بۇ يىل ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللاردىكى نەتىجىلەر كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلغۇسى
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]بۇ يىل ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللاردا يەنە بىر تۈركۈم نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى ۋە كەلمەكچى
بىرىنچى: مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئىزدەش ماتورى
Microsoft (مىكروسوفت) شىركىتىنىڭ تۆۋەندىكىدەك مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى، بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنىدۇ.
(1) Windows 10 مەشغۇلات سىستېمىسى
(2) Bing ئىزدەش ماتورى
(3) XBox ئويۇن سۇپىسى
(4) Windows Phone (بىر قىسىم ئەپلىرى)
ئىزاھات: كۆرۈپ بېقىش نەشرىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلدى، بەلكىم ۋاقتى كەلگەندە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولۇپ كېتىشىمۇ ھېچ گەپ ئەمەستەك تۇرىدۇ.
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى مىكروسوفتنىڭ ئىنژېنېرلىرى بېيجىڭغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلەيدۇ، تىزىملىتىش ئادرېسى مانا:
https://beijing.build15.com/
بېيجىڭدىكى ۋاقتى ۋە شارائىتى بار قىزىققۇچىلار نەق مەيدانغا بېرىپ ئاڭلاپ كېلىڭلار.
ئىككىنچى: ماشىنا تەرجىمە ۋە ياردەمچى تەرجىمە دېتاللار
بىر ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرچە ماشىنا تەرجىمە ياكى ياردەمچى تەرجىمە دېتاللار بەس-بەستە ئېلان قىلىندى.
(1) ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى (2015-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى)
(2) مەركىزىي تەرجىمە ئىدارىسى ماشىنا تەرجىمە تور بېكىتى (2015-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى)
(3) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماشىنا تەرجىمە ۋە ياردەمچى تەرجىمە تور بېكىتى
(2015-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى)
قارىغاندا بۇ يىل كومپيۇتېرچىلارغا نىسبەتەن ماشىنا تەرجىمە دېتالى يىلى بولغۇدەك، مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق ئىككى تىل ئارىسىدىكى تەرجىمە دېتاللىرى بەس-بەستە بارلىققا كېلىپ، مىللەتلەر ئارا چۈشىنىش ئىلگىرى سۈرۈلسە تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
ئۈچىنچى: ئاۋازلىق كىرگۈزۈش دېتاللىرى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كېدا شۈنفېي شىركىتى بىرلىشىپ، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزۈش ئەپىنى ئېلان قىلدى، ئۇيغۇرچە ئاۋازنى تونۇش نىسبىتى ھەقىقەتەنمۇ خۇشال قىلىدۇ. ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم، پىروفېسسور تۈرگۈن ئىبراھىم مۇئەللىمگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولغاي.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئورۇنمۇ مۇنداق دېتالنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، مۇشۇ ئاي ئىچىدە ھەقسىز تارقىتىدىغاندەك تۇرىدۇ.
تۆتىنچى: باشقىلار
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى غالىپ مۇئەللىم باشچىلىقىدا ياسالغان مەۋھۇم ساياھەت قىلىش ۋە تېكىستلەرنى ئىما-ئىشارەت تىلىغا ئايلاندۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرىمۇ كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىغان تەتقىقات ئورۇنلىرى، شىركەتلەر ۋە تەتقىقاتچى خادىملار ياساپ چىققان نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللارمۇ بولۇشى مۇمكىن، بۇلارمۇ ئىشلەتكۈچىلەرگە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.
بۇ يىل مىكروسوفتنىڭ كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر ۋە يان تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسى بىرلىشىدۇ، ھەم بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە سۇپىلىرى ئۇيغۇر تىلىنى تېگىدىن قوللايدۇ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات نىشانىنى ھەل بولماي كېلىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ يېڭى، ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى تەتقىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 11,240 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 05-ئاينىڭ 14-كۈنى am 10:53
- ئالدىنقى يازما :Fairness Essay Winners – Z. Giselle E.
- كېيىنكى يازما :Improvement IN SOCIOLOGICAL Principle
(2) مەركىزىي تەرجىمە ئىدارىسى ماشىنا تەرجىمە تور بېكىتى
http://www.mzywfy.org.cn/translate.jsp
(3) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماشىنا تەرجىمە ۋە ياردەمچى تەرجىمە تور بېكىتىنىڭ ئادىرىسى
http://www.misiran.net/trans.aspx
(2) مەركىزىي تەرجىمە ئىدارىسى ماشىنا تەرجىمە تور بېكىتى
(3) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماشىنا تەرجىمە ۋە ياردەمچى تەرجىمە تور بېكىتىنىڭ ئادىرىسىنى كىم بىلىدۇ
ئالىم مۇئەللىم . سىزنىڭ يۇمشاق دېتال تەتقىقات سىنىپى ئېچىش ئىشلىرىڭىز قانداق بۇلۇپ كەتتى؟ بۇ ئىشلاردىن بەكلا خەۋەرسىز قالدىم .
