نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش ئېلان ئورنى

hybrid boot، live tile،…قاتارلىق ئاتالغۇلار ھەققىدە

[ ئاتالغۇلار ]

تۆۋەندىكى ئاتالغۇلارغا بىر كۈن مۆھلەت بېرىلگەن بولۇپ، ئەتە ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 6:00 دىن بۇرۇن تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك. ھازىرچە ئىنگلىزچە چۈشەندۈرۈشلىرىدىن باشقا ھېچقانداق پايدىلىنىش ئۇچۇرى يوق، تۈركچە، ئۆزبېكچە، قازاقچە ئۇياقتا تۇرسۇن، خەنزۇچە، ئەرەبچە قاتارلىق چوڭ تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىنمىغان. قېنى بۇ ئىشقا قىزىقىدىغانلار ۋاقتىدا پىكىر بېرىڭلار، 1-چېسلادىن باشلاپ ئاتالغۇلارنى قاراپ چىقىشقا قاتنىشىمىز دەپ ماڭا خەت يازغانلارمۇ ئالدى بىلەن ماۋۇ ئاتالغۇنى تەرجىمە قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك. قېنى مەرھەمەت!

(1) hybrid boot
A method of starting the computer that speeds boot time by ending the user session and hibernating the computer, rather than shutting down all running services.

(2) live tile
A tile that updates dynamically to show content directly from the Start screen.

(3) proximity
A Windows feature that enables users to connect computers with a simple tap gesture or by browsing for computers within wireless range. If two computers come within 3-4 centimeters of each other, or are tapped together, the operating system of each computer becomes aware of the other computer. Also, a user can browse for computers within wireless range that are advertising for a peer connection. The user can then connect the two computers to share content such as photos or links, or create a multi-player experience. If the connection is made using a tap gesture, the user can also publish and subscribe to messages transmitted during the tap.

(4) Trusted Boot
A customized process that identifies and fixes potential problems during PC startup.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
61 پارچە باھا يېزىلدى
  • قەدىرلىك مۇئەللىم ، سالامەتلىكىڭىزنى ئاسراڭ جۇمۇ ، ئارامغا دىققەت قىلىڭ … مۇشۇ كۈنلەردە ھەددىدىن زىيادە ئالدىراش بولۇپ كېتىۋاتقاندەكلا سىز …

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 18:52
    • چارچاپ ئۆلەي دېدىم، بىھۇدە ئىشلارغا بەك كۆپ زېھنىم كەتتى.
      بۈگۈنكى ۋەزىپىنى 5:58 ئۆتكەندە ئاران تاماملاپ يوللاپ بولدۇم. تاس قالدى كېچىكىپ قالغىلى

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:02
    • راست، سالامەتلىككىڭىزگە كۆپرەك دىققەت قىلىڭ. ئىشلار پەقەت بۇ بىر قېتىمىل بىلەن تۈگمەيدۇ. مىللىتىمىزگە يەنە سىزدەك ئوغلانلار كېرەك….

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:14
  • بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 5:58 دە يوللاندى، تاس قالدىم كېچىكىپ قالغىلى.
    =====================
    1. hybrid boot
    بۇ ئەسلىي ئاتالغۇ ئاتالغۇ رەت قىلىندى. قارىغاندا ئۇنى تېخىمۇ ئاممىباب سۆز بىلەن ئىپادىلەيدىغان ئوخشايدۇ، كېيىنگە قالدۇرۇلدى. ئاددىي، ئىخچام بولۇش Windows نىڭ تىل ئالاھىدىلىكى.

    2. live tile
    جانلىق تىزما
    ئىلگىرى بىز tile نى تىزما دەپ بىرلىككە كەلتۈرگەن، بۇ ئېكران يۈزىدە نۇرغۇن ئەپلەر تىزىلىپ تۇرىدۇ، ھەر بىرىنى بىز تىزما دەپ ئاتىدۇ. ماۋۇ تىزمىدا كۈنىدىلىك خەۋەرلەر، ھاۋا رايى،…قاتارلىقلار يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ،

    3. proximity
    يېقىنلىق
    بۇنى چۈشەندۈرمىسەممۇ ئىنگلىزچە يەشمىسىدە بەك ئېنىق چۈشەندۈرۈپتۇ.

