بۇ يىل ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللاردىكى نەتىجىلەر كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلغۇسى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

بۇ يىل ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللاردىكى نەتىجىلەر كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلغۇسى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

بۇ يىل ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللاردا يەنە بىر تۈركۈم نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى ۋە كەلمەكچى

بىرىنچى: مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە ئىزدەش ماتورى
Microsoft (مىكروسوفت) شىركىتىنىڭ تۆۋەندىكىدەك مەھسۇلاتلىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى، بۇ يىل ئىچىدە ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنىدۇ.
(1) Windows 10 مەشغۇلات سىستېمىسى
(2) Bing ئىزدەش ماتورى
(3) XBox ئويۇن سۇپىسى
(4) Windows Phone (بىر قىسىم ئەپلىرى)
ئىزاھات: كۆرۈپ بېقىش نەشرىدە ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشۇلدى، بەلكىم ۋاقتى كەلگەندە پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە بولۇپ كېتىشىمۇ ھېچ گەپ ئەمەستەك تۇرىدۇ.
Windows-10-alla-enheter-1

2015-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى مىكروسوفتنىڭ ئىنژېنېرلىرى بېيجىڭغا كېلىپ لېكسىيە سۆزلەيدۇ، تىزىملىتىش ئادرېسى مانا:
https://beijing.build15.com/
بېيجىڭدىكى ۋاقتى ۋە شارائىتى بار قىزىققۇچىلار نەق مەيدانغا بېرىپ ئاڭلاپ كېلىڭلار.
build2015

ئىككىنچى: ماشىنا تەرجىمە ۋە ياردەمچى تەرجىمە دېتاللار
بىر ئاي ئىچىدە ئۇيغۇرچە ماشىنا تەرجىمە ياكى ياردەمچى تەرجىمە دېتاللار بەس-بەستە ئېلان قىلىندى.
(1) ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى (2015-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى)
(2) مەركىزىي تەرجىمە ئىدارىسى ماشىنا تەرجىمە تور بېكىتى (2015-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى)
(3) شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماشىنا تەرجىمە ۋە ياردەمچى تەرجىمە تور بېكىتى
(2015-يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى)

ucat

قارىغاندا بۇ يىل كومپيۇتېرچىلارغا نىسبەتەن ماشىنا تەرجىمە دېتالى يىلى بولغۇدەك، مۇمكىن بولسا مۇشۇنداق ئىككى تىل ئارىسىدىكى تەرجىمە دېتاللىرى بەس-بەستە بارلىققا كېلىپ، مىللەتلەر ئارا چۈشىنىش ئىلگىرى سۈرۈلسە تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
auto_tran

ئۈچىنچى: ئاۋازلىق كىرگۈزۈش دېتاللىرى
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كېدا شۈنفېي شىركىتى بىرلىشىپ، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزۈش ئەپىنى ئېلان قىلدى، ئۇيغۇرچە ئاۋازنى تونۇش نىسبىتى ھەقىقەتەنمۇ خۇشال قىلىدۇ. ئاكادېمىك ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم، پىروفېسسور تۈرگۈن ئىبراھىم مۇئەللىمگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولغاي.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئورۇنمۇ مۇنداق دېتالنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، مۇشۇ ئاي ئىچىدە ھەقسىز تارقىتىدىغاندەك تۇرىدۇ.

تۆتىنچى: باشقىلار
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى غالىپ مۇئەللىم باشچىلىقىدا ياسالغان مەۋھۇم ساياھەت قىلىش ۋە تېكىستلەرنى ئىما-ئىشارەت تىلىغا ئايلاندۇرۇش يۇمشاق دېتاللىرىمۇ كىشىنى تېخىمۇ خۇشال قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇ يەردە تىلغا ئېلىنمىغان تەتقىقات ئورۇنلىرى، شىركەتلەر ۋە تەتقىقاتچى خادىملار ياساپ چىققان نۇرغۇن يۇمشاق دېتاللارمۇ بولۇشى مۇمكىن، بۇلارمۇ ئىشلەتكۈچىلەرگە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.

بۇ يىل مىكروسوفتنىڭ كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېر ۋە يان تېلېفون مەشغۇلات سىستېمىسى بىرلىشىدۇ، ھەم بۇ مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە سۇپىلىرى ئۇيغۇر تىلىنى تېگىدىن قوللايدۇ، ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىقات نىشانىنى ھەل بولماي كېلىۋاتقان تېخىمۇ كۆپ يېڭى، ئەمەلىي قوللىنىشچان يۇمشاق دېتاللارنى تەتقىق قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
84 پارچە باھا يېزىلدى
  • كۇرۇس ئېچىپ قالسىلا قاچانلاردا بولار مۇئەللىم؟
    مەنمۇ قاتنىشاتتىم، ئۆتكەنكى پۇرتسەتنى كەتكۈزۈپ قويۇپتىكەنمەن

