ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى 6.0 (يېڭى ئىملا قائىدىسى) يۇمشاق دېتالى ئېلان قىلىندى
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى
(يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە ئىشلەنگەن)
قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ۋە توغرىلاش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، يەككە سۆزلەردىكى بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنىڭ كەم يېزىلىشى، ئارتۇق يېزىلىشى ۋە ئالمىشىپ يېزىلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقىنى تېز سۈرئەتتە تاپالايدۇ ھەمدە ئىملاسى توغرا ئەڭ يېقىن كېلىدىغان نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئىملادا دائىم كۆرۈلىدىغان خاتالىقلارنى ئاپتوماتىك ئوڭشاپ بېرەلەيدۇ. سۆزلۈك ئامبىرى پېشقەدەم مەسئۇلىيەتچان كوررېكتورلارنىڭ تەكرار تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئەڭ يېڭى ئىملا قائىدىسى بويىچە قايتا تەييارلانغاندىن سىرت يەنە نۇرغۇن يېڭى كەسپىي ئاتالغۇلار ھەم ئۇلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشى كىرگۈزۈلدى.
ئاساسىي ئىقتىدارى
ئاساسىي سۆزلۈك مۇكەممەل، كەسپىي ئاتالغۇلار مول
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى بارلىق تۈپ سۆز ۋە ئۇلارنىڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت يەنە باشقا كەسپىي ئاتالغۇلارمۇ تولۇقلاپ كىرگۈزۈلگەن. سۆزلەرنىڭ تەكرارلىقى بويىچە قۇرۇلغان ئاساسىي سۆزلۈك ئامبىرىدىكى سۆزلەر 250 مىڭغا يېتىدۇ.
ئاساسىي سۆزلۈك ۋە تۈرلىنىش قائىدە ئامبىرى
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدىكى بارلىق تۈپ ئىسىم ۋە پېئىللارنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۈرلىنىشىدىن سۈنئىي ھاسىل قىلىنغان قوشۇمچە قائىدە ئامبىرى قۇرۇلغان بولۇپ، 2 مىليون سۆزلۈك دائىرىسى ئىچىدە ئىملا تەكشۈرەلەيدۇ.
ئىملا تەكشۈرۈش ئىنتايىن تېز
گەرچە سۆزلۈك ئامبىرى كۆپەيتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن سۈرئىتى ئىلگىرىكىدىن 10 ھەسسە تېزلىتىلگەن بولۇپ، ئىملا تەكشۈرۈش سۈرئىتى ھەر سېكۇنتتا 800-1000 سۆز (ياكى بىر بەت) دىن يۇقىرى. تاق سۆزلەردىكى بىر ياكى بىرنەچچە ھەرپنىڭ كەم، ئارتۇق ياكى ئالمىشىپ يېزىلىشى سەۋەبىدىن كۆرۈلگەن ئىملا خاتالىقىنى تېز سۈرئەتتە بايقاپ بەلگە سېلىپ بېرىدۇ.
ئىملا تۈزىتىش قولايلىق
ئىملا تەكشۈرۈش داۋامىدا، مەلۇم بىر سۆزنى سۆزلۈك ئامبىرى ۋە تۈرلىنىش قائىدە ئامبىرىدىن ئىزدەپ تاپالمىغاندا، گۇمانلىق سۆز دەپ قارايدۇ ھەمدە ئەڭ يېقىن كېلىدىغان بىرنەچچە نامزات سۆزلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئالدى-كەينىدىكى سۆزلەرگە ئاساسەن نامزات سۆزلەر ئىچىدىن مۇۋاپىق كېلىدىغان سۆزنى تاللاپ بەرسىڭىزلا بولىدۇ، قىسمەن ئەھۋاللاردا نامزات سۆزنى كۆرسىتىپ بېرەلمىگەندە، توغرا ئىملاسىنى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ.
============================================
«ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نى قاچىلاش ئۇسۇلى
(1) «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى» دىسكىسىنى ئوپتىك دىسكا قوزغاتقۇچقا سالسىڭىز، قاچىلاش پىروگراممىسى قوزغىلىدۇ (قوزغىلالمىسا، ئوپتىك دىسكىنى ئېچىپ، SETUP.EXE نى قوش چەكسىڭىزمۇ بولىدۇ)، ئاندىن تۆۋەندىكى تىل تاللاش تۈرى كۆرۈنىدۇ.
(2) بۇنىڭ ئىچىدىن 确定 نى چېكىپ داۋاملاشتۇرسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك دىيالوگ رامكىسى پەيدا بولىدۇ.
(3) بۇنىڭ ئىچىدىن 下一步 (كېيىنكى)نى چېكىپ، داۋاملاشتۇرۇڭ.
(4) بۇنىڭ ئىچىدىن 安装 (قاچىلاش)نى چېكىپ، داۋاملاشتۇرۇڭ. قاچىلاش پىروگراممىسى «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»(كەسپىي نەشرى)نى قاچىلاۋاتىدۇ، سەل ساقلاپ تۇرۇڭ.
(5) قاچىلاش تاماملانغاندا Install SoftDog Driver [Needed] (يۇمشاق دېتال قارانچۇقى قوزغىتىش پىروگراممىسىنى قاچىلاش) تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىن 完成 (تاماملاش)نى چېكىڭ.
