بۇ يىل ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللاردىكى نەتىجىلەر كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلغۇسى
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]بۇ يىل ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللاردا يەنە بىر تۈركۈم نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى ۋە كەلمەكچى
بىرىنچى: مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئىزدەش ماتورى
Microsoft (مىكروسوفت) شىركىتىنىڭ تۆۋەندىكىدەك مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى، بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنىدۇ.
(1) Windows 10 مەشغۇلات سىستېمىسى
(2) Bing ئىزدەش ماتورى
(3) XBox ئويۇن سۇپىسى
(4) Windows Phone (بىر قىسىم ئەپلىرى)
ئىزاھات: كۆرۈپ بېقىش نەشرىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلدى، بەلكىم ۋاقتى كەلگەندە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولۇپ كېتىشىمۇ ھېچ گەپ ئەمەستەك تۇرىدۇ.
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى مىكروسوفتنىڭ ئىنژېنېرلىرى بېيجىڭغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلەيدۇ، تىزىملىتىش ئادرېسى مانا:
https://beijing.build15.com/
بېيجىڭدىكى ۋاقتى ۋە شارائىتى بار قىزىققۇچىلار نەق مەيدانغا بېرىپ ئاڭلاپ كېلىڭلار.
ئىككىنچى: ماشىنا تەرجىمە ۋە ياردەمچى تەرجىمە دېتاللار
بىر ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرچە ماشىنا تەرجىمە ياكى ياردەمچى تەرجىمە دېتاللار بەس-بەستە ئېلان قىلىندى.
(1) ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى (2015-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى)
(2) مەركىزىي تەرجىمە ئىدارىسى ماشىنا تەرجىمە تور بېكىتى (2015-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى)
(3) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماشىنا تەرجىمە ۋە ياردەمچى تەرجىمە تور بېكىتى
(2015-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى)
قارىغاندا بۇ يىل كومپيۇتېرچىلارغا نىسبەتەن ماشىنا تەرجىمە دېتالى يىلى بولغۇدەك، مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق ئىككى تىل ئارىسىدىكى تەرجىمە دېتاللىرى بەس-بەستە بارلىققا كېلىپ، مىللەتلەر ئارا چۈشىنىش ئىلگىرى سۈرۈلسە تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
ئۈچىنچى: ئاۋازلىق كىرگۈزۈش دېتاللىرى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كېدا شۈنفېي شىركىتى بىرلىشىپ، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزۈش ئەپىنى ئېلان قىلدى، ئۇيغۇرچە ئاۋازنى تونۇش نىسبىتى ھەقىقەتەنمۇ خۇشال قىلىدۇ. ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم، پىروفېسسور تۈرگۈن ئىبراھىم مۇئەللىمگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولغاي.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئورۇنمۇ مۇنداق دېتالنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، مۇشۇ ئاي ئىچىدە ھەقسىز تارقىتىدىغاندەك تۇرىدۇ.
تۆتىنچى: باشقىلار
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى غالىپ مۇئەللىم باشچىلىقىدا ياسالغان مەۋھۇم ساياھەت قىلىش ۋە تېكىستلەرنى ئىما-ئىشارەت تىلىغا ئايلاندۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرىمۇ كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىغان تەتقىقات ئورۇنلىرى، شىركەتلەر ۋە تەتقىقاتچى خادىملار ياساپ چىققان نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللارمۇ بولۇشى مۇمكىن، بۇلارمۇ ئىشلەتكۈچىلەرگە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.
بۇ يىل مىكروسوفتنىڭ كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر ۋە يان تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسى بىرلىشىدۇ، ھەم بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە سۇپىلىرى ئۇيغۇر تىلىنى تېگىدىن قوللايدۇ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات نىشانىنى ھەل بولماي كېلىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ يېڭى، ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى تەتقىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
- يازما كۆرۈلۈشى: 11,230 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2015-يىلى 05-ئاينىڭ 14-كۈنى am 10:53
- ئالدىنقى يازما :Fairness Essay Winners – Z. Giselle E.