    4. Trusted Boot
    ئىشەنچلىك قوزغىتىش
    بۇنىڭدا ھېچقانداق مەسىلە يوق
    ===================
    باشقا پىكىردە بولمىساڭلار، مۇشۇ بويىچە ئىشلىتىڭلار

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 19:14
    • ھا ھاھ… مۇشۇ نەچچە كۈن تازا جاپا تارتىۋالدىڭىزدە.
      باياتىن بىر مۇنچە نەرسە يازسام ھەممىسى ئۆچۈپ كېتىپتۇ، ئەتتىگەن بۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ، ئىنكاس يازغان، كەچتە ۋاقتىدا كېلەلمىدىم. قارىسام ئىشمۇ تۈگەپتۇ.

      1. hybrid boot
      HYBRID سۆزى بۇ بىرنەچچە يىل مەھسۇلاتلاردا مودا بولۇۋاتىدۇ، دەسلەپ پىكاپقا قارىتىلغان ئىدى يەنى قوش ماتورلۇق پىكاپ HYBRID CAR، توكلۇق ۋە يېقىلغۇ ماتورلۇق پىكاپلارنى كۆرسۈتىدۇ، يېقىلغۇ ۋە توكتا تەڭ ماڭىدۇ، ئىشلەش ماسلاشتۇرۇلغان، سەرپىياتى تۆۋەن، كاشىلىسى ئاز، مەنزىلگە ۋاقتىدا تېز بارغىلى بولىدۇ، ئولتۇرۇپ باقتۇق راسلا پېچەت پىكاپ. بۇ سۆز يېقىندا تاماكىدا مودا بولدى، قوش تەملىك تاماكا دەپ، دەسلەپ لارك شېركىتى LARK HYBRID ئىشلىگەن. كېيىن مارىلبورو Marlboro Ice Blast نى بازارغا سالدى، ئۇنىڭغا ئۇلاپ كېنت Kent iSWITCH نى چىقاردى. دىققەت قىلساق بۇلار ھەممىسى قوش تەملىك تاماكا ئەمماHYBRID سۆزىنى مارىلبورو ۋە كېنت ماركىسىدا ئىشلىتەلمىدى پەقەت مەنىداش سۆز ئارقىلىق شۇنى ئىپادىلەپتۇ، ئىلغار دۆلەتلەردە ئەقلىيەت قانۇنى كۈچلۈك بولغاچ، شېركەتلەر بۇ نۇقتىدا ئەھمىيەت بېرىدىكەن. بۇلار تاماكا ئېلانى ئەمەس، پەقەت بۇ ئۇقۇمنى چۈشۈنۈشتە پايدىلىنىش ئۈچۈن يېزىلدى.

      ئەمدى مىكروسوفىتمۇ مودا ئويناپ، بۇ سۆزنى ئىشلەتكەن بولسا، ئۇ سۆزدىن ۋە يەشمىسىدىن قارىغاندا تېز قوزغۇتۇش ياكى سۈرئەتلىك قوزغۇتۇش دەپ ئالساق قانداق بولار؟

      2 ۋە 3 مۇۋاپىق بوپتۇ. پېچەت دەيمىزمۇ.

      4. ئىشەنچىلىك قوزغىتىش، Trustedنى دەسلەپ كۆرگەندە كاللىغا شۇنداق كەلگەن، يەشمىسىگە قارىسام (كومپىيۇتېرنىڭ قوزغۇلۇشىغا تەسىر قىلىدىغان خاتالىقلارنى بايقاپ تۈزەيدىغان تاللانما مەشغۇلات) دەپتۇ. بىرىككەنلىكى ۋە ئەنگىلىزچە يەشمىسىگە قارىغاندا بىخەتەر قوزغىتىش دەپ ئالساق قانداق بولار؟
      بۇلار پەقەت شەخسى پىكىر، ئۆزئارا پايدىلىنىش ئۈچۈن يېزىلدى.