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى pm 15:36
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم اللە تىنىڭزنى سالامەت ئىشلىرڭىزنى تېخمۇ ئۇتۇقلۇق قىلسۇن.
    ئەمسە مەن ۋېىندوۋېسفوننى ئىككلەنمەي ئېلىۋەرسەم بولغۇدەك.
    بەك ئالدىراش ئوخشايسىز مۇئەللىم ھە ،اللە ئەجىرڭىزنى بەرسۇن ،مۇشۇ كۇنلەردە ۋىن 10توغۇرلۇق تۇزۇك خەۋەر يوق. ۋېن 10توغۇرلوق خەۋەر بولمىسا ئادەمنىڭ ئىچى پۇشۇپ قالىدىكەن ،قانداق بۇلۋاتقاندۇ دەپ. ھە راست ئالىم مۇئەللىم مىكروسوفىت شىركىتىگە ئۇيغۇرلارنى قۇبۇل قىلمامدىكەن ،(ئەلۋەتتە ئىنتايىن تالانىت ئىگىسى بولمىسا بولمايدىغىننى بىلمەن)دىمەكچى مەن ئوغلۇمنى مۇشۇ كومپيۇتېر ساھەسىگە بىغىشلايمىكى دەيمەن. ياخشى ئۇقۇتۇپ شۇنداق قىلىشنى ئويلىشىپ قويدۇم ئوغلۇم تېخى مەكتەپ يېشىغا توشمىدى ،لىكىن اللە ئۆمۇرنى بەرسە ھەم مەن ھايات بولسام چۇقۇم مىكروسوفت شىركىتىگە كىرگۇزىمىەن دىگەن ئارزۇيۇم بار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى am 11:18
  • ئەمىسە سوراۋەدىم … ئاۋال ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھاسى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭىز ئۈچۈن ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن.

    ئۇيغۇرسوفت شىركىتى بىلەن مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ھەمكارلىقى قايسى دەرىجىدە مېڭىۋاتىدۇ ؟ ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنىڭ ئىختىساسلىقلار قۇرۇلمىسى قانداق؟ ئۇيغۇرسوفت شىركىتى بىلەن مىكروسوفت شىركىتىنىڭ ھەمكارلىقى سىزنى ئاساس قىلغانمۇ ياكى ئۇيغۇرسوفت شىركىتىنمۇ ؟ ئەگەر تاساددىبى سىزگە بىرە كىلىشمەسلىك بوپقالسا ( ئاللاھ ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن) مىكروسوفت داۋاملىق ئۇيغۇرچە تىل بولىقى ئۈچۈن كۈچ چىقىرامدۇ ؟