- كېيىنكى يازما :Improvement IN SOCIOLOGICAL Principle
ئالىم ئاكا ياخشىمۇسىز ! سوراپ باقسام مۇشۇ win8 \win7\ office قاتارلىق سېستىمىلارنىڭ ھەقلىق نۇسخسى بىلەن ھەقسىز نۇسخىسىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى ۋە پەرقى بار؟؟ تەپسىلى چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز….. رەھمەت!!
ئەڭ ياخشىسى ھەقلىق نۇسخىسىنى ئىشلىتىشنى ئادەت قىلىڭ، ماركىلىق كومپيۇتېر ئالسىڭىز ئىچىدە ھەقلىق ۋىندوۋس بار، ھەقلىق Office مۇ ئەرزان،
بەك ياخشى بوپتۇ!!!ئالىم ئاكا سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن!!
ھەي!!!!! مەنمۇ مۇشۇ ساھەدە بولغان بولسام مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن سىز بىلەن تەڭ كۈچ چىقارغان بولاتتىم ، ھازىر شۇ پەقەت سىلەرنى قوللاپلا بىرەلەيدىكەنمەن!!!بۇنىڭدىن كىيىن تىېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىڭزگە تىلەكداشمەن!
ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم ئالىمكا، مەن يېقىندا بىر تاختا كومپىيوتىر سېتىۋالاي دىگەن .سۇېفاسې پېرو 3نىڭ ئەڭ يۇقىرى سەپلىمىلىكى قانداقراقتۇ ؟
10،000 كويلۇق تاختا كومپيۇتېر ئالماقچىما؟ بۇ ئەلۋەتتە ياخشى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مېنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سوئالىم بار ئىدى. 门户网站 دېگەننى ئۇيغۇرچىدا زادى قانداق دېسەك مۇۋاپىق بولىدۇ؟
ئالىم مالىم ماۋۇ سكايپى دىگەن نەرسىنىمۇ قىلىمىز دىگەنتىڭىز،قاچان بولىدۇ بۇ ئىش؟
ئۇلار بىر-بىرلەپ ئېلان قىلىدۇ
ئالىم مۇئەللىم ھازېر بەك ئالدىراش ،ھازېر ئەمەس داۋاملىق ئالدىراش. يانفۇندا ئاچسىڭىز بۇلىدۇ يانفۇن نۇسخىسى.
ئىشلار بارغانسىرى ياخشى بوپ كىتىۋاتىدۇ،كىشىنى ھاياجانغا سېلىپ،ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
كائىنات قېرىندىشىم لۇمىيا 930 نى ئېلىڭ،مەنچە مۇشۇ بولىدۇ.
شۇنداق، Windows phone نىڭ مەسىلىسىمۇ تولۇق ھەل بولۇپ كېتىدۇ، قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدىكى ئىش قالدى، تېلېفون سىستېمىسى ئىچىدىمۇ Windows phone دەك تولۇق قوللاپ بولالمايدۇ
ئەسسەلامۇئەلەيكۇم؛ ھەي ئالىم ئەھەت مۇئەللىم، بۇ بىلوگنىڭ يانفون نۇسخىسى نېمەسەۋەپتىن ئىشلەنمەيدۇ؟ ھازىرقانداق بىر توربەت بلوگ دېگەندەكلىنىڭ يانفون نۇسخىسى يوق ھەي؟ ھەممىسىنڭ بار پەقەت سىزنىڭلايوق. خەتنى ھېلى چوڭايتىپ ھېلى كىچىكلىتىپ، ئۇياق بۇياققاتارتقۇشلاپ زەپ بىرئاۋارىچىلىق. سىزنىمۇ خېلى بى موداقوغلىشىدۇدىسەم زاماننىڭ ئارقىداقالغىلى تۇردىڭىزجۇما.