      ئاساسلىقى مەن ۋىندوۋىز 8 نىڭ ئۇيغۇرچىسىغا قاراپ قالدىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى am 05:00
      • رەھمەت! بىرىنچىسىنى ناھايىتى ياخشى چۈشەندۈرۈپسىز، نۇرغۇن مىللەتلەر تەرجىمە قىلالماي، چۈشىنەلمەي قالدۇق دېگەن بولغاچقا، ئۇ ئەسلىي ئاتالغۇ بەك مۇرەككەپ بولۇپ كېتىپتۇ دەپ ئۇنى rejected (رەت قىلىپتۇ)، يەنى ھازىرچە تەرجىمە قىلماڭلار دەپتۇ، بۇ ئاتالغۇلارنىمۇ تۈرك، ئۆزبېكلەر ئەمەس، بەلكى ماۋۇ يولداشلاردىنمۇ بۇرۇن تەرجىمە قىلىپ يوللاندى. ئۇلارغا تېخىچە Live Tile دىكى Live نى ھەرىكەتچان دەمدۇق، نەق مەيدان دەمدۇق دەپ ئويلىنىۋاتىدۇ، charms دېگەن سۆز ئۈچۈن 2 يېرىم ئاي مۇنازىرە قىلدى، چوقۇم مەلۇم بىر خەت بىلەن ئىپادىلەش كېرەك ئۇنى.

        ئاندىن يەنە بىخەتەرلىك دېگەن شۇ خەتەر يوق، ئىشەنچلىك دېگەن بولار؟ شۇڭا ئىشەنچلىك قوزغىتىش دەپ ئالدىم

        يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى am 07:14
    • مەن تېخى بۇ يىل ھەممىمىز Hybrid ئوينايدىغان ئوخشايمىز دەپتىكەنمەن. تۈركىيەلىكلەر بۇ سۆزنى Hibrid دەپ ئاپتۇ. تىرناق ئېلىپ Melez دەپ يېنىغا يېزىپ قويۇپتۇ. قارىساملا بۇ ئۇقۇم ئۇلارغا خېلى تەس كەلگەن چىراي. ھازىر سىرىتقا چىقىمەن سەل تۇرۇپ داۋامىنى يازاي.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى am 09:50
  • رەھمەت سىلەرگە… بىزنىڭ تىلىمىزمۇ كومپيۇتېردىكى رەسمى تىلغا ئايلاندى! نىمىدىگەن پەخرلىك ھە!

    رەھمەت سىزگە ئالىمكا! ھارماڭ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:24
  • رىشتە proximity
    (چاقچاق)

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:53
  • بۇمۇ بوپتۇ.
    ئۇيغۇرچىدا «ھازىرجاۋاب» دەيدىغان بىر سۆز بار.
    جانلىق دېگەنلىك ھەرىكەتلىنىپ، ئورنى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، دېگەندەك مەنىدە.
    ئىكراندىكى ھەرىكەتلەنگەن شارچىغا «جانلىق» سۆزى ماس كېلىدۇ.
    «ھازىر» دېگىنى ئەڭ يېڭى، ئۆزلۈكسىز يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ دېگەن مەنىدە.
    ئورنى ئۆزگەرمەيدىغان مەزمۇنى يېڭىلىنىدىغان بولسا «ھازىر» دېگەن سۆز مۇۋاپىق.
    ئەلۋەتتە، بەزىدە ئېھتىياج تۈپەيلى كۆچمە مەنە چىقارساقمۇ بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 22:09
  • hybrid boot
    بۇنىغۇ مەنىسىگە ئاساسەن تەرجىمە قىلساق ئارلاغ قوزغۇتۇش دېسەك توغرا بولدىكەن . لىكىن بۇنىڭ چۈشەندۇرلىشىگە ئاساسلانغاندا تەپپۇس قوزغۇتۇش دېگەننى قوللايمەن .
    live tile جانلىق قوزغۇتۇش
    proximityمىنىڭچە بۇنى ئۇلاق ،ھەمبەھىرلەنمە ، يەنە بىر خىل كۆ قارشىم بۇمۇ ئىككى كومپىيوتېرنى ئۇلاپ سانلىق مەلوماتنى ھەمبەھىرلەيدىغان ئىش بولغاندىنكېيىن قوغاش دەپ ئاتساق بولمدىكىن
    قوغاش : ئىككى ئۆستەڭ سۈيىنى ئېرىق ئارقىلق ئۇلىماي قوغاش ئارقىلىق بىر بىرگە تۇتاشتۇردۇ .
    Trusted Boot
    بۇنى ئەلا يېتەكلىمە ، ئىشەنچلىك يېتەكلىمە