بۇرۇنقىدەك خەنزۇ تىلىغا قوشۇمچە تىل شەكلىدە تارقىتىلارمۇ ياكى مۇستەقىل تىل شەكلىدە قوشۇلارمۇ كۆزنەك 10 غا
تىل بولىقى شەكىلدە تارقىتىلىدۇ، ئالدىمىزدا يەنە سىناق نۇسخىسىنىمۇ تارقىتىشتا ئۇيغۇرچە ئۇچۇرى بىلەن تارقىتىدۇ.
قالتىس ئىشلار بولىۋېتىتۇغۇ ئالىم ئەپەندىم .
ئىككى قېيىققا تەڭ دەسسىگىلى بولماسمىكىن،ئالما بىلەن مىكروسوفت رىقابەت مۇناسىۋىتىدە،سودا،تېخنىكا مەخپىيەتلىك مەسىلىسى بار،ئالىم مۇئەللىم ئوتتۇرىدا جاسۇسلۇق قىلمايدۇ،لىكىن چوڭ شىركەتلەر بۇنىڭغا تەۋەككۈلچىلىك قىلمايدۇ،لىكىن ھازىرقى شارائىتنىڭ ئۆزىدە ئالىم مۇئەللىم بىر مىكروسوفتنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن ئوبدان چىقسىمۇ كۇپايە دەپ ئويلايمەن،يەنە كىلىپ Windowsنىڭ كومپىيۇتېر،پەد،يانفون ئۈچ سېستىمنى بىرلەشتۈرىشى،كەلگۈسىدە ئەمەلگە ئېشىش ئالدىدا تۇرغان ئالما ۋە ئاندرويد ئەپلىرىنى قوللاش ئىقتىدارلىرى(ئىقتىدار دىسەك ئانچە مۇۋاپىق ئەمەستى)دىگەنلەرنىڭ ئالىم مۇئەللىمنى كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئالدىراش قىلىۋىتىشىگە كۆزۈم يىتىدۇ،ئۈمۈت قىلىدىغانىم سالامەتلىككە دىققەت قىلىپ،ئەزىز تەننى ئاسراپ،كەلگۈسىدە تېخىمۇ چوڭ مۇئاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئالىم مۇئەللىم سىز بىلىدىغان (ۋە باشقىلار) توردا دەرىس ئۆتىدىغان بىرەر كۇرۇس بارمىدۇ؟ يەنى ۋىندوۋسقا پروگرامما تۈزۈشنى ئۈگىتىدىغان؟
بولسا ئادرىسىنى قالدۇرغان بولساڭلار رەھمەت.
visual studio 2013 نى ئۈگەنسەم بولاتتى
ئالىم مۇئەللىم «ئابدۇقادىر ئوبول » ئىسىملىك توردىشىمىزنىڭ بەرگەن تەكلىۋى ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلقئارادىكى ئىناۋىتىگە ئەھمىيىتى باردەك تۇردۇ ،،،،ئۇلار بىلەن ھەمكارلىشىشى ئىمكانيىتى بولامۇ ،،،،چۇنكى ئالما بىلەن مىكروسوفىت ئۆز ئارا كەسكىن رىقابەتتە ،ئەگەر ئالما بىلەن ھەمكارلاشقان تەقدىردىمۇ ،مىكروسوفىتنىڭ پىكرى چىقىپ ئاراڭلاردىكى ھەمكارلىق بۇزۇلۇپ كىتەمۇ،،،،،،؟ ياكى بولمىسا سىز ئۆزىڭىز ئالما بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالىمامسىز؟ چۇنكى ئادەم ھەمكارلىشىۋاتقان شىرىكىگە سادىق بولۇش كىرەك دەيدىغان پىرىنسىپىڭىز ،،،،،،،،ئۇنىڭغا يول قويمامدۇ ؟ ياكى بولمىسا قارلۇق بىلەن دىيىشىپ شۇلارنىڭ تىرىشىپ بىقىشىنى قولغا كەلتۇرگىلى بولامۇ؟ مەن قارلۇقنىڭ ئىلگىرى ئالما بىلەن ھەمكارلىقى بارلىقىنى ئاڭلىغان ،قارلۇق ھازىر باشقا ساھە(كارتون ئىشلەش) بىلەن بوپ كىتىپ بۇ ئىشنى ئويلاشقا ۋاختى يوقمۇ بىلمىدۇق
ئالما شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىشىنى سورايمەن.
بۇ پىكىرنى قارلۇق شىركىتىگە بەرسىڭىز بولامدىكىن چۈنكى ئالما شىركىتىنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى قارلۇق شىركىتىغۇ دەيمەن؟
ئاپلا كىيىن قاپتىمەن. شۇنداق بولسىمۇ توغرا يازمەن ،‹‹ئالىم قارى ؛شۇڭا قاچان ئېلان قىلنار دەپ ئۇيقۇم كەلمەيۋاتىدۇ. ئىسىمگە كەپ قالسا››.
