6 مۇھىم ئەپنىڭ نامىنى قانداق ئاتايمىز؟ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئاتالغۇلار  >  يازما كۆرۈش

6 مۇھىم ئەپنىڭ نامىنى قانداق ئاتايمىز؟

[ ئاتالغۇلار ]

ئاتالغۇ ھەققىدە پاراڭلاشمىغىلى ئۇزۇن بولدى، بۇ قېتىم تۆۋەندىكى ئىنگلىزچە سۆزلەرنى «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»گە قوشماقچى ئىدىم دېمەستىن، گەپنى ئۇدۇل ئېيتاي، بەرىبىر بۇ گەپكە ھازىر ئىشەنمەيسىلەر. تۆۋەندە 6 مۇھىم ئەپنىڭ نامى بېرىلدى، بەلكىم يېقىن كەلگۈسىدە بۇ ئەپلەرنى نۇرغۇن جايلاردا ئۇچرىتىپ قالىسىز، ئۇنداقتا بۇلارنىڭ تەرجىمىسى بولۇپتىمۇ؟ ئىلگىرى كۆپ ئىشلىتىپ باقمىغان 3-، 4- ۋە 5-ئەپنىڭ يەشمىسىنى مۇنداقلا چۈشەندۈرۈپ قويدۇم. ئوخشىمايدىغان پىكىرىڭىز بارمۇ؟ قېنى مەرھەمەت قىلىڭ. ئەتە-ئۆگۈن ئىش پۈتكەندە مۇۋاپىق بولماي قاپتۇ دېسىڭىز، ئۈلگۈرمەي قالىدۇ. بۇ ئاتالغۇلار تېخى باشقا (خەنزۇچە، تۈرۈكچە، ئۆزبېكچە،…) تىللارغا تەرجىمە قىلىنمىدى، شۇڭا ھېچقانداق قوشۇمچە پايدىلىنىش ئۇچۇرى يوق. تەكلىپ-پىكىر قوبۇل قىلىش ۋاقتى ئەتە چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى 12:00 گىچە.

1. Alarm
تەكلىپ: قوڭغۇراق

2. Calculator
تەكلىپ: ھېسابلىغۇچ

3. Files
تەكلىپ: ھۆججەت
يەشمىسى: ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئۆز ھۆججەتلىرىنى يەرلىك دىسكا ياكى SkyDrive دا باشقۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغان بىر خىل ئەپنىڭ نامى.

4. Movie Moments
تەكلىپ: كىنو كۆرۈنۈشلىرى
يەشمىسى: ئىشلەتكۈچىلەر قىسقا فىلىملەرنى قۇرۇپ ياكى تەھرىرلەپ، گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇرلايدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا فىلىم تەھرىرلەش ئەپىدۇر.

5. Scan
تەكلىپ: سايىلەش
يەشمىسى: ئىشلەتكۈچىلەر ئۈسكۈنىگە ئۇلانغان سايىلىگۈچ ئارقىلىق سۈرەت ۋە ھۆججەتلەرنى سايىلىيەلەيدۇ ھەم ئۇنى رەسىم ھۆججىتىگە ساقلاپ قويالايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا سايىلەش ئەپىدۇر.

6. Sound Recorder
تەكلىپ: ئۈنئالغۇ

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
67 پارچە باھا يېزىلدى
  • تەكلىپتىكى ئاتالغۇلار ناھايىتى ماس كەپتۇ، قوللايمىز

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى am 11:44
  • تەكلىپكىتى ئاتالغۇلار ناھايىتى ماس كەپتۇ ، قوللايمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى am 11:43
  • قالغانلىرى شۇنداق جايىغا چۈشۈپتۇ!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى am 08:11
  • Movie Moments
    كىنو پەيتلىرى
    دىسەك بولمامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى am 08:11
  • شۇنداق ھەقىقەتەن ئىسىل تەرجىمەبوپتۇ!!!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 21:17
  • ئالىم مۇئەللىم قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن ، تەرجىمىلەر شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 23:33
  • مەنچە ئالىم مۇئەللىمنىڭ تەرجىمىسى شۇنداق ياخشى بوپتۇ.بولۇپمۇScanنى سايىلەش دەپ ئېلىش دەششەت بەلەن بوپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:46
  • خەنچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتكە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالغانتىم.يېڭى لۇغەت قاچان ئېلان قىلىنىدۇ؟بەك لازىم بولۇپ قالغانتى…تور بېتىڭلاردا لۇغەتنىڭ ئىچىدە قايسى-قايسى كەسپىي لۇغەتلەر بارلىقى يېزىلماپتۇ…شۇنىمۇ بىلگۈم بار ئىدى…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:10
    • ھازىرچە 2008 نىڭ خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە نۇسخىسى بار، 90-يىللاردىن بۇيان نەشىر قىلىنغان بارلىق خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە لۇغەتلەر ئاساسەن بار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 20:19
  • ھىسابلىغۇچ ئەمەس ھىسابلىغۇ
    كىرئالغۇچ ئەمەس كىرئالغۇ
    ئۈنئالغۇچ ئەمەس ئۈنئالغۇ
    قوڭغىراق(قوڭىغىراق ئەمەس) ئەمەس قوڭغۇراق