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 22:15
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    قالغان 3ئاتالغۇنىڭ تەرجىمىسى مېنىڭچە خېلى جايىدا تەرجىمە قىلىنىپتۇ، hybrid boot دىگەننى مەن ethernet تېخنىكىسىدىكى ethernet portنىڭ 3خىل ھالىتى (يەنى access,trunk,hybrid ) ئىچىدىكى hybridنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى بويىچە ،ئەبجەش قوزغىتىش دەپ چۈشەندىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 22:40
  • ئىنگىلىزچە ئەسلى سۆز مەنىسى بويىچە ئەمەس، چۈشۈندۈرۈلگەن مەزمۇنى بويىچە ماسلاشتۇرۇپ تەرجىمە قىلساق:
    1. يىنىك قوزغىتىش ياكى تېز قوزغىتىش
    2. جانلىق تىزما (بۇ ئەڭ ماس كەلگۈدەك)
    3. خوشنىلار (سۆز مەنىسى مۇئەللىم دىگەندەك يىقىنلىق، لىكىن بۇنى ئۆز تىلىمىزدىكى كومپيۇتېردا كۆرسەك قانداق مەنە بىرىشى مۇمكىن؟ ئىنگىلىزچە چۈشەندۈرمىسىگە قارىغاندا خوشنىلار دەپ ئىلىش مۇۋاپىقمۇ قانداق، ئىشلەتكۈچىگىمۇ ئىنىق بىلىنىدۇ)
    4. بىخەتەر قوزغىتىش، (ياكى ئۈستىدىكىدەك) ئىشەنچىلىك قوزغىتىش

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى am 00:27
  • كۆپچۈلۈكنىڭ كۈزى ساقلاپ سەكىز بوغاندۇ ھە بۈگۈنكى مىكروسوفىتنىڭ ئېلان قىلىش يىغىنىڭ ئېچىلىش ۋاقتى شىنجاڭ ۋاقتى 29چىسلا كەچ 10دىن 12گىچە مۇشۇ ئارلىقتا ئېلان قىلىندۇ ۋىندوس سەكىزنىڭ سىناق نۇسقىسى ئېلان قىلىندۇ كۆپچۈلۈك تەيارلاندىڭلامۇ 8250.0WINMAIN_WIN8BETA.120217-1520

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى am 07:09
  • 1 پاكىز تېزلىتىش
    2 ئۈتكۇنچە كۆزنەك
    3 سىمسىز ئۇچۇرىشىش
    4 ئاكىتىپ رىمۇنىتىلاش

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 19:38
  • ھۆرمەتلىك ئالىم مۇئەللىم ھارمىغايسىز! مۇشۇ كۇنلەردە نۇرغۇن ياخشى ئىشلار بولىۋاتىدۇ، بىزمۇ بارغانچە دۇنيا تەرەققىياتىغا يېتىشىۋاتىمىز. ئۇلۇغ ئاللا ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت بەرسۇن، تېنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن!

    ئاخىرىدا تەكلىۋىم بېكىتىڭىز بولسا تىزىملىتىپ كىرىدىغان، كەلگەن ئۇچۇرلار ۋە ئىنكاسلار ئەسكەرتىلىدىغان بولسا بەك ياخشى ئىش بولار ئىكەن. ئويلىشىپ باقسىڭىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى am 07:50
  • كىيىن قالغان بولساممۇ ئۆز پىكرىمنى ئىپادىلەشنى لايىق تاپتىم.
    1. تەييار قوزغىتىش . چۈنكى hybrid boot نىڭ چۈشەندۈرلىشىدىن قارىغاندا، كومپىيوتېرنى ئۆچۈرگەندە ھەممە ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرمەي، بەزى ئۇچۇرلارنى ساقلاپ قېلىش ئارقىلىق قوزغىلىش سۈرئىتىنى تىزلىتىدىكەن. مۇنداقچە ئېيتقاندا بەزى مۇلازىمەتلەرنىڭ قايتا قوزغىلىش ۋاقتى قىسقىرايدىكەن.
    4. ساق قوزغىتىش . بۇنى سۆز مەنىسى بويىچە تەرجىمە قىلغاندىن شۇ ئىقتىدارنىڭ چۈشەندۈرلىشى بويىچە تەرجىمە قىلساق بولغۇدەك. يەنى بۇ كومپىيوتېردىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىپ قوزغىلىدىغان تۈر ئىكەن. دىمەك كومپىيوتېر ساق ھالەتتە قوزغىلىدۇ دىگەن گەپ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى am 09:11
  • ئۆزھەل قوزغىتىشhybrid boot