    ئاچچىقىڭىزنى كەلتۈرۈپ قويغان بولسا ئۆزرە سورايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 21:29
    • ياق، ناھايىتى ياخشى سوئال سوراپسىز، بۇ ئىشلاردىن خاتىرجەم بولۇڭ، بۇ ئىشلارغا ناھايىتى ياخشى ئاساس سېلىندى، تەرجىمە ئۇسلۇبى، ئاتالغۇلار،…دېگەندەك نۇرغۇن نەرسىلەر ۋە ئۆلچەملەر بېكىتىلدى. مىكروسوفت ئۇيغۇرچىنى چىقىرىپ تاشلىمايدۇ، ھازىر تېخى تېخىمۇ بەك كۈچەيتمەكتە، بارلىق ئۈسكۈنىلىرى ۋە مەھسۇلاتلىرىدا ئۇيغۇر تىلى داۋاملىق كېڭىيىدۇ، خاتىرجەم بولۇڭلار.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى pm 13:35
  • ئالىم مۇئەللىم تەرجىمەئاۋازلىق ماشىنىسنىڭ ۋىندوۋسفون نەشىرنى قاچان چىقىردىكەن سۇراپ باقسىڭىز بوپتىكەن. سىزنىڭ كۆڭلىڭىز يېقىن بولغاندىكىن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 15:44
  • تۈنۈگۈن چۈشۈرۈ پ ئىشلەتكەننىڭ ياقى Visual Studio Code نى تەتقىق قىلىپ چىقتىم. مەن تېخى ھازىرغىچە تەھرىرلىگۈچنىڭ ئانالىزچىسىنى Microsoft ئۆزى يېزىپ چىقىپ، ئىشلەتكۈچىلەرگە سۇنىدۇ دەپ ئويلىغان. بىراق مەن Microsoft نى بۇنداق قىلىدۇ دەپ پەقەت ئويلاپ باقماپتىمەن. يەنى تەھرىرلىگۈچكە ھازىر مودا بۇلىۋاتقان Html نى كىرگۈزۈپتۇ، Google Chrome نىڭ يادروسىنى ئىشلىتىپتۇ تېخى. توۋا دەپ قالدىم ئۆزەمچە. ئۆزىنىڭ ئانالىزچىسى تۇرۇپمۇ يەنە Chrome نىڭ يادروسىنى ئىشلەتكەنگە قارىغاندا، Microsoft يىڭى تور كۆرگۈچسىسىدە IE نىڭ يادروسىنى تاشلاپ، Webkit نى ئىشلەتكەن ئوخشىمامدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى am 09:10
  • بۈگۈن Visual Studio نىڭ ئورگان تورىغا چىقسام، Visual studio Code نىڭ كۆرۈپ بېقىش نەشرىنى ئىلان قىلىپتۇ. چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقتىم، بىراق ئارا يۈزىنى Sublime دىن كۆچۈرۈپ ئەكەلگەندەكلا تۇيغۇ بەردى.
    ھازىرچە ئېنگىلىزچە تىل بۇلىقىدىن باشقىسىدا تەمىنلىمەپتۇ، بىراق قاچىلىغان مۇندەرىجىگە كىرىپ باقسام باشقا نۇرغۇن تىللارنىڭ تىل بۇلاق ھۆججىتى بار ئىكەن، Visual studio نىڭ بۇنچە كۆپ تىل بۇلىقى يوقتى. كىيىنچە مۇشۇنىڭغا بولسىمۇ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى قوشۇش ئىمكانىيىتى بارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 19:08
  • ئالىم مۇئەللىم قاچانلىققا پىرۇگىرامما تىلى تەربىيلەش كۇرسى ئاچىىسز ،نۇرغۇن ياشلارنىڭ پىرۇگىرامما تىلىنى ئۆگىنىش ئىشتىياقى تولىمۇ كۈچلۈك ئىدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى pm 22:08
  • مىسرانىم تور بېكىتى بىلەن مىسىران تور بېكىتى ئىككىسى ئايرىم تور بېكەتلەر ئىكەن. مەن مىسرانىم تور بېكىتىگە چىقىپ ئىزدەپ تاپالماپتىمەن. كېيىن مىسىران تور بېكىتىگە چىقتىم، لېكىن ئۇ يەردىمۇ ئاۋازلىق تەرجىمە قىلىش دېتالىلا باركەن، ئاۋازلىق كىرگۈزۈش دېتالى يوقكەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى am 09:54
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىمجان مۇئەللىم ، visual studio2013 دا پىروگرامما مەشىق قىلىۋىتىپ مەشىقنىڭ داۋامىنى ۋاقىت چققاندا قىلاي دەپ يازغان پىروگراممىنى ساقلاپ كىيىن قايتىدىن ئىچىپ كۆزنەككە كۇنۇپكىلارنى قوشسام ساقلاشنىڭ ئالدىدىكى بۇيرۇقلا ئىجرا بولىدۇ ھەم دەسلەپتە قوشقان كونتىروللار كۆرىنىدۇ ،قايتا ئاچقاندىن قوشقان كونتىروللار كۆرۈنمەيدۇ، بۇ نىمە ئۈچۈندۇ؟
    جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى am 07:10
    • ھازىرقى پىروگراممىڭىزدا خاتالىق بار ئىكەن، ئاستىدىكى ئۇچۇرلارغا قاراڭ، بارلىق خاتالىقلارنى تۈزىتىڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى am 07:07
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم، ۋىندوۋسفۇننىڭ ئەپلىرىنى تەرجىمە قىلغاندا ئىقتىساد دىگەن ئەپنى ئۇنتۇپ قالمىغان بولسىڭىز دىمەكچىدىم

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 23:28
    • تازا چۈشىنەلمىدىمغۇ؟ ئۇنداق ئەپنىڭ تەرجىمىسى كەلمىدى، ناخشا-مۇزىكا ئاڭلايدىغان، كىنو كۆرىدىغان، ئويۇن ئوينايدىغان ئەپلەر كېلىۋاتىدۇ

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى am 07:09
  • ئالىم مۇئەللىم تۇيۇقسىز بىر سوئال كاللامغا كىلىپ قالدى سورىسام كۆڭلىڭىزگە كىلەرمۇ ؟ ياكى بولدى قىلايمۇ ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 20:13
    • يۇمشاق دېتال، تېخنىكىغا ئائىت سوئال بولسا سوراڭ، مۇئەللىم دېگەن سوئال سورىغا ئوقۇغۇچىلارغا ئامىراق كېلىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 21:15
  • ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزۈش يۇمشاق دىتالىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ھىچ كۆرمىدىمغۇ؟ مىسران تور بىكىتىدىكى پەقەت ئاندىرويىد تىلفۇنلارغا قاچىلايدىغان دىتال ئىكەن. كومپىيوتېرغا قاچىلايدىغان ئۇيغۇرچە ئاۋاز تونۇيدىغان دىتال تېخى بارلىققا كەلمىدىمۇ-نىمە؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 18:05
  • ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم اللە تىنىڭزنى سالامەت ئىشلىرڭىزنى تېخمۇ ئۇتۇقلۇق قىلسۇن. ئەمدى قاچانمۇ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچ ئېلان قىلنار ،بەيدۇدىن 维吾尔语音输入法دەپ ئىزدەپ كەتسەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى pm 13:12
  • شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە كېدا شۈنفېي شىركىتى بىرلىشىپ، ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزۈش ئەپىنى ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى pm 18:52
  • مۇئەللىم ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچ قاچان ئىلان قىلىنىدۇ ؟ ياكى قاچان بىزمۇ ئىشىلتەلەيمىز ،مەن توردىن ئىزلىسەم ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كىرگۈزگۈچ يوققەكەن .ياكى مەن تاپالماي قالدىممۇ ؟!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى am 11:24