ئالىم مۇئەللىم مەن سىزدىن تەسۋېرلىگۇسىز ھاياجان ئىلكىدە پەخىرلىنىمەن. ياشاڭ ئالىم مۇئەللىم ،ئىسم جىسمىڭىزغا لايىق ،مېنىڭ نەزىرىمدە سىز ئالىم سىز مۇئەللىم ،مەن بىر چەت يېزلىق بولساممۇ ئۇزمىزدىن چىققان تالات ئىگىلىرگە ئاتا ئانامدىمۇ.ئىش قىلىپ ھۆرمىتىم بار.
ئالىم مۇئەللىم توردىكى كۇرۇسنى قاچان باشلايلا؟
يىقىنلاردا شۇنداق ئېچىش پىلانى بارمۇ يوق؟
يېقىنقى ئىككى ئاي ئىچىدە ئۇنداق پىلان يوق
مەنمۇ .Windows Phone نىڭ ئۇيغۇرتىلىنى تولۇق قوللىشىنى ھەمدە كۆرۈنمە يۈزىمۇ ئۇيغۇرچە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
دۇنيادىكى داڭلىق تىلفۇنلاردىن .Windows Phone بىلەن ئالما شىركىتىنىڭ ئالما ماركىلىق تىلفۇنلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى تىگىدىن قىتىۋەتسە، ھەمدە ئۇيغۇرچە تىل بولىقىنى ئورگان تەرەپ تەمىنلىسە ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىش بولماس جاھاندا.
ھېلىمۇ ياخشى ئۇيغۇرسوفت شىركىتى بولۇپ قاپتىكەن، خۇشاللىنارلىق خەۋەرلەرنى ئاڭلاۋاتىمىز.
ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ .Windows Phone نىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى ئۇيغۇرچە قىلىش ئىشىنى مۇاپىقيەتلىك تاماملىغاندىن كىيىن، ئالما شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ بېقىشىنى سورايمەن.
چۈنكى، دۇنياغا داڭلىق ماركا قاتارىدا تونۇلۇپ بولغان ئالما تىلفۇنى بەلكىم خېلى ئۇزۇن يىللارغىچە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن، ۋاقتى كەلگەندە ئۇيغۇرچە خەت يازغىلى ۋە ئۇچۇر ئالاقە قىلغىلى بولىدىغان .Windows Phone تىلفۇنلار ئارقىلىق ئالما تىلفۇنغا ئۇچۇر يازساق قارىشى تەرەپتە نورمال كۆرۈنمىسە، ياكى ئالما تېلېفون ئارقىلىق .Windows Phone تىلفۇنلارغا ئۇيغۇرچە ئۇچۇر يېزىپ ئەۋەتكىلى بولمىسا بۇ يەنىلا چوڭ بىر مەسىلە بولۇپ قالىدۇ.
ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ تىرىشچانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. سىلەرنىڭ قىلغان ئىشىڭلارنىڭ قىممىتىنى خەلقىمىز تېخى كىيىن ئالدىرىماي ھېس قىلىدۇ.
مېنىڭچە ، ئۇيغۇرسوفت شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يۇمشاق دېتال شىركىتى بولغان مىكروسوفت بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتالىغان يەردە ئالما شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتالماسلىقى مۇمكىن ئەمەس دەپ ئويلايمەن.
شۇڭا، ئالما تىلفۇننىڭ سېستىمىسىغىمۇ تىگىدىن ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى قوشۇلسا، ھەمدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ۋە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قوشۇۋىتىلسە دېگەن ئۈمۈدتە بۇ خەتلەرنى يازدىم.
ئالىم ئەھەت مۇئەللىم، بارلىق ئۈمىدىمىز سىزدە، ئۇيغۇرسوفت شىركىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك يۇمشاق دېتال شىركىتى بولۇپ قالغۇسى.
ئالىمقارى شۇڭغا قاچان ئىلان قىلنار دەپ ئۇيقۇم كەلمەيۋاتىدۇ ئىسىمگە كەپ قالسا.
يېرىم كۈن ئىچىدە مۇشۇ جۈملىنى راۋان، ئىملاسىنى توغرا يازالىسىڭىز دەپ بېرىمەن.
«ئىزاھات: كۆرۈپ بېقىش نەشرىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلدى، بەلكىم ۋاقتى كەلگەندە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولۇپ كېتىشىمۇ ھېچ گەپ ئەمەستەك تۇرىدۇ.»
Windows Phone دىمەكچىمۇ؟بۇرۇن دىققەت قىلماپتىمەن،بۈگۈن كۆرۈپ قالدىم.Windows Phoneئۇيغۇر تىلىنى پۈتۈنلەي قوللاپ كەتسە Windows مەشغۇلات سىستېمىسى ئۇيغۇر تىلىنى قوللىغاندىن نەچچە ھەسسە چوڭ تەسىر قوزغايدۇ-دە!