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى am 00:38
  • ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم؛
    مىنىڭ كومپيۇتېر ۋە ئۇيغۇرتىلىغا مۇناسىۋەتلىك سىزدىن مەسلىھەت سورايدىغان ئىككى سۇئالىم بار ئىدى. ئەسلى سىزگە بىۋاستە ئىلىكتروللۇق پوچتا يوللاي دىگەن ئىدىم، بىراق سىزنىڭ ئىلىكتروللۇق پوچتا ساندۇقى ئادرىسىڭىزنى يۈرۈتۈپ قويۇپتىمەن،ئۈزىڭىزنى ئىزدەپ باراي دىسەم ئۆزۈم جىياڭسۇدا ئارلىق سەل يىراق تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇدۇللا تۇرايىڭىزغا سۆز قالدۇردۇم، ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز!
    سۇئالىم:
    1.adobe after effects يۇمشاق دىتالىدا بىزنىڭ كۆپ خىل ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ يۇمشاق دىتاللىرىمىز ئۇيغۇرچىنى توغرا چىقىرالمىدى (ئەلكاتىپنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ). توردىن ئىزدەپ كۆرسەم مەزكۇر يۇمشاق دىتال ئەسلىدىنلا ئەرەپ تىلى دىگەندەك تىللارنى قوللىمايدىغان قىلىپ ياسىلىپتىكەن. ئەگەر ئۇيغۇرچە چىقىرىمىز دىسەك پەقەت ئۇيغۇر يىزىقىنى سۆرەت شەكلىدە بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كىلىدىكەن. لىكىن يېقىندا تور ئارىلاۋېتىپ ئەرەپلەرنىڭ ئۆز يىزىقىنى after effects دە بىۋاستە تەھرىرلەۋاتقىنىنى كۆرۈپ قالدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇيان بۇيان ئىزدەپ بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ بىر سۇدانلىق لاھىيىلىگەن ئەرەپچىنى بىۋاستە كىرگۈزگىلى بولىدىغان قىستۇرمىسىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تاپتىم(پەرىزىمچە java دا ياسىغان بۇلىشى ئېكتىمال). لىكىن ھې ھې ھې … باھاسى $20 دوللاركەن! ماڭا بىر تەلىم بەرگەن بولسىڭىز ئەگەر ئەرەپ تىلىنى قوللىسا ئۇيغۇر تىلىنىمۇ قوللارمۇ؟ ئەگەر قوللىسا $200دوللار بولسىمۇ سېتىۋېلىپ نۇرۇز ئۈچۈن پەچەت ۋىدىو دىن بىرنى پۈتتۈرىۋالاتتىم…
    2. يېقىندا دەرىسمۇ بەك جىددىي ئەمەس ئىدى. ئالدىنقى كۈنى كۈتۈپخانىدا مارلاپ يۈرۈپ بىر يېڭى كىتابنى كۆرۈپ قالدىم. ئىسمى «html5&css完全手册» ئىكەن. باھاسى¥98 كۈتۈپخانىدا تولا تىمىسقىلاپ يۈرۈيدىغان بولغاچقا يېڭى كىتاپ كەلگىنىنى بىردەمدىلا سىزىۋالدىم! ھى ھى ھى تۇرقىدىن خېلە قالتىس كىتاپتەك تۇرىدۇ. مەن تور پروگراممىلىرىنى لاھىيىلەشنى ئۈزۈم ئۆگەنگەن بولغاچقا ئۈزى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ماتىرىيال كەمچىللىكى ۋە ئىقتىسادى جەھەتتە نۇرغۇن مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ھىس قىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرىزىمچە دىيارىمىزدا html5 ئۇقۇمى ئانچە ئۇمۇملىشىپ كەتمىگەن بۇلىشى مۇمكىن يەنە كىلىپ w3school غا ئوخشاش تور بېكەتلەر يوققۇ دەيمەن(پەرىزىم خاتا بولۇپ قالغان بولسا كۆپچىلىك ئەپۇ قىلغايسىلەر، مەن ھەرگىزمۇ ئۆزۈمنى يۇقىرى تۇتۇپ ئەمەس بەلكى بېكار يۈرىۋەرمەي ئازراق ئىش قىلسامكەن دىگەن ئۈمۈدۈم بار). مۇشۇ كىتابنى قۇربىمىنڭ يىتىشىچە تەرجىمە قىلىپ قۇياي دەپ ئويلىغان ئىدىم، سىزگە كىتابنىڭ تازا مەزمۇنلۇق بىرقانچە بېتىنى نۇسقا ئېلىپ يوللاپ بەرسەم، تەرجىمە قىلىشقا ئەرزىمدۇ يوق بىر قاراپ بەرسىڭىز دەپ ئۆتۈمەن!