(6) يۇمشاق دېتال قارانچۇقى قوزغىتىش پىروگراممىسىنى قاچىلاش يېتەكچىسى قوزغىلىپ، تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىن 安装 (قاچىلاش)نى چېكىپ، داۋاملاشتۇرۇڭ.
(7) يۇمشاق دېتال قارانچۇقى قوزغىتىش پىروگراممىسى قاچىلانغاندىن كېيىن، 驱动状态 (قوزغىتىش ھالىتى) رامكىسى ئىچىگە 驱动安装成功! (قوزغىتىشنى قاچىلاش ئوڭۇشلۇق بولدى!) دېگەن ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ.
(8) ئاندىن يۇمشاق دېتال قارانچۇقىنى كومپيۇتېرىڭىزنىڭ USB ئېغىزىغا سېلىپ، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»نى ئىشلىتىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.
==================================
ئۆلچەملىك نۇسخىسى 480 يۈەن، كەسپىي نۇسخىسى 1800 يۈەن، بۇلارنىڭ پەرقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، بۇ يەرگە قاراڭ.
http://www.uighursoft.com/ug-CN/products/uspell.html
====================================================
بىر قىسىم ئېكران كۆرۈنۈشلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 17,406 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 04-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 14:54
- ئالدىنقى يازما :بۇ ئاتالغۇلارنى نېمە دەپ ئاتايمىز(جىددىي)؟
- كېيىنكى يازما :بۇ يېڭى ئاتالغۇلارنى قانداق ئاتايمىز؟
مۇبارەك بولسۇن ئالىم مۇئەللىم،ئۇزۇندىن بېرى كۈتكەن ئىدۇق.بۇمۇ بارلىقققا كەپتۇ مانا .ئۇيغۇرسوفىت،ئالغا!!!
چىكىت ۋە پەشنى ئاپتوماتىك تۈزىتىش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولسا
كوررېكتورىنىڭ مەنىسى ئىملا قائىدىسى دىگەن گەپمۇ ؟( بىلىپ باققىم كەلدى.)
ئىملا تۈزەتكۈچ دىگەن گەپ
مۇبارەك بولسۇن ! ئويغۇر سوفىتنىڭ خەلقمىزگە تېخىمۇ ياخشى دىتالنى سۇنىشىغا تىلەكداشمەن!
ئېسىل
ھەجەپ ياخشى ئىش بوپتۇ. ئوقۇغۇچى بولمىغان بولسام بىرنى ئالاكەنمەن……
بۇ يېڭى ئەپتە «ئەقىللىق» نى «ئەقىللىك» دەپ كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئېچىنارلىق جايلار بارمۇ؟ جىقمۇ؟
مەن مۇشۇ «ئەقىللىك»، «مىنىستىرلىق»نى سوراي دەپ ئالىم مۇئەللىمنى كۆڭلى يىرىم بولمىسۇن دىگەن ئىدىم.
ئۇيغۇرتىلىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ ئاھاڭدارلىق قائىدىسى بويىچە «ئەقىللىق» ئەمەس«ئەقىللىك»، «مىنىستىرلىق» مۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. ئۇ توغرا لۇغەتتىكى خاتالىق ئەمەس دوستۇم.
لۇغىتىڭلارنىمۇ يېڭىلىساڭلار بولاتتى…؟!
باھاسىنى ئازراق چۈشۈرگىلى بولماسما؟
خۇش خەۋەر ئۇزۇلمىسۇن
ياخشى خەۋەر ئىكەن ،مۇبارەك بولسۇن!
ئەمما باھاسى بەكلا ئۆرە ئىكەن.ئۇيغۇرچە تور بەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا ماس كېلىدىغان چېغى. بەلكىم كەتكەن تەننەرخ يۇقىرى بولغاچقا باھا مۇشۇنداق ئۆرە چىققاندۇ. ئەسلى مۇشۇ خىلدىكى ئەپلەر ئومۇملىشىپ كەتسە ، ئىملايىڭىزغا دىققەت قىلىڭ دېگەن ئەسكەرتىشلەرگە خاتىمە بەرسەك ياخشى ئىدى.
ئالىم مۇئەللىم سىز لوغەتنىڭ ئالما تېلفۇنغا ۋە ئاندىروۋۇتلىق تېلغۇنلارغا ماس كىلىدىغان لوغەتتىن ياساپ بازارغا سالسىڭىز بولمامدۇ.
مىكروسوفىتتەك ۋاقىت چەكلىمىسى بار ئېتىبار باھاسى يوقما؟250 يۈەنگە كەسپىي نوسغىسىنى بېرەمسىز؟(چاقچاق)
ئۇيغۇر سوفىت تور بېتىدە يەنىلا بۇرۇنقى نەشىرى باركەن ، ئۇيغۇر سوفىت تور بېتىگە تېخى يوللىمىغان ئوخشىمامسىلەر ؟؟
مۇبارەك بولسۇن !
HOW MACH نى سۆزلەپ ئۆتمەپىسزغۇ ؟
HOW MUCH خاتا يىزىلىپ قاپدۇ.