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 17:13
    • كەچۈرۈڭ، ۋاقىت توشتى. ئەلۋەتتە ئىملا قائىدىسى بويىچە قوڭغۇراق دەپ ئېلىندى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 17:39
  • مۇئەللىم مىنىڭ كۆمپىيوتېرىمدىكى windows8 نى يېڭلىيالمىدىم ، 30 كۇندىن ئارتۇق يېڭىلانما تەكشۇرەلمەيمىز دەپ ئۇچۇر كۈرۈندى(توغرا تەرجىمىسى 30 كۈندىن ئارتۇق يېڭلانما تەكشۈرمىدىڭىز بۇلىشى كىرەك) ، بىر بولسا مۈشۈ تەرجىمە خاتا بۇلىشى مۆمكىن ، خەنزۇچە كۈرۈنمە يۈزگە تەڭشەپ قايتا سىنىسام يېڭلاشقا مەغلۇپ بولدى دىگەندىن باشقا ئۈچۈر يوق،مەن تەتىلدە ئۆيۇمدە تور بولمىغاچ بىر ئايدىن كۆپرەك يېڭلانما تەكشۈرمىگەن ، مەكتەپكە قايتىپ كىلىپ يېڭلاش بۇيرىقىنى بەرسەم يېڭلاش مەغلۇپ بولدى دەپلا چىقىدۇ ، مىكروسوفىت Windows8 كە بولغان يېڭلاشنى توختاتتىمۇ؟ بۇ خىل ئەخۋالنى قانداق ھەل قىلىمەن ، شۈنچە ھەپلىشىپمۇ ھەل قىلالمىدىم.مۇناسىۋەتسىز ئىنكاس بۇلۇپ قالدى ، كەچۈرسىلە

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 16:02
    • Microsoft قا تېلېفون قىلىپ سورىسىڭىز بولۇپتىكەن، مۇمكىن بولسا ئۇلارغا ئالدى بىلەن ئۇيغۇرچە سۆزلەڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 16:57
  • تەرجىمىلەر ھەقىقەتەن ئېسىل چىقىپتۇ .

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 15:29
  • Movie Moments-كىنو ئەسنالىرى.بۇنى يۇقىردىكى توردىشىمىز نەق تەرجىمىسنى تىپىپتۇ.مەن قوللايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 11:06
    • ئۈستىدىكى توردىشىمىز دېگەندەك:
      ئەسنا

      ئى [ئە] بىرەر ئىش-ھەرىكەت، ۋەقە، ھادىسە سادىر بولۇپ تۇرغان پەيت، پۇرسەت، چاغ: شۇ ئەسنادا ئىچكىرىدىن سوغا ئارتقان ئېشىكىنى ھەيدەپ بالىنىڭ دوستى چىقتى

      دەل جايىنى تېپىپتۇ، بولمايدىكەن دېسەم، بۇنىڭدىن ياخشىسىنى تاپالمىدىم، شۇڭا ئۈستىدىكى 4-ئاتالغۇ «كىنو ئەسنالىرى» دەپ يوللاندى، باشقىلىرى ئۆزگەرتىلمىدى، پىكىر بەرگەن بارلىق تورداشلارغا رەھمەت!

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى pm 13:03
      • ۋاي ئىست ،كىنو ئەسنالىرى دىگەننى سىن ئەسنالىرى دەپ ئالىدىغان ئىشكەنتۇق!!!كىنو دىگەن خەۋەر ،ئىتوت ،مىكرو تىياتىر،تېلىۋېزىيە تىياتىرى ،mtvدىگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالالمايدۇ.سىن بولسا مۇشۇنداق كۆرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئۇيغۇر تىىلىمىزدا ئۈن،سىن دىگەن بۇ ئاتالغۇ ئەجەپ بەلەنتى ئەمەسمۇ؟؟؟

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى pm 15:49
  • Filesبۇ ھەرگىز ھۆججەتنىڭ كۆپلىك شەكلى ئەمەس ،مىنىڭچە بۇ يەردىكىFile پىئىل بۇلۇپ ،يەنى ھۆججەت رەتلەش، تىزىش،يىغىش دىگەندەك مەنالارنى ئىپادىلەيدۇ.شۇڭا «s»قۇشۇمچىنىڭ قۇشىلىى بىلەن مۇشۇ ئىش -ھەركەتنى ئورۇنلۇغۇچى شەيئىنىڭ نامىنى بىلدۈرىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 11:02
  • بۇ Alarm دىگەن ئەپنى قانداق ئىشقا ئىشلىتىدىكەن ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:54
  • Alarm غا ئازىراق تەكلىپ;
    قوڭغىراق دىسەك بىر ئەسكەرتمە ،جىدىي دىگەن مەنىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىكەن ،شۇڭا بۇنى «ئەسكەرتمە قۇڭغۇراق »
    «ئەسكەرتمە سىگىنال »دىگەندەك سۆزلەر بىلەن ئاتالسا…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى am 10:51