    خېلە ۋاقىت بوپتىكەن ئۇيغۇرچە خەت بېسىپ باقمىغىلى……….. ھەجەپ جېق يىزىۋەتتىما بۈگۈن رەنجىمەڭ ھە ئالىم مۇئەللىم!

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 17:09
    • 1-سۇئالغا ئۇلىنىش:http://aescripts.com/arabictext
      2-سۇئالغا ئۇلىنىش:http://www.amazon.cn/HTML-5-CSS%E5%AE%8C%E5%85%A8%E6%89%8B%E5%86%8C-%E9%B2%8D%E5%A8%81%E5%B0%94/dp/product-description/B005CT243K

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 17:15
    • 1-سوئال: ئەگەر ئەرەپ تىلىنى قوللىسا ئۇيغۇر تىلىنىمۇ قوللارمۇ؟
      ناتايىن، چۈنكى ئۇيغۇرچە بىر نەچچە ھەرپنىڭ كودى ئەرەبچە ھەرپلەرنىڭ كەينىدە، ناۋادا، ئەرەبچە كود رايونىدىكى بارلىق ھەرپلەرنى قوللايدىغان قىلىپ ياسىغان بولسا(U0600-U06FF)، ئۇنداقتا ئۇيغۇرچىنى تامامەن قوللايدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن ئۇلارغا خەت يېزىپ سۈرۈشتە قىلىپ بېقىڭ.

      2-سوئال: سىزگە كىتابنىڭ تازا مەزمۇنلۇق بىرقانچە بېتىنى نۇسقا ئېلىپ يوللاپ بەرسەم، تەرجىمە قىلىشقا ئەرزىمدۇ يوق بىر قاراپ بەرسىڭىز دەپ ئۆتۈمەن!
      بۇ ياخشى ئىش ئىكەن، ئەلۋەتتە بولىدۇ، مەن بۇنداق ئىشلارنى بەك قوللايمەن. لېكىن، تەرجىمە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، نەشر قىلىپ سېتىش خىيالىڭىز بولسا، ئويلىنىپ ئىش قىلىڭ. بۇ جەھەتتە تەجرىبەم كەمچىل.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى pm 19:07
    • سېتىش نىيىتىم يوق، پەقەت تەرجىمە قىلىپ بىرەر ئاددىراق بېكەتتىن بىرنى ئېچىپ شۇنىڭغا چىقىرىپ قۇيايمىكىن رەپ ئويلاۋاتىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى am 09:29
  • رەخمەت ئالىم ئەھەت مۇئەللىم. سىز ھەقىقەتەن جىق جاپاتارتىپسىز.. ئەجرىڭىزگە كۆپ ساۋاب بولغاي. سىزنىڭ نامىڭىز ئۇيغۇر قەلبىدە مەڭگۈ ياشىغۇسى….
    يۇقىرىدكى تەرجىمىلەر ئۈچۈن خىلى كۆپ تورداشلار پىكىر قاتناشتۇرۇپتۇ…مىنىڭچە تەرجىمىدە ئۇدۇل، سۆزمۇ سۆز تەرجىمە قىلىشقا ئىسىلۋالماي، كەڭ ئۇيغۇر بىر قاراپلا چۈشۈنەلەيدىغان، ئاممىباپ ئاتالغۇلارنى ماس كەلتۈرۈپ ئىشلەتسەك دەيمەن. بۇ مىنىڭ پىكرىم پەقەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2012-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 14:55