ھۇجۇم قىلدىمۇ قانداقق بارلىق باش سۆرەتلەر ئۆزگىرەپ كەتىپتۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى am 10:39
  • نىمداق پەيزى . راستلام قايىل بولدۇم بۇ خەققە جۇمۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 12:25
  • باھاسى قانچىلىق چىقا، ھازىرلا بىرنى ئالغىم كىلۋاتىدۇ، مەندەك تولا كاماندۇرۇپكىغا چىقىدىغانلارغا بەك قولايلىق بولغۇدەك، ھازىر ھەممە ياتاقتا تېلېۋۇزۇر بار، بۇ نەرسىنى يانچۇققا سىلىپلا چىقسا خاتىرە كومپيوتېرنى ئىلىپ يۇرۈشنىڭ زۆرۈرىيتى قالمىغىدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 19:17
  • ساراڭدىن يەنە بىرسى چىقىپ،ئېكراننى كىچىكلىتپ،قاتلاپ يۈرىيدىغان قلىۋەتسە تېخىمۇ قولاي بوپ كەتكۈدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى pm 16:51
  • بىزدىمۇ شۇنداق ساراڭلار كۆپلەپ چىققاي

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى pm 19:28