بۇ بۈگۈن مەن ئاڭلىغان شېكەر شەنبىدىكى شېكەردەك ياخشى خوشخەۋەرلەر بولدى
ئۇيغۇر كومپىيىوتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئۈچۈن ئەقىل مېھنەت قىلىۋاتقان بارلىق جاپاكەشلەرگە كۆپ رەھمەت. تېنىڭلار سالامەت بولغاي!@
مەن بىر ھەرىپكە دىقەت قىلماي خاتا سۇئال سوراپتىمەن ئەمەسمۇ…
Xbox one نىڭ كۆرۈنمە يۈزىمۇ ئۇيغۇرچە بولىدىكەندە ؟شۇنداقمۇ ؟
ئەسسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم
2015-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى مىكروسوفتنىڭ ئىنژېنېرلىرى لىكسىيە سۆزلەيدىغان كۈنىدە EXCEL نىڭ بىر كاتەك ئىچىگە ئۇيغۇرچە خەتنى يىزىپ تنىش بەلگىسىدىن كىيىن قۇر ئاتلىسا تىنىش بەلگىسى ئالدىغا قىچىپ كىتىدىغان ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ باققىلى بولارمۇ؟
ۋە ياكى بۇ يىغىن ئۇنداق پىكىرلەرنى قوبۇل قىلمايدىغان يىغىن بولارمۇ؟
ئالىم مۇئەللىم bing.comنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسقىسىما بارما؟
ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى بىلەن ئاۋۇ تىلغا ئېلىنغان مەركىزىي تەرجىمە ئىدارىسى ماشىنا تەرجىمە تور بېكىتى بىرلا كۈندە ئېلان قىلىنىپتۇ. بۇ ئاجايىپ بىر توغرا كىلىپ قېلىشمۇ ياكى بىرەر ئىچكى ئىشتىن دېرەك بىرەمدۇ؟
نوكىيا خەرىتىسىدىكى تەرجىمە گەرچە كونا تەرجىمە بولسىمۇ يوق بولغاندىن ھازىرچە ئىشلىتىپ تۇرۇپ كىيىن نەشىرىنى يېڭىلىدۇق دەپ چىقارغان بولسا بوپتىكەن.
ھە راس ، ئىلگىرى 8.0 سىستىمىنى مۇكەممەل قىلىمىز دەپ Office نى ئالمىغان دىگەن ئىدىڭىز ، ئەمدى سەل ئارامخۇداچىلىق بولغان بولسا Office 2016 نىڭكىتىنى ئۆز ۋاقتىدا راۋۇرۇس قىلىپ پۈتتۈرۈپ بەرگەن بولسىڭىز بەك ياخشى بوپتىكەن.
بىر كۈن ئەمەس، ئۇ 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىدى، مەن خاتا يېزىپ قاپتىمەن.
ھازىر ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم ئىشنى قىلىۋاتىمەن، پۈتكەندە خەۋىرىنى بېرىمەن
ئالىم مۇئەللىم ، تېلېفۇن ئالاي دېگەن ، ئويۇن ئوينىمايمەن ئاپاراتى ياخشى ، رادىئو ،ناخشا مۇزىكا ئاڭلايمەن. لۇمىيا 930 بىلەن ئايفون 5ئەسنىڭ قايسىسىنى ئېلىشنى بىلەلمايۋاتىمەن. سېزنىڭچە قايسىسى ياخشىدۇ ؟
ئۇيغۇر پەن تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان بارلىق قىرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن. رەھمەت سىلەرگە!
مەن iPhone ئىشلەتمەيمەن، سەۋەبى بەك قىممەت، ھەم يەنە مىكروسوفتنىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى، ماڭا ئۇ ئارتۇقچە. مىكروسوفتنىڭ تېلېفونلىرىنى ئالسىڭىز، ئۇيغۇرچىدىن غەم يېمەيسىز، ئۇيغۇر تىلى مىكروسوفتنىڭ ھەممە مەھسۇلاتلىرىغا سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ.